qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 23:53:00

ھەجۋىي رەسىمنىڭ سېھرى كۈچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pasiban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 13:39  

2013- يىلى 2- ئايدا ئادىلجان ئابلىز بىلەن كيۇكيۇدا پاراڭلاشتىم، شۇنداقلا ھەجۋىي رەسىم ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردىم. ئادىلجانكام كەمتەرلىك بىلەن قوشۇلدى. كېيىن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى رەتلەپ مەتبۇئاتقا بەرگەن ئىدىم. ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژۇنىلىنىڭ 2014- يىللىق 8- سانىدا، سۆھبەت خاتىرىسى قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىندى. بۈگۈن مۇنبەردە ئادىلجانكامنىڭ ‹‹ئىستىپا بەردىم›› ناملىق تىمىسىنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ يېڭىدىن باشلانغان جاھاندارچىلىقىغا ياخشىلىق تىلەش مەقسىتىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئىزدىنىشتا ئېلان قىلدىم.
مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى ۋە قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، ئەپسۇسلۇق ۋە خىجالەت تۇيغۇسى بىلەن ئادىلجان ئابلىزنىڭ قولىنى سىقىمەن!





-   ھەجۋىيرەسىمنىڭ سېھرى كۈچى - (ئادىلجان ئابلىز بىلەن سۆھبەت)
ئىنسانىيەت يارالغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى ئىپادىلەش سەنئىتى بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوي-خىياللىرى، تەلپۈنۈش - تەقەززالىرى، دۇنيا قاراشلىرى، كەيپىياتى ۋە تەپەككۇرىنى ھەرىكەت، تىل، يېزىق قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئىپادىلەپ كەلدى. بۇ خىل ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ئىچىدە ھەرىكەت ۋە تىل ئىنسان مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا، يېزىق دەل شۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى بولغان ئەقىلنىڭ ئىخىراسىدۇر. ئىنسانلار دەسلەپتەئىشلەتكەن تەسۋىرى يېزىق رەسىمنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ قايىل قىلارلىق ئىسپاتلارنىڭ بىرىدۇر. بىزنىڭ بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز يېزىق بىلەن رەسىمنىڭ مۇناسىۋىتى ياكى ئۇلارنىڭ تارىخى ئەمەس. لېكىن بۈگۈنكى باش قەھرىمانىمىز ئادىلجاننىڭ دۇنياسى يېزىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق سۆز قىلىش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. پېقىرنىڭ بۇرۇن رەسىم سىزىشقا ئاجايىپ ئىشتىياقىم بولسىمۇ، لېكىن ھەرخىل شارائىت ۋە مۇھىتمەسىلىلىرى سەۋەبلىك ‹‹سىزىش›› ئارزۇسىنى ‹‹ھوزۇرلىنىش››قا ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇربولغان ئىدىم. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ‹‹ھوزۇرلىنىش›› تەقەززاسىم تېخىمۇتىپىكلىشىپ، ھەجۋىي رەسىملەرگە مەركەزلەشتى. بۇنىڭدا بۇرۇن ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى››ژورنىلىغا بېرىلىدىغان دانىيەلىك داڭلىق ھەجۋىي رەسسام ھىرلۇف بىدىستىرۇپنىڭ چاتماھەجۋىي رەسىملىرىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان دەپ قارايمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمدىكى بۇ ‹‹ھوزۇرلىنىش تەقەززاسى››نى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىمكانىيەت بولسىلا، ھەجۋىي رەسىملەرنى ئىزدەپ-سوراپ كۆرىدىغان بولدۇم ھەمدە ھەجۋىي رەسىم ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنىمۇ ئىزدەشكەباشلىدىم. دەسلىپىدە تىل بىلمەسلىك ۋە ماكان چەكلىمىسى سەۋەبلىك جىقماتىرىياللارغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، كېيىن ئېنتىرنىت دەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشىبىلەن ناھايىتى كەڭ ھوزۇرلىنىش بوشلىقىغا ئېرىشتىم.ھەجۋىيرەسىم –رەسىمنىڭ تېخىمۇ تىپىكلەشكەن ۋە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بىر تۈرى بولۇشسۈپىتى بىلەن ئىپادىلەش سەنئىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھەجۋىي رەسىمدەئاددى ھەم مۇبالىغەلەشتۈرۈلگەن سىزمىلار ئارقىلىق تۇرمۇش، ئادەم، كەيپىيات ۋەئېقىم مەسلىلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. شەكىل ئۆزگەرتىش، سېلىشتۇرۇش، سىمىۋول، بىشارەت ۋەدارىتمىلاش قاتارلىق ئىستىلىستىكىق ۋاستىلەر قوللىنىلىپ، مەلۇم مەيدان ياكى كەيپىيات ھەزىل ۋە يۇمۇر شەكلىدە خاتىرلىنىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق مەسخىرە قىلىش ياكى مەدھىيە ئوقۇش مەقسىتى ھاسىل بولىدۇ. ھەجۋىي رەسىم يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىقبولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن كىشىلەرنى كۈلدۈرسە، ئاددى سىزىقلار بىلەن مۇرەككەپ تۇرمۇش ۋە كەيپىياتنى ئىپادىلەشتەك ئۇسلۇبى بىلەن تەپەككۇرنى غىدىقلاپ، چوڭقۇرئوي-خىياللارنى پەيدا قىلىدۇ.ھەجۋىيرەسىم دەسلەپتە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا. ھەجۋىي رەسىمنىڭ دەسلەپكىشەكىللىرى بۇنىڭدىن 800 يىللار بۇرۇن ياپونىيىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۈگۈنكىكۈنگە كەلگەندە ياپونىيە دۇنيادىكى ‹‹ھەجۋىي رەسىم ئىمپىراتورلىقى››غا ئايلاندى. ھەجۋىيرەسىمنىڭ ياۋروپادا شەكىللەنگەن ۋاقتىنى 16- ئەسىرنىڭ بېشىدىن، يەنى‹‹ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش›› دەۋرىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. دۇنياغا داڭلىقرەسسام لىئوناردۇ داۋىنچىنىڭ سىزمىلىرى ئارىسىدا ھەجۋىي رەسىمنىڭ شەكىللىرىمەۋجۇت. ھەجۋىي رەسىمنىڭ جۇڭگودىكى تارىخى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىنباشلانغان بولۇپ، مىنگونىڭ 13-14- يىللىرى رەسمىي شەكىللەنگەن.ئەمدى ھەجۋىيرەسىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئارىسىدا قانچىلىك تارىخى ۋە تەسىرى بارلىقىغا كەلسەك، بۇنۇقتا تۆۋەندە ئادىلجان ئابلىز بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىمىز داۋامىدائايدىڭلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.مەن ئادىلجانئابلىزنى كىتاب-ژورناللاردىكى قىستۇرما رەسىملىرى بىلەن تونۇغان ئىدىم. كېيىنچەقايسىبىر ژورنالغا بېسىلغان بىر قاتار ھەجۋىي رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن‹‹ئادىلجان ئابلىز سىزغان›› دىگەن خەتكە كۆزۈم چۈشۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم.ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ھەجۋىي رەسساملارنىڭ بارلىقى مېنى بەكمۇ خۇش قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىنكېيىن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئادىلجان ئابلىز سىزغان چولپانلارنىڭ بىر يۈرۈش ھەجۋىيرەسىملىرى تارقىلىپ تۇردى. 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جەنۇبى باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئادىلجان ئابلىز ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى››گە باردىم ۋە كۆرگەزمىگەقويۇلغان 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەجۋىي رەسىمدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم ھەمدە رەسسامنىڭتالانتىغا قول قويماي تۇرالمىدىم. ئەتىسى دوسىت-بۇرادەرلىرىم بىلەن يەنە بىر قېتىمبېرىپ كۆرۈپ كەلدىم. كېيىن بىر تاساددىپى پۇرسەتتە مەن ئادىلجان ئابلىزنىڭبىلوگىنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ كېيىن بۇ بىلوگنىڭ دائىملىق مىھمىنىغا ئايلاندىمھەمدە ئادىلجان ئابلىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ تۇردۇم. يېقىندا بۇتالانتلىق ھەجۋىي رەسىم ئۇستىسى بىلەن تور ئارقىلىق تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگەبولدۇم. شۇنداقلا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش ئىستىكىمنىبىلدۈردۈم. ئادىلجان ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمدىدىققىتىڭلار ئادىلجان بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.ئاپتور: ئادىلجانئاكا، مەن بىر ھەجۋىي رەسىم مەستانىسى بولۇش سۈپىتىدە، سىز بىلەن تونۇشۇشپۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خوشالمەن. ئالدى بىلەن سىزنىڭ سۆھبەتلىشىشتەكلىپمىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!ئادىلجانئاكا، مېنىڭ بىلىشىمچە سىز 1971- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى قاراماي شەھىرىدەتۇغۇلغان ئىكەنسىز، ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق-گېزىتژورناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنىپتۇ. بىر قىسىمئەسەرلىرىڭىز ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپتۇ. تەرجىمالىڭىزدىن بىلىشىمچە، سىزنىڭ ھەجۋىيرەسىمگە بولغان ئىشتىياقىڭىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلانغان ئىكەن. بۈگۈنكىسۆھبەتنىڭ باش تىمىسى ھەجۋىي رەسىم ھەققىدە بولغاچقا، ئالدى بىلەن ھەجۋىي رەسىمسەنئىتىگە بولغان ئىشتىياقىڭىز ۋە چۈشەنچىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ئادىلجانئابلىز: ئېسىمنىبىلسەم ئاتا-ئانامنىڭ ئانچە-مۇنچە رەسىم سىزىپ قويۇدىغىنىنى كۆرۈپ قالاتتىم.ئۆيىمىزدىمۇ رەسىملىك كىتابلار ناھايىتى كۆپ بولىدىغان؛ يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغائەگىشىپ، مەندىكى رەسىم سىزىش ئىشتىياقى تېخىمۇ ئېشىپ باردى. كېيىنچە مەخسۇس ھەجۋىيرەسىمگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب، گېزىت-ژۇرناللاردىن ھەجۋىي رەسىملەرنى كېسىپ ئېلىپساقلايدىغان بولدۇم. گەرچە شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇن ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزىپ باققانبولساممۇ ئۇنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش جۈرئىتىم بولمىغاچقا ئېلان قىلىپ باقماپتىكەنمەن.1991 - يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت فاكولتېتىدا بىلمئاشۇرۋاتقان مەزگىللىرىمدە، ئەينى يىللاردا «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىرېداكسىيىسىدە گۈزەل، سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان __ خەتتات، رەسسام ئىسمائىل ئىبراھىم ئاكامنىڭ بىر يۈرۈشھەجۋىي رەسىملىرىنى، مەزكۇر ژۇرنالدا كۆرۈپ، ئىنتايىن خوش بولدۇم. ھەمدە مەنمۇتەييارلاپ قويغان بىر يۈرۈش ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرىمنى يىغىپ ئىسمائىل ئىبراھىمئاكامغا ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇزاق ئۆتمەي تۇنجى قېتىم ھەجۋىيئەسەرلىرىم «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ شۇ يىلدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىندى.شۇنىڭدىن تارتىپ مەندە ھەجۋىي رەسىم سىزىشقا بولغان ئىشتىياق ھەسسىلەپ ئاشتى.كېيىنچە ئەسەرلىرىمنى رايونىمىزدا چىقىرىلىۋاتقان نۇقتىلىق گېزىت-ژۇرناللارغىمۇئەۋەتىپ تۇردۇم. ئومۇمەن ئېيتقاندا مېنى بۇ كەسىپكە باشلاپ كىرگەن ۋە مەندە بۇكەسىپكە تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلغان ئىسمائىل ئىبراھىم ئاكام بولدى. شۇڭا مەن بۇقېتىملىق مۇشۇ سۆھبەت نامىدا ئىسمائىل ئىبراھىم ئاكامغا  چىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
ئاپتور:ئادىلجان ئاكا، سىز ئىپادىلەش سەنئىتىدىكى ئۆزگىچە سەھنە ھېسابلىنىدىغان ھەجۋىيرەسىم سىزغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە قانداققارايسىز؟ ھەجۋىي رەسىمنىڭ رەسىم سەنئىتىدە تۇتقان ئورنى قانداق خاراكتېرلىنىدۇ؟ئادىلجانئابلىز:ھەجۋىيرەسىم سەنئىتى رەسساملىق سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى. «ھەجۋىي» ئاتالغۇسى پارىسچىدىنئۇيغۇرچىغا كىرگۈزۈلگەن سۆزلۈك بولۇپ، كىنايە، مەسخىرە، مۇبالىغە دېگەن مەنىلەرنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى جەمئىيەتتىكى ياخشى تىپ، ناچارقىلمىشلارغا رەدىيە بەرگۈچى «قامچا» بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن، شۇ جەمئىيەتتىكىمەلۇم بىر ۋەقەلىكنى كىشىلەرگە يۇمۇرېستىك قىلىپ يورىتىپ بېرىدىغان سەنئەتتىپىدۇر.  ھەجۋىي رەسىم بارلىققا كېلىپبۈگۈنكى دەۋرگە كەلگۈچە مەزمۇن جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشتە كۆپ ئۆزگۈرۈشلەر بولمىغانبولسىمۇ ئەمما ئەسەرنى سىزىش، ئۆزگىچە ئىپادىلەش جەھەتلەردە ئىلگىرىلەش ۋەتەرەققىياتلار بولدى دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، بۇرۇنلاردا ھەجۋىي رەسىم ئەسىرىقەلەم، قەغەز، سۇ بوياق، سىياھ قەلەملەردىلا ئىپادىلىنەتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسائىپادىلەش دائىرسى قەلەپ -قەغەز بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ماي بوياق، ياغاچئويما، ھەيكەلتارشلىق، كومپيۇتېر تېخنىكىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىپادىلىنىپ،ھەجۋىي رەسىمنىڭ مەزمۇنىغا تېخىمۇ زور بەدىئي زوق ئاتا قىلدى.ھەجۋىيرەسىم سەنئىتى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى، يۇمۇرىستېك خارەكتېرى، ئۆتكۈر كىنايىسىبىلەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تەرىپلىنىۋاتقانبۈگۈنكى كۈندە، بۇ تۈر، رەسساملىق كەسپىدىكى باشقا سەنئەت تۈرلىرىدىن ئالاھىدەپەرقلىنىپ، ئۆز ماھىيىتىنى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئاشكارا نامايەن قىلماقتا. غەربئەللىرىدە ھەجىۋىي رەسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، مەيلىسىز قايسى ئورۇندا بولۇڭ، ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە يۇمۇرىستىكرەسىملەرنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرالايسىز. جۈملىدىن دۆلىتىمىزمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، يۈرۈشلۈك بالىلاركىتابى، ھەر خىل كارتون فىلىملەرگە زور مەبلەغلەرنى سېلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ،ئەدەبىيات -سەنئەت تەرەققىياتلىرىدا بەلگۈلۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.  
ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، مەن سۆھبەتنىڭ باش قىسمىدا ھەجۋىي رەسىمنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ھەققىدەئازراق سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم. سىز بۇ ھەقتىكى بايانلارنى تېخىمۇ تولۇقلاپ بېرىشبىلەن بىرگە ئۇيغۇرلاردىكى ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۇنىڭتارىختىكى ئىزنالىرى ھەققىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجۋىي رەسىمگە بولغانقىزىقىش ۋە ئىشتىياقى ھەققىدە ھىس قىلغانلىڭىزنى سۆزلەپ بىرەمسىز؟ئادىلجانئابلىز:ھەجۋىيرەسىم ئادەتتە يۇمۇرىستىك رەسىم ياكى كارتون دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى16–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدە پەقەتشىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە بارا –بارا گۈللەنگەن.ئاپتونۇم رايونىمىزدا بولسا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىرىدا سىزىلىشقا باشلانغانبولۇپ، تا ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى تولۇق شەكىللەندۈرگىنى يوق. ھەجۋىيرەسىمدىن ئىبارەت بۇ سەنئەتنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە تەرەققىيقىلالماسلىقىدىكى بىردىن بىر ئامىل شۇكى، بۇندىن بۇرۇن ئاپتونۇم رايونىمىزدا ھەجۋىيرەسىمگە دائىر تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كەمدىن–كەم بولغانلىقى شۇنداقلائىچكىرى ئۆلكىلەردە 70 -يىللاردىلا قۇرۇلۇپ بولغان «ھەجۋىي رەسىم كومىتېتى»، «ھەجۋىيرەسىم جەمئىيىتى»، «ھەجۋىي رەسىم تەتقىقات ئورنى» دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ ئاپتونۇمرايونىمىزدا تېخى قۇرۇلمىغانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.خەلقىمىزئەزەلدىن ئۆز قىسمەتلىرىدىكى خۇشاللىق ۋە ئازابلارنى كۈلكە – چاقچاق، لەتىپە،يۇمۇرلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن. چۈنكى نەسىردىن ئەپەندى، موللا زەيدىنلەتىپىلىرىدىكى زالىم پادىشاھ ۋە قانخور ئاقسۆڭەكلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئۈنسىزئىسيانكار روھ رەسمىي سەنئەت تۈسىنى ئالغان قەغەز ۋە قەلەم بىلەن سىزىپ چىقىلمىغانبولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كىنايىسى، يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ، ئەينىدەۋرلەردىلا ھەجۋىي رەسىمنىڭ دەسلەپكى يىلتىزىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا يىلتىزتارتقۇزغانىدى. شۇڭا ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخدىكى يىلتىزى تولىمۇ چوڭقۇر، رولىمۇ ئالاھىدە چوڭ.
ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، دۇنيادا، جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ 80- يىلىدىن كېيىنتۇغۇلغانلار ئىچىدە ‹‹مۆشۈك بىلەن چاشقان›› ناملىق ھەجۋىي كارتون فىلىمنىبىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹خىمەن ››، ‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››،‹‹ئۆردەك بىلەن چاشقان››، ‹‹شىر پادىشاھ›› قاتارلىق كارتون فىلىملەرمۇ ناھايىتىزور ئالقىشلانغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بېرى D3تېخنىكىسىدا ئىشلىنىۋاتقان كارتون فىلىملەر تېخىمۇ بازار تېپىۋاتىدۇ. سىز موشۇ نۇقتىلارنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ھەجۋىيرەسىم بىلەن كارتون ئوبرازنىڭ پەرقى ۋە باغلىنىشى، ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ كارتونفىلىمنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ياكى قوشقان تۆھپىسىھەققىدە بىزنى ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان بولسىڭىز؟ ئۇنىڭدىن باشقا نۆۋەتتىكىدۇنيادا ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە يۈزلىنىشى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ئادىلجانئابلىز:مېنىڭچە ھەجۋىيرەسىم سەنئىتى بىلەن كارتون فىلىمنىڭ ناھىيىتى كۆپ ئورتاقچىلىقلىرى بار دەپئويلايمەن. چۈنكى كۆپ ساندىكى كارتون فىلىملەردە ۋەقەلىك، ئىش-ھەرىكەتلەر ۋەئوبرازلار رىئاللىقتىن چەتنىگەن ئاساستا ئىشلىنىدۇ، شەيئىلەرنىڭ ئوبرازلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى چوقۇم قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرىستىك بولغاندىلا فىلىمنىڭ كىشىنى ئۆزىگەجەلپ قىلارلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. بولۇپمۇ تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى بالىلاركارتون فىلىملىرىدىكى پېرسوناژلارنىڭ يۇمۇرىستىك ھەرىكەتلىرى بالىلارنىڭ پىخىكىسىغاچوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ  تەپەككۇرىنى بېيىتىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىنبۇيان غەرب ئەللىرى ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىمچىلىقىدىن ھالقىپ  3dكارتونچىلىق ساھەسىگە يۈزلەندى. نۇرغۇنفىلىم شىركەتلىرى زور مەبلەغلەرنى سېلىپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق دۇنياۋىينادىر كارتون فىلىملىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، كارتون فىلىم سەنئىتىنى يەنە بىر بالداقيۈكسەكلىككە كۆتۈردى. ئەمما شۇنى بىلىۋېلىش زۆرۈركى، مەيلى ئەنئەنىۋىي كارتونچىلىقساھەسى ياكى 3d كارتونچىلىقى ساھەسىدە بولسۇن، شۇفىلىملەردىكى غەلىتە مەخلۇقلار، يۇمۇرىستىك ئىش–ھەرىكەتلەرنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىيەنىلا كەسىپكە پىشقان، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، داڭلىق ھەجۋىي رەسساملارنىڭ قولسىزما ئەسەرلىرىدىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. دېمەك ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنىمىگىمۇسەل قاراشقا بولمايدۇ.ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، مەن بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە سىزنىڭ www.adiljan.com نامىدىكى بلوگىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم ھەمشۇنىڭدىن باشلاپ داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتىمەن. دىققەت قىلىشىمچە، سىزبلوگىڭىزدا ئەڭ يېڭى ئەسەرلىرىڭىزنى ئېلان قىلىش، داڭلىق ھەجۋىي رەسىمئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى يوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم ھەجۋىيپورتىرىتلارنى سىزىش جەريانىڭىزنى سىنغا ئېلىپ تورغا يوللاپ تۇرىۋاتىسىز. موشۇنۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەجۋىي رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىغانلارياكى ھوزۇرلىنىدىغانلار خېلى كۆپ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئەمدى سىز قانداق بىرشارائىتتا بلوگ قۇرۇپ قالغانلىقىڭىزنى ھەمدە بىلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ سانى ۋەئىنكاسى ھەققىدە ئازتولا مەلۇمات بىرەمسىز؟ئادىلجانئابلىز:رايونىمىزداھەجۋىي رەسىم كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كەمدىن -كەم ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇئۇيغۇرلاردا ساناقلىقلا كىشىلەر ھەجۋىي رەسىم سىزىدۇ. بۇنداق بولغاندىكىن مەنئەسەرلىرىمنى مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بىر تەپتىن ھەجۋىي رەسىمھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ، يېتەكلەشنىئويلاشقان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كەسىپتىن خەۋىرى يوقلارنىڭمۇ قىممەتلىكتەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆزۈمدىكى نۇقسانلارنى تېپىش بولدى. لېكىن بۇئۇسۇل دەماللىققا خېلى تەسىر كۆرسەتكەندەك قىلغىنى بىلەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگەئەگىشىپ، ئاز بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان پىكىر - تەلەپلىرى مېنى ناھايىتى بىئارام قىلدى.ھازىرمۇنبەرلەردە بۇرۇنقىدەك ئەسەرلىرىمنى كۆپ ئېلان قىلمايمەن، بىراق بۇنداق كېتىۋەرسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۆز ئالدىغا شەخسىي بېكەت قۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. تور تېخنىكىسى ۋە ئېنتېرنېت بىلىملىرىگە چولتا بولغاچقا، ئۆزۈمھاجىتىدىن چىقالايدىغان ئاددىي بلوگ بولسىمۇ قۇرۇپ تۇردۇم. ھازىر مەن بلوگىمغائۆزۈم خالىغان ئەسەرلەرنى ئىككىلەنمەيلا قويالايمەن. بۇ نۇقتا مېنى ھەممىدىن بەكخۇش قىلدى دىسەممۇ بولىدۇ.بلوگىم يېڭىقۇرۇلغاچقا كۆپ ساندىكى تورداشلار تېخى بىلىپ كېتەلمىدى، مەنمۇ بلوگىمنى تەشۋىققىلىپ كەتمىدىم. شۇڭا زىيارەت سانىمۇ كۆپ ئەمەس، بىراق بۇ مەن ئۈچۈن ئانچە مۇھىمئەمەس، مۇھىمى مەن ئەسەرلىرىمنى بلوگىمغا قويۇش ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكە، ۋەچەتئەلدىكى بەزى بىر كەسپىي ھەجۋىي رەسساملارغا ئەسەرلىرىمنى بىمالال كۆرسىتىش ۋە بلوگئارقىلىق ئۆز –ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشۇمغا سەھنە ھازىرلىغانلىقىمدا دەپ ئويلايمەن .
ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى كۆرۈش داۋامىدا، سىز سىنغا ئېلىپ يوللىغان ھەجۋىيپورتىرىت سىزىش جەريانىڭىزنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇنداقلا سىزنىڭ بىر قىسىميۇمشاق دىتاللاردىن ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقىڭىزغا دىققەتقىلدىم. مەيلى بلوگ قۇرۇش، ئەسەر يارىتىش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ يوللاش ياكى ھەجۋىيرەسىم سىزىشتا ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دىتاللار نۇقتىسىدىن بولسۇن، سىزنى يېڭىلىققائىنتىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بىر كىشىكەن دەپ ئويلىدىم.سىز ئەمدى ھەجۋىي رەسىم سىزىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىڭىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،ئەنئەنىۋى شەكىلدە ھەجۋىي رەسىم سىزىش بىلەن يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق ھەجۋىيرەسىم سىزىشنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بىرەمسىز؟ئادىلجانئابلىز:مېنىڭچە ئەنئەنىۋىيئۇسلۇبتا ئەسەر ئىشلەش يەنىلا مۇھىم. چۈنكى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىدايارىتىلغان ئەسەر پەقەت  مەۋھۇم ئەسەرخالاس! ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا يەنى قولدا قەغەز، رەختلەرگە سىزىلغان ئەسەرلەردىلامەلۇم ھېسسىيات يارىتىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قولدا سىزىلغان رەسىم بىلەن كومپىيۇتېرداسىزىلغان ئەسەرلەردىكى بىردىن -بىر پەرق شۇكى، قولدا سىزلغان ئەسەرلەردىنرەسسامنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، كەسپىي سەۋىيىسىنى بىر قاراپلا كۆرىۋالغىلى بولىدۇ،كومپيۇتېردا بولسا پەقەت مەلۇم ۋاسىتە، شۇنداقلا كىشىلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان دىتالئارقىلىقلا ئەسەر ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتائىشلەنگەن ئەسەردىن تۆۋەن بولىدۇ.مەنمۇ كۆپھاللاردا ئەسەرنىڭ ئەسلى ئورگىنالىنى قەلەمدە سىزىۋېلىپ، ئۇنى كومپيۇتېرداپىششىقلاپ ئىشلەيمەن. ھازىر كۆپ ھاللاردا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارئېلېكتىرونلۇق ھۆججەتنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغاچقا، مەن بەزى ئەسەرلەرنىبىۋاستە كومپىيۇتېردىكى يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ سىزىۋاتىمەن ھەم تورئارقىلىق بىۋاستە يوللاۋاتىمەن.كومپيۇتېرگرافك سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەرگىزمۇ بىر -ئىككى خىل دىتالنى ئۆگىنىش بىلەنچەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. شارائىت بولسا رەسساملىق ئىلمىدىن سىرت، كەسپكەمۇناسىۋەتلىك زۆرۈر بولغان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆگىنىپ قويۇش مېنىڭچە ئارتۇقچە ئىشئەمەس دەپ ئويلايمەن.
ھاجىبەگ:ئادىلجانكا، مېنىڭ بىلىشىمچە سىز 2001- يىلى قارامايدا، 2010- يىلى ئۈرۈمچىدەبولۇپ جەمئىي ئىككى قېتىم ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدىڭىز. كۆرگەزمەجەريانىدىكى كۆرگەنلىرىڭىز ۋە ئاڭلىغانلىرىڭىزغا ئاساسەن ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرجەمئىيىتىدىكى مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ھىس قىلغانلىرىڭىزغائورتاقلىشىپ باقساق بولامدۇ؟ئادىلجان ئابلىز:ھەجۋىيرەسىم سەنئىتى ئۇيغۇرلاردا تېخى تولۇق ئومۇملىشىپ بولالمىدى. چۈنكى، رايونىمىزدابۇ كەسپكە بولغان تەشۋىقات تولىمۇ سۇس. ھەجۋىي رەسىم پائالىيەتلىرىنىئۇيۇشتۇرىدىغان فۇنكىسىيىلىك ئورۇنلارمۇ تېخى مۇكەممەل قۇرۇلغىنى يوق. بۇنداق بولغاندىكىن ھەجۋىي رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان تونۇشى، چۈشۈنىشى كەمبولىدىغان گەپكەن. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر كەڭئولتۇراقلاشقان، مەدەنىيەت –سەنئەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان رايونىمىزدا،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ خىل كەسىپكە بولغان تونۇشىنىڭ كەمچىللىكى ھەم بۇ كەسىپنىتەشۋىق قىلىدىغان سەھنە ھازىرلانمىغانلىقى، ئۇيۇشتۇرغۇچى جەمئىيىتىنىڭمۇ بولماسلىقىكىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. مەن موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رايونىمىزدىكىمۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ تۈرگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس جەمئىيەت قۇرۇپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەجۋىي رەسىمگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىنى ھەم تەشۋىقاتكۆرگەزمىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، 2010- يىلى 11- ئايدا ئۈرۈمچىدىكى جەنۇبى باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىڭىزگە ئۇدا ئىككى كۈن بېرىپ تاماششا قىلىپ كەلگەن ئىدىم. شۇ قېتىمقىكۆرگەزمىڭىزدە 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەجۋىي رەسىم قويۇلغان ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقىسىم خەلقئارالىق شەخىسلەر، جۇڭگودىكى داڭلىقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپكە تونۇلغانچولپانلىرىنىڭ ھەجۋىي پورتىرىتى بار ئىدى. ئاڭلىشىمىچە، ھەجۋىي پورتىرىتى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بىر قىسىم شەخىسلەر بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئىكەن. سىز شۇقېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ساھىبى بولوش سالاھىتىدە ئېيتىپ باقسىڭىز، راستىنلا شۇنداقئىش بولغانمۇ؟  ئادەتتە ھەجۋىي ئوبرازلارنىسىزىش جەريانىدا قانداق بېسىم ۋە جاپالارغا دۇچ كېلىسىز؟ئادىلجانئابلىز:كۆپ ساندىكىئۇيغۇرلىرىمىز ھەجۋىي رەسىم پورتېرىت سەنئىتىنى «بۇ بىر شەخسكە قىلغانھۆرمەتسىزلىك، شەخسكە قىلغان ھاقارەت» دەپ قارايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «سەنئەتخۇمارمىللەت» دەپ نام ئالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق دېيىش تولىمۇ يۈزەكى ھەم ئەخمىقانەقاراش دەپ ئويلايمەن. ئەگەر سىز دۇنيا ھەجۋىي رەسىم پېشۋالىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىغامۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن كۆرۈپ باقسىڭىز، ئۇلار سىزغان داڭلىق ئەربابلارنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ دوللار ھەتتا نەچچە يۈزمىڭ دوللارغا سېتىۋېلىپئارزۇلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا بەزى دۇنياۋىي سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ ھەجۋىي پورتېرىتىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىق سوۋغات سۈپىتىدە ساقلايدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.ياۋروپادىكىنۇرغۇن داڭلىق ھەجۋىي رەسساملار مەخسۇس ھەجۋىي پورتېرت ئەسىرى سىزىپ تۇرمۇشىنىكۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى نوپوزلۇق گېزىت–ژۇرناللارنىڭ باش بەتلىرى،مۇقاۋىلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.ھازىر جۇڭگودىمۇداڭلىق پورتېرت ھەجۋىي رەسساملىرىدىن ۋۇ جيەنجۈن، فېڭ گاڭ، يۈ شيەنجيا قاتارلىقلارمۇدۆلىتىمىز ۋە چەت ئەلدىكى نامى چىققان چولپانلارنىڭ ھەجۋىي پورتېرتىنى سىزىپ، بۇساھەدە نام چىقىرىپ، خەلقئارالىق ھەجۋىي رەسىم پورتېرت كۆرگەزمىلىرىدەمۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ ئۇتۇق قازانغانلاردۇر.قىسقىسى ھەجۋىي رەسىم پورتېرت سەنئىتىنى ھەرگىزمۇ شەخسكە قىلىنغان ھاقارەت ياكى ھۆرمەتسىزلىك دەپھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇمۇ سەنئەتنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر ھېس قىلىپبولالمايدىغان، يۇمۇرىستىك ھەم ئۆزگىچە ئىپادىلىنىشىدۇر.2010 – يىلىئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمەمدە مەنمۇ رايونىمىزدىكى بىر قىسىم چولپانلىرىمىزنىڭپورتېرتىنى سىزىپ قويغانىدىم. بىراق ئاز بىر قىسىم سەنئەتكارلىرىمىز ماڭا بىۋاستەتېلېفون قىلمىغان بولسىمۇ دوستلىرى، ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق ماڭا تېلېفون بېرىپ، پورتېرتىنى رۇخسەتسىز كۆرگەزمە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئالاھىدەئاگاھلاندۇردى. مەن ئۇلارغا ناماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە زالىدىن ئېلىۋەتتىم.
ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى تارىخدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەر ۋە رەسساملاردىنقايسىلار بار؟ سىز شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ باققانمۇ؟ئۇيغۇردىن بولمىغان ھەجۋىي رەسىم ئۇستىلىرى بىلەن تونۇشلىقىڭىز بارمۇ؟ئادىلجانئابلىز:ماڭا ئەڭ دەسلەپتەتەسىر قىلغان كىشىنىڭ ئەسەرلىرى دەل دانىيەلىك ھەجۋىي رەسىم پىشۋاسى بېدىستروپنىڭ چاتما ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرى بولۇپ، تولۇقسىز يىللىقنى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلائۇنىڭ ئەسەرلىرىنى رايونىمىزدا چىقىرىلىدىغان «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدىن كۆرۈپ تۇراتتىم. بەلكىم شۇ سەۋەبلەردىن بولسا كېرەك، دەسلەپتە مەنمۇ ھەجۋىي رەسىم سىزىشنى چاتما ھەجۋىي رەسىم سىزىشتىن باشلىغانىدىم. ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىمەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ھەم كومىدىيىلىك ھېكايە ھېسابلىناتتى. كېيىنچە ئالاقەئۇچۇر تورىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، توردىن دۇنياۋىي داڭلىق ھەجۋىي رەسساملارنىڭنۇرغۇن ئەسەرلىرىنى كۆرىدىغان ھەم ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولدۇم. مېنىڭ بۈگۈنكىدەكپورتېرت ھەجۋىي رەسىمى سىزىشىمغا ئىلھام بەرگەن، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى زامانپورتېرت ھەجۋىي سەنئىتى رەسسامى، ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان «نيۇيورك ۋاقىتگېزىتى»، «دەۋر ژۇرنىلى»، «سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ ھۇسۇللۇق كەسپىي ھەجۋىي رەسسامى جېيسون سايلىر (Jason Seiler)بولۇپ، ئۇنىڭ پورتېرت ئەسەرلىرىئىجادىيەتلىرى ماڭا تولىمۇ تونۇش ھەم ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، مەن ھەجۋىي رەسىم كۆرگەن چاغلىرىمدا بىر قىسىم ئەسەرلەرگە‹‹تىمىسىز›› دەپ نام بىرىلدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. سىزدىن سوراپ باقسام، بەزىئەسەرلەرگە ‹‹تىمىسىز›› دەپ نام بېرىلىشىدىكى سەۋەب كۆرۈرمەنلەرنى تېخىمۇ كەڭرىبولغان تەپەككۇر بوشلىقىغا باشلاشمۇ ياكى ئاپتورنىڭ موشۇ ئەسەرنى سىزىۋاتقان چېغىدىكى مۇرەككەپ كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ۋەياكى دەماللىققا شۇنداقلاسىزىپ قويغان ئەسەرلەر بولغاچقا نام بېرىشنى ئارتۇقچە كۆرگەنلىك سەۋەبىدىنمۇ؟ئادىلجانئابلىز:بۇ سىزدېگەندەك ئۇنچىلىك كۆپ دائىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەزى ئەسەرلەرنىسىزىش جەريانىدا بىز كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان مەقسىتىمىز تەبىئىيلائاشكارلىنىپ كېتىدۇ ياكى ئەسەر تاماملانغاندىن كېيىن ئوقۇرمەن ئەسەرگە بىرقاراپلا، رەسسامنىڭ بۇ ئەسەرنى سىزىشى ئارقىلىق نېمىنى، قايسى ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىۋالالايدۇ. دېمەك بۇنداق ئەسەرگە يەنە قايتا تېما قويۇشنىڭزۆرۈرىيىتى يوق دېگەن گەپ. لېكىن بەزى ئەسەرلەرگە تىما قويۇلمىسا قەتئىي بولمايدۇ.چۈنكى بەزى ئەسەرلەردە ئىدىيە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرىدۇ ياكى قاتمال ھالەتتە بولىدۇ،بۇنداق چاغدا ئەسەر مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان تىما بولمىسا بولمايدۇ.ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، سىزنىڭ ھەجۋىي رەسىملەر توپلىمىڭىزنى نەشىردىن چىقىدىكەن دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇ توپلامنى كۆرمىدۇق. بىزنى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلالامسىز؟ئادىلجانئابلىز:ئەسەرلىرىمنىيىغىپ، كىتاب قىلىپ چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىلى 4ـ5 يىل بولۇپ قالدى. 90-يىللارنىڭباشلىرىدا سىزىلغان ئەسەرلىرىمنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ كونىراپ قالدى. مەن بۇئەسەرلىرىمنى قانداقلا بولمىسۇن ئوقۇرمەنلەرگە پايدىلىنىش قىممىتى يارىتالايدۇ دەپئويلىغاچقا، تەجرىبىلىك دوستلۇرۇمغا مەسلىھەت سېلىپ، ئەسەرلىرىمنى كىتاب قىلىپچىقىرىپ بېقىش نېيىتىگە كەلدىم ھەم بىر قانچە كىتاب سودىگەرلىرىگە ئەسەرلىرىمنىبىراقلا سېتىپ ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلىشنىمۇ نىيەت قىلغان بولدۇم. ئۇزاق ئۆتمەيئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر كىتاب سودىگىرى بىلەن تونۇشتۇم، ھەم كىتابلىرىمنى ئۈلگە بەت شەكلىدە رەتلەپ، ئەسلى ئورگىنالىنى دېسكىغا ئويۇپ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئۇمۇكىتابىمنى بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا چىقىرىپ بېرىدىغانلىقىنى، ماڭا پەقەتئەسەرلىرىمنىڭ سانىغا قاراپ مۇۋاپىق قەلەم ھەققىلا بېرىپ، بۇ ئىشلارنىتاماملايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارىدىن بىر يېرىم يىل ئۆتتى، (ئارىدا بىر نەچچەقېتىم ئۇ كىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆرۈشەلمىدىم قايتىپ كەتتىم) كىتابتىن خەۋەربولمىغاچقا ئىچىم تىتىلداپ ئۇرۇمچىگە يەنە كەلدىم. بۇ قېتىم ئۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردۈم. ئۇ ئادەم «كىتابىڭىزنى ۋاقتىدا چىقىرىپبېرەلمىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خىجىلمەن، كىتابىڭىز ھازىر XXنەشىرىياتىدا، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئەسەرلىرىڭىزدە ئىككى بىسلىق مەزمۇنلار كۆپكەن.شۇڭا نەشىردىن چىقىرىشقا پېتىنالمىدۇق، ئۇ بالا يېنىمىزغا كېلىپ كىتابلىرىنىئېلىۋالسۇن دېگەنىدى...» دەپ مەندىن يەنە ئەپۇ سوراپ گەپنى تۈگەتتى. كېيىن مەننەشىرىياتقا بېرىپ كىتابلىرىمنى قايتۇرۋالماقچى بولدۇم. لېكىن ئۇلار كىتابلىرىنىئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدى. قايتىپ كېتىپ ئىككىنچى قېتىم نەشىرىياتقا يەنەباردىم، ئۇلار «كىتابىڭىز بۇ يەرگە كەلمەپتۇ، سىز كىتابىڭىزنى نەشر قىلىپ بېرىمەندېگەن كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ» دەپ مېنى يولغا سالدى. شۇنداق قىلىپ كىتابلىرىمنىئەسلى ئورگىنالى ۋە دېسكىلىرىنىمۇ تاپالماي نەشرىياتتىن چىقىپ كەتتىم.ئۇزاق ئۆتمەيمەلۇم نەشرىياتتىكى بىرى «كىتابىڭىزنى بىز چىقارساق، بىزگە ھەمكارلىشىپ بەرسىڭىز»دەپ تۇرىۋالدى. مەن بۇ قېتىممۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئىككى پارچە كىتاب ۋەئېلېترونلۇق ھۆججەتلىرىنى تەييارلاپ ئۇلارغا تۇتقۇزدۇم. ئارىدىن يەنە ئىككى يىلئۆتتى ئۇلاردىمۇ كىتاب توغرىسدا سادا چىقمىدى. ئارىلىقتا تېلېفون بىلەن نەشىرىياتتىكىمۇناسىۋەتلىك كىشى بىلەن سۆزلەشتىم. نەشرىياتتىكىلەر: «كىتابىڭىزدىكى شەخسلەرنىڭ پورتېرتى بىزگە ئاۋارچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرىدىغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا كىتابىڭىزنى توختىپ قويدۇق. ۋاقىت يار بەرسە كېلىپ كىتاب ئورگىنالىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ»دەپ تېلېفوننى ئۈزدى.شۇنداق قىلىپ ئۈچ پارچە كىتابنى نەشىر قىلالماي، كىتاب چىقىرىش نىيىتىمدىن ياندىم.مانائەمدىلىكتە يەنە كىتاب چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، ئەمما قايسى نەشرىياتقابېرىش توغۇرلۇق تېخى ئېنىق قارارغا كېلەلمىدىم.
ھاجىبەگ:ئادىلجان ئاكا، بۈگۈن ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى ھەققىدە ناھايىتى كەڭ-كۇشادەپاراڭلاشتۇق. ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىز ۋە ئارزۇلىرىڭىزھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟ئادىلجانئابلىز:مەنكەسىپىمنى سۆيىمەن، شۇنداقلا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىمەن.كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن دېتاللارنىمۇ ئۆگەندىم، ھازىرمۇ بوش ۋاقىتلىرىمدا،بىناكارلىق، كارتون فىلىم ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆگنىشنى توختىتىپ قويغىنىميوق. ئەلۋەتتە مەندە يەنە بىر ھەۋەسمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچى تەربىيلەش.
ھاجىبەگ: ئادىلجان ئاكا، بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە كونكىرىت بولدى. سىزنىڭ سەمىمىي جاۋابلىرىڭىزغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
                                           (تۈگىدى)

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 21:27:40

ھەجىۋى رەسىمگە ئۇستا ئادەم بۇ. قول قويىمەندە.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:52:25

خەت شەكلىنى ئوڭشاپ قويسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 23:18:59

مەزمۇن سولدىن ئوڭغا بوپ قاپتۇ، بىرسىڭلار تۈزۈتۈپ قويۇڭلار.
بەت: [1]
: ھەجۋىي رەسىمنىڭ سېھرى كۈچى