iPhone6
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-25 22:50مەھسۇلات نامى:iPhone6
خەنزۇچە نامى:苹果手机6
ئىشلەپ چىقارغان ئورۇن: ئالما شىركىتى
بازارغا سېلىنىدىغان ۋاقىت: 2014-يىلى9-ئاي
سەپلىمە ئۇچۇرى:
تېلفۇن تىپى:ئەقلىيفون، 4G\3G يانفۇنى
سىرتقى لاھىيەلىنىشى: تۈز ھالەتتىكى سەزمە ئىكران
رەڭگى : ئاق\قارا\ ئالتۇن رەڭ
تور ھالىتى : 2G\GSM\3G\WCDMA\CDMA2000
كارتا ئوقۇرى: Nano-Simكارتا
Wi-Fi:802.11a/b/g/n
كۆك چىش: 4.0
ئىكران رازمىرى:4.7\5.5سۇڭ
ئىكرانغا ئىشلىتىلگەن ماتىريال: IPS، يىشىل ياقۇت ئەينەك
ئىكران ئىنىقلىق پەرىقلەندۈرۈش نىسبىتى:1920*1080(1080p)
مەشغۇلات سىستىمىسى:iOS8
يادرو سانى:4يادرو(A8)
RAMبوشلۇقى: 2GB
سىغىمى: 16\32\64\128 GB
پىكسىل:459PPi
سىغىم كىڭەيتىش: بولمايدۇ
كەينى ئاپرات:13مىلىيون پىكسىل
ئالدى ئاپرات:2مىلىيون پىكسىل
چاقناتقۇچ:كەينى ئاپرات يېنىغا ئىككىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان
تەپسىلى ئۇچۇرلىرى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.
بەيدۇ قامۇسىدىن قىسقارتىپ كۆچۈرۈلگەن
بۇ ئالمىنى قاچان تېتارمىز ئەمدى ... يەنىلا ئۆزۇمدە بارى، 4ئەس چىرايلىق كۆرۈنىۋاتىدا :lol سىتىلىش باھاسى قانچە دوللار؟ ئالما شىركىتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىمۇ بۇ ياكى ئەپقاچتى كوچا خەۋىرىمۇ .
ئالما شىركىتىدىن بۇ توغراسىدا ھېچقانداق ئىنكاس يوققۇ دەيمەن .
udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 21:22 static/image/common/back.gif
سىتىلىش باھاسى قانچە دوللار؟
4.7: 5299 يۈەن
5.5: 5899يۈەن kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 21:38 static/image/common/back.gif
4.7: 5299 يۈەن
5.5: 5899يۈەن
سېلە ئالما شىركىتىدە ئىشلەمسېلە نىمە, ھەجەپ مۇتلەقلەشتۈرۋېتىپسىلەغۇ باھاسىغىچە.
مەنتاھازىرغىچە ئالما تېلىفۇننى ئىشلىتىشنى باھاسى جەھەتتى خالىمايمەن ،شۇڭىمۇ ئالمىدىم .چۈنكى،ئۇنىڭداقىلغان ئىشلارنى مىنىڭ ماۋۇ مامسوڭ دىمۇ قىلغىلى بۇلىدۇ ،ھەتتا، خۇا ۋىي دىمۇ ئەڭ كىرەكلىكلىرىنى قىلغىلى بۇلىدۇ.توردىلا ھەق تاپشۇرالايمەن ،سودا قىلىمەن ،ئىلخىەت يوللايمەن .يەنە ئىزدىنىشقا چىقالايمەن . پەقەت شۇ ئويۇندابەكرەك چانىدىكەن .
مىنىڭ بىر بۇرادىرىم ئالمىنىڭ سارىڭى ھازىر ئالما 6نىڭچىقىشىنى بازارغاكىرىنى تۆت ئەمەس 16 كۆزى بىلەن سالۋاتىدۇ .تېخى قولىدىكى ئالما 5نى سەت كۆرۈنۈپ قالدى دەيدۇ .چىشىغا سالاي دىسەم :@ سامسۇڭمۇ ئۇنچە ئەرزان ئەمەسقۇ ، يېڭى چىققان گالاكسي5 لىرى 5 مىڭ ئەتراپىدىدۇ ؟ نوكىيانىڭ لۇمىيا يانفونلىرى قايداراقتۇ باللا. مەھسۇلات ئىلان قىلىش يېغىنى ھەر يىلى 9 ئايلار ئەتراپىدا ئېچىلىدىغۇ. سىلە ئالما شىركىتىدە ئىشلەيدىغاندەكلا مۇقۇملاشتۇر ۋېتىپسىلەرغۇ ھەممە ئۇچۇرلىرىنى ............
بۇ مىنىڭ پەرزىم ياكى پالانى پوكۇنچىنىڭ پەرزى .
ياكى بولمىسا بىزمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئۆزۈڭلىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بىرە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قويساڭلار ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئاشاتتى بۇ پاراڭنىڭ isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 22:35 static/image/common/back.gif
مەھسۇلات ئىلان قىلىش يېغىنى ھەر يىلى 9 ئايلار ئەتراپىد ...
بەيدۇ قامۇسىدىن قىسقارتىپ كۆچۈرۈلگەن Yaruq يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 22:22 static/image/common/back.gif
نوكىيانىڭ لۇمىيا يانفونلىرى قايداراقتۇ باللا.
ئاجايىپ ئېسىل. سەپلىمە ۋە باھادىن ئۆزىڭىزگە ياققان خالىغان بىرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
ۋىنفوننىڭ نەشىرىنى 8.1 گە يېڭىلىۋالدىم، چىقىپ بوپتۇ. داۋاملىق ئەلالاشتۇرسا بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Apple تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-25 23:28
Baqka يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 23:03 static/image/common/back.gif
ئاجايىپ ئېسىل. سەپلىمە ۋە باھادىن ئۆزىڭىزگە ياققان خا ...
ئاكىجان ساڭا بولغان ھۆرمىتىم بەك ئىگىز دىگىنە يىتىشەلىسەم بىر ئالما سوۋغا قىلغۇم بارساڭا .
بۇداقېتىم ئالما چىقسا بىر ئالما تۇتۇپ باقە!!!!
ئالمىنىڭ سىستىمىسى ساڭا بەك يارشاتتى. رەھمەت، سوۋغا ئالغاندەك بولدۇم. ئالمىنىڭ ئېسىللىقىنى بىلىمەن، لېكىن كۆپ ئىشلەتمىگەن، كەچۈرۈۋەتكىن. لۇمىيا ھەقىقەتەن، ئېسىل، لېكىن شۇ بەزى ئىقتىدارلىرى تولۇق ئەمەس. بولۇپمۇ ئۈندىداردىكى ئىقتىدارلىرى تولۇق ئېچىلمىغان. سىن يوللىغىلى، ئۈندىدار ئويۇنلىرىنى ئوينىغىلى بولمايدۇ. رەسىمگە تارتىشى ئاستا، ئالمىدەك شالاق شۇلۇق تاتماي ئېزىلىپ بىر ئىككى ئۈچ دەپ تارتىدۇ. نوچى يەرلىرى بولسا قىززىپ كەتمەيدۇ، ئالدىراپ قېتىپ قالمايدۇ. مەن ئالمىنىڭ 5.5 سۇڭلۇقىنى ساقلاۋاتىمەن، ماڭىمۇ 4س تازا چىرايلىق كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى.{:87:} مەنمۇ ھازىرغىچە ئالما تىلىفۇن ئىشلىتىپ باقماپتىمەن ، قۇلۇمدىكى سەنشىڭنى بىرە يىل ئىشلىتىش ئۇيۇم بار بۇ ئالمىنى ئىشلىتىش بىر تەۋەككۈلچىلىك بوپقالدى ھازىرقى ۋەزىيەتتە، مۇلازىمىتىنى بىر توختىتىۋەتسە كېسەكتەكلا سەت كۆرىنىدىغان بوپقالىدىكەن بۇ ئالما .
يوللانغان سۈرەتلەر شۇ ئەپقاچتى سۈرەتلەركەن ، سەپلىمىسى قانداقكىن ئەمدى . ئالما تېلفۇنغا ھىقايسى تېلفۇن يەتمەمدىكى :(