ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 16:53:16

ئەردۇغاندىن كېيىنكى باشباقان

ئەردۇغاندىن كېيىنكى باشباقان ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ



تۈركىيە ئاۋازى (21.08.2014) رادىيوسى:
ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 1959-يىلى 26-فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتى تاشكەنت رايونىدا قول ھۇنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى مەھمەت ئەپەندى بىلەن ئانىسى مەمنۇنە خانىم ئۇنى مەھەللىسىدىكى ھاجى سۇلايمان ئەپەندى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى. ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ تۆتىنچى سىنىپنى تۆگەتكەندىن كېيىن ئائىلە ئىستانبۇلغا كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەھمەد بەشىنچى سىنىپنى ئىستانبۇل باھچەلىئەۋلەردە ئوقۇدى. ئىستانبۇلدا ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى، ئارقىدىن بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزدى. 1984-يىلى باكلاۋورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شۇ مەكتەپتە مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەسىدە ماگېستىرلىق، سىياسەت ئىلمىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 1990-يىلى مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياردەمچى دوتسېنت سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي پەنلەر كافېدىراسىنى ئاچتى ۋە كافېدىرا باشلىقى بولدى. 1993-يىلى دوتسىنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1995-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، 1999-يىلىغىچە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە ئاكادېمىك خادىم بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ لېكسىيە سۆزلىدى. 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن داۋۇتئوغلۇ، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاقساقاللار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. شۇ يىللاردا يەنە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس ئۆتتى.
1980-يىللاردا تونۇشقان ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى بىلەن ئۇنى (داۋۇتئوغلۇنى) باش مەسلىھەتچى قىلىۋالدى. يەنە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇۋاتقان مەزگىللەردە تونۇشقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى ۋە گويا بىر دىپلوماتىيە مىنىستىرىگە ئوخشاشلا تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، قىبرىس (سىپرۇس) مۇزاكىرىلىرى، ئىراق ئۇرۇشى دېگەندەك بارلىق ساھەلەردە پائال رول ئوينىدى.
خەلقئارالىق مۇزاكىرىلەرگە رەسمىي سۈپەت بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 2003-يىلى 18-يانۋاردا ئۆز دەۋرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەر ۋە باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن قارار ماقۇللىنىپ باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى بېرىلدى. 2009-يىلى 11-مايدا پارلامېنت سىرتىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.
ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 2011-يىلى 12-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سېپىدىن 24-نۆۋەتلىك كونيا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى.
تاشقى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىگە قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى نەزىرىيە تەتقىقاچىسى سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدە تونۇلغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ تاشقى سىياسەت تېمىسىدا يېزىلغان كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلىرى بار بولۇپ، سېلىشتۇرمىلىق مەدەنىيەتلەر تارىخى ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر، سېلىشتۇرمىلىق سىياسەت پەلسەپىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا يېزىلغان مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياپون، پورتۇگال، رۇس، ئەرەب، پارىس ۋە ئالبان تىللىرىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇ 2001-يىلى ئاپرېل ئېيىدا نەشردىن چىققان «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» (Stratejik Derinlik) (تۈركچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈردى. («ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق»ناملىق بۇ كىتاب 2001-يىلدىن ھازىرغىچە 54 قېتىم بېسىلدى). ئۇ يەنە 1993-يىلى نەشر قىلىنغان «تاللاشقا بولىدىغان پارادىگمالار» (ئىنگلىزچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق ئىسلام بىلەن غەربنىڭ سىياسەت چۈشەنچىسى توغرىسىدا سېلىشتۇرمىلىق ئانالىز ئېلىپ باردى. ئىنگلىز تىلىدا يېزىپ 1994-يىلى نەشر قىلدۇرغان «مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى» ناملىق كىتابىدا بولسا، غەرب مەدەنىيىتى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىرىزىس ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۇ كىرىزىسنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ۋە شەرت-شارائىتى ئوتتۇرىغا قويدى. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە ئانالىزلىرى توپلانغان «يەر شارى خاراكتېرلىك چۈشكۈنلۈك» ناملىق سۆھبەت ۋە ئانالىزلار توپلىمى 2002-يىلى نەشىردىن چىقتى. 2013-يىلى «نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە» ناملىق يەنە بىر سۆھبەت خاتىرىلىرى توپلىمى نەشردىن چىقتى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق كىشىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، قوشنا ئەللەر بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى قاراش ۋە ئاكتىپ دىپلوماتىيە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ساھەدە كۈچ چىقاردى.
كۆپلىگەن جەھەتلەردە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارغا قەدەم باسقان پىروفېسسور داۋۇتئوغلۇ 2010-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە زىيارەتتە بولدى. شۇ قېتىملىق زىيارىتى بىلەن داۋۇتئوغلۇ ھەم قەشقەردە زىيارەتتە بولغان تۇنجى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلىغان تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرى، دېگەن نامغا ئېرىشتى...
ئانا تىلى تۈركچىدىن باشقا ئىنگلىز، ئەرەب ۋە نىمىس تىللىرىنى بىلىدىغان داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «فوربىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ يۇقىرى 100 زىيالىيسى قاتارىغا كىردى. ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن سىياسەت رېئاللىقى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق يارىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پىروفېسسور دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ھازىرمۇ (2014-يىلى) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
1984-يىلى سارە داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئۆيلەنگەن ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ سەفۇرە، مەمنۇنە، مەھمەت ۋە ھاجەر بۈكە ئىسىملىك ئۈچ قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار.
قوشۇمچە: تۈنۈگۈنكى، يەنى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئادالەت ۋە قالقىنما پارتىيەسىنىڭ مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدا ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ رەجەپ تاييىب ئەردۇغاندىن كېيىنكى پارتىيە رەئىسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 26-باشباقان نامزاتىغا كۆرسىتىلدى. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدىغان ئاق پارتىيەنىڭ ئالاھىدە قۇرۇلتىيىدا ئاخىرقى قارار بېرىلسە، ئەھمەت داۋۇت ئوغلۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 62-ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەيدۇ.

پايدىلىنىلغان مەنبە:
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسى ۋە ئاگېنتلىقلار
★★★★★

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 00:20:22

بۇرۇنقى ، سەلكىندىكى كەتمەن باي بولامسىز ؟

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 01:48:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rita1028 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 01:57  

قالتىس ئادەم،گەپ نەق يېرىگە تېگىدۇ.ئاۋۇ سۆھبەت خاتىرىسى چوقۇم ئوقۇپ بېقىشقا  تېگىشلىك كىتاب. ھە ئەسلىدە گەپ دېگەننى مۇنداق قىلسىمۇ بولىدىكەن ئادەم دەپ قالىدۇ.

ئاندىن تەرجىمىدىكى يەر نامىغا كىچىككىنە  تۈزىتىش :
مەرمەر ئۇنۋېرسىتىتى دەپ ئۇنۋېرسىتىت يوق ،مارمارا دېڭىزىنىڭ نامى بىلەن ئوخشاش قويۇلغان مارمارا ئۇنۋېرسىتىتى بار. بۇ مەكتەپ سابىق باشباقان تائىپ ئەردوغاننىڭ ئانا  مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ.


halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 03:20:20

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىر گەپما؟

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 08:30:22

شۇنداق قىلىپ بۇ كىشى رەجەپ تەييىب ئەردۇغاننىڭ ئورنىغا چىقامدۇ؟!... شۇنداق بولسا تۈركىيە يەنە بىر قابىل رەھبەر گە ئېرىشەتتىكەن.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 08:41:37

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 01:48 static/image/common/back.gif
قالتىس ئادەم،گەپ نەق يېرىگە تېگىدۇ.ئاۋۇ سۆھبەت خاتىرى ...

رىتا ،ئەڭ قالتىس يەرلىرىنى ئازغىنا بولسىمۇ تەرجىمە قىپ ،يوللاپ قويسىڭىزكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 09:09:34

باشلىقنىڭ بالىسى ئەمەس تۇرۇپ باشلىق بۇلىدىكىنا؟...

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 09:24:33

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 09:09 static/image/common/back.gif
باشلىقنىڭ بالىسى ئەمەس تۇرۇپ باشلىق بۇلىدىكىنا؟...

تىپىك جۇڭگوچە تەپەككۈر :lol

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 09:25:24

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 08:41 static/image/common/back.gif
رىتا ،ئەڭ قالتىس يەرلىرىنى ئازغىنا بولسىمۇ تەرجىمە ق ...

رىتاخان ئالدىراشمىكى ...

asad يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 09:30:28

باشلىقنىڭ بالىسى بولمىغان بىلەن كېچە-كۈندۇز باشلىقنىڭ ئىشىگىدىن كۆتىگە تەپسىمۇ كەتمەي سوۋغا-سالام پارىلىرىنى قۇچاقلاپ يېتىۋالغان بولسا ئۆستۈرۈپ قويدىمۇ-يا .

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 09:54:16

ئەردوغان ھۆكۈمىتى رايونىمىز ھەم پۇقرالىرغا خىلى
كۆڭۈل بۆلەتتى، بۇ داۋۇت پالتا قانداقراق سىياسەتنى
يولغا قويا.

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 09:55:31

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 01:48 static/image/common/back.gif
قالتىس ئادەم،گەپ نەق يېرىگە تېگىدۇ.ئاۋۇ سۆھبەت خاتىرى ...

ئىشنمەنكى رىتانىڭ بىر تۈركۈم ئېسىل ئاغدۇرمىللىرى پات ئارىدا بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ...

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 09:58:57

ئەردوغان ئەلبېشىلىق ئورنىغا چىقىدۇ، بۇ كىشى بۇ ئورۇنغا چىقىدۇ. مىنىڭچە ئەردوغاننىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى بار، بۇ كىشى ۋەكىل خاراكتىرلىك.
ھازىر ئوتتۇرا شەرق قىززىپ كەتتى. تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدا جەنۇپتا سۈرىيە، شەرقتە ئېراق، شىمالدا ئۇكرائىنادا ئۇرۇش بۇلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنى سىنايدىغان پەيت كەلدى. تۈركىيە ئەتراپىدىكى مەسلىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ، قاراپ باقىلى. {:92:}

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 10:02:48

تىپىك رۇسيەچە ئالمىشىش بوپتۇ....

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 10:17:41

weyrani يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 10:02 static/image/common/back.gif
تىپىك رۇسيەچە ئالمىشىش بوپتۇ....

       بۇنى تىپىك رۇسچە ئالمىشىش دېگىلى بولمايدۇ ، سابىق رەئىس جۇمھۇر ئابدۇللاھ گۈل  بىلەن ئەردوغان ئالماشقان بولسا رۇسچە بولاتتى . بۇ تىپىك تۈركچە ئالمىشىش ، بۇرۇنقى تاشقى ئىشلار مېنىستىرىمۇ باش مېنىستىر بولغان ئىشلار تۈركىيەدە بولغان .
      نۇرغۇن تەھلىلچىلەر داۋۇت ئوغلىنىڭ ئەردوغاننىڭ ئورنىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۈركىيەنىڭ سىياسىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ پەرەز قىلىشتى . چۈنكى بۇرۇندىن ئەردوغاننىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەپ كېلىۋاتقان ئادەم داۋۇت ئوغلى ئىدى ، ئۇ تاشقى ئىشلار مېنىستىرى بولىشتىن ئىلگىرىمۇ ئەردوغاننىڭ بىرىنجى مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن . بۇ كىشىنىڭ سىياسەت بىلىمى چوڭقۇر ، پىكرى ئۆتكۈر بولۇپلا قالماي ئەردوغاندەك يۈرىكى بار سىياسەتچى ھېساپلىنىدۇ . بەلكىم شۇ سەۋەپتىن ئەردوغان ئابدۇللاھ گۈلنى تاللىماي داۋۇتئوغلىنى كېيىنكى باش مېنىستىرلىققا كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن .
  «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» (Stratejik Derinlik)   بۇنى ‹‹ چوڭقۇر ئىستىراتىگىيە›› دەپ تەرجىمە قىلسىمۇ بولاتتىكەن .

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 11:19:42

ئەھمەت داۋۇت  
رەجەپ تايىپ ئەردوغان   

مۇشۇلارنىڭ پارتىيىسى، ھۇقۇق دائىرىسىنى ئېنىقراق يېزىۋىتىڭلار  ......     

      تۈركىيە تارىخىدىكى رەئىس جۇمھۇرنى خەلق سايلىغان تۇنجى سايلام تۈنۈگۈن يەنى 10 . ئاۋغۇست تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلدى . باش مېنىتسىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان 20 مىليون 282 مىڭ سايلىغۇچى قاتناشقان سايلامدا 51.9 پىرسەنت  بىلەتكە ئېرىشىپ رەئىس جۇمھۇر بولۇپ سايلاندى . ئۇنىڭ رەقىبى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى 13.61 ئاۋازغا ئېرىشىپ چوڭ پەرىق بىلەن ئارقىدا قالدى . بۇ سايلامغا قاتناشقان ئومۇمى سايلىغۇچى تۈركىيە ئومۇمى سايلىمىدىن 16 نومۇر ئاز بولدى .

رەجەپ تايىپ تېخى يېڭىلا رەئىس جۇمھۇر بۇلۇپ سايلاندىغۇ.    بۇ تېما رەجەپ تايىپنىڭ ھۇقۇقتىن بۇرۇنراق ئايرىلىشنى مەقسەت قىىپ يېزىلغاندەك قىلامدۇ نېمە؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:19:34

ئۇنىڭ رەقىبى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى -----مۇشۇ ئادەم تەۋە پارتىيە ۋە بۇ ئادەمنىڭ تەرجىمالىنى بىلىۋالساق؟
داۋۇت ئوغلۇنىڭ كىتاپلىرى خەنچىسى بارمىدۇ ؟مۇشۇ تۈركىيە يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپلىرىنىڭ داڭلىقلىرىنىڭ خەنچە
تەرجىمىسى بولسا دەپ بەرسەڭلار ،توردىن سېتىۋېلىپ كۆرۈپ باقاي دېگەن

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:33:56

mustapa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 10:17 static/image/common/back.gif
بۇنى تىپىك رۇسچە ئالمىشىش دېگىلى بولمايدۇ ، سابىق ...

ئىككىگە ئىككىنى قوشسىمۇ تۆت بولىدۇ
ئۈچكە بىرنى قوشسىمۇ تۆت بولىدۇ

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:39:26

halik_puli يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 03:20 static/image/common/back.gif
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىر ...

شۇنداق    .  ئىككككىلىسىنى 外交部  دەيدۇ

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 14:09:52

   تۈركىيەدە بۇرۇن سىياسەتچىلەر سەللا بىخەستەلىك قىلسا مېسىردىكىدەك ھەربىلەر ھاكىمىيەتنى تارتىۋالاتتى . ئەردوغان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ھەربىيلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن بېرى خەلق سايلام ئارقىلىق رەئىس جۇمھۇرنى سايلىيالايدىغان بولدى .
بەت: [1] 2 3
: ئەردۇغاندىن كېيىنكى باشباقان