roh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 20:28:56

‹مۇز چېلەك رىقابىتى› دە 18 ياشلىق ئوغۇل ئۆلۈپ كەتتى

‹مۇز چېلەك رىقابىتى› گە قاتناشقان شوتلاندىيىلىك 18 ياشلىق ئوغۇل ئۆلۈپ كەتتى


شوتلاندىيىلىك 18 ياشلىق كامىرون.لەنكاستېر ئىسىملىك ئوغۇل بالا يېقىندا ‹مۇز چېلەك رىقابىتى›گە قاتناشقاندا كۈتۈلمىگەندە ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى سۇ بېسىپ كەتكەن تاش قېزىش مەيدانىدىن بايقالغان. 18 ياشلىق لەنكاستېر شۇ يەر ۋاقتى 24-چېسلا كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر ئەتراپىدا Inverkeithing ئەتراپىدىكى بىر تاش قېزىش مەيدانىدا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن شوتلاندىيە ساقچى تەرەپ، ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىنىڭ خادىملىرى شۇنداقلا جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىرلىكتە بۇ رايوندا تۆت سائەت لەنكاستېرنى ئىزدىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ جەسىتى سۇ ئاستىدىن تېپىلغان.
لەنكاستېرنىڭ ئۆيدىكىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ:‹ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ھەقىقەتەن ناھايىتى رەھىمسىز كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىز ئۈچۈن زور يوقىتىش ھەم زىيان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئاق كۆڭۈللۈكى ھەم رەھىمدىللىكى بىلەن شۇنداقلا مەرد،سېخىي روھى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان ھەم دوست بۇرادەرلىرى ئۇنى قاتتىق سېغىندى، بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك بۇنداق ئۇشتۇمتۇت زەربىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەيلا قالدۇق، جامائەتچىلىك بىزنىڭ مەخپىيەتلىكىمىزگە دەخلى تەرۇز قىلمىساڭلار ! (يەنە زىيارەت قىلىشنى رەت قىلغان)› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ھازىرچە لەنكاستېرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ كونكىرت سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، لېكىن نۇرغۇنلىغان يەرلىك كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇ شۇ يەردە مودا بولۇۋاتقان باشقىچە بىر خىل ‹مۇز چېلەك رىقابىتى›گە قاتنىشىپ كۈتۈلمىگەندە ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بۇ يەردىكى ياشلار ئىچىدە تاش قېزىش مەيدانىغا بېرىپ بۇ يەردە تاشلار ئارىسىغا كۆمۈلۈپ ‹تاش قەبرە› ياساشتەك بىر خىل ‹مۇز چېلەك رىقابىتى› مودا بولغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ياشلار ئادەتتە مۇزدەك سوغۇق سۇغا كۆمۈلۈش ئارقىلىق ئىئانە توپلاش رىقابىتىگە قاتنىشىدىكەن.
شۇ يەردىكى پارلامېنت ئەزاسى-Alice McGarry نىڭ ئېيتىشىچە:‹ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شۇنداقلا پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بالا ‹مۇز چېلەك رىقابىتى›گە قاتنىشىپ كۈتۈلمىگەندە ئۆلۈپ كەتكەنىكەن، نۇرغۇنلىغان بالىلار بۇ يەردىكى تاش قېزىش مەيدانىدىكى تىك قىيادىن سۇغا سەكرەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە مۇشۇنداق قىلىپ ئوينايتتى، ھازىر بۇ خىل ئۇسۇل ‹مۇز چېلەك رىقابىتى› نىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ مودا بولۇپ كەتكەنىدى. ھازىرچە لەنكاستېرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ كونكىرت سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ‹مۇز چېلەك رىقابىتى› بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سۇغا سەكرەپ ‹مۇز چېلەك رىقابىتى›گە قاتناشقان چاغدىكى ۋېدىئولىرىنى كۆردۈم، بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، ھەتتا بەزىدە كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشىمۇ مۇمكىن› ئىكەن.
نۇر تورىدىن ئېلىندى.

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 10:38:05

ئەمدى بۇ مۇز چىلەكنىمۇ چەكلەمۇ ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 14:22:18

مۇز چېلەكتە ئۆلمەپتىغۇ، چەكلەشكە توغرا كەلسە تاش قېزىش مەيدانىنى چەكلىشى مۇمكىن

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 15:03:55

مۇز چىلەك ئويۇنى بۇ بالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئوبدانلار بىر باھانە بوپ بىرىپتۇ

نىمىلا دىسە بولىۋىرىدىغان جاھان بۇلاپ كەتتىما بۇ؟

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 15:18:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 15:21  

مۇز چىلەك تە ئۆلمەپتۇ، مۇز كۆلچەكتە ئۆلۈپتۇ،
مۇز سۈيىنى چىلەكلەپ كاللىغا قۇيماي، تەتۈرسىچە، كاللىچىلاپ مۇز كۆلچەككە چۈشكەن ئوخشايدۇ بۇ بايقۇش.
مۇز چىلەكمۇ ھەرزامان، ھەرماكاندا ئۆزىگە خاش ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئومۇملاشقان بولۇشى مۇمكىن،
مەسىلەن: دىيارىمىزدىكى مۇزداس رىقابىتى :lol :lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 15:28:31

udun0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 15:18 static/image/common/back.gif
مۇز چىلەك تە ئۆلمەپتۇ، مۇز كۆلچەكتە ئۆلۈپتۇ،
مۇز سۈيى ...

نەدە مۇز با ئۇ داستا، سۇلىغۇ، سۇ داس، سۇ داسقا ئادەم ئۆلمەيدۇ.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 16:16:29

باھانە چىقتى بۇ ياخشى ئويۇننى چەكلەيدىغانغا

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 16:28:58

چەكلىسە چەكىلىۋەتسۇنا بۇ مۇز چىلەك رىقابىتى دىگەننى . ماڭا تىتىقسىز ئىشتەك بىلىندى. ئىئانە قىلغۇسى كەلسە ئۇنداق داۋراڭ قىلىپ ۋىدئولىرىنى تورغا چىقىرىپ خەقكە كۆرسىتىپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى . دىنىمىزغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. بۇنداق ساخاۋەتچىلىك .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 16:48:00

Berdem يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 16:28 static/image/common/back.gif
چەكلىسە چەكىلىۋەتسۇنا بۇ مۇز چىلەك رىقابىتى دىگەننى .  ...

ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ بىلمىسۇن دىمەكچىما؟

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 19:06:03

مۇدا بۇلىۋاتقىنى سۇغۇق سۇ قۇيۇش ئۇيۇنى ، بۇ بالا بىلەن مۇناسىۋاتسىز چىغۋا

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 22:57:39

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 06:57:29

چاتاق بۇپتۇ ....

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 06:58:52

بىلىپ قاپسىزھە چاتاق بولغۇنىنى

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 11:19:48

Berdem يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 16:28 static/image/common/back.gif
چەكلىسە چەكىلىۋەتسۇنا بۇ مۇز چىلەك رىقابىتى دىگەننى .  ...

قوللايمەن

roh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 12:27:55

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 15:28 static/image/common/back.gif
نەدە مۇز با ئۇ داستا، سۇلىغۇ، سۇ داس، سۇ داسقا ئادەم ئ ...

بىزدەك يانۋارنىڭ ئايلىرىدا سۇغا چۈشۈپ باققانلار ئەمەستە ...

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 22:42:29

مۈشۈكچىلكمۇ جېنى يوق گۇيكەن:lol

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 07:32:59

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 22:42 static/image/common/back.gif
مۈشۈكچىلكمۇ جېنى يوق گۇيكەن

:lol :lol راس  زادى  ئەجەل كەلسە  پاشا چىلىكمۇ  جېنى بولمايدۇ ئادەمنىڭ

bilgategin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 16:27:03

بۇ مۇز چىلەك رىقابىتى دىگىنى زادى قاملاشمىغان ئىشكەن ئۇزىنى كورسەتكىلى ئىش تاپالمىغانلارنىڭ ئىشى چېغى.
بەت: [1]
: ‹مۇز چېلەك رىقابىتى› دە 18 ياشلىق ئوغۇل ئۆلۈپ كەتتى