toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:03:39

كۆزلىرىڭدە قۇملاندىم



كۆزلىرىڭدە قۇملاندىم

يۇنۇس زۇننۇن


كۆزلىرىڭدە قۇملاندىم
ئاسمانلار ئەمدى بىزنىڭ بارخان...
ئىسىمسىز چۆللەردە قالدۇق
كەلمەسكە كەتتىمۇ بىزنىڭ كارۋان؟!

ئانام يىغلاپ كېتىدۇ، ئالىقىنىدا ئۆچكەن ئۈچ يۇلتۇز
ۋىسالسىز ئۆچتى بىزنىڭ قۇياش.
كۈلرەڭ...، كۈل تەملىك ھايات
كۈلرەڭ ئەسلىمە، كۈلرەڭ ئاسمان...

بىلىمەن، ئاي تاۋۇتىدا كېتىسەن ئۇزاپ
ئۆچۈپ كېتىدۇ كۈلرەڭلەپ ھەممە
ئۆچۈپ كېتىمەن،
يېگانە تىمتاسلىقىڭ ئىچىدە...

25.08.2014

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:12:00

نەسىردىن ئەپەندىنىڭ سالام خېتىما بۇ .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 08:47:09

ئۈمۈدسىزلىك شەيتان .

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 09:17:14

سەۋيە يىتىشمىدى

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 14:18:49

ئاسماندىكى لەگلەكنىڭ يانچۇقىدا ئۈچ كوي پۇل بار دىگەندەكلا شېئىركەنغۇ بۇ؟:lol(چاخچاق ھە)

راس گەپنى قىلسا ئوقۇپ چۈشۈنۈشكە سەۋىيە يىتىشمىدى،

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 14:31:22

شېئىر ئېسىل چىقىپتۇ.
ئەمما تېكىستتىكى «بىز» ئاتالغۇسىنى مەن خۇددى «零点定理» دېگەن فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ ئۆزىنى «بىز» دەپ كۆپلۈكتە ئاتايدىغان ئادىتىگە ئوخشاشتەكلا ھېس قىلدىم.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 16:33:14

راس گەپ قىلسام چۈشەنمىدىم .
  بىرەرسىڭلار بىر چۈشەندۈرىۋەتكەن بولساڭلار .

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 20:19:53

gldingwash يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 14:31 static/image/common/back.gif
شېئىر ئېسىل چىقىپتۇ.
ئەمما تېكىستتىكى «بىز» ئاتالغۇسى ...

بۇشىئېرنى تەرجىمانسىز ئۇقۇپ چۈشەنگەن 10كىشىنىڭ چۈشەنچىسى 10خىل بۇلامىكى, لىكىن 10خىل ئۇقۇرمەننىڭ چۈشەنگىنى يۇنۇس زۇنۇننىڭ دىمەكچى بولغىنى بىلەن %20 مۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن .

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 21:00:23



شەبنەمگە


يۇنۇس زۇننۇن


بىر تامچە يېشىم ئاقىدۇ،
ئاي تاۋۇتىدا كەتسەڭ ئۇزاپ
نۇرلىرىم ئۆچۈپ كېتىدۇ
باغرىمدا قاتىدۇ كۈلرەڭ قۇياش...

تىلىمنى ئوخچۇيدۇ ئايرىلىش
دىلىمغا سىغارمۇ يوقلۇقۇڭ؟!
ھەر سەھەرىم ماتەم تۇتار ساڭا
ئۆستۈمدە كۆكلەيدۇ نەپەسلىرىڭ...

بىر ئاسمان كۈتتۇق، قان تۇتتى سەھەرلىرىمىز
بىر ئۇلۇغ ئەسلىمە سۇپىسىدا نەزىر بولدۇق!
تاش يىغلىدى، ئاسمان زېمىنغا چۈشتى، يۇلتۇزلار شاھىد بولدى
بۇ تۇپراقلارنىڭ چېچەكلىرى بىز...

بىر تامچە يېشىم ئاقىدۇ،
ئاي تاۋۇتىداكەتسەڭ ئۇزاپ
نۇرلىرىم ئۆچۈپ كېتىدۇ
باغرىمدا قاتىدۇ كۈلرەڭ قۇياش...

08.08.2014

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 21:26:12

ئۇ كوچىنىڭ دوقمۇشى ،
بۇ كوچىنىڭ دوقمۇشى.
ئەجەپمۇ ياراشتى ،
يارىم بەرگەن ئىشتانباغ .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 00:05:12

شىئىرنى چۈشەنمىگەن بولساڭلارمۇ قالايمىقان جۆيلىمەڭلار ـ
  ئادىل تۇنىياز ، غوجامۇھەممەت…………  يەنە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرىنى ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ ، كۆپ ئوقۇساڭلار بارا بارا چۈشىنىدىغان بولىسىلەر ، بۇ شىئىر سىلەرنىڭ كاللاڭلاردىكى شىئىرنىڭ فورمۇلاسىغا چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن شىئىر ئەمەس قالايمىقان جۆيلۈشتەك تۇيۇلغان بولسا كىرەك

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 00:05:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-27 00:06  

تەھرىرلەندى

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 07:31:13

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 00:05 static/image/common/back.gif
شىئىرنى چۈشەنمىگەن بولساڭلارمۇ قالايمىقان جۆيلىمەڭلا ...

قايسى كۈنى بىردانا شىئېر چۈشۈنىلىدىغان نەرسە ئەمەس دەۋاتاتتى ,
  چۈشەنمىگىم راس يۇنۇس زۇنۇننىڭ شىئېرلىرىنى بۇرۇندىن ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن يۇنۇس زۇنۇنغۇ شىئېرنى يېزىپ تاشلاپ قۇيۇپ باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ھېچقانداق ئىنكاس يازمايدۇ.
قارىغاندا سېلە بولساڭلىمۇ چۈشەنگەندەك قىلىسىلە يۇقارقى شىئېردا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى يىشىپ قويامسىلە-رەھمەت.

faruk886 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 08:41:23

Wa tan sir gan koz la

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 10:08:35

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 10:14:01

بىرسى ئۆلۈپتىما؟

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 12:15:26

80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا ئەخمەتجان ئوسمان، پەرھات تۇرسۇن، باتۇر روزى، ئىلغارجان سادىق، ئادىل تۇنىياز، چىمەنگۈل ئاۋۇت، جېلىل خېلىل... قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىچە شېئىرىيەت شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققاندا شېئىر توغرىسىدا نۇرغۇن تەبىرلەر، ئوبزورلار يىزىلىپ، بۇ ھەقتە بەك كۆپ تالاش-تارتىش بولۇپ كەتكەن. ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيەت ھەرىكىتى 90-يىللارنىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە قەيسەر تۇرسۇن، غوجىمۇھەممەد، ئابدۇرەشىد ئەلى، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى... قاتارلىق شائىرلارنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل تالاش-تارتىشلارنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر ئېنىقلىشىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىدا شېئىرغا بولغان چۈشەنچە بىر قەدەر ئايدىڭلاشتى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە بولغان ئېنتىرنىت دەۋرىگە قەدەم دەسلەپكى چاغلاردا رىسالەت مەردان، يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت،  سەنۇبەر ئابدۇراھمان، ئابدۇرەشىد سۇلايمان، راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال، ئابدۇلئەھەد زەپەرى، سەيدۇللا فىردەۋس، پەرىدە ياقۇپ... قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىنتىرنىت ئەدەبىياتىدا كۈچ ئۇلىشى بىلەن شېئىرىيەتكە بولغان ئېنىقلىما ئاساسى جەھەتتىن - شېئىر تۇيغۇ سەپىرى - دىگەن دائىرە ئىچىدىن بىر قەدەر كېڭەيگەن بولدى. ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ، ئالىمجان تۆمۈر تۇران، مۇرات مەھمۇت، مەھمۇد ھېيت مەھدى ( يەنە بىرەيلەن بار ئىدى ، ئىسىمىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم ) ... قاتارلىق شائىرلار ئەخمەتجان ئوسماننى باشچى قىلغان ھالدا سۇمۇرغ، چۈشتاق، بەرقى، ئاۋانگارت ... قاتارلىق مۇنبەرلەردە شېئىرىيەتتە بارلىق ئۆلچەم، مەنا، شەكىل ۋە گىرامماتىك قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇيغۇنى ئەينەن، بىۋاستە ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، بۇ ھەرىكەتكە « ھىچنىمىزىم » دەپ ئات قويدى.
ھىچنىمىزىمچىلار ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە مودېرنىزىملىق ئەدەبىيات ئېقىملىرىغا ئەڭ يېقىنلاشقان، مودىرنىزىملىق شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ بەك سىناق قىلغان، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قارىغاندا ئۇسلۇب ۋە شەكىل جەھەتتىن ئەڭ دادىل يېڭىلاش ئېلىپ بارغان بىر توپ بولۇپ، بۇلار-بارلىق ئىپادىلەش شەكىللىرىدىن  ( تىل ۋاستىسىدىن ) پايدىلىنىپ تۇيغۇنى ئەينەن خاتىرلەشنى، سەنئەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە خاراكتىرىگە سادىق بولۇشنى، تىل كەڭلىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، شېئىردىكى مەنەنى بايقۇت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۇنۇس زۇننۇن ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىدا ھىچنىمىزىملىق شېئىرىيەت ئۇسلۇبى بەكرەك ئىپادىلىنىدىكەن. يۇقارقىلار مېنىڭ ھىس قىلغانلىرىم بولۇپ، ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيەت ھەرىكتىگە باھا بېرىشتە خاتالاشقان بولسام ( شېئىرىيەتنى چۈشەنمەيدىغانلار پىكىر قاتناشتۇرىمەن دىمەي چەتتە تۇرۇپ تۇرساڭلار سىلەردىن مىننەتدار بولاتتىم )  شەخسىيىتىمنى تىلغا ئالماي تەنقىد پىكرىڭلارنى بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 13:43:20

يۇنۇس زۇننۇن ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىدا ھىچنىمىزىملىق شېئىرىيەت ئۇسلۇبى بەكرەك ئىپادىلىنىدىكەن
::::::::::::::::::::::
سابىق قۇتاد مۇنبىرىدە ئەخمەتجان ئوسمان, ئىسيان ئەپەندىلەرنىڭ ھېچنىمىزىملىق شىئېرلىرىغا قارشى يۇنۇس زۇنۇن ئەپەندىنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئۇقۇغاندەك ئىسىمدە,


شۇۋاقىتلاردىمۇ ئىسيان ئەپەندىم نەچچە قۇر يېزىلغان شىئېرغا بىرىر ماقالە پۈتكىدەك يىشىملەرنى بىرىپ كەلگەن ,ئادىل تۇنىيازنىڭ شىئېرلىرىغا ئابدۇقادىرجالالىدىنمۇ يىشىم يېزىپ يۈرەتتى  شۇڭا شىئېرنى چۈشەنگەن بولساڭلا 《ھىسيات ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ كارامەت》 دەپ يۇرمەي شىئېردا مۇنداق دىمەكچىكەن دەپ چۈشەنچەڭلارنى يېزىپ قۇياڭلا نېرى تۇر بېرى تۇر دەپ يۈرمەي

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 13:50:19

نەشتەردىن خېلى گەپ ئاڭلايدىغاندەك تۇرىمىز. سۆزۈڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار.{:87:}

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 13:54:06

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 21:26 static/image/common/back.gif
ئۇ كوچىنىڭ دوقمۇشى ،
بۇ كوچىنىڭ دوقمۇشى.
ئەجەپمۇ ياراش ...

ئۇ كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن،
بۇ كوچىنىڭ دوقمۇشىغا،
يارىڭىزبەرگەن ئىشتان باغنى،
تارتىپ قويۇڭ، كىر يايغىلى لازىم بولا...:@
بەت: [1] 2 3
: كۆزلىرىڭدە قۇملاندىم