matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 10:13:36

ماتېماتىكا ھەۋاسكارلىرىغا3 مەسىلە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matrix67 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-23 10:16  

1- مەسىلە:  تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بوش چاقماقلارغا 2 خانىلىق پۈتۈن سان تولدۇرۇڭ، ئۇلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرسۇن .
                 (1) سانلار تەكرارلارنمىسۇن (يەنى بىر چاقماققا تولدۇرغان ساننى يەنە بىر چاقماققا تولدۇرۇشقا بولمايدۇ) .   
               (2)  سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ھەر 3 چاقماققا نىسبەتەن ، ئوتتۇردىكى چاقماقتىكى سان قالغان ئىككى چاقماقتىكى ساننىڭ
                     ئەڭ كىچىك ئومۇمىي ھەسسىلىكى بولسۇن.      
http://i325.photobucket.com/albums/k379/bilimhumar/1_zps23830161.png   


2- مەسىلە:  تۆت تەرەپلىك ABCD دا AB بىلەن CD ئۆزئارا پاراللېل ، AB=16  , CD =12  ھەم BC
3- مەسىلە:  http://i325.photobucket.com/albums/k379/bilimhumar/3_zps5dd9a5d0.png  ھەم http://i325.photobucket.com/albums/k379/bilimhumar/2_zpsd68306fa.png ئىكەنلىكى بېرىلگەن. پۈتۈن سانلار گۇرۇپپىسى http://i325.photobucket.com/albums/k379/bilimhumar/4_zps71299058.png  نى تېپىڭ.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:39:39

matrix67 ئەپەندى مۇشۇنداق ئەمەلىي مىساللارنى قايسى كىتاپلاردىن ئېلىۋاتىسىز؟
زادى مۇشۇ ماتىماتىكا تەپەككۇرىنى ،ماتىماتىكا دېسە بېشى ئاغرىيدىغان،كاللا ئىشلىتىشتىش قاچىدىغان
ئادەتنى قانداق يۇقىتىش كېرەك؟

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:37:14

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 12:39 static/image/common/back.gif
matrix67 ئەپەندى مۇشۇنداق ئەمەلىي مىساللارنى قايسى كىتاپل ...

بۇ مىساللار ئىلگىرى ئۆزەم يىغىپ ساقلاپ مىساللار ئىدى. ئۇزۇن بولدى ماتېماتىكا بىلەن ھەپىلەشمىگىلى. ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنىمۇ تاشلىدىم. نېمىشقا دېسىڭىز ، ماتېماتىكىنى « قوش تىل» دا ئۆتۈشنى زادىلا ياقتۇرمۇدۇم. تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسى بولغان ماتېماتىكا ئىلمىنى ئانا تىلدا ئۆتەلمەي شۇ ئاچچىقىمدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىمنى تاشلاپلا ۋەتتىم.

ماتىماتىكا تەپەككۇرىنى ،ماتىماتىكا دېسە بېشى ئاغرىيدىغان،كاللا ئىشلىتىشتىش قاچىدىغان ئادەتنى قانداق يوقۇتۇش كېرەك؟   
بۇ سوئالغا ئۆزەمنىڭ قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتەي، ماتېماتىكىنىڭ ئەزەلدىنلا تەپەككۇرنى ئېچىشتا رولىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆپۈنچىمىزگە ئايان، بىراق ماتېماتىكىدىن زىرىكىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ يەنىلا كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ سۆزلەپ باقاي :
1. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچىلاردىن قورقۇش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشى.
   باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى پىداگوگىكا توغرىسىدا ھېچنىمە بىلەي تۇرۇپلام ئوقۇتقۇچى بولغانلار، شۇڭا بۇلاردا ئوقۇغۇچىلارغا قانداق بىلىم بېرىش مىتودى كەمچىل. بۇ ئوقۇتقۇچىلار ھە دېسىلام ئاشۇ سەبىي بالىلارنى تىللاش، ئۇلارغا ئورۇنسىز ئاچچىقلاش بىلەن سەبىيلەرنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ ، بۇ سەبىيلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ئويلىغانلىرىنى دېيەلمەيدىغان، ئۆز پىكىرىنى ئېيتالمايدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ سەبىيلەردە مەكتەپكە بېرىپ بىلىم ئېلىش بىر خىل زىرىكىشلىك، قورقۇنۇچلۇق ئىش بولۇپ قالدى. باشلانغۇچتىن باشلاپلام كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان قىزىقىشى يوققا چىقتى.  يەنى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن بىر خىل قورقۇيدىغان ھادىسە شەكىللەندى.

2.  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا ئوخشاش تەبىئەت پەنلىرىنى دەرسىنى بىر خىل ۋەزىپە ئورنىدىلا ئۆتۈش ھادىسىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى.
ھازىر كۆپلىگەن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى پەقەت سائەت توشقۇزۇش ئۈچۈنلا ئۆتىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار شۇ سائەتلىك دەرسنى قانداق ئۆتۈش؟ بالىلارغا شۇ سائەتتە قانداق بىلىملەرنى يەتكۈزۈش؟ دەرستە قانداق يېڭىلىق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش؟ .... ھەققىدە ئويلانمايدىغان ھال شەكىللەندى. دەرس ئۆتۈش ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن سائەت توشقۇزىدىغان ۋەزىپە بولۇپ قالدى.  بۇنىڭ بىلەن كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار تەبىئەت پەنلىرىدىن زېرىكىش ھېس قىلىشقا باشلىدى.

3. مەكتەپلەردە تاپشۇرۇقنىڭ زىيادە كۆپ بولۇش ھادىسىسى .
  ھازىر بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قارايدىغان بولساق تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلۈكىدىن چۆچۈپ كېتىمىز.  ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئۈرۈمچى 17- ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ بىركۈنلۈك تاپشۇرۇقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىدىنلا 3 خىل يانداشما كىتاپ بار بۇلۇپ، ھەر كىتابندىن 10 بەت ئەتراپىدا تاپشۇرۇق بەرگەن. يەنە باشقا دەرىسلەرنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى قوشقاندا شۇ بىر كۈنلۈك تاپشۇرۇقى تەخمىنەن 100 بەت ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇنچە كۆپ تاپشۇرۇقنى 8 سائەتلىك ئوقۇشىنى تاماملاپ ئۆيگە قايىتقان  ئوقۇغۇچى قانداقمۇ ئىشلەپ بولالىسۇن ؟  تاپشۇرۇقنىڭ بۇنچە كۆپ بۇلىشى ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كۆپ تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ زىرىكتۈرىدۇ. ھەم ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن ئېغىر روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ يۇقارقى ئۈچ سەۋەب ئوقۇتقۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ئېغىر سەۋەنلىك. ئاۋۋال مۇشۇ سەۋەنلىك تۈگۈتىلىشى كېرەك. ئاشۇ چاغدا بالىلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىنى قايتا قوزغاشقا بولىدۇ.
   

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:58:48

9               45            15           12             24  


90             30             60           48             72


10             20              4            16            36


مۇشۇنداق توشقۇزىدىكەنمىز..ماۋۇ بولىدىغان مەسلىكەن...كەچتە ئىككىنچى مەسلىنى ئويلىشىپ باقاي....

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 14:13:06

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 13:58 static/image/common/back.gif
9               45            15           12             24  




يېشىش يوللىرىڭىزنى ئورتاقلاشسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن. مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يېڭى پىكىر يولىنى ئۆگىنىۋالاتتۇق.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 18:20:06

matrix67 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 14:13 static/image/common/back.gif
يېشىش يوللىرىڭىزنى ئورتاقلاشسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلا ...

ئۆزەمچە مۇنداق تەھلىل قىلىپ باقتىم. بۇ كاتاكچىلەرنى توشقۇزۇشتا ئىنىقكى ئوڭدىن سولغا قاراپ توشقۇزۇپ ماڭىمىز. سانلار قايتىلانمايدىكەن شۇنداقلا ئەڭ كىچىك ھەسسىلىك سان توشقۇزىدىغان گەپكەن. شۇڭا ئورتاق ھەسسىلىك سان بولۇشى ئۈچۈن ئوڭ تەرەپتىن توشقۇزىلىدىغان سانلار 10 ، 12 ، 15، 16، 20، 24 دىگەندەك ئورتاق ھەسسىلىك سانى جىقراق بولغان سانلار بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم.  11، 13،17دىگەندەك تۈپ سانلار شۇنداقلا 14، 18 دىگەندەك سانلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۇمومى ھەسسىلىك سانى ئازراق، بۇلۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى ھالقىلىق سان بولغان 4 بولغان ئەڭ كىچىك ھەسسىلىك سانى ئازراق.ئەڭ دەسلەپ ئوڭ تەرەپكە 12 نى قۇيۇپ سىناپ باقتىم ئوڭ تەرەپ بولغان بىلەن سول تەرەپنى يىغىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. 15 تېخىمۇ بولمايدىكەن. ئوڭ تەرەپتىكى كاتاكچىگە قۇيۇلغان سان بەك چوڭ بۇلۇپ كەتسە سول تەرەپكە بارغاندا ئەڭ كىچىك ئۇمومى ھەسسىلىك سانى ئىككى خانىلىقتىن ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا ئوڭ تەرەپنى 10 دىن باشلاپ سول تەرەپنى 4 نىڭ ھەسسىلىك سانلېرى بولغان 12، 24، 36، 48، 72 قاتارلىق سانلار بىلەن ئاياغلاشتۇرۇشنى ئويلىدىم. كۆپ ئويلىنىپ يۇقۇرىدىكىدەك تولدۇرۇشنى مۇۋاپىق ھىساپلىدىم.

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 18:25:12

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 18:20 static/image/common/back.gif
ئۆزەمچە مۇنداق تەھلىل قىلىپ باقتىم. بۇ كاتاكچىلەرنى ت ...

1- سوئالغا بەرگەن جاۋابىڭىز توغرا بوپتۇ.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 23:35:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dillani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 00:06  

1-نى ئاۋۇ كىشى بايقاپتۇ .

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 08:36:16

3-سۇئالنىڭ جاۋابىنى بولسىمۇ يېزىپ قۇياي، خوشياقماي 8 قۇر پروگرامما تۈزۈپلا چىقىرىپ قويدۇم.
1- خىلى: 1،3،8
2- خىلى: 1،4،5
3- خىلى: 2،2،3

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 09:25:15

1-سۇئاللنىڭ بېرىلگەن جاۋابىدە 4 بىلەن 24 نىڭ ئەڭ كىچىك ئومۇمىي ھەسسىلىكى 48 دەپ تۇرۇپتۇ، بۇ مەسىلىنىڭ شەرتىگە چۈشمەيدۇ، سانلار قايتىلانمىغاچقا ئىشلەتكەن دىگەن سەۋەبمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ مېنىڭچە.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 09:28:23

   ئەڭ ئاسان بولغان 2-مەسىلىنى ھىچكىم ئىشلىمەپتۇغۇ؟ مەن ئىشلەپ قويياي. قالغىنى ئىشلىنىپتۇ.
جاۋاپ: ب س = 6.
جەريان: گىئۇمېتىرىيەلىك شەكلىنى تەسەۋۋۇر قىلسام جاۋاپ ئوزلىگىدىن چىقىپ كەلدى.
   

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:00:08


9    90    36    11    19
38  92    80    46    64
10   24    4      12   13

مانى تەكشۈرىۋېتىڭلا، توغرا بولسا چۈشەنچەمنى تولۇقلايمەن.

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:55:33

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 10:00 static/image/common/back.gif
9    90    36    11    19
38  92    80    46    64
10   24    4      12   13


جاۋاب خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق . چۈنكى 9 بىلەن 10 نىڭ ئەڭ كىچىك ئومۇمىي ھەسسىلىكى 38 بولمايدۇ.

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:57:57

facebook يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 09:25 static/image/common/back.gif
1-سۇئاللنىڭ بېرىلگەن جاۋابىدە 4 بىلەن 24 نىڭ ئەڭ كىچىك ئو ...

راس شۇنداق ئىكەن. مەنمۇ بۇ مەسىلىنى kuyaxoghli غا ئوخشاش ئىشلىگەن ئىدىم. مەنمۇ خاتالىشىپتىمەن. قايتا ئىشلەپ باقاي قېنى.

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 10:58:40

gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 09:28 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاسان بولغان 2-مەسىلىنى ھىچكىم ئىشلىمەپتۇغۇ؟ مەن  ...

جاۋاب خاتا بولۇپ قاپتۇ. قايتا ئىشلەپ باقامسىز ؟

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:00:25

facebook يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 08:36 static/image/common/back.gif
3-سۇئالنىڭ جاۋابىنى بولسىمۇ يېزىپ قۇياي، خوشياقماي 8 قۇ ...

جاۋابىڭىز توغرا بوپتۇ. قايسى دېتالدا پىروگرامما تۈزۈپ ئىشلىدىڭىز ؟  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئالگورېزىمىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:05:27

ھە، مەن ئومومى ھەسسىلىگى دېگەننى يىغىندىسىنىڭ ھەسسىسى دەپ چۈشىنىۋاپتىمەن، چۈشەنچەمدە خاتالىق باركەن.
ئـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــوھوش!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:30:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyaxoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 13:29  

facebook يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 09:25 static/image/common/back.gif
1-سۇئاللنىڭ بېرىلگەن جاۋابىدە 4 بىلەن 24 نىڭ ئەڭ كىچىك ئو ...

ئۆزگەرتىپ قويدۇم. دىققەت قىلماپتىمەن...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:31:27

matrix67 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 10:57 static/image/common/back.gif
راس شۇنداق ئىكەن. مەنمۇ بۇ مەسىلىنى kuyaxoghli غا ئوخشاش ئى ...

سىز قىزىققۇ . 4 بىلەن 24 نىڭ ئەڭ كىچىك ئۇمومى ھەسسىلىكى شۇ 48 بولمامدۇ.

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:32:26

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 11:31 static/image/common/back.gif
سىز قىزىققۇ . 4 بىلەن 24 نىڭ ئەڭ كىچىك ئۇمومى ھەسسىلىكى  ...

خاتالاشتىڭىز، 4 بىلەن 24 نىڭ ئەڭ كىچىك ئومۇمىي ھەسسىلىكى 24 بولىدۇ.
بەت: [1] 2
: ماتېماتىكا ھەۋاسكارلىرىغا3 مەسىلە