Mr_Mystery يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 17:01:07

قۇرئاندىكى نۇر تېزلىكى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mr_Mystery تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 17:07  

قۇرئاندىكى نۇر تېزلىكى
(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلسىم)


مۇسۇلمانلار پەرىشتىلەرنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى مەخلۇقلار ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇلارنى نۇردىن ياراتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. پەرىشتىلەر نۆل نۇقتىدىن باشلاپ نۇر تېزلىكىگىچە بولغان خالىغان تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزگىچلەر دەل پەرىشتىلەردۇر. پەرىشتىلەر بۇيرۇقنى ئالەمنىڭ مەلۇم جايىدىكى لەۋھۇلمەھپۇزدىن تاپشۇرىۋالىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەرشىدىن ئەمەس. ئۇلار ئاللاھتىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن لەۋھۇلمەھپۇزغا بېرىپ-كېلىپ قاتناپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە، قۇرئان پەرىشتىلەرنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزغا بېرىپ-كېلىپ قاتنىغان ۋاقىتتا قانداق سەپەر قىلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قاتنىغان ۋاقىتتىكى سۈرئىتى بىزگە تونۇشلۇق بولغان نۇرنىڭ تېزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ.


32-سۈرە 5-ئايەت: ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ.


بۇ بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگۈچىلەر پەرىشتىلەردۇر. قۇرئان نازىل بولغان ئاشۇ دەۋردىكى ئادەملەر مۇساپىنى كىلومېتىر ياكى مىل بىلەن ئۆلچىمەيتتى، بەلكى ئاشۇ مۇساپىنى بېسىپ بولۇش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت مېڭىش كېرەكلىكىنى ئۆلچەم قىلاتتى. مەسىلەن؛ ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر يېزا دېگەنلىك، شۇ يېزىغا بېرىش ئۈچۈن ئىككى كۈن مېڭىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىغا باراۋەر ئىدى. ئون كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بولسا، ئون كۈن مېڭىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىغا باراۋەر ئىدى... ھالبۇكى بۇ ئايەتتە بولسا، قۇرئان ئۇلار سانايدىغان مىڭ يىلغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ (ئۇلار ماڭىدىغان ئەمەس). ئۇ دەۋردىكى ئادەملەر ۋاقىتنى ئاي (قەمەرىيە) كالېندارى بويىچە ھېسابلايتتى ۋە بىر يىلنى 12 ئاي (قەمەرىيە) ئېيى قىلىپ سانايتتى. بۇ ئايلار بولسا ئاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇياش بىلەن ئەمەس. پەرىشتىلەر بىر كۈن ئىچىدە ئۇلار (ئاي كالېندارى بويىچە) مىڭ يىل دەپ سانايدىغان مۇساپىگە سەپەر قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى مۇساپە بولغاچقا، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى بىر كۈن ئىچىدە ئاي ئۆز ئوربىتىسىدا 12000 قېتىم ئايلىنىپ سەپەر قىلغانغا باراۋەر كېلىدىغان مۇساپىگە سەپەر قىلىدۇ دەۋاتىدۇ. بىز ئىنېرتسىيىلىك يەر مەركەز قۇرۇلمىسى (Inertial geocentric frame) (بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆلچەملىك ئاتىلىشىنى تاپالمىدىم، بىلىدىغانلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن) ئىچىدە ئاينىڭ 12000 قېتىملىق ئوربىتىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر كۈنگە بولغان نىسبىتىنىڭ نۇر تېزلىكىگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzYyMDY3ODgw/v.swf

32-سۈرە 5-ئايەتتىكى ۋاقىت بىلەن مۇساپىنىڭ سېلىشتۇرمىسى؛ بۇ ئايەت بىزگە ئويلىمىغان يەردىن نۇر تېزلىكىنىڭ ئۆزى بولۇپ چىققان پەرىشتىلەرنىڭ تېزلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ھالبۇكى 22-سۈرە 47-ئايەت ۋە 70-سۈرە 4-ئايەتلەردىكى بولسا ۋاقىت بىلەن ۋاقىتنىڭ سېلىشتۇرمىسى (مۇساپىنڭ ئەمەس)؛ بۇ بولسا ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشىدۇر. بىز ئېينىشتىيىننىڭ نەزىرىيىسىدىن، مېنىڭ ۋە سىزنىڭ سائىتىڭىزنىڭ ئوخشاش سۈرئەتتە ماڭمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ۋاقىت (ياكى سائەتلىرىمىزنىڭ سۈرئىتى) تېزلىك بىلەن تارتىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر مېنىڭ سائىتىم تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسا ياكى كۈچلۈك تارتىش كۈچى مەيدانىدا بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا مېنىڭ سائىتىم سىزنىڭ سائىتىڭىزگە قارىغاندا ئاستىراق ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقىت نىسبىي بولىدۇ. 22-سۈرە 47-ئايەت يەر شارىدىكى ۋاقىت بىلەن جەننەت ۋە دوزاختىكى ۋاقىتنى سېلىشتۇرىدۇ. شۇنداقلا  70-سۈرە 4-ئايەت يەر شارىدىكى ۋاقىت بىلەن قۇرت تۆشۈكىدىكى (مەئەرج – مَعارِج) ۋاقىتنى سېلىشتۇرىدۇ.

************************* بۇ ئايەتلەر ئەسلىدىكى يازمىغا قىستۇرۇلمىغان ***************************
22-سۈرە 47-ئايەت: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى-سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر.


70-سۈرە 4-ئايەت: پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ.
***********************************************************************************************

(نورمال سەزگۈمىزلا بىزگە قۇياش نۇرىنىڭ زېمىننى يورۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە قۇياش نۇرىسىز زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؛ بۇنىڭدىنمۇ  ئاددىي ئىش بولامدۇ؟ بىراق ئىنجىل باشقىچە بىر گەپنى قىلىدۇ: يارىتىشنىڭ 1-بۆلەك 1-31 گىچە بولغان بايانلىرىدا، ئىنجىل قۇياشنىڭ كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. تۇنجى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنغا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ياراتقانلىقىنى، تۇنجى كەچنىڭ كىرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇنجى سەھەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بىراق پەرۋەردىگار تۆتىنچى كۈنىگە كەلگىچە قۇياشنى ياراتمىغان، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئۈچ كېچە ۋە ئۈچ كۈندۈز ئۆتكىچە قۇياشنى ياراتمىغان دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ زېمىندا قۇياش يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا ئۈچ كېچە ۋە ئۈچ كۈندۈز بىمالال ئۆتكەن. ئىنجىلغا ئاساسلانغاندا قۇياش بولمىسىمۇ كۈندۈز بولىۋېرىدىكەندە!؟)


***************************************************************************
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
بۇ تېما ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ئاساسىدا ئىنگلىزچە مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلىنغان. تەرجىمىدە خاتالىقتىن مۇستەسنا بولالمىغان بولۇشۇم تامامەن مۇمكىن، نامۇۋاپىق دەپ قارىغان نۇقتىلار بولسا تۈزىتىش بېرىشىڭلارنى سورايمەن. چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، ئەسلى مەنبەدە يازمىغا قىستۇرۇلغان قىسقا فىلىمنىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ چامىمنىڭ يېتىشىچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم. شۇنداقلا ئەسلى مەنبەدە تىلغا ئېلىنغان بىراق يازمىغا قىستۇرۇلمىغان بىر قىسىم ئايەتلەرنى تېمىغا قىستۇرغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا تېمىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم.
تېمىنىڭ مەقسىدى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەپەككۈر دۇنيارىمىزنىڭ رامكىلىرىنى ئازغىنە بولسىمۇ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىشتىن ئۆزگە ئەمەس.
ئاللاھنىڭ بۈيۈك ھېكمەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن كەڭ كائىناتنىڭ سىرلىرىغا ئاشىق بولۇپ، ئازغىنە ئەقلىمىز بىلەن سىرلارنى يەشمەككە ئۇرۇنۇپ كەلدۇق. ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش كېرەك بولغاندەك، ئىشىنىمەنكى ھەممىگە قادىر زاتنىڭ ئالدىدا قانچىلىك قۇۋۋەتسىز ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.


تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://www.speed-light.info/miracles_of_quran/speed_of_light.htm

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 22:13:48

بەك ئېسىل تېما ئىكەن،مەن مۇشۇنداق تېمىلارغا بەك قىزىقىمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 07:34:28

{:112:}

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 08:32:29

ئاينىڭ 12000قېتىم ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلانغاندىكى ئومۇمىي بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تازا چۈشۈنەلمىدىم.

Mr_Mystery يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 10:25:30

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 08:32 static/image/common/back.gif
ئاينىڭ 12000قېتىم ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلانغاندىكى ئومۇمىي ...

توغرىسىنى دېگەندە، بۇ يازمىنى تەرجىمە قىلغان مەنمۇ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىدىم. بىلىمنىڭ چولتىلىقىدە.! شۇڭا بى تەرەپ تۇرۇپ مۇشۇ ھەقتىكى ئىلمىي پىكىرلەرنى ئاڭلاپ باقاي دەيمەن. بىرەر كەسىپ ئەھلىنىڭ بۇ ھېسابلاشنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 12:11:56

پەرىشتىلەر ئىنسانلار ئىسپاتلىغان سىكىنوتىغا 300 مىڭ كىلومىتىر نۇر تېزلىكىدە يۈرىدىغان بولسا..ھەرگىزمۇ ئۇنچە تېز سۈرئەتتە ئىنسانلار بىلەن ئىلاھ ئوتتۇرسىدكى ئالاقىنى قىلالمايدۇ...پەرىشتىلەرنىڭ سىكونتلىق تېزلىكى مانچە مىڭ نۇر يىلى...ياكى مانچە مىليارد نۇر يىلىغا تەڭ بولىشى مۇمكىن..

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 13:22:54

   تېمىدىكى سانلىق مەلۇمات خېلىلا يېقىن كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان يەكۈن ئىلمىيلىكتىن يىراق، خاتا تەدبىقلانغان. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ ۋە قىلالايدۇ. ئاللاھ خالىسا تاشپاقىنى نۇر تېزلىگىدىن ئاشۇرالايدۇ.
  
【إِنَّمَا قَوْلُنَا لِشَيْءٍ إِذَا أَرَدْنَاهُ أَن نَّقُولَ لَهُ كُن!فَيَكُونُ
بىز بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولساق ئۇنىڭغا:«ۋۇجۇتقا كەل»دەيمىز- دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ】.
ﺳﯜﺭﻩ ﻧﻪﮪﻞ 40 - ئايەت.

【مَا كَانَ لِلَّهِ أَن يَتَّخِذَ مِن وَلَدٍ سُبْحَانَهُ إِذَا قَضَى أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ
«ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس ئاللاھ (بالىدىن شېرىكتىن) پاكتۇر ئاللاھ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا ’ۋۇجۇتقا كەل‘ دەيدۇ- دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ】.
ﺳﯜﺭﻩ ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ 35 - ئايەت.

【إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ- دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ】.
ﺳﯜﺭﻩ ﻳﺎﺳﯩﻦ 82 - ئايەت.

【هُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ فَإِذَا قَضَى أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ
ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ- دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ】.

ﺳﯜﺭﻩ ﻏﺎﻓﯩﺮ 68 - ئايەت.
    بەلكىم كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز بولغان سۈرئەتلەر بايقىلىشى مۇمكىن. لېكىن بايقالغان سۈرئەت قانچە تېز بولسۇن، غەىيىبى ئالەمدىكى <سۈرئەت> نى ئىزاھلاپ بېرەلىشى يوق گەپ. ئالدىمىزدا يەنە نىمىلەرنىڭ بايقىلىشى نامەلۇم.

【يَسْأَلُهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھدىن (مەدەت ۋە رىزق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھغا مۇھتاجدۇر) ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ)】.
ﺳﯜﺭﻩ ﺭﻩﮪﻤﺎﻥ 29 - ئايەت.
   

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 15:30:19

ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ  . ماقالىنىڭ مەزمۇنىمۇ ياخشى ئىكەن .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 17:53:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 22:50  



باش تىمىدىكى ئاينىڭ 1000 يىللىق (12000 ئايلىق )مۇساپىسىنى ھىساپلاشتا مەسىلە بولىشى مۇمكىن.
ئاينىڭ سائەتلىك ئوتتۇرىچە  سۈرئىتى  3682.07 كىلومېتىر؛
سېكۇنتلۇق ئوتتۇرىچە سۈرئىتى تەخمىنەن: 1.023كىلومېتىر؛
يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقتى: تەخمىنەن 27.32 كۈن؛ يەنى 655.71986 سائەت.

باش تىمدا كۆرسىتىلگەن 26.92848گىرادوس نىمە بۇلۇڭ بولغىيدى؟
(ئاينىڭ يەر شارى مەركىزى تەىرپىدىن  قىيپاش بولىڭىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممتىمىكىن دىسەم، ئۇنى 23.45 گىرادۇس دەيدۇ.)
شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە، 26.92848 نىمە بۇلۇڭ؟ نىمىشقا ئۇنى كۆپەيتىشكە تۇغرا كەلدى؟
يەنە بىر مەسىلە 1000 يىلدا، يەنى 12000 ئايدا ئاي شارىنىڭ مۇساپىسىنى ھىساپلايدىغان ئىش بولسا، نىمىشقا  پەقەت ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش ئوربىتىسىنى ھىساپقا ئېلىپ، يەر شارى بىلەن بىرلىكتە قۇياشنى تەڭ ئايلىنىۋاتقان يۆلىنىشتىكى  مۇساپسىنى ئويلاشمايدۇ؟ قۇياشنى ئايلىنىش تەرەپكىمۇ سېكۇنتتا 29.5 كىلۇمېتر، يەنى نۇر تېزلىكىنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭدىن بىرىچىلىك كېلىدىغان سۈرئەت بىلەن مېڭىۋاتقان تۇرسا؟  يەنە تېخى قۇياشمۇ مۇشۇ ھەمرالىرىنى سۆرەپ سامان يولى سېستىمىسى ئىچىدە تېخىمۇ يۇقۇرى سۈرئەتتە كائىناتتا كېتىپ بارغان يېرىمۇ بار .
ئەمەلىيەتتە ئاينىڭ ئوربتىسى تۆۋەدندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.

بۇ تېخى قۇياشنى جىم تۇرىۋاتىدۇ دەپ قارىغان ھالەتتى ئەھۋالى.

قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئەمەلىيتتىكى ھەركىتى تۆۋەندىكىدەك بولىشى مۇمكىن.
بەت: [1] 2 3
: قۇرئاندىكى نۇر تېزلىكى