doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 14:16:24

تۆت ئۆلچەملىك دۇنيا

     تۆت  ئۆلچەملىك بوشلۇق سۆزلەنسە بىز ھەردائىم ئۇنى،ئىنتايىن سىرلىق ،بىزنىڭ گۇمانلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمىز.پەقەت ئۇزۇنلۇق،كەڭلىك ۋە ئىگزلىكتىن تۈزۈلگەن بىزگە نىسبەتەن تۆتىنجى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشەندۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ تەسكە توختايدۇ .بىز ئۈچ ئۆلچەملىك مىڭىمىز بىلەن تۆتىنجى ئۆلچەمنى ئويلاپ چىقالارمىزمۇ ؟ ئەگەر بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز ‹تەسەۋۇر قېلىش ›بولغان ۋاقىتتا ،بىر بۇرنىدا ئوت پۈركۈيدىغان .يوغان ئىككى قانىتى بار ئەجدىرھا ،ياكى بىرسۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان يولۇچىلار ئايروپىلاننى ...ئەمەلىيەتتەبۇلارنىڭ ھەممىسى مىڭىمىزدىكى مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئالدىمىزدا تۇرغان ھالىتى .بىزنىڭ تەسۋىرلىگەن بۇخىل سۈرەت كارتىنىسى ،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگەتونۇشلوق بولغان ،ئۆزىمىزنىڭمۇ بەدىنىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق جىسىملار ھەممىسى ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن قىچىپ قۇتىلالمايدۇ .ئەگەر مۇشۇ ‹تەسەۋۇر قىلىش ›دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا ئۇنداقتا بىز ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق كارتىنىسىدىكى تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ئويلاپ چىقارمايمىز .بۇ خۇددىي بىزنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىمنى بىر تەكشىلىككە كىرگۈزەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش ،توختاڭلار ،بىز ھەقىقەتەنمۇقەغەزيۈزىدە بىر ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىمنىڭ تەسۋىرىنى سىزالايمىز ،بۇنى مەلۇم نۇقتىدىن ئىيتساق بىز ھەققىقەتەنمۇ ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىمنى تەكشىلىككە كىرگۈزدۇق.ئەلۋەتتە بۇخىل كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ كۈچ بىلەن بىسىپ كىرگۈزۈشكە ئوخشاش فىزىكىلق ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان بەلكى پىروكسىيلىك تەسۋىر چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان .بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ (ئاتنى مىسال ئالساق )پەرىقىنى24-رەسىمدىن چۈشىنۋالسلەر .(يىزىشقا قولايلىق بولۇش خەتلەرنىڭ ئالمىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن رەسىملەرنى ئەڭ كەينىگە تىزدىم ،بەلكىم ئوقۇشتا سەل قىيىنچىلق ئەكىلشى مۇمكىن ،توغرا چۈشەنگەيسىلەر ). بۇخىل ئۇسۇل بىلەن ،بىزھازىر دىيەلەيمىزكى ،گەرچە بىر تۆت ئۆلچەملىك جىسىمنى توپتولۇق ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇققا ‹بىسىپ كىرگۈزۈش ›مۇمكىن بولمىسىمۇ لىكىن بىز تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ‹پىرويىكسىيە تەسۋىرىنى ›تەھلىل قىلساق تامامەن بولىدۇ.لېكىن ئىسىڭلاردا بولسۇن .تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تەسۋىرى سىتورولۇق تەسۋىر ،بۇخۇددى ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىمنڭ قەغەز يۈزىدىكى تەسۋىرى ئىككى ئۆلچەملىك بولغانغا ئوخشاش ئىش .بۇ مەسىلىنى تېخىمۇياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ،بىز تەپەككۇرىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ باقايلى .بىر ئىككى ئۆلچەملىك دۇنيادا ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچ ئۆلچەملىك كۇپنى قانداق چۈشىنەر؟تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس .ئۈچ ئۆلچەملىڭ بوشلۇقتا ياشايدىغان جانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ،بىزنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىمىز بار ،ئۇبولسىمۇ بىز ھەم ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ،ھەم ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى كۈزىتەلەيمىز .بىر ئۈچ ئۆلچەملىك كۇپنى ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇققا ‹بىسىپ ›كىرگۈزۈشنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى 25-رەسىمدەكۆرسىتلگەندەك ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ھاسىل قىلش .بۇكۇپنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ھەرخىل تەسۋىرگە ئىرىشەلەيمىز .بۇتەسۋىرلەرنى كۈزىتىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئاشۇ ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى دوستلىرىمىز ئاز تولا بولسىمۇ بۇ ‹خىسلەتلىك ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى كۇپ ›قا يىڭى ئۇقۇملارنى ھاسىل قىلىدۇ .ئۇلار ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن ‹سەكرەپ چىقىپ ›بۇ كۇپنى بىزگە ئوخشاش كۈزىتەلمەيدۇ .لېكىن ئۇلارمۇبىزگە ئوخشاش نەتىجە چىقىرالايدۇ ،ئۇلار بۇجىسىمنڭ  8چوقىس ،12يۈزى بار (ئىچىنى قاتقاندا )دەپ نەتىجە چىقىرالايدۇ .ئەمدى 26-رەسىمگە قارايلى ،ئەمدى سىز شۇنى بايقايسىزكى ،سىزئاشۇ ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتا تۇرۇپ ئۈچ ئۆلچەملىك كۇپنى تەھلىل قلغان ئىككى ئۆلچەملك دوستلارغا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز .ئەمەليەتتە ،رەسىمدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەيرانلق بىلەن غەلىتە شەكىلنى كۈزىتىۋاتىدۇ .بۇ دەل تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى كۇپنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ‹پىرويىكسىيە تەسۋىرى ›.ئەستايىدىللق بىلەن بۇشەكىلنى كۈزەتسىڭز .سىز ئاسانلا بىر نەرسىلەرنى بايقايسىز ،بۇ 25-رەسىمدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان  شەكىل بىلەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە .ئادەتتكى كۇپنىڭ تەكشىلىكتىكى تەسۋىرى بولسا ئىككى كۇۋادىرات،بىرسى بىرسىنىڭ ئىچىدە ھەمدە چوقىلىرى ئۇلىنىپ تۇرىدۇ ؛ئەمدى تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى كۇپنڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تەسۋىرىگە قارايدىغان بولساق ئۇ بىربىرسىنڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرغان ھەمدە چوقىلىرى ئۆزئارا تۇتاشقان ئىككى كۇپتىن تۈزۈلگەن .ساناپ باقساق بىلىمىز بۇ كۇپنىڭ 16چوقىسى 36قىرى ۋە 24 يۇزى بار،ھەقىقەتەنمۇ بىر كۇپكەن ،ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟ئەمدى بىز تۆت ئۆلچەملىككۇپنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى ،بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن بىزگەتونۇشلۇق بولغان مىسالدىن بىرنى كۆرۈپ باقايلى ،بىر گولىبوسنىڭ تەكشىلىكتىكى تەسۋىرى ،بىر  سۈزۈك بولغان گولىبوسنى تامغا تەسۋىر چۈشۈرسەك (27-رەسىم ) ئىككى يىرم شارنىڭ جىپسىلىشىپ قالغىنىنى ھەمدەبېيجڭ بىلەن نىۋيۇرۇكنىڭ ئارلىقىنىڭ ئىنتايىن يىقىنلىقىنى بايقايمىز .ئەمەلىيەتتەتەسۋىردىكى ھەربىر نۇقتا شارنىڭ ئىككى نۇقتىسىغا ۋەكىللك قىلىدۇ .بۇ ئادەتتىكى شارجىسىمنڭ تەكشىلىكتىكى خۇسۇسيىتى .ئەمدى يەنە بىر قىتىم تەپەككۇرىمىزنى قاناتلاندۇرساق تۆت ئۆلچەملىك شارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرىنى ئويلاپ چىقىش تەس ئەمەس ،بۇ تۆت ئۆلچەملىك شارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تەسۋىرى چوقۇم (مەن بۇنداق جەزىملەشتۈرۋىتىشنى ياخشى كۆرمەيمەن ) ئۆزئارا كىسىشكەن ھەمدە سىرتقى يۇزلىرى ئۆزئارا ئۇلانغان شار شەكىل .(19-رەسىمگە قاراڭلار ).ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بىزنۇرغۇنلىغان شەكىللەرنىڭ خۇسۇسيىتىنى تەھلىل قىلش ئارقىلىق .تۆت ئۆلچەملك شەكىلنى تەھلل قىلالايمىز .لېكىن بىز ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىمىزنڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلىقىمىزئىچىدە مۇستەقل تۆت ئۆلچەملك بوشلۇقنى ئىپادىلەپ چىقارمايمىز .لېكىن كۆپىرەك تەپەكۇرقىلسىڭىز .تۆتىنچى يۆلىنىشنى ئۇنچىۋالا سىرلىقلەشتۈۋىتىشنڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق .ئەمەلىيەتتە بىز كۈندە ئۇچىرشىپ تۇرىدىغان بىر شەيئى بار ،ھەمدە بۇشەيئى ھەقىقەتەنمۇ بوشلۇقنىڭ تۆتىنجى يۆلىنىشى ،ئۇشەيئى بولسا دەل ‹ۋاقت ›.ۋاقىت ھەردائىم بوشلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلارنى تەسۋىرلەشكەقاتنىشىدۇ .بىز ئالەمدە بولغان ئشلارنى تەسۋىرلەشتە مەيلى كوچىدا دوستىڭىز بىلەن كۆرۈشكىنىڭىز بولسۇن ياكى يىراقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى بولسۇن ئادەتتەئۇلارنڭ نەدە بولغىنىنى دىيىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئەسكەرتىمىز .شۇڭابوشلۇقنىڭ ئورنىنى ئىپادىلەيدىغان ئۈچ يۆلىنىشتىن باشقا (ئۇزۇنلۇق،ئېگىزلىك،كەڭلىك )يەنە بىر يۆلىنىش قىتىلدى ئۇبولسىمۇ –ۋاقىت .يەنە بىر قەدەم ئالدىغامىڭىپ تەپەكۈر قىلايلى ،ھەرقانداق ماددىي جىسىم ئەمەلىيەتتە ھەممىسى تۆت ئۆلچەملىك:ئۈچ ئۆلچەم بوشلۇققا تەۋە بىر ئۆلچەم ۋاقىتقا تەۋە .سزنىڭ تۇرۋاتقان ئۆيىڭىزنىڭ ئۆزى ئۇزۇنلۇق ،كەڭلىك ،ئىگىزلىك ۋە ۋاقىت ئۈستىدىن قۇرۇلغان .ئىنتايىن ياخشى،ۋاقىتتىن ئىبارە بۇيۆلىنىش باشقا ئۈچ يۆلىنىشتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ .ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلىقىنى بىز سائەت ياكى سىكونتىرمىر دىگەندەك ۋاقىت ئۆلچەش ئەسۋابلىرى بىلەن ئۆلچەيمىز .لىكىن بوشلۇقنى بىز سىزىغۇچ ،مېتر ،شىكالىلىق گەز ،نانىئۇسلۇق شىتانگىرسىركول ...دىگەندەك ئۇزۇنلۇق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى بىلەن ئۆلچەيمىز ؛يەنە سىزبوشلۇق ئىچىدە ئالدىغا كەينىگە ماڭسىڭىز ،ۋاقىت جەھەتتە سىز پەقەت ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگەماڭغان بولىسىز .ھەمدە كەينىگە قايتالمايسىز لېكىن بوشلۇقتا سىز ئالدى كەينىڭىزگەبىمالال ماڭالايسىز .30-رەسىم قۇياشسىستېمىسىنڭ تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى كۆرىنىشى .بىز ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى ۋاقىت ئوقى بىلەن ئۇزاتساق مۇشۇنداق شەكىل چىقىدۇ .چۇنكى قۇياش مۇقىم تۇرىدۇ  ،يەرشارى بولسا قۇياشنى ئايلىنىدۇ .بىز مۇشۇئۇسۇل بىلەن تەپەككۇرىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ يىڭى شەكىللەرنى ئويلاپ باقساق بولىدۇ .ئەسكەرتىش :يۇقۇرقى ماقالىنى پۇتۇنلەي گاموفنىڭ ‹بىردىن چەكسىزلىككىچە› دىگەن كىتاپدىن يازدىم .ئۆزۈم توقۇۋالمىدىم .بۇنىسى ئىنىق بولسۇن .

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 07:51:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 07:52  

بۇمىسال گىئومىترىيەلىك نوقتىدىن تۆت ئۆلچەمنى چۈشنىشتە ياخشى ئۇسسۇلكەن. باشقلارمۇ مۇشۇ خىل ئۇسسۇلدا تۆت ئۆلچەمنى چۈشەندۈردىكەن.
يىقىندا بىر ماتىرىيال كۆردۈم ئۇنىڭدا بىزنى تۆت ئۆلچەمنىڭ  ئۈچ ئۆلچەملىك سايىسىدە  ياشاۋاتقاندەك تەسۋىرلەپتۇ، ھەيرانلا قالدىم، يە مەن دۆتمۇ ئۇقمىدىم   سايىنىڭمۇ ماسسى ، تاتىشش كۈچى بولامدىغاندۇ ؟  
بۇنى تۈپتۈز ھالدا مۇشۇنداق گىئومىتىرىيەلىك چۈشەندۈرۈشنى فىزىكىغا سۆرەپ ئەكىرىپ قويغان بولشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن .
شۇڭا بۇ مىسالنى فىزىكىلىق ئەمەلىيەتكە تەدىبىقلىقىلى بولمايدۇ  دەپ قارايمەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 09:01:25

تۆت ئۆلچەم دېگەن ئۇقۇمنى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ ياكى سىلەرمۇ؟
بوشلۇق يەنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغانلىكى نەرسىنى ئۈچ ئۆلچەم بىلەن تولۇق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، يوقۇرىدىكى مىساللار ئاساسەن ئۆچ ئۆلچەمنىڭ ئوڭدىن ياكى سولدىن كۆرۈنىشىدەك ئىكەن.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى تۆت ئۆلچەم ئاشۇ ئۈچ ئۆلچەمگە «ۋاقىت » ئېلىمىنتى قوشۇلسا ئاندىن ئىسمى جىسمىغا لايىق «تۆت» بولىدۇ.

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:21:29

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 09:01 static/image/common/back.gif
تۆت ئۆلچەم دېگەن ئۇقۇمنى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ ياكى  ...

man bilan ohxax karaxta eikansiz

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:26:11

ئۇنداقتا تۆت ئۆلچەملىك دۇنيادىكىلەر ۋاقىتنىڭ ئالدى كەينىگە ماڭالايدۇ دىگەن گەپما؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 12:16:46

تۆت ئۆچەملەك بوشلۇقنى نىمىدۇ دىسەم ،خېلى ئوبدان چۈشىنىۋالدىم .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 13:34:24

بولسا 3،4 ئۆلچەملىك بوشلۇ دېگەن قايسنى كۆرسىتىدۇ؟
ماكان،زامان ،ۋاقىتنىڭ فىزىكىدىكى تەبىرىنى چۈشنىشلىك قىلىپ دەپ بەرگەن بولساڭلار؟
سىلەر ئوقۇغان ئاشۇ كىتاپلارنى چۈشىنىپ ئوقۇغىلى بۇلامدىكەن؟
قىزىقارلىقىنى نەدە دەپ قارايسىلەر؟بۇنى ئۆگەنگەننىڭ نىمىگە پايدىسى ۋە ئەھمىيىتى بار؟

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 17:50:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 18:04  

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 13:34 static/image/common/back.gif
بولسا 3،4 ئۆلچەملىك بوشلۇ دېگەن قايسنى كۆرسىتىدۇ؟
ماكا ...

سۇئالرىڭزئالامەت كۆپكەن سىزنىڭ :P   سۇئالنى كۆپ سورىغان ئادەم ئويلىنىشنى خالىمايدىغانلار تىپىغا تەۋە بوپ قالدۇ، ئۇنداق سۇئالنى كۆپ سوراۋەرمەي  جىمجىت ئولتۇرۇپ مەسلىلەر ھەققىدە ئويلانسىڭزلا  سىزمۇ چۈشنەلەيسىز   .                                      
   كۆپ سورىغان بىلىم ئاپتۇ
ئازسورىغان كىيىن قاپتۇ  
دېگەن ماقال تەمسىلەر قۇررقلا گەپتىن باشقا بىر نەرسە  ئەمەس  .     كۆپ سورىغان ئادەم  ئۆزى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ بىلۋىلىشنى خالمىغاچقا ياكى شۇنى چۈشەنگۈدەك كاللا بولمىغاچقا  كۆپ سۇئال سوراپ يۇرىدۇ.
بۇنى سىزگە قارتىىپ دېگنىم ئەمەس  ھە       شۇڭا بولسا مۇۋاپىق جانلىق سۇئال سوراشقا ئادەتلىنەيلى.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 17:51:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 17:53  

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 11:26 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا تۆت ئۆلچەملىك دۇنيادىكىلەر ۋاقىتنىڭ ئالدى كە ...

گىپىڭزنى چۈشەنمىدىم  كۆزقارشىڭزنى سەل كونكىرىتراق ئپادىلىڭە.
‹ ۋاقىتنىڭ ئالدى كەينىگە مىڭىش › دېگەن گەپنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭز بولدۇ.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 18:42:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mahir512 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 18:54  

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 17:51 static/image/common/back.gif
گىپىڭزنى چۈشەنمىدىم  كۆزقارشىڭزنى سەل كونكىرىتراق ئپ ...

مەسىلەن تىمىدا دىيىلىپتۇغۇ ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندا ئۇزۇنلۇق ئىگىزلىك كەڭلىكتىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەم باركەنغۇ، ئەمدى تۆت ئۆلچەملىك ماكاندا يۇقۇردىكى ئۆلچەملەردىن سىرت يەنە ۋاقىت ئوقىمۇ بار ئىكەن دەپ چۈشەندىم، شۇڭا يۇقۇرقى ئىنكاسىمدىكىدەك ئويلاپ گۈدەكلەرچە سۇراپ باققان ئىدىم، لېكىن راستىنى ئېيتقاندا مەن تۆت ئۆلچەملىك ماكاننى تۇنجى قېتىم مۇشۇ تىمىنى ئۇقۇپ ئاندىن بىلدىم.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 19:50:20

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 18:42 static/image/common/back.gif
مەسىلەن تىمىدا دىيىلىپتۇغۇ ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندا ئۇز ...

     تۆت ئۆلچەملىك ماكان -زامان بىلەن تۆت ئۆلچەملىك ماكان ئوخشىمايدۇ.  مۇشۇنىڭغا دېققەت قىلىڭ .  

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 15:12:22

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 11:26 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا تۆت ئۆلچەملىك دۇنيادىكىلەر ۋاقىتنىڭ ئالدى كە ...

گىپىڭىز ماڭا بىر قوزغۇلۇش بەردى....چۈنكى تۆت ئۆلچەملىك بوشلوقنڭ بىر ۋاقىت ئوقى بولغاچقا ئۇيەردە ۋاقىت جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ ‹ئالدى-كەينىگە›ماڭغىنى بولىشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە مەن بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىمەن.
بەت: [1]
: تۆت ئۆلچەملىك دۇنيا