choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 15:51:36

قىزىم مەن ئېيتاي سىز ئاڭلاڭ!( تەرجىمە)

قىزىم،  ئانا بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇقلارغا ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش تەجرىبەم ھەققىدە سىزگە ئازراق سۆزۈم بار،بەلكىم ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەربىر جۈملىسى مۇتلەق ھەقىقەت بولماسلىقى مۈمكىن بىراق بۇلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتسىڭىز چوقۇم بەختلىك ياشىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.
1.        ھەرۋاقىت ھەممە ئىشتا بىرىنچىلىكنى تالىشىپ يۈرمەڭ.
2.         مۇكەممەل دوست ئىزدىمەڭ ھەم بەك جىق دوست تۇتىۋالماڭ
3.        باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم بەرسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ يولى ئوچۇق بولىدۇ
4.        ساختىلىقلارغا سەمىىيلىك ئارقىلىق ئاددى ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىۋېلىڭ.
5.        ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىڭىزمۇ ياكى يول سۈپۈرىدىغان تازىلىق ئىشچىسى بولسىڭىزمۇ سىز ئوخشاشلا مېنىڭ قىزىم، بىراق چوقۇم ئېسىل ئىنسانىي خىسلەتنى يوقاتماڭ، يول تازىلىق ئىشچىسى بولغان تەقدىردىمۇ  يورۇق پاكىز دۇنيادا ياشىغىلى بولىدۇ.
6.        مەكتەپنىڭ ئىمتىھانلىرىدا 59 نومۇر ئېلىپ قالسىڭىز مەيلى بىراق كىشىلىك ھايات ئىمتىھانىدا لاياقەتسىز بولىشىڭىزغا يول قويالمايمەن.
7.         گۈزەل ئەخلاق بۇ دۇنيادىكى مەڭگۈ توزىمايدىغان بىردىن بىر خۇشپۇراق گۈل بۇنى ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭ
8.         مۇھەببەت بىر گۈزەل بۇژزۇنغا ئوخشايدۇ، ھاياتلىق سەپىرڭىزدە بۇ مۇھەببەت دولقۇنىدىن ئۆتكەندە بۇژغۇنلارنىڭ زەربىسىگە بەردارلىق بېرەلمەيمەن دەپ قورقۇپ چىن مۇھەببەتتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەڭ .
9.         مەيلى قانداقلا بولسۇن چوقۇم بىرنەچچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ۋە قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈڭ.
10.         بىر قېتىم سادىر قىلغان خاتالىقنى ياخشىسى قايتىلىماڭ.
11.        باشقىلارغا ياردەم بېرشىنى ئادەت قىلىڭ ، باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە سىزمۇ تەڭ كۈچلىنىپ بارىسىز.
12.         ئۆزىڭىزگە خاس خاراكتىر ئۆمرىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك پەزىلەتتۇر.
13.          بەزى ۋاقىتلاردا چوڭلاردىن قالغان بىرەر جۈملە ئەقلىيە سۆز  سىز ئۆگەنگەن چەتئەلچە سۆزلۈكلەردىن بەكرەك ئەسقاتىدۇ.
14.        ئىسراپچىلىق قىلماڭ بىر قاچا شۇۋگۇرۇچنىڭمۇ پىشىپ قاچىغا چىقمىقى سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ھەم ئاسان ئەمەس.
15.         قاچىنى چېقىۋەتسىڭىز كەچۈرىۋېتەلەيمەن بىراق يالغان ئېيتىشقا بولمايدۇ.
16.         قىزىم مەن ناھايىيتى ئاددى بىر ئايالمەن، دۆلەت پېرزىنتى ئەمەس، شۇڭا بەك جىق تەلەپلىرىڭىزنى قاندۇرۇپ بولالمايمەن.
17.        مەن سىزگە ئاپىلا ئەمەس بەلكى سىزنىڭ دوستىڭىزمەن.
18.         ئىشنىڭكى ،-ساغلاملىق خۇشاللىقىنىڭ بۇلىقى.
19.        يىغلىغىڭىز كەلگەندە ئۆزىڭىزنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ ئىچىڭىزنى بوشىتىۋېلىڭ.
20.        ھاياتلىق بىر پىيالە چايغا ئوخشايدۇ، بىر ئۆمۈر قىرتاق بولمايدۇ، لېكىن ئاندا ساندا قىرتاق بولغىنىمۇ ياخشى.
21.        ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىڭىزنى ئېنىق بىلمىسڭىز قەيەرگە بېرىپ توختاشنىمۇ بىلمەيسىز، قەيەرگە بېرىشنى بىلمىسڭىز ئۇنداقتا ھەق يولدا ئۇزۇنغىچە تۇرالماي نىشان يۈتتۈرۈپ ئېزىپ قالىسىز.
22.        ھەركۈنى كۆپرەك ئىشلارنى قىلىڭ ھەم بۇ خىل ئادەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ.
23.        ھەرقانداق ۋاقىتتا قىيىنچىلىقنىڭ ۋاقىتلىق  ئىكەنلىگە، مۇۋەپپىقىيەت قىيىنچىلىقتىن كۆپرەك بولىدىغىنىغا ئىشەنچ قىلىڭ.
24.         ئېتىقاد ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن قۇدرەتلىك ھەممىگە غالىپ كۈچتۇر.
25.        گۈزەل ھىسسى ھالەت ھامىنى گۈزەل تاشقى كۆرۈنۈشتىن مىڭ ئەۋزەل.
26.        كەمتەرلىك، سەمىمىيلىك ۋە تىرىشچانلىقىنى ھايات يولىڭىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان گۆھەر دەپ بىلىڭ.
27.        ئىشلارنى تېزلىكتە ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇڭ،بۇ چوقۇم ئىشلارنىڭ ياخشى باشلىنىشىدۇر، مىننەتدار بولۇشنى، سىزگە ياردەم قىلغان ھەربىر ئادەمگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ.
28.        ھەر بىر كۈنىڭىزنى خۇددى ھاياتىڭىزدىكى ئاخىرقى بىر كۈننى ئۆتكۈزىۋاتقانداق قەدىرلەپ خوشال ئۆتكۈزۈڭ.
29.        ھەمكارلىشىشنى بىلىڭ، ھەمكارلىقمۇ بىر تېرەن  گۈزەللىكتۇر،چۈنكى بىر تامچە سۇ پەقەت دېڭىزغا قوشۇلغاندىلا ئاندىن گۈزەل دولقۇنلارنى ھاسىل قىلالايدۇ،يەنە شۇنى ئېسڭىزدە تۇتۇڭكى قىزىم:- گەپ قىلغاندىكى ئىنتۇناتسىيىڭىزنىڭ ئوينايدىغان رولى سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ مۇھىم  بوپ قالىدۇ.
30.        شۇنى ئۇنۇتماڭكى قىزىم: بەلكىم بەزىدە نەچچە قېتىملاپ، ھەتتا ھەسسىلەپ ئەجىر قىلىپمۇ ئەجرىڭىزگە چۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن. لېكىن بۇنداق چاغدا  بەل قويىۋەتمەڭ، پۈتۈن ئەجرىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ، چوقۇم كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىسىز.
31.         ئېرىشكەن غەلبىڭىز ھامىنى ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ
32.        ھاياتلىق سىزگە ئەگەر چۈچىمەل لىمۇن ئاتا قىلغان بولسا ۋايسىماستىن ئۇنى ئىچىشلىك لىمۇن شەربىتىگە ئايلاندۇرۇشنى بىلىڭ.
33.        قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان قۇياش ئۈچۈن يىغلىماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز ئاينىمۇ قولدىن بېرىپ قويسىز.
34.        ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتە كەمتۈكى بار كىشىلەرنى مازاق قىلىپ كۈلمەڭ!
35.        ئەگەر سىز ئۇتۇپ چىقسىڭىز رىقابەتچىڭىزگە ھىچ بولمىغاندا سەمىمىي كۈلۈمسىرەشنى بولسىمۇ ئاتا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
36.        كىشىلەر مەغلۇبىيەت غەلىبىنىڭ ئانىسى دىيىشىدۇ، بىراق قىزىم ئېسىڭىزدە بولسۇن غەلىبە بولسا ئۇتۇقنىڭ چوڭ ئانىسىدۇر.
37.        كۆڭۈلسىز ئىشلارغا كەچكىچە چاپلىشىۋالماڭ، ئۇنداق ئىشلارنى يىراققا تاشلىۋېتىشنى بىلىڭ.
38.        ھەرقانداق ۋاقىتتا پۈتۈن ھاياتىڭىزنى خۇددى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئاشۇ بىر دانە ھەسەل ساندۇقىغىلا بېغىشلىۋەتمەڭ.
39.        باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇشنى بىلمىسڭىز باشقىلارنىڭمۇ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيسىز، بىراق ھەددىدىن زىيادە كەڭ قوساقلىق قىلىپ غورۇرىڭزنىمۇ يوقۇتۇپ قويماڭ.
40.        يامغۇر ياغقاندا ئاندىن كۈنلۈك ئالمىغانلىقىڭىز ئېسىڭىزگە كەلمىسۇن،يامغۇرلۇق كۈنلەرنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىقىڭىز بولسۇن، ئىمكانقدەر يامغۇر ياغقاندا باشقىلاردىن كۈنلۈك ئارىيەت ئالماڭ.
41.        ياخشى ئوي پىكىرلىرىڭىزنى قەغەز يۈزىدە خاتىرلەپ مېڭىشنى ئادەت قىلىڭ.
42.        ئۆزىڭىز ئىشەنچ قىلالمىغان ئىشلاردىن گۇمان قىلىشقا،ھەم سۈرۈشتە قىلىشقا جۈرئەت  قىلالايدىغان بولۇڭ.
43.        كىتاپ ئوقۇش  بىلىم ئېلىشنىڭ ،ئۆگۈشنىڭ يولىدۇر؛ تەبىئەتنى ،جەمئىيەتنى چۈشۇنۇش بولسا تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئۆگۈنۈش يولىدۇر.
44.        ئىشلارنى قىلىشتا تەشەببۇسكار بولۇڭ، يەنى باشقىلار سىزنى شۇ ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشتىن ئىلگىرى شۇ ئىشنى ئۆزىڭىز بىلىپ قىلىشنى بىلىڭ.
45.        باشقىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويماي دىسىڭىز بىلىدىغانلىرىڭىز باشقىلاردىن كۆپ بولسۇن.
46.        ھورۇنلۇق ئادەمنى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن خورىتىۋېتىدۇ، سۆرەلمىلىك قىلىش بولسا  ئەڭ ناچار ئادەتتۇر.شۇڭا ھورۇنلۇق سۆرەلمىلىك قىلىشتىن يىراق تۇرۇڭ.
47.        ئۆز ئۆزىڭىزنى قوغداشنى ، تېنىڭىزنى تۈرلۈك زەخمەتلەردىن ساقلاشنى بىلىڭ.
48.        پەقەت ئامال بولمىغان ئەھۋالدا يالغۇز ھەركەت قىلسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا  ئۇنداق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 17:47:26

«قىزىم سىزگە ئېيتاي، كېلىنىم سىز ئاڭلاڭ»مۇ يا؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 07:40:07

راستىنلا تەرجىمە ئىكەن

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 08:04:02

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 17:47 static/image/common/back.gif
«قىزىم سىزگە ئېيتاي، كېلىنىم سىز ئاڭلاڭ»مۇ يا؟

:lol  كېلىنمۇ قىزىمغا ئوخشاشقۇ؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 08:06:31

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 07:40 static/image/common/back.gif
راستىنلا تەرجىمە ئىكەن

ئاخىرىغا ئانا تىلدا ئۆز قەلەمدە يېزىلغان نەسىھەتلەر قوشۇلسۇنمىكىن دەپ مۇشۇنى بولسىمۇ چىقىرىپ قويدۇم. نەسىھەتنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت!

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 09:15:58

قېنى داۋامى؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 15:31:44

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 09:15 static/image/common/back.gif
قېنى داۋامى؟

شۇ سىلەرگە ساقلاۋاتىمەن{:147:}
بەت: [1]
: قىزىم مەن ئېيتاي سىز ئاڭلاڭ!( تەرجىمە)