tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 17:55:41

تامچى : تېۋىپ ھەققىدە ھېكايەت

تېۋىپ بىر دانا ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
  -مەن ساڭا ئۈچ نەرسە ئېلىپ كەلدىمكى، بۇ ئۈچ ئەزىز نەرسە سەندىن باشقا زاتقا ئەرزىمەيدۇ!-دېدى
   -ئۇلار نېمىكەن؟-دەپ سورىدى دانا كىشى. تېۋىپ بىر بىرلەپ بايان قىلىپ دېدى:
    -بىرىنچىسى، چاچ بويايدىغان بوياق، بونىڭ بىلەن چېچىڭنى بىر قېتىم بويىساڭ تاكى ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە ئاقارمايدۇ؛ ئىككىنچىسى، ھەزىم دورىسى بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلساڭ ھەرقانداق قاتتىق ۋە يىرىك تاماقنىمۇ بىر دەمدىلا يۇمشىتىپ تاشلايدۇ؛ئۈچىنچىسى شۇنداق ئاجايىپكى،ئۇنىڭدىن ئىستىېمال قىلغىنىڭدا يىگىتلىك دەۋرانىڭ يېتىپ كېلىدۇ ۋە زىبا پەرىزاتلار بىلەن خالىغانچە ئىشرەتتە بولالايسەن.
- تېۋىپ سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ، دانا كىشى ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى:
      -سەن ئېلىپ كەلگەن چاچ بويىقى ئالداشنىڭ تۇخۇمى ۋە مەغرورلۇقنىڭ نىشانىدۇر.ئۆزى قېرىسىمۇ ياشلارنىڭ قىلىقىنى قىلىش ياراشمايدۇ، قېرى كىشى ئۈچۈن ئاقرغان چاچمۇ زىننەتتۇر، مەن ئاق چاچلىرىمىنى قارا زۇلمەتكە تېگىشمەيمەن؛
    -سەن ئېيتقان ھەزىم دورىسغا كەلسەك، مەن كۆرگەنلا تاماقى سۈرۈشتە قىلماي يەۋېرىدىغان ئادەملەردىن ئەمەسمەن، مېنىڭ شوئارىم ئاز يېيىش،ئاز سۆزلەشتۇر،يىگەندىمۇ قارىغۇلارچە ئەمەس، بەلكى ئاشقازىنىم ھەزىمگە قادىر بولالىغان تاماقلارنى تاللاپ يەيمەن؛
    -ئۈچىنچى دوراڭغان كەلسەڭ، بۇ دورا شەھۋەت بەندىلىرى بولغان ئەخمەت ئادەملەرگە كېرەك. ئۆزىنىڭ زۆرۈرى ۋە سابلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، كۈن بويى خوتۇنلار ئەتراپىدا خۇشامەت قىلىپ يۈرىدىغان ئەر - بەختسىز ئەردۇر.
ئەسكەرتىش:تىمىدىكى ‹‹دانا››سۆزى ئەسلە مەنبەدە ‹‹ئۇلۇغ››دەپ ئىلىنغان ئىكەن.
مەنبە:مۇھەممەت پالتانىڭ ‹‹كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش››كىتابىدىن ئىلىندى، مۇشۇ كىتاپنى ئۇقۇۋىتىپ قىرىنداشلارنىڭمۇ كۆرۇپ بىقىشنى ئۇمۇد قىلىپ ئۇلتۇرۇمتىمەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 08:41:30

ياخشى تېمىكەن ...

ئاۋۇ ئەخمەت ئادەملەرگە دىگەننى تۈزىتىپ قويساق بولغۇدەك ...
بەت: [1]
: تامچى : تېۋىپ ھەققىدە ھېكايەت