toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 16:28:30

بېرى-بېرى كىسىلى(脚气)دىن ياردەم سورايمەن.

ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ياخشىمۇسىلەر:
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ جاھىل كىسەل ياتاقدىشىمدىن يۇققان ئىدى،يەتتە يىلدىن ئېشىپتۇ،ھەر خىل دورىلارنى ئىشلىتىپ
باققان بولساممۇ يىلتىزىدىن تەلتۈكۈس ساقايتالمىدى،بۇ كىسەل پۇت بارماقلىرىم ئارىسىدا بولۇپ ئادەمنى بىئارام قىلدىكەن،ئىزدىنىشتا
ئادەمگە ئېھتىياجلىق ھەر خىل ياخشى مەسلىھەتلەر چىقىدىكەن،شۇڭا ئىزدىنىش ئەھلىدىن مۇشۇ كىسەلنىڭ داۋاسىنى سوراپ بۇ ياردەمنى
سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن،بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھەتلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلمەن.بۇ كىسەلنىڭ داۋاسى زادى نېمىدۇ؟ياردەم قىلساڭلار.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 19:53:17

زاغرا تىلدا نىمدەپ ئاتايدىكەن ئۇنى ؟

torqi14 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 19:56:11

ئۇقمايدىكەنمەن،شۇ پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسى بەك قىچىشىدۇ.شەلۋەرەيدىكەن.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 20:20:27

  ئىككى يىل بولدى مەندىمۇ ئېغىر بۇ كېسەل. ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا ئىچكىرىدە ۋاقتىمدا دورىخانىدىن «臭乐美» ئىسىملىك بىر سىقماق (مەلھەم) دورىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىپ بەرسەم ياخشى مەنپەئەت قىلىپ يوقالغان ئېدى، بۇ يىل يىل بېشىدا يەنە پەيدا بولدى، ھېلىقى دورىنى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم، باشقا دورىلارنى ئىشلىتىپ باقتىم، ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىدى.
  كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا پۇت ئارىسى پىچىلىپ كەتسە ئۇلار يېغى بىلەن ياغلىسا ساقىيىدۇ دەيدىغان، ئۇلار يېغىنى ھازىر تاپماق تەس بولسا كېرەك.
   ئاياقنى، پايپاقنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئامال بولسا كۆپرەك يالاڭياق يۈرۈش ياكى ئوچۇق تاسمىلىق ئاياق كىيىش كېسەلنى سەل يېنىكلىتىدىكەن، بولۇپمۇ توپىلىق يەرلەردە يالاڭياق مېڭىش بەك خوشياقىدىكەن.  
   ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدىغان ئامال بولسا دەپبەرسەڭلار مەنمۇ مىھمان قىلاتتىم!  :lol:lol:lol

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 20:28:55

داڭگال كۆرمەي چوڭ بولغان شەھەر باللىرىدا كۆپ كۈرۈلىدىكەن بۇ كىسەل.
سوغوقىڭىز ئېشىپ قالغان چىراي تۇرامدۇ قانداق؟.
كىسەللىك ئالامىتىنى ئېنىق دەق!.. مەسلەن پىچاقتا تىلغاندەك ئەھۋال بارمۇ يوق؟ شەلۋەرەش ئەھۋالىچۇ؟ پۇرامدۇ بارماقلىرىڭىزنىڭ ئارىسى؟.

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 20:34:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chataxchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 20:38  

ھوي ئۇنداق جاھىل كىسەل ئەمەستۇ بۇ؟مىنىڭمۇ پۇتۇم سۇنداق بۇلۇپقالغىنى بىرەر ئاي بۇلۇوقالدى،،بەك قىچىشىدۇ ،،تېرەسۇيۇلۇپ چىكىتىدۇ …يەنە سۇلۇق قاپارتما  چىقىدۇ لىكىن بىر چەچچەكۈن بولدى سەل پەسىيىپ قالغاندەك تۇرىدۇ

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 20:38:43

ياتاقتا ساپما كەشنى ئورتاق ئىشلىتىپ يۇققان ماڭىمۇ،   بىر كۈنى تازا تاتلاپ قانىتىپ تۇزنى سېپىپ كۆمۈپلا قويغان،
شۇپېتى ئەتىسى قوپسام قۇرۇشۇپ ساقىيىپ كەتتى، يېڭى يۇققان چاغلار ئىدى

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 21:18:03

دېققەت قىلمىسا بۇ كېسەل پۈتۈن بەدەنگە تارايدىكەن .بىر خىزمەتچىم شۇنداق بولۇپ ،ئۇيغۇر تىبابەتتە ئاران ئوڭشالغان . يەنى پۇتنى تاتىلاپ سۈيى تەككەن قول بىلەن بەدەننى تۇتسا ئاشۇنداق بولىدىكەن.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 21:29:26

ئۈچ كۈن ياللۇغ قايتۇرۇش ئوكۇلى ئۇرىسىز، ئاللاھ خالىسا يوقايدۇ. سىرتقا چىقىدىغان ئىشىڭىز بولمىسا پايپاي كەيمەي ساپما كەش كىيىپ بىرەر ئاي يۈرۈڭ، كىيىدىغان ئىش بوپقالسا، سۈپەتلىك ئاياغ ، ساپ پاختا پايپاق كىيىڭ، پايپاقنى ئىككى كۈندە بىر ئالماشتۇرۇڭ، پۇت ئازادە مۇھىتتا تۇرسا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس، مەنمۇ بۇلتۇر بىر ئاي دەردىنى تارتقان، پۇتۇمغۇ تەرلىمەيتتى، بىراق ئاياغ بىلەن پايپاقنىڭ سۈپەتسىزىنى كىيىپ ھاۋا ئۆتۈشمەي تاپقان. بەلكم باشقىمۇ سەۋەبلىرى باردۇر، مەن ھەكىم ئەمەس، بېشىمدىن ئۆتكەن، شۇڭا تىركەپ قويدۇم. بېشىدا مىللىي تىبابەتنىڭ دورىسىغا چىلاپمۇ، سۈركەيدىغان دورىلارنى سۈركەپمۇ، داكىلاردا تېڭىپ بېقىپمۇ قەتئىي ئوڭشالمىغان، ئۈچ كۈن ئاسما ئاستۇرۇۋېدىم، پۈتۈنلەي يوقالدى. قىچىشىشى ھېچقانچە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىچ ئىچىدىن مۇزلاپ ئېچىشىدۇ، ئۇخلاتمايدۇ، نېرۋىنى ئاغرىتىدۇ.

qetiq يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 21:41:39

بۇرۇن مەنمۇ جاپاسىنى تارتقان، بارماقلىرىم قىچىشىپ، قولۇمدا تاتلىسام بېسىقماي، ياتاقتىكى پارغا سۈركەپ، قان چىقىپ كېتەتى. :shutup:
دورىخانىغا بېرىپ مۇشتاق ئەھۋال دېسەم 1 يېرىم كويلۇق بىر سىقماق دۇرىنى بەرگەن، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم، ھەركۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇۋاپ قويۇپ 2،3 كۈندىلا تىمتاس بوپ كەتكەن.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 21:48:50

硝酸咪康唑乳膏
مۇشۇ سىقماق دورىنى چۈشەندۈرلىشى بويىچە ئىشىلتىپ بېقىڭ ,

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 07:17:41

ياز كۈنىسى كۆپرەك يالاڭئاياغ يۈرىدىغان شارائىت بولسا بەك ئاسان ساقىياتتى ، مىنىڭمۇ پۇتۇم بۇرۇن شۇنداق بۇلۇپ قالغان ،،،،،
  ساختا تەنھەرىكەت ئايىقى ، ساختا خۇرۇم ئاياغلارنى قەتئى كەيمەڭ .....

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:21:52

فۇچىڭسۇڭ دەپ بىر دورا بار، شۇ بەكرەك مەنپەئەت قىلامدىكىن دەيمەن .
肤轻松=http://baike.baidu.com/view/726731.htm

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:59:33

ئەجەب ماڭا ئوخشاش پۇتى بارلار جىقكىنا، 4-ئايدىن 10-ئايغىچە توشەي كىيىپ يۈرۈيمەن، بىرە كۈن پايپاق - خۇرۇم ئاياق كىيىدىغان بولسام سۇ قاپىرىپ سەت قىچىشىپ كېتىدۇ، ئىشقىلىپ تاپىنىمدىن شامال ئۆتۈپ تۇرسىلا ئانچە قىينىمايدىغان كېسەل بولغاندىكىن، بېشىمدىكى ئىشنىڭ تولالىقىدا داۋالاشنىمۇ ئويلىماپتىمەن.

august يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 11:59:46

كالىي پېرمانگانات (KMnO4 高锰酸钾) ئېرىتمىسىگە پۇتىڭىزنى چىلاپ بەرسىڭىز پايدا قىلىپ قېلىشى مۇمكىن، كالىي پېرمانگاناتنى دورىخانىلاردىن تاپقىلى بولىدۇ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى قۇتىسىدا بولۇشى مۇمكىن.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 20:51:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-28 20:52  

بۇرۇن مېنىڭ پۇت بارماقلىرىم ئارىسى ئاشۇنداق شەلۋەرەپ،قىچىشىپ، ئېچىشىپ كېتەتتى. يالاڭ ئاياق يۈرسەم ئۇ يەرلەر قېتىپ تېخىمۇ ئاغرىپ كەتكەن، بىر دورىگەر تونۇشۇمغا دېسەم، 足光散  دېگەن دورىنى تەۋسىيە قىلدى. تالقان دورىكەن.كۆرسەتمە بويىچە  يېرىم داس ئىسسىق سۇدا ئېرىتىپ، پۇتۇمنى چىلىدىم.سەل ئېچىشتۇرغاندەك قىلدى. ئىككى قېرىم شۇنداق قىلىۋىدىم ئوڭشۇلۇپلا كەتتى. يەنە پايپاقنى قۇرغاق، پاكىزە تۇتۇش بەك مۇھىمكەن. نىلون، يىپەك پايپاق كېيمەي، پاختا پايپاق كېيسە ياخشىكەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 23:06:21

ئىسسىق سۇغا تۇز قوشۇپ كۈندە يۇيۇپ بېرىڭ.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 23:19:56

راۋرۇس قاتۇرۇلغان شىبلىت ئىچىگە مەھكۇم بولغان پۇتلارنىڭ ھالىغا ۋا!……:lol:lol:lol
شامالدىتىپ تۇرغۇلۇق،يالىڭاياق گۈس  گۈس دەسسەپ:P:P
شارائىتىڭىز بولمىسا سەھرانىڭ دۆڭ قۇمىدىن بىر چېلەك ئەكىلىۋېلىپ كۈندە كەچتە تاپانغىچە پاتۇرۇپ يېرىم سائەت ئولتۇرۇڭ،ئۈنىمى بار…بولاپمۇ شەھەردە ياشايدىغان بىچارە پۇتلار ئۈچۈن…
بىزنىڭ مەلىدە بولاپ قاسىڭىز ئىشتاننى پۇشقاققىچە تۈرۈپ قويۇپ قىيغىتىپ ئوينايتتىڭىز،…ئەجايىپ كۆڭۈللۈك!

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 10:24:54

كۆپچىلىككە رەخمەت،بىزنىڭ يېزىدىمۇ ئۆي بار،توپۇلۇقتا مېڭىپ بەرسەم ئەھۋال يېنىكلىگەن،لېكىن تېگىدىن ساقايمىدى،يازدا ئۈچ ياز بولدى سالقىن ئاياغ كېيۋاتقىلى،ئاز-تولا پايدىسى باركەن،كېڭىيىپ كەتمەيدىكەن،لېكىن  تېگىدىن ساقايمىدى،مارگانسوپ(كالىي پېرمانگىنات)نى ئىشلەتسەم سېرتقى قەۋەت تېرىلەرنى دېزىفىكسىيەلەيدىكەن،تەخمىنەن ئىككى ھەپتە سىنىغان،يەنىلا  يۇقۇتالمىدى،يەنە ئەسلىگە كېلۋالدىكەن،پايپاقلارنىمۇ مارگانسۇپ ئېرىتمىسىدە يۇيغان.ئەمدى يۇقىرىدىكى سىناپ باقمىغان ئۇسۇللارنى سىناپ باقاي.كۆپچىلىككە يەنە بىر مەرتە رەخمەت.

orhun1977 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 09:45:28

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 20:34 static/image/common/back.gif
ھوي ئۇنداق جاھىل كىسەل ئەمەستۇ بۇ؟مىنىڭمۇ پۇتۇم سۇندا ...

بۇنداق ئەھۋال مەندىمۇ بار ئىدى پۇت بارماق ئارىسى پىچىلىپ كىتىدۇ. سۇلۇق قاپارتما پەيدا بۇلۇپ شەلۋەرلەيدۇ. بەك قىچىشىدۇ.  ئەمدى بۇنىڭ داۋاسىغا كەلسەك پۇتنى پاكىزە قۇرغاق تۇتۇش كىرەك مەسىلەن پاكىزە يۇيۇش ئۇپپا سىلىش دىگەندەك ئەگەر پىچىلىش ياكى شەلۋەرلەش ئەھۋالى كۇرۇلسە ئۇسمىنى سىقىپ يەرلىك ئۇرۇنغا سۇركەش، سىقىپ بۇلغان ئۇسما يۇپۇرمىقىنى بارماق ئارىسىغا قۇيۇپ مۇئەييەن ۋاقىتتىن كىيىن ئىلىۋىتىش لازىم. بۇ مىنڭ سىناپ باققانلىرىم ئۇنۇمىمۇ شۇنداق ياخشى بۇلغان ئاللا شىپالىق بەرسۇن
بەت: [1]
: بېرى-بېرى كىسىلى(脚气)دىن ياردەم سورايمەن.