dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 08:12:48

خاتا تاللاش

خوتۇنى ئېرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە چۈشكەن رەسىمىنى ئېلىپ ئېرىدىن سورىدى:
-بۇ قىز بەك چىرايلىق ئىكەن ،ئۇ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
-ئۇمۇ،-دېدى ئەر ،-قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان بىرىگە تىگىىپ ،ھازىر غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايتى ئىقتىدارلىق ئىدى.ئەگەر ئېرى ئۇنى قوللىغان بولسا ،ئۇ ھازىر بەلكىم ئاجايىپ بىر ئايال بولغان بولاتتى.
خوتۇنى ئېرىدىن يەنە سورىدى:
-ئۇنداقتا بۇ قىزچۇ؟
-ئۇ بىر سەنئەتكار بىلەن توي قىلغان ،ئاڭلىسام تۇرمۇشى بەك بەخىتسىز ئىكەن ئەمەلىيەتتە ئۇ تامامەن تېنچ -خاتىرجەم ،باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلەيتتى .ھازىر ئۇ بەلكىم قاتتىق پۇشايمان قىلۋاتقاندۇ.
-ئەڭ ئەينىدە تۇرغان ئاۋۇ قىزچۇ؟
-ئۇ سىنىپىمىزدىكى ئەڭ لاتاپەتلىك قىز ئىدى.كېيىن بىر بايغا تەگدى.دەل ئىككى كۈن ئىلگىرى ئايال چولپان بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ سۆز-چۆچىكى تارقالغان ھېلىقى باي بىلەن توي قىلدى .ھەي،نىمىدىگەن بىچارە ،پۇل بولغاننىڭ نېمە پايدىسى ؟
خوتۇنى خۇرسىنغان ھالدا دېدى :
قارغاندا قىز ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىلا تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپتۇ-دە؟
-شۇنداق ،ھەممىسىلا ناچار ئادەملەرگە يولۇقتى.
-ھەي،بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسىلا ماڭا ئوخشاش تەتۈر پىشانە ئىكەن ئەمەسمۇ؟-دېدى خوتۇنى خۇرسىنغان ھالدا .
تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن پۇشايمان يوشۇرۇنغان بولىدۇ،ئەرلەرمۇ دائىم نۇرغۇن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنى سىر تۇتىدۇ. ئەرلەر ھەمىشە:‹ئۇ ئەر ماڭا يەتمەيدۇ،ئۇ قىز ماڭا تەگسىلا بەخىتلىك بولالايدۇ ›دەپ خۇرسىنىدۇ. ئاياللار بولسا :.ئەگەر مەن دەسلەپتە ئۇنى تاللىماي ،باشقا بىرىنى تاللىغان بولسام،بەلكىم تۇرمۇشۇم ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى ›دەپ ئاغرىنىدۇ.
تەرمىلەر ژورنىلى 2008-يىللىق 5-ساندىن
لىن شى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 08:41:41

بۇ  ھېكايە يولداشلارنىڭ پىكىر قىلىش ئادىتى ، دۇنيا قارىشىغا ماس ئىكەن، پۇلنىلا ئويلايدۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 09:37:48

قۇلاق تۈۋىگە ئاۋازلىق شەكىلدە سېلىش كېرەك.:lol

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 10:18:48

ئەرنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە باركەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 07:12:00

مەنمەنچىلىك پىسخىكىسى

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:22:14

مانداق قاملاشمىغان نەرسىلەرنى ئوقۇماسلىق كېرەك
بەت: [1]
: خاتا تاللاش