qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 21:47:20

ۋىيشىندا بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ؟

  ئارلىقتا بىر مەزگىل ئالدىراش بوپ ۋىيشىننى ئاچمىغان. ئاندىن تىلفۇنۇم يۈتۈپ كىتىپ، تاپقاندا بولسا زاۋۇت ئەسلىگە ئەكەپ قوياپتۇ ئوغرى گۇيلا.  ۋىيشىننى چۈشۈرۈپ ئاچسام 你需要好友验证 دەپ چىقىۋالدى.  ھە ماقا شۇنداق قىلاي دىسەم  كىيىن ئېچىلىدىغان بەت قەتئىي ئېچىلماي تۇرىۋالدى.  ۋايفاي شارائىتىدىمۇ قىلىپ باقتىم، بولمىدى.   تۆت بەش قېتىم قايتا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم.  يەنە شۇ دوسىت دەلىللە دەيدۇ، ئاچسام بەت ئېچىلمايدۇ.  
  مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ  باققانلار بارمۇ؟ ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمىدۇ؟

pixwa714 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 00:15:25

مېنىڭچە بۇ تېڭشۈننىڭ ئۈندىدارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چىقارغان ئۇسۇلى بولسا كىرەك، قايىسى كۈنى بىر خىزمەتدىشىم يېڭى ئالغان تېلفونىدا شۇنداق چىقالماي تۇرۇپتىكەن، قارىسام بۇنداق دوسىت دەلىللەشنى مەنمۇ بۇرۇن ئۇچىراتمىغان ئىكەنمەن، قىلىپ باقتۇق، لىكىن دوسلار تېزىملىكىمۇ تولۇق چىقماپتۇ، كىيىن قانداق بولدى بىلمىدىم، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىۋاستە تېڭشۈننىڭ ۋىيشىن گۇرۇپپىسىدىن سوراپ باقسىڭىز بىۋاستە ھەم توغىرا جاۋاپقا ئىرىشەلەمسىزمىكىن؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 00:21:33

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 00:43:08

بۈگۈن بىرەيلەن ۋېيشىنى شۇنداق بوپ قاپتىكەن (مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ)، مەن ئوڭشاپ بەرگەن. سىللە  ۋېيشىننى ئۆزۈڭلارنىڭ تېلېفۇنىدا ئاچماي باشقا تېلېفۇندا ئېچىپ، دوسىتلارنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكۈزۈڭلار، ئاندىن تېلېفۇنىڭلارغا  ۋېيشىننى قايتا قاچىلاپ ئاچساڭلار بولىدىكەن. مەنمۇ بىر سائەت ھەپىشىپ يۈرۈپ ئاران ئوڭشاپ بەردىم.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 01:09:56

سىلەر قەيەردە ۋېيشىن ئويناۋاتىسىلەر ؟ :lol

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 05:43:01

ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ساۋاقداش دىگەندەك قىلسىڭىز بۇلىدۇ

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 08:17:57

ئادەتتە دوس دەلىللەشنى دەلىللەپ بۇلۇپ قايتىدىن كىرسەك نۇرمال ئېچىلاتتى سىزنىڭ نىمىشقا ئېچىلمىدىكى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 08:32:53

يۈتكەن ئوغرى ئالغان تىلفۇننى قانداق تاپتىڭىز ؟ مىنىڭ ئىككى قىتىم تىلفۇنىم يۈتۈپ كەتكەن ، زادى ئىزدىرىكى بولمىغان
  ساقچى تونۇشىڭىز بامۇيا ؟……

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 08:32:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 08:35  

دوسىت دەلىللەشتە  بىرمۇنچە  头像    网名 نى چىقىرىپ قايسىسى  سىنىڭ 微信好友 دەيدىكەن

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 08:54:15

قاسساپجوووووۋۋۋ   ئۈندىدار   دەپ   ئاتماپسىلە، ئېتىۋىتەمۇ   بىژ  قىسىملار

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 09:30:32

ۋېيشىن دېمەي ئۈندىدار دەيدىغان بولدۇققۇ ، مەتبۇئات ۋە تېلۋىزورلاردىمۇ شۇنداق داۋاتىدۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 09:55:08

ۋېيشىندىكى مەزمۇن-دوستلارنى پاك-پاكىز تازىلاپ ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى خېلى بولدى، ۋاقتىممۇ خېلى كەڭرىچىلىك بولدى، كۆزۈممۇ ئاراپ تاپتى، ئېىقم مىقدارى سەرپىياتى ئازىيىپ پۇل تېجىلىپ قالدى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:29:33

ئاسان بۇ، بىرمۇنچە كىشىنىڭ باش سۈرىتى چىقىدىغۇ، شۇنىڭ ئىچىدىن ئىلگىرى دوستلار قاتارىدا بار بولغىنىدىن 3 نەپەرنى توغرا تونۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۆزۇمنىڭكىنى شۇنداق قىلغان يادىمدا،( بىراق ۋىيشىن ئىشلەتمگىلى تالاي زامان بولدى...) سىناپ بېقىڭ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:02:50

چەمبەنى بىر تاقاپتىكەنمە، كۈندە كەچ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقالايدىغان بولدۇم

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:23:50

مەنمۇ ئۇندىدار ئىشلەتمىگىلى بىر ئايچە بولدى ، ئاندىرويىت تىلپۇنىمنى ئىلىشىغا ساتتىمدە ، ئىشىگى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنىچ دىگەن ماقالىغا ئەمەل قىلىپ 50 يۇەنلىك ئەنجەنلىك تىلپۇن ئىشلىتىپ يۇردۇم ، كىتاب ئوقۇشقا ياخشى ۋاقىت چىقتى مۇشۇ بانادا .

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:24:57

مەنمۇ بىر بەچچە قېتىم يۇلىققان  لىكىن بىر دوستۇمنىڭ تېلفۇنىدا  ئېچىۋىتىپ ئاندىن ئۇزۇمنىڭكىدە ئاچسام ئوڭشالغان .

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 12:44:05

باشقا باشقا  تېلىفۇنلاردا ئېچىپ ئۈندىدارنى    دوست دەلىللاشنى سىناپ كۆرۈڭ .
  ئۇكامنىڭ تېلىفۇنىدا سىزدىگەندەك ئەھۋاللار بولغاندىكىن كىيىن مىنىڭكىدە سىناپ باققان ئىدۇق     مىنىڭ تېلىفۇنىمدا ئوڭۇشلۇق بولدى      بەك مۇرەككەپ ئەمەس     

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 13:03:24

بەك بولمىسا ھازىر ئاندىروئىد تىلفۇننىڭ 5.4لىك سىناق ئۇندەللى  چىقتى،应用宝دەيدىغاننى چۇشۇرۇپ سىناپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشىپ،شۇنىڭدا سىناپ بىقىڭ

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:25:27

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 08:32 static/image/common/back.gif
يۈتكەن ئوغرى ئالغان تىلفۇننى قانداق تاپتىڭىز ؟ مىنىڭ ئ ...

كىمنىڭ ئالغانلىقى بىلىنىپ قېلىپ تېپىۋالدىم.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:26:21

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 00:21 static/image/common/back.gif
ماخۇاتىڭ غا كالتە ئۇچۇر قىپ بىقىڭ قېرىندىشىم

دوك ۋەزىر لىيۇۋيۇڭدەكلا ئېسىل مەسلىھەت بىرىپلا قەرىندىشىم.
بەت: [1] 2
: ۋىيشىندا بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ؟