kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 16:43:12

[خەتلىك فىلىم] كىشەنسىز جەنگو


فىلىم نامى: كىشەنسىز جەنگو
ئېنگىلىزچە نامى: Django Unchained
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2012-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.5
رازمىرى: 1280x720
سىغىمى: 2Gb
رېژىسسور: Quentin Tarantino
باش روللاردا: Jamie Foxx, Christoph Waltz, Leonardo DiCaprio

فىلىم ھەققىدە:
1858-يىلى، ئامېرىكا جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، پۇت-قوللىرىغا كىشەن سېلىنغان بىر توپ نېگىر قۇللار قۇل سودىگەرلىرى تەرىپىدىن يولدا ئېلىپ كېتىلىپ باراتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە جەنگو ئىسىملىك بىر نېگىر قۇلمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئايالى ھىلدى بىلەن خوجايىنىنىڭ قورۇقىدىن قاچماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرى ئايرىپ سېتىۋېتىلگەن ئېدى. يېرىم يولدا گېرمانىيەلىك ئىنئاملىق ئوۋچى كىڭ شېلتىز قۇل سودىگەرلىرىدىن قارا قۇل جەنگونى سېتىۋېلىپ، ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش  ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ ھەمدەجەنگونىڭ ياردىمى ئۈچۈن ئۇنى ئازاد قىلىۋېتىدىغانغا پۈتىشىدۇ.
كىڭ شېلتىز جىنايەتچىلەرنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن جەنگودىن ئايرىلىپ كەتمەي، ئەكسىچە ئۇنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىدۇ. كىڭ شېلتىزنىڭ تەبىيىلىشى ئاستىدا جەنگو مەرگەن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. جەنگو ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھەقىقى نىشانىنى بولغان  ئايالى ھىلدىنى قۇتقۇزۇشنى ئۇنۇتمىغان بولۇپ، كىڭ شېلتىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئايالىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىدۇ. ئايالىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن «كەندىي ئېكىنزارلىقى» دا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ بىر مەيدان كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ھايات-ماماتلىق جەڭنى باشلايدۇ...

ئالغان مۇكاپاتلىرى

2013-يىلى 85-قېتىملىق  ئوسكار مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر ئىجادىي سىنارىيە مۇكاپاتى
ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)
ئەڭ نادىر فوتوگراف مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)
ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈمى تەھرىرلىكى مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)

2013-يىلى 70-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى

كىنو-فىلىم تۈرى  ئەڭ نادىر ھېكايە-فىلىم (نامى ئاتالغان)
كىنو-فىلىم تۈرى  ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور مۇكاپاتى
كىنو-فىلىم تۈرى  ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور (نامى ئاتالغان)
كىنو-فىلىم تۈرى  ئەڭ نادىر رېژىسور مۇكاپاتى (نامى ئاتالغان)
كىنو-فىلىم تۈرى  ئەڭ نادىر ئىجادىي سىنارىيەلەشتۈرۈش مۇكاپاتى

ئۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا جەمئىي 34 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 52 تۈردە نامى ئاتالغان.

كەسمە رەسىملەر:

http://download.kowruk.cn/image/django/01.jpg

http://download.kowruk.cn/image/django/02.jpg

http://download.kowruk.cn/image/django/03.jpg

http://download.kowruk.cn/image/django/04.jpg

http://download.kowruk.cn/image/django/05.jpg

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

قوشۇمچە:
«كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» كۆرەرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان PC تېرمىنالىنى ئىشلەپ تارقاتتۇق، تېرمىنالدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوڭشالدى، ئەلالاشتۇرۇلدى، تېرمىنالىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ تور ئادرېسىدىن كۆرەلەيسىز: http://www.kowruk.cn/player

تېرمىنال كۆرۈنمە يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر:

http://download.kowruk.cn/image/django/06.jpg

http://download.kowruk.cn/image/django/07.jpg

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 17:04:00

ئەمما ما كىنو دەھشەت، بۇ كىنونى كۆرمىگەنلەر بولسا، مەن تېخى كىنو كۆرۈپ باقماپتىمەن دېسىلا بولىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 17:04:56

بۇ كىنونى  ئەتىيازدا كۆرۈپ بولغانغۇ؟

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:04:17

ھەقىقەتەن ياخشى كىنو ئىكەن نېمە ئۈچۈن قۇل بولىدىغانلىقىنڭ سەۋەبى {:112:} بىلۋالغىلى بولىدۇ

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:04:28

بۇرۇن تاشپولات مۇئەللىم كىنولارنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ھەققىدە بىر تېما ئېلان قىلغانتى،دەماللىققا تاپالمىدىم. دېمەكچىمەنكى، مەيلى تېلىۋېزىيەدە ياكى تور بەتلەردە بولسۇن چوقۇم ئەسكەرتىش كېرەك.جۈملىدىن ماۋۇ كىنو R دەرىجىلىك كىنو. بۇ كىنونى كۆپ سانلىق ياشلار ياقتۇرۇشى مۇمكىن، بىراق ھامىنىR دەرىجىلىك كىنو. بولسا بۇندىن كېيىن ھەر بىر كىنوغا ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى قوشۇپ قويۇڭلار.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:16:16

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 18:04 static/image/common/back.gif
بۇرۇن تاشپولات مۇئەللىم كىنولارنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتك ...

تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت، تور بېكىتىمىزدىكى ئېلان قىلىنغان فىلىملەر بىزنىڭ ئەستايدىل تاللىشىمىزدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بولمىغۇر كۆرۈنۈشلەر بار فىلىمنى يوللىمىدۇق، ئەگەر بولۇپ قالسا توسۇۋەتتۇق ياكى كېسىۋەتتۇق، ئاندىن فىلىم مەزمۇنىغا ئاساسەن تور بېكىتىمىز «فىلىم مەزمۇنى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى» نى يولغا قويۇپ فىلىملەرنى دەرىجىگە ئايرىپ ئەسكەرتىپ قويدۇق (ھەر بىر فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈش بېتىدە ئەسكەرتىلگەن). بۇ دەرىجىگە ئايرىشىمىز تازا مۇكەممەل بولمىسىمۇ فىلىم كۆرگۈچىلەرگە ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇلارنى بىز يەنە داۋاملىق ئويلىشىپ ياخشىلاشقا تىرىشىپ باقايلى.
تور بېكىتىمىزدىكى «فىلىم مەزمۇنى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى» گە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى، بېكىتىمىزنىڭ «بېكەت ھەققىدە» دېگەن يېرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:50:48

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 18:16 static/image/common/back.gif
تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت، تور بېكىتىمىزدىكى ئېلان قىل ...

تىرمىنالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىيالمىدىم ، كومپىيۇتىرىم كۆزنەك 7 ، 64 بىتلىق ئىدى ، ھۆججەتنى ئاچسام جىملا تۇرىدۇ

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:54:43

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 18:50 static/image/common/back.gif
تىرمىنالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىيالمىدىم ، كومپىيۇتىرىم كۆ ...

كومپيۇتېرنى بىر قوزغىتىۋېتىپ قاچىلىسىڭىز قاچىلىنىدۇ، قويغۇچتا ئازاراق bug بار ئىكەن، پات ئارىدا يېڭى نۇسخىسى ۋە ياماق ئېلان قىلىمىز.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 20:16:08

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 21:59:27

سىغىمى دىمەي ، چوڭلۇقى دەيلى   ،  كىنوغا سىغىم بىرلىكى ئىشلەتسە ، ‹‹سىغىم دىگەن نىمە ؟›› دەپ سورىغۇم كىلپ قالىدۇ

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 22:06:11

مەنمۇ 64 بىتلىق ، ھەقىقى نۇسخىدىكى ۋىندوۋس8 گە چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ، ئىجرا بولىدۇ ، يوقاپلا كېتىدۇ ، ئىنكاس يوق ...  ،  نەچچە قېتىم مۇشۇنداق بولۇپ ، قارىغاندا بۇ نەشىرگە قاچىلانمايدىغان چېغى دەپ ئويلاپ ، كىيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندا قاچىلاپ باقسام قاچىلانغان ...

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 22:36:10

بۇ كىنونىمۇ كورۇپ باقاي يۇقىردىكىلەر تەرىپلەپ كىتىپتۇ

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 22:47:05

Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 22:36 static/image/common/back.gif
بۇ كىنونىمۇ كورۇپ باقاي يۇقىردىكىلەر تەرىپلەپ كىتىپتۇ ...

باشقىلارنىڭ تەرىپلەپ كەتكىنىگە قاراپ ئەمەس ، ئۆزىڭىز شۇ فىلىم ھەققىدە ئازىراق ئۇچۇر ئىزدەپ بېقىپ ئاندىن كۆرۈڭ .  تارانتىنو نىڭ بۇ كىنوسى لېكىن ئالامەت ئېسىل كىنو .   IMDB دا ئىرىشكەن نۇمۇرى  8.5   .  مۇشۇنىڭدىنلا پەرەز قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ ...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 23:26:30

چۈشۈرۈپ باقاي قېنى ئاندى بىر نىمە دەرمەن .{:101:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 01:35:09

ئۇيغۇرچە ئاۋازنىمۇ قالتىس بېرىۋىتىپتۇ،

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 10:18:05

ئۇيغۇرچە ئاۋازلىغى نەدە باركەن ؟

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 11:35:29

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 10:18 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىغى نەدە باركەن ؟

http://v.youku.com/v_show/id_XNjgwOTY4NDYw.html

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 11:39:09

ئۇنداق بولسا بۇ فېلىمنى ئۆيدىكىلەر بىلەن بىخارامان كۆرگىلى بولىدىكەندە .

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 14:28:42

باللار نىمىشقا قۇلدار بىر نىگىرنى قۇللارنى باشقۇرۇشقا قۇيدۇ.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:08:11

ئاسانراق باشقۇرۇش ئۈچۈنمىكى ...
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] كىشەنسىز جەنگو