tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 09:02:24

ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ھارقانداق شەيئىي، ھادىسە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرش پائالىيىتى، ئىجتىئامىي مۇناسىۋېتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئىدىيىۋى ئېتىقادى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ۋاستىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىپ يېمەك- ئېچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ھۈنەر- سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى ئېتىقادى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىدىمۇ، مېھماندارچىلىقتىمۇ، سەپەر، يول يۈرۈشلەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. نان تونۇردا بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئىگىللىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. نان تونۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تونۇر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارقالغان. قۇمۇل، تۇرپان، چەرچەن، نىيا، سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە نان پارچىلىرى تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنە نىيا قەدىمكى خارابىسى قاتارلىق جايلاردىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۈپ نان پارچىلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلما ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى نان مەدەنىيىتىنىڭ، نان تىجارىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا مىللىتىمىزنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا نان ئىستىمال قىلغانلىقى، نان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بىزگە مەلۇم، ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان. ھەتتا ئىنسانلار ئوتنى كەشپ قىلىشتىن بۇرۇن گۆشنى خام ئىستېمال قىلغان. ئەمما گۆشنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، يىغىپ ئىستېمال قىلىشقا مۈمكىن بولمىغاچقا تۇرمۇشى بەكمۇ جاپادا ئۆتكەن. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئاستا- ئاستا دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ ئاساسلىق مەسىلىنى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەل قىلغان. يەنى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق دانلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يېمەكلىك ناننى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇرلار ناننى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئۇنى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى بولغان گۆش، سۈت، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى زور ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ناۋايلىق بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە نۇرغۇن كاتتا نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق دەرمان نان سودىگىرى ئابلاجان ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. دەرمان نانلىرى ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىدىن ھالقىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا كېڭەيدى. ھازىر نان خاس ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن، باشقا مىللەت، باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ بىر قىسمى تونۇردا ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت تۈرى بويىچە قاقلاپ پىشۇرۇلۇشتىن باشقا، نۇرغۇن نان تۈرلىرى زامانىۋى نان پىشۇرۇش ئۈسكىنىلىرىدە پىشۇرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ناننىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ئورۇندا يىيىشكە قولايلىق. ئۇيغۇرلار ناننى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنى بۇزۇپ- چېچىشنى، ئىسراپ قىلىشنى جىنايەت ھېساپلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيەت شەكلى نان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەسەم شەكلى نان بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. يەنە نان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلەر بار. بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلايدىغان ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ. نان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ بىخەتەر كەسپ بولۇپ قالدى. چۈنكى ھەممە ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يېمىسە بولمايدۇ. نان تىجارىتىدە بۈگۈن ئېشىپ قالغان ناننى ئەتە يەنە سېتىشقا بولىدۇ، ئىسراپچىلىق كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىللىگەندىن تارتىپ ھازىرقى دەۋرگىچە نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە نان مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن مۇكەممەللىشىپ كەلدى. ئەسلىدە ئائىلە يېمەكلىكى قىلىنىشتىن كەسىپلىشىپ بازارغا يۈزلەندى. ئۆز ئورۇنلىرىدىكى ئاددى تىجارەت شەكلىدىن خەلقئارالىق تىجارەتكە كېڭەيدى. ناننىڭ ئىجاد بولغان دەۋرى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن يىللار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شاللىنىپ، تاشلىنىپ قالماي بەلكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇنى ئىستېمال قىلىدىغان ئوبيىكتىلار باشقا مىللەتلەرگىچە كېڭەيدى، تىجارەت شەكلى مىللەت، دۆلەت ھالقىدى. بۇنى ھەرگىز كىچىك ئىش دېيىشكە بولمايدۇ.

مەنبە؛تەرمىلەر ژورنىلى

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 10:31:03

ئۇيغۇرلار ناننى دەرۋەقە ئۇلۇغلايدۇ، شۇڭا بىزدە ناننى پۇرىساڭ يامان بولىدۇ، ناننى ئېتىپ ئوينىساڭ يامان بولىدۇ، دىگەن گەپلەر بار. كىچىك چېغىمىزدا كىشىلەر بىرەرسىنىڭ گەپ-سۆزى، قىلغان ئىشىنىڭ راسىت يالغانلىقىنى ئۆزىگە ئېتىراپ قىلىدۇرماقچى ياكى قەسەم قىلدۇرماقچى بولسا، نانغا دەسسيەلەمسەن، دەپ سورايىتتى. دەسسيەلەيمەن دېسە گېپىگە ياكى قىلغان ئىشىغا ئىشىنەتتى. بىرەر دەۋا-دەستۇر بولۇپ قالسا نانغا راسىت دەسسىگۈزۈپ، دەسسەلگەن ناننى شۇ پېتى ساقلاپ پاكىت ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. دىمەك بىزدە ناننى ئۇلۇغلاش ئىنسانى پەزىلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلانغان، بۇ  بولسا ناننىڭ ھەق-ناھەق، راسىت يالغاننى ئايرىپ ھۆكۈم قىلىدىغان قانۇنى ۋاستىگە ئايلىنىشغا يول ئاچقان.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 13:53:55

zaga يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 10:31 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلار ناننى دەرۋەقە ئۇلۇغلايدۇ، شۇڭا بىزدە ناننى  ...

نان دەسسىەپمۇ ئۇلۇغلىغىلى بولىدىكەندە؟!

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 14:42:12

ھەتتا ئىنسانلار ئوتنى كەشپ قىلىشتىن بۇرۇن گۆشنى خام ئىستېمال قىلغان.
------------------------------------
بۇ جۈملە خاتا. ئىنسانلار ئوتنى كەشىپ قىلمىغان، بەلكى ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەن.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 12:33:13

تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 17:09:14

     نان ۋە قان
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى