zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 15:22:37

بۇ كونا كىتابلارنى ساتىمەن

سېتىلىدىغان كونا كىتابلارنىڭ تىزىملىكى

ئىسمى: غەزەللەر
ژانېرى: غەزەللەر توپلىمى
ئاپتورى: ئەلىشىر ناۋايى
تەييارلىغۇچى: تېيىپجان ئېلىيېف
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 12-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى
ئىزاھ: بۇ توپلامنىڭ مۇقاۋىسى يىرتىلىپ كەتكەن!

ئىسمى: قەدىمىي ماكان
ژانېرى: تارىخىي ئەسلىمە
ئاپتورى: دىئاننا سىپتون
تەرجىمان: مەريەم مەمتىمىن
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 2000-يىل 9-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى

ئىسمى: مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق يولى
ژانېرى: سىياسەتنامە
ئاپتورى: نىزامۇل مۇلك
تەرجىمان: قۇربان تۇران
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشرى: 2000-يىل 9-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى

ئىسمى: ئوغۇزنامە-قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى
ژانېرى: داستان
تەييارلىغۇچىلار: گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1900-يىل 1-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى

ئىسمى: تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن
ئاپتورى: مۆجىزى
تەييارلىغۇچىلار: ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1982-يىل 6-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى

ئىسمى: تەجەللى-مۇجەللى
ئاپتورى: تەجەللى
تەييارلىغۇچى: ئابلىكىم مەخسۇم ھاجى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 6-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى

ئىسمى: ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى
ئاپتورى: ئۆمەر ھەييام
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمۇھەممەد ئېركى
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشرى: 1981-يىل 3-ئاي 1-نەشرى 1997-يىلى 2-باسمىسى

ئىسمى: يەتتە قىزلىرىم
ژانېرى: تارىخىي داستان
ئاپتورى: ئىبراھىم قۇربان
ھالىتى: يۇمشاق مۇقاۋىلىق
نەشرىيات: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشرى: 1984-يىل 5-ئاي 1-نەشر 1-باسمىسى

بۇ سەككىز پارچە كىتابنىڭ ئۇمۇمىي سېتىلىش باھاسى: 800.00 يۈەن

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
كيۇ كيۇ: 453461638

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 17:23:54

مەندە ‹‹ تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن ››ناملىق كىتاب بار. ئالىدىغانلارغا سوۋغا قىلىۋىتىمەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 17:50:19

bedexshan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 17:23 static/image/common/back.gif
مەندە ‹‹ تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن ››ناملىق كىتاب بار. ئالى ...

ئەمىسە ماڭىلا سوۋغات قىلىڭە  قولىڭىزنى قۇرۇق قايتۇرمايمەن .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 17:52:11

غەزەللەر نەچچە پۇلدۇ ئالاي دىۋىدىم .
   ئوغۇزخاقان    راسلا 1900يىلىدىكى نەشىرىمۇ ،شۇنداق بولسا بىزلەر ئوقۇيالايمىزمۇ .  

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:02:38

ھەممە كىتاپنىڭ ئومومى باھاسىنى يوللاپ ئايرىم باھاسى يوقكەن

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:18:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 18:19  

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 17:52 static/image/common/back.gif
غەزەللەر نەچچە پۇلدۇ ئالاي دىۋىدىم .
   ئوغۇزخاقان    راس ...

ئايرىم سېتىۋالسىڭىز 150.00 يۈەنگە بېرىمەن، كىرانى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز!
ئوغۇزنامە 1980-يىلدىكى نەشرى، 8نى 0گە ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن. بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇيالايسىز...

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:18:17

ئىلگىركى نەشىرلىرى  ھازىرقىغا قارىغاندا  ھەقىيقىراق چىقامۇ ؟  

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:20:12

bagzad12 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 18:18 static/image/common/back.gif
ئىلگىركى نەشىرلىرى  ھازىرقىغا قارىغاندا  ھەقىيقىراق چ ...

بۇنىڭغا كېسىپ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بەزى كىتابلار كېيىنكى نەشرىدە ئۆزگىرىدىكەن، بەزىلىرى نەچچە قېتىم بېسىلسىمۇ قىلچە ئۆزگەرمەيدىكەن!

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:31:49

كىمدە   《يۇسۇپ خاس ھاجىپ 》 دىگەن كىتاپنىڭ  1-قىسىم(1- 2- ) سىنىڭ   ئاخىرى  بار  ،  بىزنىڭ  يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە كۇرۇپ  ئۇقىغان بۇ كىتاپنى ،  مەزمۇن تۇگىمەيلا  كىتاپ تۇگىدى  .  كىتاپچىلارغا  ئالدىن پۇل بىرىپمۇ  كىيىنكى قىسىملىرىنى زادىلا ياپالمىدىم ،(مەن ئۇقۇپ بولغان قىسىملىرىنىمۇ تاپالمىدى )  ،  خۇتەن شەھرىدىكى  خېلى كىتاپخانىلاردىن ئىزدەپ  سۇراپ  زادىلا تاپالمىدىم ، ھېچ قايسىسىدا  ئۇنداق كىتاپ يوقكەن  .      بەك ياخشى كىتاپكەن   لىكىن ئاخىرىنى تاپالمىدىم  ، بولسا تېپىپ بەرسەڭلا سېتىۋالاتتىم  .      

ھە راس بىر قېتىم  بىر  ئاۋازلىق ئەسەر قاچىلانغان پىلاستىنكا  سېتىۋالغان  ،  شۇنىڭدىن   بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقى چىققانتى  ،  ئاخىرىمۇ باكەنتۇق ،  لىكىن كىيىن پىلاستىنكا يۇتۇپ كەتتى  . ئۇئەسەرنى ۋە پىلاسرىنكىنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم  .

ئاۋازلىقىنى بولسىمۇ تېپىپ بەرسەڭلا .

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:54:28

bagzad12 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 18:31 static/image/common/back.gif
كىمدە   《يۇسۇپ خاس ھاجىپ 》 دىگەن كىتاپنىڭ  1-قىسىم(1- 2- )  ...

بۇ كىتابنىڭ 1-قىسىم 1-، 2-سى نەشردىن چىققان، لېكىن 2-قىسمى تېخىچە نەشردىن چىققىنى يوق!

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 19:20:08

مەندە بىر تۇركۇم  دالىي گارنېگ  كىتاپلىرى بار  لازىملارغا سۇغا قىلمەن.{:92:}

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 19:22:42

bedexshan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 17:23 static/image/common/back.gif
مەندە ‹‹ تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن ››ناملىق كىتاب بار. ئالى ...

بولىدۇ، مەن ئالاي.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:23:36

ھەممىسى نوچى  كىتاپلاركەن ....

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:30:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 20:36  

مەندە ماۋىزدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ 4 تومى با  ئالدىغانلار بامۇ   باھاسى  4000 كوي :P

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 21:42:16

bedexshan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 17:23 static/image/common/back.gif
مەندە ‹‹ تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن ››ناملىق كىتاب بار. ئالى ...

ماڭا سوۋغا قىلسىڭىز بەك خۇش بوپكىتەتتىم.مەن بىر تارىخ سارىڭى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 21:51:52

ماۋۇ453461638 نى قېتىۋالاي دىسەم ،مىنىڭ چ چ نىڭ ئىزدەش ئىدارى ئىشىلىمىدى سىزبىلەن قانداق ئالاقىلىشەمەن .

19881266 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:13:42

ھەممىسى ياخشى كىتاپلاركەن ،  ساخلاپ قويسىڭىز  كېيىنرەك تېخمۇ قىممەت ساتالايسىز .....

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:39:49

tamqi1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 19:20 static/image/common/back.gif
مەندە بىر تۇركۇم  دالىي گارنېگ  كىتاپلىرى بار  لازىملار ...

مەندە بەش پارچىسى بار . مەندە يوقلىرى بولسا سوۋغا قىلىۋەتەمسىز يا :loveliness:

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 22:41:00

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 20:30 static/image/common/back.gif
مەندە ماۋىزدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ 4 تومى با  ئالدىغ ...

ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىدە بارغۇ بۇ ئەسەر ;P ;P :P

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 08:06:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 08:08  

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 21:51 static/image/common/back.gif
ماۋۇ453461638 نى قېتىۋالاي دىسەم ،مىنىڭ چ چ نىڭ ئىزدەش ئىدا ...

مۇنبەردە قىسقا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويدۇم، كۆرۈپ بېقىڭ...
بەت: [1] 2
: بۇ كونا كىتابلارنى ساتىمەن