Windows 9 ئېلان قىلىنىشقا بىر ئاي قالدى
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە مىكروسوفت Windows 9 نى 9- ئاينىڭ 30 – كۈنى تارقىتىدىكەن.
ھازىر مىكروسوفت بار كۈچى بىلەن Windows ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى ياساۋاتماقتىكەن.
ھېلىلا چەتئەل مېدىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىكروسوفت 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى Windows 9
باشتېمىسىدىكى نۇتۇق يىغىنى ئېچىشنى مۆلچەرلىگەن، شۇنىڭدەك ھەقسىز بولغان «Windows
ھەۋەسكارلىرى« ۋە ئاچقۇچىلارغا Windows 9 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
چەتئەل مېدىيەسى بولغان Theverge خەۋىرىدە، بۇ قېتىمقى Windows 9 باشتېمىسىدىكى نۇتۇق
يىغىنىغا مىكروسوفت ئىچكى قىسىمدىكى ئەترەت مەسئۇل بولىدىكەن، شۇڭلاشقا ئەڭ ئاخىرىقى يىغىن
ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىمالى باركەن. بۇ قېتىمدىكى يىغىندا Windows 9 باشتېمىسىدىكى يىغىن
مەزگىلىدە، مىكروسوفت Windows 9 نىڭ ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسىنى ئېلان قىلىدۇ،
شۇنىڭدەك بۇ قېتىم ئۇچۇر-تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى، ئاچقۇچىلار ۋە ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن Windows 9
نىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
Win7 , Win8.1 لەرنىڭ سىناپ كۆرۈش جەريانىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق Windows 9
ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى بىردە ھەقسىز چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلىنىدكەن ھەمدە باشلىق
ئىشلەتكۈچىلارنىڭ قاچىلاپ سىناپ باقسىمۇ بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىملىق Windows 9 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىگە
Mini Start باشلاش تىزىملىكى، ئۈستەل يۈزى كۆزنەكلەشكەن Modern قوللىنىشچان قورالى، Charm
دەرىجىدىن تاشقىرى تىزىملىكى، ئەسلىدىكى مەۋھۇم ئۈستەل يۈزى بىلەن بىرگە ئۈستەل يۈزى
نۇسخىسى بولغان Cortana ئاۋازلىق ياردەمچىسى قېتىلىدىكەن.
مەنبە: ئالپبەگ تور تۇرايى بىر چاغلاردا ۋىن 9نى جۇڭگۇدا چەكلەيدىكەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ئەمما نەدە ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە پەقەتلا يوق تۇردۇ ئىزدىنىشتا ئاڭلىغانلا، .قالدىسىنى 2 ئايدىن كىيىن رەسمى ئىلان قىلغان ۋاقتىدا بىلىمىز. ۋىن 8 نىمۇ ئىشلىتىپ باقمىغان تۇرسام يەنە يېڭى نەشرى چىقىپتۇ Windows 8 نىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەنلەرگە ھەقسىزمىدۇ ؟ ياكى باشقا سېتىۋالارمىزمۇ؟ Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 18:44 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا ۋىن 9نى جۇڭگۇدا چەكلەيدىكەن دىگەندەك گەپل ...
جۇڭگۇدا ‹‹جەڭچى4›› مۇ چەكلەنگەن . . . بۇيىل Windows بىلەن ئۈزۈل-كىسىل خوشلاشماقچى,خەيىر -خوش-Windows Apple يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 20:34 static/image/common/back.gif
بۇيىل Windows بىلەن ئۈزۈل-كىسىل خوشلاشماقچى,خەيىر -خوش-Windo ...
نىمە ئىشلەتمەكچىسىلە:D oylan يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 20:28 static/image/common/back.gif
Windows 8 نىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەنلەرگە ھ ...
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھەقسىزدەك تۇرىدۇ. راست گەپنى ئېيتقاندا ۋىن8 ۋە ۋىن 8.1 ئارىدىكى مەھسۇلات بوپ قالدى. ۋىن 9 ئاساسەن ۋىن يەتتىدەك سىستېما ئىكەنلىكى ئېنىق. kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 20:32 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇدا ‹‹جەڭچى4›› مۇ چەكلەنگەن . . .
ۋىن8 ۋە لىلارنى چەكلىشىدىكى سەۋەب بىرىنچىدىن بىخەتەرلىك ۋە پۇل مەسىلىسى ئىدى. ئىككىنچىدىن باشلاش تىزىملىكى يوقتى، بۇ قېتىم جۇڭگو ھۆكىمىتى ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ۋىن 9 نى ئۆزىنىڭ خاھىشىغا يېقىنلاشتۇردى. بۇرۇنقىدەك ۋىن7 نى ئىشلەتكەندەك بىمالال ئىشلىتەلەيمىز. Apple يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 20:34 static/image/common/back.gif
بۇيىل Windows بىلەن ئۈزۈل-كىسىل خوشلاشماقچى,خەيىر -خوش-Windo ...
ئەگەر كۆچۈش توغرا كەلسە مەك ئەڭ ياخشى تاللاش. چۈنكى مەكنىڭ بىخەتەرلىكى ۋىندوۋسقا قارىغاندا يۇقىرى. ئۆزى قىممەت، زاپچاسلىرى تېخىمۇ قىممەت بولغاچقا ئىشلەتكۈچىلەر ئاز، شۇڭا خاككېرلار مەك سىستېمىسىنى ئۆزلىرى ئىشلىتىپ، ۋىندوۋس سىستېلمىلىق كومپيۇتېرلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ئەمەسمۇ. Apple يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 20:34 static/image/common/back.gif
بۇيىل Windows بىلەن ئۈزۈل-كىسىل خوشلاشماقچى,خەيىر -خوش-Windo ...
ئەگەر كۆچۈش توغرا كەلسە مەك ئەڭ ياخشى تاللاش. چۈنكى مەكنىڭ بىخەتەرلىكى ۋىندوۋسقا قارىغاندا يۇقىرى. ئۆزى قىممەت، زاپچاسلىرى تېخىمۇ قىممەت بولغاچقا ئىشلەتكۈچىلەر ئاز، شۇڭا خاككېرلار مەك سىستېمىسىنى ئۆزلىرى ئىشلىتىپ، ۋىندوۋس سىستېلمىلىق كوميۇتېرلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ئەمەسمۇ parakende يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 23:22 static/image/common/back.gif
نىمە ئىشلەتمەكچىسىلە
ئالمىغا كۈچۈشنى قارارقىلىپ ,ئالمىنىڭ يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىشىنى ساقلاۋاتىمەن. قايسىسى قولايلىق بولسا شۇنى ئىشلىتىش پىرىنسىپى بۇيىچە تېخىچە ئىكىسپى ئىشلىتىۋاتىمەن ...... كۆزنەك 8نى ھۆكۈمەت تەرەپ ئىدارە ئورگانلارغا ئىشلىتىشنى توختىتىپ(سەۋەبى دۆلەت بىخەتەرلىكى) ئۆز ئالدىغا جوڭگۇچە بىر سېستىما ئىشلەشنى قارار قىلغان China Operation System بۇ سېستىما پات ئارىدا بازارغا سېلىنماقچى
ئىشخانىدا ۋىندوۋس 7 ، ئۆيدە ۋىندوۋس 8.1 pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 08:35 static/image/common/back.gif
كۆزنەك 8نى ھۆكۈمەت تەرەپ ئىدارە ئورگانلارغا ئىشلىتىشن ...
بۇ سىستېمىغا كۆنۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا كەم دېگەندە بەش - ئالتە يىل كېتىدۇ alpbeg يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 10:32 static/image/common/back.gif
بۇ سىستېمىغا كۆنۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا كەم دېگەندە بە ...
دۆلىتىمىز دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىن بولۇپ قالغاچقا، ھازىر كومپىيوتېر مەشغۇلات سېستىمىسى، ئىنتىرنېت قاتارلىق جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالماي ، بەكمۇ زىيان تارتىۋاتىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەتمۇ كۈچەپ بۇ سېستىمىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مونوپولىدىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىدا، چۈنكى رىقابەت ۋاقىتى قىس بولغاچقا، 2020-- يىلى ئامېرىكىدىن ئىقدىسادى جەھەتتە ئۆتۈپ كېتىمىز دىگەن پىلانغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئاجىز نۇقتىلارنى تېز، چىڭ ،جايىدا بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزلەپ كىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ كۆزنەك 8نى ئىشلىتىۋاتقىلىمۇ بىرە ئىككى يىل بولاپ قالدى، بۇ سىستىمىنى ئىشلىتىپ، كومپۇتېرنى تاقاپ توك مەنبەسىنى ئۈزىۋىتىپ، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن قوزغىتاي دەپ توك مەنبە كۇنۇپكىنى شۇندا باسسام، ئىكران يورۇپ بولغىچە كۆزنەك قوزغىلىپ مەخپى نومۇر كىرگۈزىدىغان يىرىگە كەپ بولىدۇ، نەچچە قېتىم سىناپ باقتىم، ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇخلىتىپ قويغان ئوخشايمەن دەپ قايتا ئۆچۈرۈپ سىناپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش.
دىمەك كۆزنەك 8نىڭ قوزغىلىشى شۇنداق تىز بوپ كەتتىمۇ ياكى مىنىڭ كومپۇتېرىم بەك شاش بوپ قالدىمۇ:lol :lol:lol:lol ؟
مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئۇچرىغانلار بارمۇ؟ udun0903 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 15:32 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كۆزنەك 8نى ئىشلىتىۋاتقىلىمۇ بىرە ئىككى يىل بولاپ ...
توغرا دەيسىز.سۈرئەت راستىنلا تېز.مەنمۇ ھەقىقى نەشىردىكى ۋىندوس 8نى ئىشلەتكەن ئىدىم.بۇ مەشخۇلات سېستىمىسى ئۈچۈن ئالىم ئەھەت قاتارلىق ئالىملىرىمىز بوش كۈچىمىدى.مەن بۇنى ئىشتلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بەت:
[1]
2