tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 08:50:57

ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawpik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 08:56  

" تۆگى-تۆگىلەڭ" ئويۇنى
" تۆگى-تۆگىلەڭ" ئويۇنى-بىر يىلىنىڭ قىش پەسلىدىن باشقا ھەممە پەسىلدە ، يەنى ئالاھىدە سوغۇق ۋە پەۋقۇلئادە ئىسىسىق بولىمىغان ئەھۋال ئاستىدا تالا- تۈزدە، دەل- دەرەخج سايىسىدە قىز-ئۇغۇللار بىرلىكتە ئوينايدىغان بىر خىل قوشاقلىق ئۇيۇن. بۇ ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان بالىلار ئۆزلىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن ئىككى " ئانا" نىڭ تاللاپ بۆلۈشى ئارقىلىق ئىككى گۇرۇپىپىغا بۆلۈنىدۇ (ھەر بىر گررۇپىپىدا سەككىزدىن توققۇزغىچە بالا بولسا بولىدۇ). ئۇلاردىن بىر گۇرۇپپا قول تۇتۇشۇپ چەمبەر ياسايدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى " ئانا" سىنى باشقا ئېلىپ بويسېرى قاتار بۇلۇشۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئارقا پېشىنى تۇتۇشۇپ، خۇددى يىراق-يىراقلارغا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان تۆگە كارۋىنىغا ئوخشاش سەپ تۈزۈشىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار " قاتار تۆگىلەر" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن، دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قولتۇقىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشىدۇ-دە، بۇ ئىككى گۇرۇپپا بالىلىرى ئارىسىدا قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ،
دۈگلەك بولۇپ تۇرغاب بالىلار:
-قاتار-قاتار تۆگىلەر،
نەگە-نەگە ماڭدىڭلار؟
تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار:
-تۇزغا-تۇزغا ماڭدۇق بىز.

-تۇزۇڭ نەگە تۆۆۈلدى؟
-ئارا يولغا تۆكۈلدى.
-تاسقاپ-تاسقاپ ئالساڭچۇ؟
تاغرىڭ غا سالساڭچۇ؟
-تاغىرىمدا تۆشۈك بار،
ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار.
بۇ ئويۇن ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن يۇقىرىقى مەزمۇندا داۋاملىشىدۇ.


" چاچ كېسىش " ئويۇنى
" چاچ كېسىش" ئويۇنى ئادەتتە ياز پەسلىدىكى يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يامغۇر توختاپ ئاسماندا ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈنگەن چاغلاردا( ئايرىم ھاللاردا ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈنمىسمۇ مەيلى، ئەمما يامغۇر ياغقان بولۇشى شەرت) قىزلار تەرىپىدىن ھويلا-ئاراملاردا ئوينىلىدۇ. چۈنكى، بالىلارنىڭ چۈشەنچىسىدىمۇ ئۇنىڭ پەقەت ئۆينىڭ بوسۇغىسى ئەتىراپىدا ئوينىلىدىغىنى ئېنىق.
بۇ ئويۇننى ئويناشتا، قىزلار يامغۇر يېغىشقا باشلىغان ھامان چاچلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، تارغاق-سۈزگۈچ سېلىپ تاراپ، ئالدىن ئاز-تولا تەييارلىق كۆرۈۋالىدۇ. ئاندىن مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ مەلۇم بىر قىزنىڭ ھويلىسىغا يىغىلىدۇ-دە، يامغۇرنىڭ توختىشىنى، ھېچبولمىغاندا بىر ئاز پەسىلىيىشىنى كۈتكەچ" ياغاچ ئايپالتا" ياسايدۇ(قانچە گۇرۇپىپىغا بۆلۈنۈپ ئويناش پىلانلانغان بولسا، شۇنچە ئايپالتا تەييارلىنىدۇ). ئۆزلىرى خالىغانچە گۇرۇپىپىلارغا بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئويۇن كۆرسىتىش نۆۋىتىنى تالىشىدۇ.
ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى ئالغان قىز ئوڭ قولىدا(ئايپالتا)نى، سول قولىدا تال-تال ياكى بىر جۈپ ئۆرۈلگەن چېچىنىڭ ئۇچىدىن بىر-.ىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان قىسىمىنى تۇتۇپ بوسۇغىغا ئېڭىشىدۇ. ئويۇن كۆرىدىغان باشقا قىزلار ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىپ، دىقىىتىنى يىغىپ جىمجىت تۇرىدۇ. ئويۇن كۆرسىتىغان قىز ئۆزىگە ئوڭ كەلگەن تەرەپنى ئاساس قىلىغان ھالدا چېچىنى بوسۇغىغا ئوڭ-سول ياندىن قويۇپ، كۆڭلىدە " چېچىم تېز ئۇسسۇن، ئاۋۇسۇن، توم بولسۇن" دەپ، كەسكەندەك شەكىل پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى ھەرىكەت يۇقىرى تەرتىپ بويىچە شۇ كۈنى ئويۇنغا قاتناشقان قىزلار تەرىپىدىن تەكرارلىنىدۇ. ھەمىمىسى بىر قېتىمدىن " كېسىپ" بولغاندىن كېيىن، كېسىلگەن " چەچ" لىرىنى ھويلاۋە باغلاردىكى گۈللەرنىڭ تۈۋىگە كۆمۈۋېتىپ، ئۆزئارا" چېچىڭ ئۇزۇن، كۆپ، ئاۋۇشلۇق، تۇم بولسۇن" دەپ تەكرارلىشىدۇ، چىرايلىرىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ شادلىنىدۇ.

" چاچ ئۆرۈش " ئويۇنى
" چاچ ئۆرۈش" ئويۇنى-ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئوينايدىغان ، روشەن خاسلىققا ئىگە بىر خىل ئويۇن تۈرىدۇر.
بۇ ئويۇن ياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق (ھۆل-يېغىنسىز) كۈنلىرى ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىدا قىزلار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان يەتتە-ھەككىز قىز بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز ئالدىغا چاچلىرىنى چۇۋۇپ-تاراپ تەييارلىنىدۇ. ئۇلار ئىچىدىن بىر قىز ئويۇن رىياسەتچىسى قىلىپ سايلىنىدۇ، رىياسەتچى قىز ناشقا ئىش قىلماي، ئويۇن كۆرسىتىدىغانلارنىڭ ھىرىكىتىنى كۆزىتىپ، ئاخىرىدا لىللا دەرىجىگە ئايرىيدۇ؛ چېچىنى تەلەپكە لايىق ئۆرۈيەلمىگەنلەرنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە قايتا ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ، يەنىلا ئۆرۈيەلمىسە " جازا" بېرىدۇ. ئويۇن رىياسەتچىسى قىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن باشلىنىڭ، قىزلار بەس-بەستە چاچ ئۆرۈيدۇ.
شەرت" چاچ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىرىق تال( ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋال قانچە تال ئۆرۈش بېكىتىلگەن بولسا، شۇ بويىچە بولسىمۇ بولىدۇ) ئۆرۈلۈشى، چاچ ئۆرۈگۈچىنىڭ ھەرىكىتى تېز، قائىدىلىك، كۆركەم بولۇشى، ئۆزئارا پاراڭ سېلىشماسلىقى، چاچ ئۆرۈۋاتقان قىزلار بىر-بىرىگە قاراپ رەتلىك ئىككى سەپ تۈزۈپ ياكى ئىككى قىز بىر-بىرىگە قاراپ ۋە ياكى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشى؛ قانداق ئولتۇرۇشتىن قەتئىنەزەر، چاچ ئۆرۈۋاتقان تەرەپكە سەل-پەك ئېگلىپ ، قىزلارغا خاس ئەۋرىشىملىكىنى نامايەت قىلىشى، تازلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچىكىنى پاكىز تۇتۇشى لازىم.
ۋاقىت جەھەتتىن، ئويۇن رىياسەتچىلىكى ھەر بىر قىزغا بىر قېتىمدىن ئايلانغانغا قەدەر داۋاملىشىپ، يېڭىلگەنلەرگە " جازا" بېرىش بىلەن تاماملىنىدۇ.

" تۈپەك: ئويۇنى
" تۈپەك" ئويۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە مەھمۇت كاشىغەرىنىڭ " تۈركىي تىللار دىۋان" دىكى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈپەك- سۆگەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دەرەخلەرنىڭ نوتىسىدىن ياسىلىدىغان بىر خىل ئويۇنچۇق مىلتىق بولۇپ، بالىلار نويىنىڭ ياغىچىنى پوستىدىن سۇغۇرۇۋېلىپ، نەيچىگە كۇمىلاچ تىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇشقاچ ئېتىپ ئوينايدۇ. قۇشقاچ ئېتىشقا ئىشىلتىلىدىغان تۈپەك يەنە ياغاچىنىڭ ئىچىنى كاۋاك قىلىپ ئويۇش يولى بىلەنمۇ ياسىلىدۇ. ھازىر بۇ ئويۇنىنىڭ ئەسۋابى( تۈپىكى) ۋە جەريانىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. ھازىر ئادەتتە بالىلار ئەتىيازلىقى سۇ تۈپەك ياكى سۇ مىلتىقى بىلەن سۇ چېچىشىپ ئوينايدۇ. تۈپەك ئادەتتە قارا سۆگەت نوتىسىدا ياسىلىدۇ، ئالدى بىلەن سۆگەت بوتىسىنىڭ پوستىنى تولغاپ يۇمشىتىپ ئۇنىڭ ياغىچى چىقىرىۋېلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچ-تۆت سانتىمىېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر پارچە ياغاچ كېسىۋېلىنىپ، ئوتتۇرسىدىكى ئۆزەك قىسىمى ئىنچىكە زىخچا بىلەن كولاپ چىقىرىلىدۇ، يەنە شۇ ياغاچىنىڭ قالدۇق قىسىمىدىن توققۇز-ئون سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر پارچىسى كېسىپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن ھېلىقىتۆشۈك چىقىرىلغان، كىچىك پارچە ياغىچى چىقىرۋېتىلگەن سۆگەت پوستىنىڭ بىر بېشىغا كىزگۈزۈلىدۇ، ھېلىقى كېسىپ تاشلانغان قىسىمى يەنە بىر بېشىغا كىرگۈزۈلۈپ، سۆگەت پوستىنىڭ ئالدىدىكى پۈتەي قىسمىدىن تۆت سانتىمېتىردەك ئارلىق مەلۇم كەڭلكتە قاتار-قاتار تىلىپ تاشلىنىدۇ. بۇ تۈپەكنىڭ ساپ قىسىمى ئالدىغا ئىتتىرىلگەندە قاتلىنىپ، ئارقىغا تارتىلغاندا تۈرلىنىش رولىنى ئويناپ، خۇددى شىپىرسقا ئوخشاش سۇنى سۈمۈرۈپ-چىقىرىپ بېرىدۇ. بالىلار( سۇ مىلتىقى) نىڭ بۇ قائىدسىدىن پايدىلىنىپ، بىر-بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئوينايدۇ.

تارتما تارتىشماق ئويۇنى
تارتما تارتىشماق ئويۇنىدا ئون بالا بولسا، ئاۋۋال ھەر بىرىنى ئۆزىنىڭ باراۋەرىگە جۈپ قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئون بالىنىڭ ئىچىدىن ئىككى چوڭ بالا ئايرىلىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئىككىسى قالغان سەككىز بالا قاتارىدىكى ھەر بىر جۈپ بدلىدىن بىردىن بۆلۈۋالىدۇ، يەنى ئىككى چوڭ بالىنىڭ كەينىدە تۆتتىن سەككىز بالا بىر-بىرىنىڭ بېلىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئالىدىدا ئىككى چوڭ بالا بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتىدۇ. ئىككى تەرەپ شۇنداق تارتىشىپ، ئالدىدىكى چوڭ بالىنى قالغان تۆت بالا بىلەن قوشۇپ تارتىپ نىشاندىن ئۆتكۈزۈۋالسا يۋڭىۋالىدۇ. كۈچى يەتمەي تارتىلىپ كەتكەن بالىلار مات بولىدۇ.
بۇ ئويۇنىنىڭ يەنى" ئۆتۈشمەك"، " تارتىشماق" دېگەن ئىسمىمىۇ بار بولۇپ، بۇ ئويۇنىنىڭ تارىخى تولىمۇ ئۇزاق، يەنى " تۈركىي تىللار دىۋانى" دا بۇ ئويۇن ھەقىقىدە مۇنداق مەلۇمات قالدۇرۇلغان: " ئۆتۈش: ئويۇنىدا ئۆتۈش، بۇ ئويۇنمۇنداق بولىدۇ. بالىلار ھالقا شەكىلدە ئولتۇرۇپ، ئارىدىن بىرى يېنىدىكىسىنى تۈرتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆتۈش، ئۆتۈش دەيدۇ، يەنى سەنمۇ يېنىڭدىكى بالىنى تۇت دەيدۇ. ئۇمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ھالقىنىڭ تاكى ئاخىرىغىچە شۇنداق داۋام قىلىدۇ." تارتما تارتشماق ئويۇنى ھازىرقى شەكىلدە ئۆرە تۇرۇپ يۇقىرىقىدەك ئوينىلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن.

" ساقا " ئويۇنى
بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ كۆپ ئوينايدىغان ئويۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ، شاپتۇل ياكى گۈلە ئۇرۇقچىسى ياكى ياڭاقتا ئوينىلىدۇ. ئۇرۇقچىدا ئوينالغاندا خشتا ياسالغان ساقا، ياڭاقتا ئوينالغاندا ياڭاق ساقا قىلىنىدۇ. ئويۇنىنىڭ جەريانى مۇنداق:
يەتتە- سەككىز بلا بىر گۇرۇپپا بولۇپ تۈز سىزىق ئورۇننى تاللايدۇ. ئورۇن تاللانغاندىن كېيىن تۈز سىزىق بويىچە ھەر بىر چامدام يەرگە ئىككىدىن ئۇرۇقچا ياكى ياڭاق جۈپ قويۇلىدۇ. بۇ " گەن" دەپمۇ ئاتلىدۇ. ئاندىن نۆۋەت بىلەن گەنگە قارىتىپ ساقا يۇمىلىتىلىدۇ. بىرىنچى بولۇپ ساقا يۇمىلاتقانىنىڭ ساقىسى گەنلەرنىڭ بىرەرىگە تەگسە، ئۇ داۋاملىق ئوناۋېرىدۇ. شۇ ئويناش بىلەن گەنلەرنىڭ ھەمىمىسىنى سوقۇۋەتسە، شۇ نۆۋەتلىك ئويۇن شۇنىڭ ئۇتۇقى بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئويۇن يەنە قايتىدىن باشلىنىاۇ. ئەگەر ساقا گەنلەرگە تەگمەي، يۇمىلاپ بېرىپ بىر يەردە توختاپ قالسا، شۇ يەردىن مىدىرلىتلمايدۇ، ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى نۆۋىتى تۈگەپ نۆۋەت كۈتىدۇ. ئەگەر بىر-ئىككىسىگە، ھەتتا ميتلەق كۆپىگە تېگەىپ كېيىنكىلىرىدە تەگىمىسە ، ئۇمۇ نۆۋەت كۈتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كېيىنكى ساقا يۇمىلاتقۇچى " ساقا- پاقا ئارىلاش" دەپ ساقىسىنى يومىلاتسا، ئۇنىڭ ساقىسى مەيلى گەنگە تەگسۇن ياكى ساقىلارغا تەگسۇن، ئۇ ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرېۋىرىدۇ. ساقىسى سوقۇلۇپ كەتكەن، شۇ قېتىمقى ئويناش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ئۇتقان گەنلىرىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە ئىككى-ئۈچ مەيدان داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىدۇ.


" چاقپەلەك " (سارغايدى) ئويۇنى
" چاقپەلەك" ئويۇنى- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قەدەمدىن تارتىپ ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە باش باھار پەسلى(1-ئاي) دىكى يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويغان كۈندە- ھېيىت- بايرام كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. بۇ كۈنلەردە دېھقان-چارۋىچىلار ئانچە ئالدىراش بولىمىغاچقا، ئەنە شۇنداق توي-مەرىكە كۈنلىرىدە بۇ ئويۇن بىر نەچچە كۈن، ھەتتا ئون نەچچە كۈنگىچە قىزغىن داۋام قىلىدۇ،
چاقپەلەك تەخمىنەن 15-20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى خادا ياغاچقا ھارۋا چاقىنى كىيدۈرۈپ، چاقنىڭ ئۈستىگە ئىككى تال ياغاچ بىرگە جۈپلىنىپ باغلىنىپ ياسىلىدۇ. بۇ ياغاچ چاقنىڭ خادا ئۈستىدە مەزمۇت تۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئويۇنچىلار ئېسىلىپ تۇرىدىغان ئىلەڭگۈچ ئارغامچىلار شۇ چاق ئۈستىدىكى جۈپلىمە ياغاچقا مۇقىم بېكىتىلگەن بولىدۇ.
چاقنى ئايلاندۇردىغان يەنە بىر ياغاچ خادىنىڭ ئاستىغا توغرىسىغا قىلىپ مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ توغرا ياغاچنىڭ ئىككى چىشى چاققا ئارغامچا بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. توغرا ياغاچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۆتىتىن سەككىزگىچە ئادەم تۇرۇپ، بىر خىل تېزلىك بىلەن ئوڭ يۆنىلىشكە قاراپ ئىتتىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى چاقمۇ بىللە ئايلىنىپ، چاققا باشلانغان ئىلەڭگۈچتىكى ئىككى " ئۇچقۇچى" ئاستا- ئاستا كۆككى كۆتۈرىلىدۇ. چاق قانچىلىك تېز ئايلانسا، ئۇچقۇچىلارامۇ شۇنچىلىك تېزلىكتە ئېگىزگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇچۇش ئەۋجىگە چىققاندا، ئۇچقۇچىلار قىزغىن شاد- خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
بۇ خىل ئويۇنىنىڭ خاس قائىدە- تەرتىپى بولۇپ، يىگتۋېشى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئويۇن تەرتىپىنى بۇزغۇچىلار چىقىپ قالسا، قائىدە -تەرتىپكە ئاساسەن كۆرسىتىلگەن سەۋەنلىكنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، يىگىتۋېشى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. ئېغىر خىلاپىلىق قىلغۇچىلار مەيداندىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ.
" چاقپەلەك: ئويۇنى ھەر يىلى ھېيىت-بايرام كۈنلىرى ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلىكتىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئويۇن مەخسۇس توي- تۆكۈنلەردىمۇ ئوينىلىدۇ. توي قىلغۇچى ئۆزى خىراجەت قىلىپ بۇ ئويۇننى ئۇيۇشتۇرۇىدۇ.
" چاقپەلەك" ئويۇنىنىڭ ھازىرىقى ئوينىلىش ئۇسۇلىدىن باشقا، تارىخ بىر قەدەر ئۇزۇنراق بولغان يەنە بىر خىل ئوينلىش ئۇسۇلىمۇ بار. بۇ خىل ئۇسۇلدا چاقپەلەكنىڭ خادا ياغىچى تەخمىنەن ئالتەمېتىردىن سەككىز مېتىرغىچە بولۇپ، بۇ خادا ياغاچ يەرگە تىك قىلىپ مۇستەھكەم ئورنىتىلىدۇ. بۇ خادا ياغاچىنىڭ ئۇچىغا يەنىلا ھارۋا چاقى ياكى شارەكلىك چاق كىيدۈرۈلىدۇ، چاقنىڭ ئۈستىگە ( ) شەكلىىك ئىككى باستۇرۇق ياغاچ باغلانغان بولىدۇ. چاقنىڭ چەمبىرىگە ئوخشاش ئالىق قويۇپ، تۆت دانە ھالقا مۇستەھكەم بېكىتىلىپ، بۇ ھالقلاردىن تۆت تال ھالقا ئېسىلىپ ھەرىكەتلىنىش ئارغامچىسى چۈشۈرلىدۇ. بۇ ئارغامچا 80-100 كىلوگىراملىق كۈچىنىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، خادا ياغاچتىن 30-50 سانتىمېتىر قىسقا بولىدۇ. ئارغامچىنىڭ يۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ئۇچى ھەرىكەتلىنىپ، ئۇچقۇچىنىڭ يوتىسى پاتقۇدەك ئىلمەك قىلىپ چېگىلىدۇ. ئۇچقۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت كىشىدىن ئاشمايدۇ. بۇلار سول پۇتىنى ئارقانىنىڭ ئىلىمىكى ئىچىگە سېلىپ، سول قولىدا ئارغامچىنى مەھكەم تۇتىدۇ. يۇقىرىقى تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، ھەرقكەتلىنىپ كۆتۈرىلىدۇ ۋە ئايلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە، چاقپەلەكتە ئۇچقۇچىلار ئۇچۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ يەرگە چۈشىدۇ.
مەنبە:بىلىملەر تورى
بەت: [1]
: ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى