بىزگە قانداق يانچۇق كېرەك
كىيىم-كېچىكىمدىكى بىكار قالغان يانچۇقلارغا قاراپ تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن، يانچۇقنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ ئۇنى نېمە ئۈچۈن لايىھەلىگەن؟
بىلىشىمچە ئىلگىرى بىز يانچۇق دېسە نان، پۇل، ئۈزۈم، قەلەم، تاماكا... ئىشقىلىپ تۈرلۈك نەرسە-كېرەكلەرنى سالىدىغان مۇھىم ئورۇن سۈپىتىدە بىلەتتۇق. ھەم شۇنداق ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدۇق. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىستېمال ۋە گۈزەللىك قارىشىمىزدا زور يېڭىلىنىشلار يۈز بەردى. كىيىم-كېچەك نۇسخىلىرىمىزدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بارا-بارا ئىشتان، كۆينەك، جىلىتكە، چاپان قاتارلىق ئاساسلىق كىيىملەردە مىللەت بىلەن مىللەت، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدا پەرق قالمىدى. نەگىلا قارىساڭ ئوخشاش كىيىم. ئامېرىكىدا كېيىۋاتقان كاستىيۇم خوتەندىمۇ كىيىلگەن. فىرانسىيەدە كەيگەن جىلىتكە پوسونى غولجىدىمۇ بار. ھالبۇكى بىر نەرسىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ بولسىمۇ، يانچۇق. بىز تەرەققىي قىلغانسېرى يانچۇققا ئېھتىياجىمىز چۈشمەيدىغان بولدى. ئىلگىرى بىرنېمىلەرنى تولا سېلىپ يىرتىلىپ كېتىدىغان يانچۇقلارغا ھازىر ئايلاپ-يىللاپ بىرنېمە سالمايدىغان ، ھەتتا قولىمىزنى بىرەر قېتىممۇ تىقىپ باقمايدىغان بولدۇق. بىزنىڭ تارىخى ئۇزۇن يانچۇقلىرىمىز غېرىپسىندى. ئۇنتۇلدى، دەپسەندە قىلىندى.:lol شۇڭا يانچۇقچىلىق كەسپى بىلەن جان باقىدىغان باللامۇ يانچۇقتىن بىرنېمە چىقمىغاچ بارا-بارا بۇ كەسپتىن زېرىكتى. :P
نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟
ھازىر يانچۇققا سالىدىغان نەرسە-كېرەكلەر يوقمۇ يا؟
مەسىلە مانا مۇشۇ يەردە.
بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يانچۇقنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان يېڭى لايىھەلىك مەھسۇلات بولغان يان سومكا، كۆكرەك سومكىسى، بەلباغ سومكىسى .... قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى كىچىك سومكىچاقلار مەيدانغا كېلىپ، يانچۇقنىڭ خىزمەت ئورنىنى تارتىۋالدى. پۇل، قەلەم، ماتىرىيال، كارتا، تېلېفۇن... قاتارلىق نۇرغۇن بۇيۇملىرىمىزنى يانچۇققا ئەمەس، سومكىغا سالىدىغان بولدۇق.
يەنە بىرى، يانچۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى، لايىھەسى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، شەكلى قاتارلىقلار جاھاننىڭ كەينىدە قالدى.
لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاۋۇ يانچۇقلار يوقالمىدى. يەنىلا بېزىرىپ تۇرىۋەردى. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىشتىنىدا ئىككى يانچۇق، كۆڭلىكىدە بىر يانچۇق، چاپىنىدا تۆت يانچۇق بولىۋەرسە، ھەمدە بىكار قالسا، ھېساپلاپ كۆرسەك، بىر كىشىلىك يانچۇق ئۈچۈن كەم دېگەندە 1.5 كۇۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئاساسىي رەخت ۋە ئەستەرلىك كېتىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە يىپ، ئىش ھەققى، تۈگمە تەننەرخىنى قوشساق خېلى گەپ بولۇپ قالىدۇ.
مەن ياز پەسلىدە ھەر كۈنى ئۆيدىن چىقىشىمدا، ئايفۇنۇمنى قايسى يانچۇقا سېلىشنى، پورتمالىمنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي قاتتىق ئاچچىقىم كېلىدۇ. جىلە بولىمەن. كىيىم كىچەك كارخانىلىرىنى بىر ھازا تىللاپ قويىمەن. ئامالسىز يەنە كىچىك سومكامنى ئېسىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىمەن. ئىشتاننىڭ يان يانچۇقىغا سالساڭ، تومپىيىپ مەتولىشىپ بارغان. سەللا دىققەت قىلمىساڭ ئولتۇرغاندا چۈشۈپ قالغان. كەينى يانچۇققا سالساڭ، يەنە ئولتۇرغان چېغىڭدا سۇنۇپ كېتىش، يېنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان. نېمە دېگەن ئاۋارىچىلىك. نېمە دېگەن بىئارامچىلىق بۇ!!!
شۇڭا مەن مۇنداق ئويلايمەن:
ئەگەر ئىشلەتمەيدىغان بىكار يانچۇقلارنى كۆزدىن يوقىتىپ، كىيىم-كېچەك لايىھەلىگەندە، ئامال بار پورتمال، تېلېفۇن ۋە ئاچقۇچ قاتارلىق ئۈچ مۇھىم بويۇمنى ئالدىن ئويلىۋالغان ئاساستا، ناھايىتى سىپتا، چىرايلىق، ئۆلچەملىك، ھەرقانداق ھەرىكەت قىلغاندا بىئارام قىلمايدىغان ھالەتتە يانچۇق قوشقان بولسا، نېمىدىگەن راھەت ئىش بولاتتى-ھە! بەزىلىرىمىز سامسوڭ، بەزىلىرىمىز ئايفۇن، بەزىلىرىمىز نوكىيا ئىشلىتىمىز. بەزىلىرىمىزنىڭ پورتمالى چوڭ، بەزىرلىمىزنىڭ كىچىك، بەزىلىرىمىزنىڭ ئاچقۇچى كۆپ...
دېمەك، بۇ بازاردا ئۆز ئېھتىياجىمىز بىلەن گۈزەللىكنى زىچ بىرلەشتۈرەلىسەك، يەنە قانچىلىغان يېڭى پاسونلۇق كىيملەر مەيدانغا كېلەر. گەرچە بۇ خىل كىيىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسپىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ياقتۇرىدىغانلار يەنىلا چىقىدۇ. ھېچ بولمىسا ياز پەسىللىك كىيىملەردە بۇ خىل بوشلۇقنى ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. ياكى بولمىسا ھېلىقى يان سومكا ۋە كۆكرەك سومكىسىنى تېخىمۇ مېكرولاشتۇرۇپ كىيىم بىلەن بىرىكتۈرۈۋېتىش تېخنىكىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
خۇلاسە:
بىزگە، قىسقىسى ماڭا يانفۇن، پورتمال، تاماكا قۇتام، قاتارلىقلارنى بىمالال سالساممۇ بىئارام بولمايدىغان، ھەمدە مەتو كۆرۈنمەيدىغان ئۆزگىچە يانچۇقلۇق يازلىق كىيىملەر كېرەك.:lol ئاشۇندا قولتۇققا سومكا ئىسىۋالدىغان ئوغاۋاللىنى كۆرسەم غىدىغىم كىلىدۇ مەن كاستۇيۇمنىڭ قويۇن يانچۇقىغا بەك ئامراق، ئوڭ، سول قويۇن يانچۇققا خېلى كۆپ نەرسە كىرىپ كېتىدۇ:lol:lol:lol لېكىن كاستۇممۇ ئېغىر كېلىدىغان پژغىرىم ئىسسىقلاردا ئا يانچۇقنى تاپقىلى بولماسمىكىن.:lol كەچۇرۇڭلا تىما يازسا قانچىلىك ۋاقىتتا تەستىقلىنىدۇ ؟ 1.5 كۋادرات رەختتىن يانچۇق تىككىدەكمىش. EVIR يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 13:58 static/image/common/back.gif
1.5 كۋادرات رەختتىن يانچۇق تىككىدەكمىش.
بەش-ئالتە يانچۇق ئۈچۈن تەخمىنەن ھېسابلىغان. ھەيۋەت ئاڭلانسۇن دەپ كىۋادرات مېتىرنى ئىشلەتكەن. كام قالغان بولسا تولۇقلاڭلا قېنى بۇرنۇڭلىنى ئوسارتماي!:o gldingwash يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 14:04 static/image/common/back.gif
بەش-ئالتە يانچۇق ئۈچۈن تەخمىنەن ھېسابلىغان. ھەيۋەت ئا ...
سىلىنى چىچقان-ئاققىنى ئۆزۈمدىلا قالسۇنچۇ دەپ يانچۇقلا كىيىپ چىقىدىغان چېغى دەپتىمەن.
:lolماڭا بىكا تۇرماي پۇل چىقىدىغان يانچۇق كېرەكتى، كۈندە ئەتتىگەندە قوپۇپلا قولۇمنى سالسام پۇل چىقسا. xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 14:08 static/image/common/back.gif
ماڭا بىكا تۇرماي پۇل چىقىدىغان يانچۇق كېرەكتى، كۈند ...
{:181:} ھەجەپ بەلەن xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 14:08 static/image/common/back.gif
ماڭا بىكا تۇرماي پۇل چىقىدىغان يانچۇق كېرەكتى، كۈند ...
سىز 取款机دىن كېيىم تېكىپ كەيسىڭىز بولغۇدەك:lol :lol يانچۇقچىلار قۇلىنى تىقسا سىگنال بىرىپ چىرقىرايدىغان يانچۇقلار كىرەكتى ماڭا:lol:lol يانچۇقنى ئوبدانلا تەھلىل قىپسىزغۇ . Cartoon يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 14:37 static/image/common/back.gif
سىز 取款机دىن كېيىم تېكىپ كەيسىڭىز بولغۇدەك
سىز خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بېرىپلا چىقىپ ئىزدىنىشتا ئىشقا چۈشۈپسىز-ھە؟ مۇشۇمۇ بىر گەپ بولدىدە ،، نەچچە كۇنگە قالماي بىزگە قانداق پايپاق كىرەك ، بىزگە قانداق كالتە ئىشتان كىرەك دىگەندەك گەپلەرمۇ چىقارمۇ ئەمدى! بازارلىق ماۋزۇلارنى پاخال بوپقالمىسۇن :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mohsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-27 16:25
باياتىندىن بېرى « بىزگە قانداق ھاجەتخانىلار كېرەك » دىگەن تېمىنى ئىنكاسلىرى بىلەن ئوقۇپ بولۇپ تۇرغانتىم ، ئەمدى قارىسام ماۋۇ تېما تۇرۇپتۇ . ;P
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=50793&highlight=%D8%A8%D9%89%D8%B2%DA%AF%DB%95 پىنھان دەپ بىر تورداش بارتى ئىلگىرى ، ئەجەپ كۆرۈنمەيدۇ . سېسىق گەپ قىلىپ بىرەمدىكى دىگەنما ماڭا پورتمال،ئاچقۇچ،تاماكا،يانفوننى سالغىدەك يانچۇقى بار ئىشتان لازىم
يانچۇق توغرىلىق مېنىڭمۇ نۇرغۇن گەپلىرىم بار
بەت:
[1]
2