مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Cartoon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-26 14:53مەن ئەڭ ئاخىرى قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ، نەچچە كۈن بۇرۇن يېزىپ تەييارلاپ قويغان ئىستىپانامەمنى باشلىقىمنىڭ ئۈستىلىگە قويدۇم. باشلىقىم تۇرۇپ ماڭا، تۇرۇپ ئىستىپانامەمگە قاراپ: «بۇ قانداق ئىش، سىز راستلا خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەرمەكچىمۇ؟...» دەپ ماڭا ھەيرانلىقتا قارىدى. «شۇنداق، مەن ئىستىپا بېرىمەن!» دەپ كۈلۈمسىرىگەچ جاۋاب بەردىم. مېنىڭ، باشلىقىمنىڭ ئىشخانىسىگە كىرىشىم بۇ بىر قېتىملا ئەمەس ئىدى. بۇندىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىملاپ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك كىرگەنىدىم. شۇڭا، بىز ئىشخانىدا بۇ ئىش توغۇرلۇق كۆپ تالاش – تارتىش قىلمىدۇق. مەن ئىستىپانامەمنى تاپشۇرېۋېتىپلا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. شۇنداق قىلىپ 24 يىللىق خىزمەت سىتاژىمدىن؛ 24 يىللىق ئاخباراتچىلىق خىزمىتى كەسىپىمدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ دادىل قەدەملىرىم بىلەن ئىدارىدىن ئايرىلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتىم.
بەلكىم بۇ قۇرلارنى ئوقىغىنىڭىزدا سىزدە «بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن 20 نەچچە يىللىق خىزمىتىدىن ئىستاپا بېرىدىغاندۇ؟» دېگەندەك ئويلاردا بولۇپ قالغانسىز. بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددىي. ھاياتلىق ھەممە ئىنسانغا چەكلىكتۇر، مەن بۇ قىسقىغىنە ئۆمرۈمنى ئاخىرى تۈگىمەس زېرىكىشلىك ئىشلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغۇم يوق. مەن كەسىپىمنى سۆيىمەن، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغۇم بار، مەن ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كەسىپنى قىلماقچى. ئۆزۈم خالىمايدىغان ئىشنى بىر ئۆمۈر قىلىپ پۇشايمان يېگۈم يوق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېرىپ مۇكچىيىپ،(ئاللا ئۆمرۈمنى بەرسە ئەلۋەتتە) پېنسىيىگە ئۆتۈپ، ئىشىك ئالدىدا ئۆتكەن – كەچكەنگە قاراپ، كۈن ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپ قېلىشتىن تېخىمۇ قورقىمەن. شۇڭا مەن بۇ خىزمەتتىن ئىككىلەنمەيلا ۋاز كەچكەنمەن.
مانا بۈگۈن مېنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ باش، پاناھسىز، يەككە - يىگانە ياشاۋاتقىنىمغا توپتوغرا 40 كۈن بولدى. تېنىم يېنىكلەپ ئىچىمدىن خۇددى غايەت بىر زور تاغ ئېلىپ تاشلانغاندەك ھېسسىياتتا تۇرماقتىمەن. كۈندۈزلىرى كەلگۈسى پىلانلىرىم ئۈستىدە ئىزدەنسەم، كېچىلىرى كۆزۈم ئوچۇق خىيال دېڭىزىغا غەرق بولىمەن، بۇندىن بۇرۇن ئويلاپ تېگىگە يېتەلمىگەن خىياللارىم ئەمدىلىكتە بىر – بىرلەپ يېشىلىپ ئۇلار بىلەن ئۈن –تۈنسىز پاراڭلاشماقتىمەن. خىياللىرىم خۇددى ياساۋ ئاتتەك ئۇياق –بۇياقلارغا چاپماقتا. پاھ! نېمە دېگەن شېرىن، نېمە دېگەن ئەركىن خىياللار بۇ- ھە؟!....
خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن قانغۇدەك ئۇخلاپ باقمىغان تەنلىرىم ئەمدىلىكتە ئىسسىق يوتقاندا تاتلىق ئۇيقۇنىڭ لەززىتىنى سۈرمەكتە. سۆيۈپ – سۆيۈپ قانمىغان بالىلىرىمنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ، تۇرمۇشنىڭ، ئائىلەمنىڭ ھەقىقىي پەيزىنى سۈرمەكتىمەن. ئەمما ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بولغاندەك، تۇرمۇشۇمنىڭ بۇنداق بىر خىل رېتىمدا تېنچ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەلۋەتتە. مەن ھەقىقەتەن ئاللاغا ھەم تەقدىرىمگە تەۋەككۈل قىلدىم، بۇندىن كېيىنكى قىسمەتلىرىمنىڭ قانداق بولۇشىنى بىر ئاللا ئىگەم بىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلماي قىلماي بولمايدۇ-دە؟! خىزمەتتىكى ۋاقتىمدىغۇ قانداقلا بولمىسۇن ئايدا 4-5 مىڭ يۈەن مۇقىم كىرىپ تۇرىدىغان مۇئاشىم ۋە مۇكاپات پۇللىرىم بىلەن ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىنى قامداپ كۈنلىرىمنى غەم – ئەندىشىسىز ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن. ئەمدىچۇ، ئەمدى مەندە ئايدا ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرغان بۇ «ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى» بىراقلا ئۈزۈلدى. يېنىمدا پەقەت قۇرۇقدېلىنىپ قالغان ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاش كارتىسىلا قالدى. تۇرۇپلا بۇ رېئاللىققا ئىشەنمەي خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرگىنىمدىن چۆچۈپ، روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەكلا ھېسسىياتتا بولۇپ قالىمەن. ھازىرغۇ قانداقلا بولمىسۇن بۇندىن بۇرۇن يىغىۋالغان «دۇنيا» رىم بىلەن كۈنۈمنى ئۆتكۈزىۋاتىمەن. «يېتىپ يەۋەرسە تاغمۇ توشىمايدۇ» دېگەندەك بۇ «دۇنيا» رىم تۈگىسە قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئۆيۈمدە گۆدەك بالىلىرىمنىڭ غەمسىز كۈلۈپ – يايراپ ئويناشلىرىنى كۆرگۈنىمدە ئۇلارغا قاراپ چوڭقۇر خىياللارغا پاتىمەن. ھەم كۆڭلۈمدە: «كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ ئىشسىز بولۇپ قېلىش سەۋەبىم، بالىلىرىم ئېغىر كۈنلەرگە قالارمۇ؟ ئەي ياراتقۇچى ئىگەم، خوتۇن - بالىلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم» دەپ نالە قىلىپ ئازابلىنىمەن. نەچچە كۈن ئاۋۋال تېخى ئۇماق قىزىمنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن: «دادا، دادا ئەمدى سەن ئىشلىمەيدىغان بولدۇڭمۇ، بەك ياخشى بولدى، ئەمدى سەن بىزنى كۈندە باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتامسەن؟...» دەپ ماڭا نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ قاراشلىرىنى كۆرگىنىمدە دىماقلىرىم ئېچىشىپ، كۆزلىرىمدىكى ياشنى يوشۇرۇشقا ئاران ئۈلگۈردۈم.
خەير، ئالدىمدا يەنە قانداق قىسمەتلەرنىڭ ساقلاپ تۇرغىنىنى، تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلگۈچى ئاللا، مەن پەقەت بىر ئاجىز بەندىمەن. بۇ دۇنيالىقتا ئاللا ھەر بىر بەندىسىنى ئۆز رىزىقى، شۇغۇللىنىدىغان كەسىپى بىلەن تەڭ ياراتقاندەك، بەلكىم مېنىڭمۇ بۇ ئالەمدە كۆرۈدىغان كۈنۈم ھەم رىزىقىم باردۇ! بۇ ئالەمدە مەندىنمۇ ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقان قېرىنداشلىرىم بارغۇ؟ مېنىڭ بۇنچىلىك ئازاب چېكىپ قايغۇرۇشۇمنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ شۇكرى ئاللاغا، جىسمىمنى، روھىمنى پۈتۈن ياراتقان ئاللا ئىگەمگە مىڭ مەرتىبە شۇكرى!!!
2014 – يىل ئۈرۈمچى
ئادىلجان ئابلىزنىڭ قىسقىچە ئارخىبى
ئىسىم – فامىلىسى: ئادىلجان ئابلىز
يۇرتى: شىنجاڭ قاراماي
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1971 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 - كۈنى
ئوقۇش تارىخى: 1987 – يىلدىن 1990 - يىلىغىچە قاراماي دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ گۈزەل، سەنئەت كەسىپىنى تاماملىغان.
1992 –يىلىدىن 1994 – يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ گۈزەل، سەنئەت فاكولتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان.
خىزمەت تارىخى: 1990 –يىلدىن 1994 – يىلىغىچە قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە گۈزەل، سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولغان.
1994 – يىلى «قاراماي گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە گۈزەل، سەنئەت مۇھەررىرى بولغان. 2014 – يىلى 7 – ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن.
ھازىرقى خىزمەت ئورنى: يوق (يەككە)
قىزىقىدىغان كەسىپلىرى: رەسساملىق، بىناكارلىق لايىھىلەش، خەتتاتلىق، ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش، ئاۋاز بېرىش...
نەتىجىلىرى: قاراماي، مايتاغ، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە بولۇپ، جەمئىي 3 قېتىم شەخسىي ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئاخبارتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەسەرلىرى 2،- 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ھەم ئۇلار ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىلەردە نەتىجىگە ئېرىشكەن. 500 پارچىدىن ئارتۇق ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدا چىقىرىلىۋاتقان گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: (قاراماي) 15009908073، (ئۈرۈمچى)15276617748 ئۇندىدار: 274343404
تور بېكىتى:www.adiljan.com
گۈلدەك ھۈنىرىڭىز بار.قالغىنىنى خۇدا ئاسان قىلىدۇ.
قانداق ياشاشنىڭ توغرا ياكى خاتاسى يوق:lol ئىدىيەڭدە مەسىلە بار، دېمىگەندۇ؟ ئادەم ئۈزۈكسىز كېلىپ تۇرىدىغان ئىقتىسادىي كاپالەتتىن قول ئۈزگەندە، روھىيەت جەھەتتىن بىر قېتىملىق چوڭ چايقىلىشقا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى ئويغىتىدىغان تاللاشتۇر. مەن بۇ ئىرادىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بەردەم بولۇڭ. ئەمدىكى بارلىق ۋاقتىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ. پىلان، ئورۇنلاش ئۆزىڭىزنىڭ. باشلىقمۇ ، چاكارمۇ ئۆزىڭىز...!{:112:} abdulehed يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 15:00 static/image/common/back.gif
ئىدىيەڭدە مەسىلە بار، دېمىگەندۇ؟
شۇنداقمۇ دەپ باقتى، ئەمما مەن ئۇلارغا «ئۆزۈڭلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە ئېغىر» دەپ جاۋاب بەردىم:) ئاللا رىزقىڭىزنى كەڭ قىلسۇن ئەركەكتەك ئىش قىپسىز Cartoon يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 15:02 static/image/common/back.gif
شۇنداقمۇ دەپ باقتى، ئەمما مەن ئۇلارغا «ئۆزۈڭلارنىڭ ئ ...
:lol
ئاللاھ ياردەم قىلغاي. بولسا تور بېتىڭىزگە بۇرۇن ئىشلىگەن ئەسەرلىرىڭىزنى چىقىرىپ قويۇڭ.
شىركىتىمىزنىڭ تەشۋىقات فىلىمىگە ئاۋاز بېرىدىغان ئىش بار ئىدى، سىزگە تېلفۇن قىلىمىز. ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن . بەندە رىسقى بىلەن يارالغان . Yexilbiotech يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 15:05 static/image/common/back.gif
بولسا تور بېتىڭىزگە بۇرۇن ئىشلىگەن ئەسەرلىرىڭىزنى چىق ...
رەھمەت قېرىندېشىم، مەن دەل شۇ ئىشلارغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن:handshake بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-26 15:46
بۇ يازمىنى ئوقۇپ خۇددى مەن ئىستىپا بەرگەندەك بىر پەسلى ئويلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. خېلى ئۇزۇن ئىشلەپتىكەنسىز ئۇ كەسپتە.
سىز تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئەشۇ خىزمەتنى جان دىلى بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەستۇ ھەقىچان. سىز گۈزەل سەنئەتكە بەكرەك قىزىقىپ مۇشۇ قىزىقىشىڭىزغا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ، ھەم تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ شۇنىڭدىن ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي يۆلەك بولۇپ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئوخشايسىز. سىنىپىيلىك تەركىۋى بار خىزمەت قىلىشقا 20 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەپمۇ كۆنمىگەن ئوخشايسىز.
بەلكىم شۇ خىزمەتتىن ۋاز كېچېىشنى خېلى بۇرۇنلا ئويلاپ كېلىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن.
گۈزەل سنەئەتتە ئالاھىدىلىكى با ركىشىلەر ئۆي بىزەيدىغان ئىشنى قىلسىمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرىىدىكەن. ناخشا -مۇزىكا ئىشلىرىدا ئالاھىدىلىكىڭىز بولسا شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرەر ئىش قىلىپ نان تېپىپ يىگىلىمۇ بۇلار. بۇلاردىن باشقىمۇ يەنە سىزنىڭ ئىقتىدار ۋە قىزىقىشىڭىزنى جارىي قىلدۇرىدىغان مۇۋاپىق خىزمەتلەر چىقىدۇ. بولسا كىيىنكى ئىش ـــ ئىزلىرڭىزدىن ۋاقىپ بۇلۇپ تۇرساق بوپتىكەن ! بىر يىل بولدى ئىنتاھان بىرىپ ئۇتەلمەيۋاتقىلى
بۇدا يەنە بىر كۇچەپ باقاي .
ئازراق چىدىۋاتسىڭىز پىسىيەگە چىقاركانسىزغۇ ؟ خۇدايىم مىدىرىغاننىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ!
ئۈچ يىل بۇرۇن ئۈچ يىل ئىشلىگەن شىركەتتىن مەنمۇ شۇنداق چىقىپ كەتكەن،كەسپقۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان كەسپتى،بىراق مۇئامىلىگە ۋە تەمىناتقا كۆنمەي چىقىپ كەتكەن. شۇچاغدىمۇ چىقىپ كەتكەندە «ئىستاكىنىم قايتىپ كەلدى»دەپ مۇشۇنداقراق بىر يازما يازغانتىم مۇشۇ مۇنبەرگە. ھازىر مانا تاپاۋەت باردا بار،يوقتا يوق،بىراق ۋاقىت پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ ئىلكىدە. ۋاي بۇ ئاجايىپ ھوزۇر ھېي، كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەيدىغانلار بۇنىڭ ھوزۇرىنى بىلمەيسىلەر... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-26 16:40
ئاللا غا تەۋەككۈل قىلغانكەنسىز ، ئاللاھ رىسقىڭىزنى ھەرگىز كەملىتىۋەتمەيدۇ .
مەيلى نىمىلا ئىش قىلىڭ ئىنسان پۈتۈلگەن رىسقىنى يەيدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ بەرگەن ياخشى ھۈنەرلىرىڭىز باركەن ، كېيىنكى تۇرمىشىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن .
ئۆلمەسنىڭ دورىسى دېمىسىمۇ كىشىنى بىكارتەلەت قىپقويىدۇ ، ئەمدى تېخىمۇ ياخشى ئىجادىيەتلىرىڭىز بىلەن كۆرىشىدىكەنمىز . زادى ھازىر نىمە ئىش قىلساق بۇلىدۇ ؟ئاشۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىكى ئىرادە نەدىن كىلىدۇ؟
ئائىلە،ئۇرۇغ-تۇققانلاردىكى تاپا-تەنىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ياشاپ كېتىڭ!ئۆزىنىڭ ۋاقتى ئۆزئىلكىدە بۇلۇشقا،ئۆزى قىزىققان ئىشنى قىلىشقا نىمىمۇ يەتسۇن! 2006-يىلى تۇنجى قېتىم مائارىپ سېپىغا قوشۇلغان ۋاقتىمدا شىنجاڭ مەدەنيتىدە زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكنىڭ «بۇ كۇنلەردە رېسقىم بار» يازمىسنى ھوزۇر ۋە ھەياجان بلەن ئوقۇغۇنۇم ئىسىمدە، ئەمما ھامان بۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىمەن...ئاڭغىچە جېنىمنى باققاچ باللىرىمنى ياخشى تەربىيەلەي....
سىز گە قايىل بولدۇم....نوچى ئىكەنسىز...
سۈرەتنىڭ ئۆزىگە خاس سېھرى كۈچى دېگەن دەرسنى ئۆتكەن ۋاقتىمدا سىزغان ھەجىۋى رەسىملىرىڭىز باللارنى ئاجايىپ جەلىپ قىلدۇ... قۇرۇلۇش بىناكارلىق خەرىتىسنى سىزىشقا ئازراقلا كۈچىسىڭىز بۇنىمۇ قىلىپ كەتكۈدەكسىز .
چۈنكى كەسپىڭىز گۈزەل-سەنئەتكەن ئەمەسمۇ؟ ئەركەك