Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 09:22:17

يېشىل ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 09:53  

ئالدىنقى قېتىم يوللانغان «تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مۆجىزە - ئالگا»ناملىق يازمىدا، ئالگا ۋە تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىنىڭ بايقىلىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان ئىدۇق. مەنزىل: http://bbs.izdinix.com/thread-59515-1-1.html
بۇ قېتىملىق يازمىدا، «يېشىل ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش» ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.


قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، قۇم تىزگىنلەشتىكى يېڭى تېخنىكا-
يېشىل ئالگا ئارقىلىق بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ۋە مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى



بىرىنجى، يېشىل ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسى:

        يېشىل ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش -زەنجىرسىمان گىرەلىشىپ  ئۆسىدىغان قۇملۇق ئالگا تۈرى ئارقىلىق قۇملۇقتا بىر ياكى بىر قانچە قەۋەت  يېشىل ئالگا قاسراق قەۋىتى ھاسىل قىلىپ، ئاقما قۇمنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق قۇم قاتلىمىدا مىكرو ئېكولوگىيە سېستىمىسى بەرپا قىلىش؛ ئازوت تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، قۇم تەركىبىنى تۇپراق تەركىبىگە يېقىنلاشتۇرۇش؛ مۇشۇ يوسۇندا  قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، تۇپراقلاشتۇرۇش، قۇم -تۇپراقنى يېشىللاشتۇرۇش، قۇملۇقنىڭ ئۇنۋېرسال ئېكولوگيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ماددىي ئاساس يارىتىشتىن ئىبارەت.


        نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، يېشىل ئالگا بىرىنچى ھالقىدىكى جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇملۇقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېشىل ئالگا كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە جانلىق بولۇپ، باشقا نۇرغۇنلىغان جانلىقلار ياشىيالمىغان زىيادە ناچار شارائىتلاردىمۇ ئۆسۈپ كۆپىيەلەيدۇ. ھەم ئۆزىگە خاس ياشاش ۋە مېتابولىزم ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. قۇملۇق ئالگا تۈرىنىڭ قۇم-بوران، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇنى تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رولى ئىنتايىن چوڭ. بولۇپمۇ قۇملۇق ئالگا تۈرىنىڭ بۇجەھەتتىكى رولىنى ئېچىش، قۇملىشىش كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىككىنجى، ئالگا ئارقىلىق بىئولوگىيىلىك قۇم تىزگىنلەشنىڭ قۇملۇقنى ئۆزگەرتىشتىكى رولى ۋە ئالاھىدىلىكى:

       ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنىڭ قۇملۇقنى تۈزەشتىكى رولى  مۇنداق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
1. تېز سۈرئەتتە تۇپراق قاسراق قەۋىتى ھاسىل قىلىپ، تۇپراقنىڭ يەنە بىرقەدەم قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛
2. قۇملۇق ئالگاسى مېتابولىزم ئارقىلىق كۆپ مىقداردا پولى ساخارىتلارنى ئاجرىتىپ، قۇم تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلارنى ئاشۇرىدۇ. قۇم تۇراقلاشتۇرغۇچى ئالگا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ.

ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1. قاسراق قەۋەتنىڭ شەكىللىنىشى قۇمنىڭ ئېقىشىنى كۆرۈنەرلىك توسىدۇ:
       يېشىل ئالگا ھاسىل قىلغان قاسراق قەۋەتتە يەنە باكتىرىيە،زەمبۇرۇغ، لىشاينىك، مۇخ قاتارلىق  مىكرۇ جانلىقلار قۇم دانىچىلىرىنى چىڭ بىرىكتۈرۈپ، قۇمنىڭ چېچىلاڭغۇ، تەركىبى ئاددى بولۇشتەك ھالىتىنى ئوزۇقلۇق ماددىلار توپلانغان، تۇراقلىق، تۇپراقلاشقان مۇھىتقا ئۆزگەرتىدۇ. شۇڭا، قاسراق قەۋەتنىڭ شەكىللىنىشى قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى  ئىنتايىن مۇھىم باسقۇچ  بولۇپ، ئۇ قۇملۇق ئېكىلوگىيەسىگە باھا بېرىشتىكى  مۇھىم ئۆلچەم ھىسابلىنىدۇ.


2.يېشىل ئالگا بىئو قاسراق قاتلىمى سۇنىڭ پارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:
       قۇر غاق ۋە يېرىم قۇرغاق چۆللۈك مۇھىتىدا سۇ جانلىقلارنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ھىسابلىنىدۇ. ئالگا ۋە باشقا تۆۋەن دەرىجىلىك مىكرو جانلىقلار  ھاسىل قىلغان ئورگانىك ماددىلار تۇپراقتا توپلىنىپ، تۇپراقنىڭ سۇسۈمۈرۈشچانلىقى ۋە سۇ تۇتۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇنىڭ پارلىنىشى ۋە سىڭىپ كېتىشنى زور دەرىجىدە تۋۋەنلىتىدۇ. بۇ سۇ كەمچىل چۆللۈك مۇھىتتا سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

3.  يېشىل ئالگا بىئو قاسراق قاتلىمى قۇملاشقان  تۇپراقنىڭ ئوغۇت تەركىبىنى ياخشىلايدۇ:
       بىئو قاسراق قەۋەتنىڭ شەكىللىنىشى  قۇملاشقان تۇپراقتىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فوسفور، كالىي، كاربون قاتارلىق ماددىلارنىىڭ تۇپراقتىكى مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. قاسراق قەۋەتتىكى كۆك ئالگا، باكتىرىيە قاتارلىقلار ھاۋادىكى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لىشاينىك ۋە مۇخ قاتارلىقلار  قۇم دانىچىلىرىنىڭ ئۇپرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇڭگۇرت، كالىي، فوسفور قاتارلىق ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئورگانىك ماددىلارنىڭ يىغىلىشى، مىكرو جانلىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساس سېلىپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈملۈك ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

4.  بىئولوگىيەلىك قاسراق قەۋىتى قۇملىشىۋاتقان رايونلاردىكى ئۆسۈملۈك يېپىنچىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ:
        ئېكولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قۇملىشىشنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت   قۇملۇق يۈزىدە يېتىلىشى ياخشى، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولغان تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سېستىما بەرپا قىلىش. قۇملۇقتا ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى ھاسىل قىلىش بولسا  روشەنكى بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھىساپلىنىدۇ. بىئولوگىيەلىك قاسراق قەۋەت ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا تۇپراقنىڭ شەكىللىنىشى، سۇنىڭ ساقلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ياخشىلاپ، باشقا تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ماكانلىشىشى ۋە كەڭ دائىرىدە كۆپىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، لىشاينىك ۋە مۇخلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆپىيىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئورگانىك ماددىلار توپلىنىپ، تۇپراقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇپراق قەۋىتى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەندە، سامان غوللۇق ۋە ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلىنىدۇ.

ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان قۇم تىزگىنلەش ئۇسۇللىرى ۋە ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسى:


        قۇم تىزگىنلەش، قۇملۇقنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرى ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە ئۇلۇغۋار خىزمەت بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تېخنىكا ۋە كەسپىيلىككە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى خىزمەت بولۇپ،  بۇ ئىشنى قىلغاندا چوقۇم تەبىئى  ئېكولوگىيەلىك قانۇنىيەتكە بوي سۇنۇش، ئىلمىيلىكتە چىڭ تۇرۇش، قارىسىغا ئىش قىلماسلىق كېرەك. «قارىغۇلارچە قۇماندانلىق قىلىش»تىن  ساقلىنىش كېرەك. رايۇنلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قۇم تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى بىكىتىش، تەجرىبىدىن ئۆتكەن پەن –تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە سېستىمىلىق تۈزەش تەدبىرلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇم تىزگىنلەش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى  خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى قىلىدىغان ئورۇنلار ۋە پەن –تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە پۈتۈن يەرشارى بويىە قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنجى، شىركىتىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش  تۈرلىرى:

1. پىچان قۇمتاغ قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسى:
        شىركىتىمىز پىچان قۇم تاغ قۇملۇقى غەربى جەنۇبى بۇرجىكىگە  10000 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇم تىزگىنلەش سىناق نۇقتىسى قۇرغان بولۇپ، بۇ نۇقتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلى دالا قۇم تىزگىنلەش تەجرىبىسى ئىسپاتلىدىكى، شىركىتىمىزنىڭ مەخسۇس قۇم تىزگىنلەشكە ئىشلىتىدىغان قۇملۇق ئالگاسىنى 5 ئاي(باھار، ياز پەسلى) سىناق قىلىش نەتىجىسىدە، قۇمنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا 20-35 سانتىمىتىر قېلىنلىقتا قاسراق قەۋەت ھاسىل بولغان بولۇپ،بۇ تەبىئى شەكىللەنگەنگە قارىغاندا  52 ھەسسە، ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگەنگە قارىغاندا 12 ھەسسە تېز بولغان. ئۇنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىغا پەقەت ئۈچ لېتىر سۇ كەتكەن.


2. فوتوۋولت ئېلىكتىر ئىستانسىسى سىناق بازىسى:
        شىركىتىمىز جۇڭگۇ شىڭيې قۇياش ئېنىرگىيە تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ فوتوۋولت ئېلىكتىر ئىستانسىسى سىناق بازىسىدا 50000 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇملۇقتا قۇملۇق ئالگاسى ئارقىلىق بىئولوگىيىلىك قۇم قاتۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە 10سانتىمىتىر قېلىنلىقتا بىئولوگىيەلىك قاسراق قەۋەت ھاسىل قىلىپ، فوتو توك چىقىرىش رايونىنىڭ قۇملىشىشىنى تىزگىنلەپ، قۇم –بوراننىڭ ئېلىكتىر ئىستانسىسى ئەسلىھەلىرىگە بولغان زىيىنىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن.


http://player.youku.com/player.php/sid/XNzU1NjEzMDA4/v.swf
شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
تېلفۇن نومۇرى: 0991-2858400، 4008004441
ئۇندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى: yexilbiotech
ئۇندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى ئىككىلىك كودى:

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 10:28:41

قۇملۇق تاش يوللىرى بويىدىكى قۇمنى تىزگىنلەشكە بولىدىغان چارىكەن ، بۇ چارە   ھازىرقى بۈگۈر -خوتەن تاش يولىغا ماس كىلىپ قالغۇدەك .

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 10:50:17

شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەققىدە:

      شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2009-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت تەكلىماكاندىن چىقىدىغان ئالاھىدە ئالگا تۈرىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى يېمەكلىك تۈرى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، قۇم تىزگىنلەش، ئېنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارلاشتۇرۇشنى بىرگەۋدە قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى مىللى كارخانا.

      شىركىتىمىز تەتقىقات مەركىزى ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكا سانائەت تەرەققىيات رايونىدىكى بىئو-مېدىتسىنا يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 1300 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى تەجرىبە-تەتقىقات مەركىزىمىز خەلقئارالىق 100 بىرلىك GMP ئۆلچەمدىكى 250 كۋادىرات مېتىرلىق مىكروبسىز ئالگا كۆپەيتىش ئۆيى، گېرمانىيەدىن كىرگۈزۈلگەن نانو تېخنىكىلىق ھۈجەيرە پارچىلاش ماشىنىسى، ياپونىيەدىن كىرگۈزۈلگەن كاربون تۆت ئوكسېدلىق ھۈجەيرە ئۆستۈرۈش ساندۇقى، گېرمانىيەدىن كىرگۈزۈلگەن PCR ماشىنىسى، تولۇق يېپىق مىكرۇبسىز بىئو رېئاكتورى، نۇر ئۆتكۈزۈشچان ئاپتوماتىك بىئو رېئاكتورى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلغار تەجرىبە-تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى بىلەن سەپلەنگەن.

      ھازىر شىركىتىمىزدە جەمئىي 17 نەپەر خىزمەتچى خادىم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 16 نەپىرى تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شىركىتىمىز كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق بىر قەدەر يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەگە ئىگە، خەلقىمىزنىڭ پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئىزدىنىش روھىغا باي ياشلىرىمىزدىن كۆپ قاتلاملىق بىر تەتقىقات ئەترىتى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئەترەتتە 12 نەپەر خادىم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتۇر تۆت نەپەر، ماگىستىر بەش نەپەر بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك تەتقىقات قوشۇنى ھازىرلىغان.

      شىركىتىمىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي مەۋقە قىلىپ، پەن-تەتقىقات ئۇنۋېرسال كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. شىركىتىمىز چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالى بىلىم يۇرتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ئامېرىكا كوننەكتىكۇت ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى شىنجاڭ تارمىقى بىئو-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك، ياخشى بولغان ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى.
      شىركىتىمىز يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن «قۇملۇق يېشىل ئالگا جەۋھىرى»، «قۇملۇق يېشىل ئالگا تابلېتى» قاتارلىق مەھسۇلاتلار تەبىئىي، زەھەرسىز، داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكەن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئېستىمالچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھىسىغا ۋە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. بۇ مەھسۇلاتلار پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بازارغا سېلىنىدۇ.
      شىركىتىمىز، ئىزچىل «ئەلا سۈپەتلىك يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇش»نى كارخانا نىشانى قىلىپ، «ئۇيۇشۇش، ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت كارخانا روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ساغلاملىق ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت يادرولۇق ئىدىيەنى مەركەز قىلىپ، شىركەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. شىركىتىمىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئالگا تەتقىقاتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلەشتۈرگەن تۇنجى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، تېخنىكا ۋە مەھسۇلات جەھەتتە ئىزچىل ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ كەلمەكتە.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 14:25:21

ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھەقىقىي بىئو تېخنىكا كارخانىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.مەبلەغ سالىدىغان ياخشى تۈر ئىكەن.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 17:16:38

ئىستىقالى بار شىركەتكەن ،  قارىغاندا دۆلەتنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى يېشىللاشتۇرۇپ  بوز يەر ئاچىدىغان چوڭ پىلان ، تۈرلىرى بار ئوخشىمامدۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:26:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-28 10:27  

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 17:16 static/image/common/back.gif
ئىستىقالى بار شىركەتكەن ،  قارىغاندا دۆلەتنىڭ تەكلىما ...

南水北调 يەنى جەنۇپنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش تۈرىنىڭ غەرپ 2- بۆلىكىدىكى تارمىقى دەل لوپنۇرغا سۇ قۇيۇش .

http://www.people.com.cn/GB/32306/33232/9097784.html
شۇنداق بولغاندا، چەرچەن قاتارلىق رايۇنلار 100مىليۇن ئادەم سىغدۇرالايدىغان بوستانلىققا ئايلىنىدۇ دەپ خەۋەرلەر بار .
(مەخسۇس ئىنكاس ئۆچۈرىدىغان باشقۇرغۇچىلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز دەپ يەنە ئۆچۈرىۋىتەرمۇ بۇ  ئىنكاسنى )

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 17:10:27

دوپپىلىق ۋە ياغلىقلىق ئاكا-ئاچىلارنىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەسىملىرى نىمانداق يېقىملىق كۆرۈنىدىغاندۇ؟

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 17:15:33

سوراپ باقسام:
بۇخىل ئالگا ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئۈستىنكى تۇراقلاشقان قەۋەت توپىغا ئايلىنىپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ماڭا توپىدەكلا كۆرۈندى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 22:46:24

مۇشۇ تىما مەن كۆرگەن ئەڭ قىممىتى بارتىما بولدى .شۇنداق 5ئايدا 10000كۋادرات مىتىر قۇمنى 20-30سانتىمىتىر قېلىنلىقتا قاسراق قەۋەت ھاسىل قىلغىلى بولسا ،بىرمۇيەرنى ئۆسۈملۈك تېرىغىلى بولىدىغان يەرگە ئۆزگەرتىشكە قانچىلىك مەبلەغ ،ۋاقىت ھەم كۈچ كېتەر .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 22:48:06

سىلەر ئىنسانلارقىلالايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ نوچى ،ئەڭ ئۇلۇغ ئىشنى قىلىۋېتىپسىلەر ،ئاپىرىن سىلەرگىلا بولغۇدەك .

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:40:45

بۇ شىركەت قانداق كېرىم قىلىدۇ؟ بۇ تەتقىقاتلارغا كېتىدىغان راسخوتنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ ۋە ياكى ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تەتقىقات تۈرلىرىمۇ بۇ؟

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 12:45:52

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 17:16 static/image/common/back.gif
ئىستىقالى بار شىركەتكەن ،  قارىغاندا دۆلەتنىڭ تەكلىما ...

دۆلەتنىڭ قانداق ماكرو پىلانلىرى بار، بىز بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز. بىز پەقەت قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز.
قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇپ، بوز يەرگە ئايلاندۇرۇش ناھايىتى كۆپ مىقداردا مەبلەغ، پىشقان تېخنىكا، مۇئەييەن شارائىتلار(سۇ، ھۆل-يېغىن ۋە باشقىلار) زۆرۈر بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك جاپالىق قۇرۇلۇش. شۇڭا، بۇ بىرەر شىركەت ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت قارار چىقىرىپ قۇرۇلۇش باشلايدىغان ئاددىي ئىش ئەمەس.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 12:51:18

sayaq1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 17:15 static/image/common/back.gif
سوراپ باقسام:
بۇخىل ئالگا ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئۈستىن ...

ياق، سىز دەۋاتقان ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قىسمى ئادەتتىكى توپا ئەمەس، ئۇ دەل يازمىدا دېيىلگەن «قاسراق قەۋەت» بولۇپ، بۇ ئالگا ھۈجەيرىلىنىڭ قۇملارنى يېپىشتۇرىشى نەتىجىسىدە تۇراقلاشقان، بىر قەدەر قاتتىق ھالەتكە كەلگەن قۇم كاللىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئادەتتىكى توپىغا، يەنى قۇم تەركىبى ئازراق بولغان تۇپراققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نۇرغۇن جەريانلار كېتىدۇ.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 12:59:23

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 22:46 static/image/common/back.gif
مۇشۇ تىما مەن كۆرگەن ئەڭ قىممىتى بارتىما بولدى .شۇنداق  ...

بىرمو قۇملۇقنى ئۆسۈملۈك تېرىغۇدەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ ۋە ۋاقىت كېتىدۇ؟
---
گەرچە بىز بۇ ھەقتە دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەجرىبىلەرنى ئىشلەۋاتقان بولساقمۇ، تېخى بۇ ھەقتە تېخىمۇ سېستىملىق تەجرىبە ۋە سىناق،  ئىنچىكە ھېسابلاشلارنى ئىشلەپ باقمىدۇق. بۇ ئىشلارمۇ تەتقىقات پىلانىمىز دائىرىسىدە بار، نەتىجىسى چىققاندا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 13:15:40

jahanzat يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 22:40 static/image/common/back.gif
بۇ شىركەت قانداق كېرىم قىلىدۇ؟ بۇ تەتقىقاتلارغا كېتىد ...

شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى ئاساسىي جەھەتتىن مەبلەغ سېلىشلا بولۇپ تۈزۈك كىرىم قىلمىدى. شىركەت قۇرۇلغاندىن بېرى نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەبلەغ يېتىشمەي ۋەيران بولغىلىمۇ تاس قالغان. شىركەت قۇرغۇچىلىرى ۋاز كەچمەسلىك، ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئاسانلىق بېرىشى بىلەن بۈگۈنگە ئۇلاشتى.
«يېشىل» ماركىسىدىكى كۆپ يىللىق سىناقتىن ئۆتكەن يۈرۈشلۈك «تەكلىماكان يېشىل ئالگا جەۋھىرى»، «تەكلىماكان يېشىل ئالگا تابلېتى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىغان 4-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىگە قانتىشىشتىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدۇ. مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئېسىللىقىغا ئىشەنچىمىز تولۇق، قالغىنىغا خۇدا نېسىپ قىلسا كىرىم قىلىشنى ئەمدى باشلايمىز. :)

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 14:16:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-30 14:18  

Yexilbiotech يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 12:45 static/image/common/back.gif
دۆلەتنىڭ قانداق ماكرو پىلانلىرى بار، بىز بۇ ئىشلاردى ...

      توغرا ، بۇ ئۇزاق جەريان .   شىركىتىڭلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىستىقبالى باركەن ، سىلەردەك بۇ تۈردە تەتقىقات بىلەن شۇخۇللىندىغان شىركەتلەر كۆپ بولمىسا كىرەك .   ئەگەر ھۈكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ ، ئىلىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان قۇملۇقلارنىڭ ئىكىلوگىيسىنى ياخشىلاش توغىرسىدىكى تۈرلەرنى ئالالىساڭلار  تەرەققىيات پۇرسىتغا ئىرىشەلەيتىڭلا . شىركىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تاپقۇسى . مۇمكىن بولسا كىيىنكى تەتقىقات نەتىجەڭلارنى داۋاملىق بۇ يەردە ئىلان قىلىپ تۇرسىڭىز .
بەت: [1]
: يېشىل ئالگا ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش