doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 11:08:10

قارا ئۆڭكۈر

‹قارائۆڭكۈر ›بۇئاتالغۇ تىخى يىقىنقى زاماندا مەيدانغا كەلگەن ،1969-يىلى ئامېرىكافىزىكائالىمى جۇن ۋىللىر 200يىل ئاۋالقى بىر ئۇقۇمنى تەسۋىرلەپ بېرىش ئۈچۈن بۇئاتالغۇنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ،ئۇ ۋاقىتتا نۇرنىڭ ئىككى خىل تەلىماتى بار ئىدى:بىرسى نىيۇتۇننىڭ ئەڭ قوللايدىغىنى يەنى نۇر زەرىچە تەلىماتى ،يەنە بىرسى بولسانۇرنىڭ دولقۇندىن تۈزىلدىغانلىق توغۇرسىدىكى تەلىمات .بىز ھازىر بۇ ئىككى خىلتەلىماتنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ توغۇرلىقىنى بىلدۇق .كۇۋانىت مىخانىكىسىغائاساسلانغاندا نۇر ھەم دولقۇن ھەم زەرىچە ،ئىنتايىن قىززىقارلىق ئەمەسمۇ نۇرنىڭئۆزىلا چوڭ ئۇقۇم ئۇنى تەسۋىرلەپ بىرىش ئۇچۇن باشقا ماقالە يىزىشىمغا توغرا كىلىدۇ.نەق تېمىغا قايتىپ كىلەيلى نۇرنىڭ دولقۇن نەزىريىسىدە تارتىش كۈچىنىڭ نۇرغاقانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى نامەلۇم ،لېكىن نۇرنىڭ زەرىچە نەزىريىسىدە تارتىشكۈچى نۇرغا كۆرىنەرلىڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ،خۇددى ئىتىلغان زەمبىرەك ئوقى ،راكىتا ۋەپىلانىتلارغا ئوخشاشلا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ .كىشىلەر دەسلەپتە نۇرچەكسىز تىز سۈرەتتە ھەركەت قىلىدۇ شۇڭا ئۇ تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمايدۇ دەپقارغان ،ئەلۋەتتە ھەرقانداق توغرا نەزىريىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇچۈن نۇرغۇنلىغانخاتا پەرەزلەر بولغان شۇ خاتالىقلار بولغاچقىلا توغرا نەزىريە مەيدانغا كەلگەن .نۇرننڭمۇئەيەن سۈئىتى بار يەنى سىكۇنتىغا 300000كىلومىتىر دېمەك نۇرمۇ تارتىش كۈچىنىڭتەسىرىگە ئۇچىرايدۇ .               1783-يىلى كامبىرچئۇنۋىرسىتىنىڭ مەكتەپ نازارەتچىسى جۇن مىشىر مۇشۇ پەرەز ئاساسىدا ماقالە ئىلانقىلغان .قىسقىچە سۆ قۇشۇپ قۇياي كاۋىندىش ئەينى ۋاقىتتا ئالەملىك تارتىش كۈچىتۇراقلىقىنى ئۆلچىگەندە مىشىرنىڭ تەجىربە قۇرۇلمىسىنى يەنە مىشىرنىڭ ئۇسۇلىنىئىشلەتكەن لېكىن ھازىرقى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئالەملىك تارتىش كۈچى تۇراقلىقىنىئۆلچىگەن كاۋىندىشنىلا تونىيدۇ مىشىرنى بولسا بلمەيدۇ بۇ غەلىتە ئەمەسمۇ ؟نەگەكەلدۇق؟ھە توغرا مىشىرنڭ پەرىزىگە كەلدۇق ،ئۇنىڭ پەرىزىچە ماسسىسى يىتەرلىك چوڭ بولغانتۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىنتايىن چوڭ تارتىش كۈچى مەيدانى بولۇپ ھەتتا نۇرمۇ ئۇنىڭدىنقېچىپ قۇتىلالمايدۇ ،ئۇتۇرغۇن يۇلتۇز چىقارغان نۇر يىراققا بارمايلا ئۆزىتەرىپىدىن سۈمۈرىلۋالدۇ .ئاقىۋەتتە ئۇ قارا بولۇپ كۆرىنىدۇ .                  ئەمەلىيەتتە،چۈنكى نۇرنىڭ سۈرئىتى مۇقىم ،شۇڭا ئۇنى نىيۇتۇنىڭ تارتىش كۈچى نەزىريىسى ئارقىلىقخۇددي زەمبىرەك ئوقىنى تەھلىل قىلغاندەك تەھلىل قىلساق بۇ پەقەتلا ماسلاشمايدۇچۈنكى ئاسمانغا ئىتلغان زەمبىرەك ئۇقى تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن سۈرىتىنى داۋاملىق  ئاستىلايدۇ ئاخىردا توختاپ كەينىگە يانىدۇ.لېكىن بىر فوتۇن چوقۇم سۈرىتىنى ئۆزگەرتمەي يۇقۇرغا مىڭىشى لازىم ،ئەمسە نىيۇتۇنتارتىش كۈچى قانۇنيىتى بۇنىڭغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟بۇمەسىلە 1915-يىلىئىنىشتىين كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىڭ نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويغاندا ھەل بولدى ،يەنەخىلى كۆپ ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كىشىلەر ئاندىن بۇ ماسسسى چوڭ بولغان تۇرغۇنيولتۇزنىڭ نۇرغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدى .                                               
قارائۆڭكۈرنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بىلش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭدەۋرىي ئۆمۇرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز .ئەڭ ئالدى بىلەن كۆپ مىقداردىكى گازلار (كۆپقىسىمى ھىدۇرىگىن گازى )ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچىراپ بىريەرگە يىغىلىشقاباشلايدۇ ،ئۇ بىر يەرگە يىغىلغان ۋاقىتتا گاز مولىكۇلالىرى تىز سۈرەتتە ھەركەتقىلپ بىربىرسىگە ئۇرۇلدۇ بۇ گازنىڭ تىمپىراتۇرىسى ئاشتى دىگەن گەپ .ئاخردا گازنىڭتىمپىراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ئككى ھىدۇرىگىن مولىكۇلاسى سوقۇلغاندا ئۇلارقاڭقىپ كەتمەي بىرىكىپ گىلىنى شەكىللەندۇردۇ ،بۇخۇددى بىر كونتۇرۇل قىلىنغانھىدۇرىگىن بومبىسىغا ئوخشايدۇ ،بۇ ئارقىلىق تۇرغۇن يۇلتۇز نۇر ۋە ئىسسىقلىق ھاسىلقىلىدۇ .بۇ ئىسسىقلىق گازنىڭ بىسىمىنى ئۆرلىتپ تارتىش كۈچى بىلەن تەڭپۇڭ ھالەتكەكەلتۇردۇ ،بۇنىڭ بىلەن ئۇ گازلار داۋاملىق يىغىلىشتىن توختاپ بىر شار شەكىلنىپەيدا قىلىدۇ .ئەلۋەتتە تۇرغۇن يۇلتۇزمۇ ھامان ئۇنىڭ ئىنىرگىيىسىنىڭ كىلىش مەنبىيىبولغان ھىدۇرىگىنى ياكى باشقا يىقۇلغۇسىنى تۈگىتىدۇ .ئەمدى ئويۇننىڭ قىززىقىباشلىنىدۇ .تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يىقىلغۇسى قانچە چوڭ بولغانسىرى ئو شۇنچە شىددەتلىڭكۈيىشى كىرەك .چۈنكى تىخىمۇ كۆپ ئىسسقىلق ھاسىل قىلپ ئۈزىنىڭ ماسسىسغا تاقابىلتۇرىشى كىرەك (قايتا يىغىلىشتىن ساقلىنىش ).بىزنىڭ قۇياش يەنە 5مىليارد يىلدىنكۆپىرەك ۋاقىت كۈيەلەيدۇ ،لېكىن ماسسىسى تىخىمۇ چوڭ بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز100مىليۇن يىلچىلىك قىسقا ۋاقىت كۈيىدۇ .تۇرغۇن يۇلتۇز يىقىلغۇسىنى تۈگەتكەندىنكىيىن ئۇنىڭ تىمپىراتۇرىس تۈۋەنلەشكە باشلايدۇ ،ھىدۇرگىن تۈگەپ گىلى قالىدۇ،ئۇقانداق قىلىشى كىرەك ؟ئامال يوق گىلىنى يىقىلغۇ قىلشى كىرەك ،گىلى بىرىكىپلىتىيغا لىتىيدىن بېرلىغا شۇنداق قىلپ ئۇداۋاملىق تىخمۇ ئىغىر ئىلىمنتقا ئايلىنىدۇبۇۋاقىتتا تۇرغۇن يۇلتۇز چوڭيىدۇ ،ئۇتەرەقىي قىلپ ئاخىرقى دەۋىرگە كەلگەندەئۇتىخىمۇ ئالىي دەرىجىدىكى ئىلىمىنتلىرنى ھاسىل قىلالمايدۇ (ماسسسى نۇرمال بولغانقۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزلار تۆمۈ ر ئىلىمنتى ھاسىل قىلغاندىكىنلا پارتلايدۇ)ئاخردا تۇرغۇن يۇلتۇر يىتەرلىك ئىسسىقلىق چىقىرالماي ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىنگۈمۈرلۈشكە باشلايدۇ .گۈمۈرلۈشنىڭ نەتىجىسى بولسا ھەرخىل بولىدۇ مەسىلەن قۇياشقائوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئاخردا ئاق پىتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ ،ماسسىس قۇياشتىن30ھەسسە چوڭ بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز ئاخردا قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدۇ .                                                            
قارائۆڭكۈرنىڭ ماسسسى ئىنتايىن چوڭ سىرتقى يۇزى ئىنتايىن كىچىك بۇخۇددى پۇتۈنيەرشارىنى بىر يىڭنەچىلىك كىچىكلەنگە ئوخشاش ،ئۇنىڭ ماسسىسنڭ چوڭلىقىدىن نۇرمۇئۇنىڭدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ .ئۇنىڭ ماسسسى غايەت زور چوڭ بولغاچقا ۋاقىت ساياھىتىقىلش مۇمكىنچىلىقى بار ( ئالدىنقى ماقالەمدە سۆزلىگەن )قانداق ۋاقىت ساياھىتىقىلغىلى بولدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەكۇرىغا ئىلىپ قۇيدۇپ ،يەنە بىر مەسىلەھازىرغىچە يىشىلمىغان بىر سىر بار ئۇبولسىمۇ قارا ئۆڭكۈرنڭ ئىچى قانداقتۇ؟ھەممىمىز تەپەككۇرمىزنى قاناتلاندۇرۇپ باقايلى .                                       

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:32:33

خاۋكىڭنىڭ ‹‹ ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› دېگەن كىتابىنى ئوقۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ ؟ ياكى ھازىرمۇ ھەم ئۇ كىتابنى بىرەر قېتىم ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىمدۇ ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:37:00

فىزىكىدا نۇرنى بەك تەتقىق قىلامدۇ قانداق؟
نۇرنىڭ فىزىكىدىكى ۋە باشقا جەھەتتىكى رولى نىمە؟

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:37:11

ۋاقتى ئۆتكىنى يوق بۇكىتابنى ئوقۇسا ئوقۇغۇسى كىلىدۇ.بۇماقالىنى شۇكىتابتىن پايدىنلىنىپ يازدىم.

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:48:48

قارا ئۆڭكۈر تەلىماتىنى سىتېۋىن خاركىڭ ئۈزى ئاغۇرۋەتكەنلىك توغۇرسىدا بىر ماقالە ئۇقۇغاندەك قىلۋىدىم.......{:87:}
تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشەنچە بەرسىڭىز تولىمۇ مەمنۇن بۇلاتتىم.......تىما ئىگىسى
يەر شارى يىڭنىچىلىك ھالەتتە ئەمما ماسسىسى ئۆزگەرمەمدۇ.......قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى قانداق ھاسىل بۇلىدۇ..؟

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:51:11

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 12:37 static/image/common/back.gif
فىزىكىدا نۇرنى بەك تەتقىق قىلامدۇ قانداق؟
نۇرنىڭ فىزى ...

نۇر بەك چوڭ ئۇقۇم ،ئەمدىلا ئالي مەكتەپكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ماڭا نسبەتەن بۇنى چۇشەندۇرۇپ بىرىش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ،مەنمۇ نۇر ھەققىدە كۆپ ئويلانغان ،مەن ئۆزۈم نۇرنى تۆت ئۆلچەملىك بوشلوق ئىچىدە تارقىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.ئەلۋەتتە بۇنى ئىسپاتلاپ بىرىش كىرەك بولمىسا كىم ئىشىنىدۇ دەيسىز.مەن شۇ جەھەتلەردىن ئىزدىنۋاتىمەن.ئەگەرنۇرنىڭ تىخىمۇ سىرلىقلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز فىرماننڭ qedنۇرنىڭ ئۆزگىچە ساياھىتى دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ بىقىڭ ،مەنمۇ شۇ كىتاپنى ئوقۇپ نۇرغا قىززىقىپ قالغان.

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:07:38

tiroy يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 12:48 static/image/common/back.gif
قارا ئۆڭكۈر تەلىماتىنى سىتېۋىن خاركىڭ ئۈزى ئاغۇرۋەتكە ...

تولىمۇ ياخشى سوئال سوراپسىز قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى ھاسىل قىلىش نسبىيلىك نەزىريىسى بويىچە ئىيتساق ئۇنىڭ تارتش كۈچى ھاسىل قىلشى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تارتىش كۈچى ھاسىل قىلش بىلەن ئوخشاش پىرىنسپتا،يەنى ماسسىسى چوڭ جىسىمنىڭ بوشلۇقنى ئىگش دەرىجسى چوڭ بولىدۇ.بوشلۇق قانچە يۇقىرى دەرىجىدە ئىگلگەنسىرى ۋاقىت شۇنچە ئاستا ئۆتىدۇ.قارا ئۆڭكۈرگە كەلسەك ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى كىچىڭ ماسسىسى بولسا ئىنتايىن چوڭ .ئويلاپ بىقڭ ئۇيەردىكى ۋاقىت قانچىلىك ئاستا ئۆتىدۇ.قارا ئۆڭۆرنىڭ بۇنداق چوڭ تارتىش كۈچى بولىشىنى مۇنداق ئويلاڭ بىر تەكشىلىكتە يىيىپ تارتىلغان پەردەبار (ئىلاستىكلىقى ئىنتايىن يۇقىرى) ئۇنىڭ ئەتىراپىدا سۇتامچىلرى بار(ئاسمان جىسىملىرى)سىزمىخنى (قارا ئۆڭكۈر)پەردە يۈزىگە كۇچەپ بىسىڭ (پەردە يىرتىلپ كەتمەسلىكى كىرەك چۈنكى نىسبىيلىك نەزىريىسىدە بوشلوق يۇقىرى ئىلاستىكىلىققا ئىگە دىيىلگەن) سۇتامچىلىرى ئويمان يەرگە كىرگەندۇ ، مانا بۇ تارتىش كۈچى.

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 18:05:40

ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۈم
مەن قارا ئۆڭكۈر ۋە ۋاقىت تونلى تۇغىرسىدا قىززىقارلىق جۇغراپىيە دىگەن كىتاپتا بىر تىما ئۇقۇغان ئىدىم،ۋاقىت چىقىرالىسام مۇنبەرگە يۇللاپ بىرگە چۇشەنچە ھاسىل قىلساق بولىدۇ باشقا تۇرداشلارنىڭمۇ مۇشۇ تىما جەھەتتە كۇرگەن ماتىرياللار بولسا مۇنبەرگە يۇللاپ قۇيساڭلاياكى كىتاپ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قۇيساڭلا. منىڭ بىر دۇستۇممۇ خىلى بولدى مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقىلى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 18:24:34

doctorWHO يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 12:51 static/image/common/back.gif
نۇر بەك چوڭ ئۇقۇم ،ئەمدىلا ئالي مەكتەپكە قەدەم قويۇش  ...

مۇشۇ تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق دىگەنگە قىسقىچە ئىزاھ بەرسىڭىز. تولا ئاڭلاپ كەتتىم ئەقلىم يەتمەيدۇ.

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 19:25:24

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 18:24 static/image/common/back.gif
مۇشۇ تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق دىگەنگە قىسقىچە ئىزاھ بەرس ...

ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ياشاۋاتقان بىزگە نىسبەتەن تۆت ئۆلچەملىق بوشلۇقنى تەسۋىرلەپ بىرىش ھەقىقەتەنمۇ تەسكە توختايدۇ.دەرۋەقە تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتىنمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى بوشلۇقلاربار.مەن مۇشۇ تىمىدا ماقالە يىزىشنى ئويلىشۋاتىمەن.شۇنداقتىمۇ تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇققا قىسقىچە تەبىربىرىپ ئۆتەي.ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ ياشاۋاتقان بوشلۇقىمىز ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق يەنى ئىگىزلىك كەڭلىك ئۇزۇنلۇقتىن تەركىپ تاپقان ئەمدى تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇققا كەلسەك ئۇنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن ئارتوق بىر ۋاقىت ئوقى بار .كىيىنكى ماقالەمدە بۇتوغۇرسىدا تەپسىلى توختىلىمەن.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 19:59:31

doctorWHO يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 19:25 static/image/common/back.gif
ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ياشاۋاتقان بىزگە نىسبەتەن تۆت ...

سىز خاتا چۈشنىۋالدىڭىزممۇ قانداق تۆت ئۆلچەملىك ماكان زامان بىلەن تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ۋاقىتنى قىتۋالساق بۇ بەش ئۆلچەملىك ماكان -زامان دىيلىدۇ.
بوشلۇق ئۈچ ئۆلچەملىك بولدۇ دەپ  قارىلىدۇ  ھەم فىزكىلىق مەنىگە ئىگە ، بوشلۇقنڭ تۆتىنجى ئۆلچىمى مەۋجۇت دەپ قاراۋاتىدۇ ھەم فىزكىلىق مەنىگە ئىگە دەپ قاراۋاتىدۇ.    بوشلۇقنىڭ بەشىنجى ئۆلچىمى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقرى ئۆلچەملەر  پەقەت ماتىماتكىنىڭ گەپلىرى  خالاس .
تخى ھىچكىم فىزىكىدا بوشلۇقنىڭ بەشىنجى ئۆلچىمى مەۋجۇت دەپ قاراپ باقمىدى.

بۇنداق چۈشەسىڭز بولىدۇ .   ‹سىز ئۈچ ئۆلچەملىك ياچ پارچىسنى كۆيدۈرۈپ ئىككى ئۆلچەملىك كۈلگە ئىرشىۋاالسىز ›
سىز مۇشۇ ئۇسسۇلىدا فىزىكىدىكى تۆتىنجى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشنىشكە ئۇرۇنۇپ باقسىڭز بولدۇ ،  بۇ تۆتىنجى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشنىش ئۈچۈن ئۆزۈم كىرگۈزگەن  مىىسال  .  تخىمۇ ياخشى مىساللار بولسا ئوتۇرغا قويۇپ باقساڭلار بولدۇ.

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 20:25:43

tamqi1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 18:05 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۈم
مەن قارا ئۆڭكۈر ۋە ۋاقىت تونلى تۇغ ...

مەن سىزگە ئۆزم ئوقۇغان فىزىكا توغورلۇق بىر نەچچە كىتابنى تەۋسىيە قىلاي : 1.گاموفنڭ ‹بىردىن چەكسىزلىككىچە›خەنزۇچە(从一到无穷大)  يەنە2.كاكامىچىيۇنىڭ‹پارالىل ئالەم›(平行宇宙)ۋە3.خاۋكىڭنڭ‹مىۋە قىپى ئىچىدىكى ئالەم›(果壳中的宇宙)ۋە‹چوڭ لايھىلەش›(大设计)ۋە‹ۋاقت تەرجىمالى›(时间简史)ۋە4.كاۋكىسنىڭ‹كۇۋانتۇم ئالەم›(量子宇宙)ۋە5.لوسبولۋنڭ‹كۇۋانتۇم سىرى› (量子之谜)ۋە6.جامىس سىتىننڭ‹ئالەمنىڭ سىرىنى ئىچىپ بىرىدىغان 13 تۇراقلىق سان›(揭示宇宙奥秘的13个常数)ۋە7.كىلگنىڭ‹كۇۋانتۇم چىرمىشش›(量子纠缠)ۋە8.گىربيننڭ‹سىچىردىڭنڭ مۈشىكىنى ئىزدەش›(寻找薛定谔的猫).

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 21:39:16

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 19:59 static/image/common/back.gif
سىز خاتا چۈشنىۋالدىڭىزممۇ قانداق تۆت ئۆلچەملىك ماكان ...

تۆت ئۆلچەملىڭ بۇشلۇقنڭ ئۈچ ئۆلچىملىك بوشلۇقتىن پەرىقلىنىدىغىنى ئۇنىڭدا راستىنلا بىر ۋاقت ئوقى ئارتوق . تۆت ئۆلچەملىك بوشلوقنى كۆرەمىگىنىمىز بىلەن ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلىرىنى كۆرەلەيمىز .مەسىلەن يەر شارىنڭ قۇياشنى ئايلىنىشى دىگەندەك. ئەمدى تىخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇققا كەلسەك ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت تىخىمۇ يۇقىرى ئۈلچەملىك بۇشلوق ئاتۇمنىڭ ئىچكى قىسىمى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىڭ ئاساسىي زەرىچىگە تەسر قىلىدۇ ،مىنىڭچە سىز (优雅的宇宙(弦理论دىگەن خاتىرلەش فىلىمىنى كۆرۈپ بىقىڭ.  مەن ئەمدى ئۆزۈمنڭ يۇقىرى ئۆلچەملىڭ بوشلوقنڭ تۇرمۇشۇمۇزدا بىۋاستە كۆرسەتكەن تەسىرى توغۇرسىدا ئۆزۈمنڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقاي سىلەرمۇ دەپ بىقىڭلار1.يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلوق(4ئۆلچەملك بوشلوقتىن يۇقىرى)ئىنىرتسينى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن2.ماسسىنى شەككلەندۈرىش مۇمكىن (خىگىس زەرىچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلك).

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 21:50:11

مۇمكىن بولسا  ئۆزىڭزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى توغرۇلۇق مەلۇمات بىرۋىتىڭ، ئۇقۇملارنى بەك ئارلاشتۇرۇپ قويۋاتسىز
تۆت ئۆلچەملىك ماكان- زامان بىلەن تۆت ئۆلچەملىك ماكان  ئوخشىمايدۇ   ، ئەلدنقىسدا ماكان ئۈچ ئۆلچەم ،كىيىنكىسىدە ماكان تۆت ئۆلچەم ، ئەگەر ئۇنىڭغا زامان قىتىلسا ئۇ بەش ئۆلچەملىكل ماكان -زامان دىيلىدۇ.

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 21:55:54

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 21:50 static/image/common/back.gif
مۇمكىن بولسا  ئۆزىڭزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى توغرۇلۇق م ...

قىنى ئەمسە تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشەندۈرۈپ بىقىڭ .بوشلوققا بىر ۋاقىت ئوقى قىتىلغاندىن كىيىن بىزئۇنى ماكان-زامان(时空)دەپ ئاتايمىزمۇشۇ شۇ تۆت ئۆلچەم.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 22:01:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-23 22:08  

doctorWHO يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 21:55 static/image/common/back.gif
قىنى ئەمسە تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشەندۈرۈپ بىقىڭ .ب ...

باشتا يازغان ئنكاسىمدا چۈشنىش ئۇسسۇلىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىم   شۇ يول بويىچە ئويىلىنىپ كۆرسىڭز بولدۇ    ھازىرچە ماكاننىڭ تۆتىجى ئۆلچىمىنى ھىس قىلىش مۇھىم ئىش.  سىزگە دېسەم بۇ يەردە مەن بىلەن مۇنازىرلىشىدىغان مەسلە يوق .   
ئىلىم -پەن ئوقۇشلۇقلىرى ھەم سنىلىرىنى  كۆتۈرۈپ چىقماي ،   رەسمىي كەسپى كىتابلارنى پايدىلىنىش ماتىرىيالى سۈپتىدە كۆتۈرۈپ چىقىمىز ھە .  رەسمى كەسپى كىتابلار  بىلەن ئىلىم -پەن ئوقۇشلۇقلىرى  پەرقلىنىدۇ .

doctorWHO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 22:08:27

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 22:01 static/image/common/back.gif
باشتا يازغان ئنكاسىمدا چۈشنىش ئۇسسۇلىنى ئېنىق كۆرسىت ...

بۇچۇشىنىش ئۇسۇلىمۇ ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ  سىز ئوتۇننى كۆيدۈرۈپ كۈلگە يەنى ئۈچ ئۆلچەملىكتن ئىككى ئۆلچەملىككە ئىرىشتىم دەپسىز بۇنى پەقەتلا تۆت ئۆلچەملىك بوشلوققا باغلىيالمىدىم .بۇسا بىر تەپسىلى تۆت ئۆلچەملىك بوشلوقنى چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 10:14:37

ماۋۇ ئەككەڭلارنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ ئايىغى چىقسا بىزمۇ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق بىلەن تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشىنىۋالغان بۇلاتتۇق.   ئۈستىدىكى ئىنكاسلاردىن راستىمنى دىسەم سەل قايمۇقۇپ قېلىۋاتىمەن ھېچنىمىنى چۈشەنمەي.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 10:29:22

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 10:14 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ئەككەڭلارنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ ئايىغى چىقسا بىزمۇ ئۈ ...

مۇنازىرە ئالىلىقاچان ئاياقلاشتى  . ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە مۇنازىرلىشىدىغان مەسلىمىۇ يوق ئىدى.
ئۇ ئەمدى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتكۈزگەن ئۇقۇغۇچىكەن  ،فىزىكىدا مۇنتىزىم تەربىيە كۆرۈپ باقمىغان .  
ئەمما ئىنىمىزنىڭ  تىرشچانلىقىغا قايىلمەن .
ئەمما ھەققىى توغرارىسى مەن دېگەندەك بولشى كىرەك ئىدى،  ئەمدى قايسنى تاللاش ئۆزىڭزنىڭ ئىشى.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 11:55:34

ئەمەلىيەتتە -مىنىڭ قارىشىمچە-ماكان-زامان ئالتە ئولچەملىك ،نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدە ۋاقىت بىلەن ماكاننىڭ ئورنى سىمىتىرىك ئەمەس .
بەت: [1] 2
: قارا ئۆڭكۈر