Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 00:52:46

[باچكا] يىڭنىلىق پىرىنتېردىكى يىڭنە باشنىڭ تۈزۈلۈشى

يىڭنىلىق پىرىنتېر، كومپيۇتېر ئەتراپ ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە، شاللىنىشقا ئۇچرىماي داۋاملىق تەرەققىي قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۈسكۈنە، ھازىر يىڭنىلىق پىرىنتېرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۈرلىرىنى ئۇچرىتىمىز.
ئېلېكتىر ئەسۋاپقا قىزىقىشى بار ھەر قانداق ئادەم، يىڭنىلىق پىرىنتېرنى كۈزەتكەندە، مەنچە، چوۋۇپ كۆرۈپ بېقىشقا ئەڭ قىزىقىدىغان قىسىمى بولسا، ئۇنىڭ يىڭنە بېشى بولسا كېرەك. قانداق قىلىپ ياڭاقتەك نەرسە 24 تال يىڭنە بىلەن، سىياھ لېنتىنىڭ كەينىدىن ئۇرۇپ، قەغەزگە ئىز چىقىرالايدۇ؟
ئىچىدىكى قەدەم موتورغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىشلەتمەيدىغان يىڭنىلىق پىرىنتېردىن بىرنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ لازىملىق قىسىملىرىنى سۇغۇرۇۋالدىم. مەقسەتكە يېتىپ ئىككى دانە قەدەم موتورغا ئېرىشكەندىن سىرت، 1.2 سانتىمېتىرلىق سىلىق ئوق ئۈستىدە سېيرىلىپ خىزمەت قىلىدىغان يىڭنە باش، تېزلا بۇزۇش خاراكتېرلىق چۇۋۇپ تەكشۈرۈش نىشانىمغا ئايلاندى. قىزىقىدىغان دوستلار بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، تارتقان سۈرەتلەرنى قالدۇردۇم.  سۈرەتلەر يانفۇندا، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا تارتىلغان.
ئەگەر سىزنىڭ ئوقۇغۇچى بالىڭىز بولسا، قىزىقىش يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ رەسىملەرنى كۆرسىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. (ئىزدىنىش- باچكا).

تۈۋەندىكىسى، سىلىق ئوققا جايلاشتۇرۇلغان يىڭنە باش. يىڭنە باش بولسا، باش ئۈزەكتىن بۇيرۇق قۇبۇل قىلىپ، 24 تال يىڭنىنى بۇيرۇق بويىچە سىياھ لېنتىغا كۈچەپ ئۇرۇپ، قەغەزگە ئىز چىقىرىدۇ.


يىڭنە باش، سىلىق ئوق ئۈستىدىكى سېرىلغۇچ قونداقتىن چۇۋۇپ ئېلىۋېلىندى.

يىڭنە باشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن، يەنى، مىتال قاپ ۋە كاۋچۇك ياپقۇچ. مىتال قاپنىڭ سىرتى ئىسسىقلىق تارقىتىشقا قولاي ياسالغان، كاۋچۇك ياپقۇچنىڭ ئاساسلىق رولى، يىڭنە باشنىڭ ئىچىدىكى 24 تال يىڭنىنى، ئىككى رەت تىزىلغان تۈشۈكلەردىن چىقىدىغان قىلىپ جايلاشتۇرۇش.
تۈۋەندىكى رەسىمدە، يىڭنە باش تۇنجى قەدەمدە چوۋۇلغان بولۇپ، رەسىمدىكى تۆت جىسىم بولسا، سول تەرەپتىن: مىتال قاپ، كاۋچۇك ياپقۇچ، ئۇنىڭ ئاستىدىكىسى يىڭنە ساپىقىنى تارتىپ ھەركەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ئېلېكتېر ماگېنت سىم ئورام گۇرۇپپا(12 مۇستەقىل سىم ئورام چەمبەر شەكلىدە جايلاشتۇرۇلغان)، ۋە يىڭنە باشلىغۇچ.


بۇ مىتال قاپتىن كۆرۈشكە بولىدىغىنى، سىم ئورام ياپقۇچ ئېلېۋىتىلگەندىن كېيىن، چەمبەر شەكلىدە تىزىلغان يىڭنە ۋە يىڭنە ساپىقى. يىڭنىلەر جەمئىي 24 دانە، لېكىن 12 دانە يىڭنە ساپىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئاستىدا يەنە بىر قەۋەت يىڭنە قوزغاتقۇچ بار. تۇنجى چۇۋۇغان ۋاقتىمدا، كېچىدە چوۋۇغانلىقىم ئۈچۈن، جەمئىي 12 دانە يىڭنە بار ئوخشايدۇ دەپ قاپتىكەنمەن.


ۋېنتىلىق مىكرومېتىر بىلەن ئۆلچەشكە قارىغاندا، ھەر بىر يىڭنىنىڭ دىئامېتىرى 0.2 مىللىمېتىر، يەنى 200 مىكرو مېتىر كېلىدۇ.


بۇ كاۋچۇك ياپقۇچ ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن، بىرى، گەۋدىسى، يەنە بىرى، يىڭنە ئوقۇرى. يىڭنە ئۇقۇرىنىڭ رولى بەك مۇھىم بولۇپ، يىڭنىلەر ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىپ- كىرىپ ھەركەت قىلىدۇ.


تۈۋەندىكى رەسىمدىكىسى، كىچىك لوپا ئەينەك ئارقىلىق چوڭايتىپ تارتىلغان رەسىم بولۇپ، يىڭنە ئوقۇرىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە ئىككى قاتار يىڭنە تۈشۈكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، ئىككى رەت بىر- بىرىگە يانتۇ ئۇدۇللانغان، بۇ ئارقىلىق يىڭنە ئىزىنىڭ قاپلىنىش يۈزىنى كاپالەتلەندۈرگەن. جەمئىي 24 يىڭنە تۈشۈكى بار.


بۇ رەسىممۇ كىچىك لوپا ئەينەك بىلەن چوڭايتىپ تارتىلغان بولۇپ، بۇ يىڭنە ئوقۇرنىڭ ئىچكى تەرىپى، يەنى، يومۇلاق تىزىلغان يىڭنىلەر يىڭنە ئوقۇرنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ئىللىپىسسىمان تىزىلىپ، سىرتقى تەرىپىدە ئىككى رەت تۈز تىزىلىدۇ.


دىئامېتىرى 2.6 سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان بۇ ھالقا ئىچىگە، 12 يۈرۈش سىم ئورام ئەپچىللىك بىلەن تىزىلغان، ئىچىگە ماگىنىت مەيدانىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆمۈر مېغىز سىلىنغان. رەسىمدە ئاستىدا تۇرغان يىڭنە باشلىغۇچ بولسا، سىم ئورام ھالقىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قىر ئارقىلىق جايلىشىش بۇلۇڭىنى بەلگىلىۋەتكەن، خالىغانچە چۆرگىلىتىپ سېلىپ قويغىلى بولمايدۇ.


يىڭنە باشلىغۇچنىڭ ئىككى رولى بار، بىرى، چۆرىسىدىكى پۇرژىنا ئارقىلىق، يىڭنە ساپىقىنى ئىتتىرىپ، يىڭنىنى تېنچ ئورنىغا قايتۇرۇپ كىرگۈزۈۋېتىش.
  

يەنە بىر رولى، 24 دانە يىڭنىنى تۇنجى قېتىم ئىللىپىس شەكلىگە تىزىش. دېققەت، بۇ بولسا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى يىڭنە باشلىغۇچ.


بۇ، بىرىنچى قەۋەت يىڭنە باشلىغۇچنىڭ لوپا ئەينەك ئارقىلىق تارتىلغان ئۈستىدىن كۆرۈنۈشى، 24 تۈشۈك بار، ماي سۈرتۇلگەن.


بۇ، بىرىنچى قەۋەت يىڭنە باشلىغۇچنىڭ ئاستىدىن كۆرۈنۈشى، 12 دانە يىڭنە قايتۇرغۇچ پۇرژىنا بار.


يىڭنە باشنىڭ ئىچكى قىسىمىغا، ئىككى قەۋەت يىڭنە قوزغاتقۇچ جايلاشقان. تۈۋەندىكى رەسىمدىكىسى، ئۈستۈنكى قەۋەت يىڭنە قوندىقىنى چوۋۇشقا باشلاپ، قىلىن ياپقۇچ ئېلىۋېتىلدى.


ئاندىن، نېپىز ياپقۇچ، يىڭنە ساپىقىنىڭ ئوقىنى جايلاشتۇرۇش ياپقۇچى ۋە يىڭنىلەر ئېلىۋېتىلدى. مىتال قاپنىڭ ئىچىدە، تەگ ياپقۇچ بار.


ئۈستۈنكى قەۋەت يىڭنە قوزغاچقۇچنىڭ بارلىق زاپچاسلىرى تولۇق ئېلىۋېتىلدى.



ھەر بىر يىڭنە، بىردىن يىڭنە ساپىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىڭنە ساپىقىنىڭ تۈۋىدە بىر تۈشۈك، تۈشۈككە بىر ئوق ئۆتكۈزۈلگەن. ساپاقنىڭ يوغان قىسىمى بولسا، سىم ئورامدىن توك ئۆتكەندە، يىڭنىنى قوزغىتىشقا خىزمەت قىلىدۇ.


يىڭنە ساپىقىدىكى ئوقنى مۇقىملاش ئۈچۈن، تۈۋەندىكى بەش ھالقا ئىشلىتىلگەن. سېرىق رەڭلىكى بولسا تەگلىك، ئۇنىڭدا ئىككى مىق بار بولۇپ، قالغان تۆت ھالقىنى مۇقىملاشقا ئىشلىتىلىدۇ. سولدىن ئۈستىدىكى قىلىن ياپقۇچ بولسا، سىم ئورام ھالقا بىلەن يىڭنە ساپاق ئوقۇرىنى ئايرىشقا ئىشلەيدۇ، يەنە ماگېنىت سىزىقچىلىرىنى يېتەكلەش ئارقىلىق، تارتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار بولۇشى مۇمكىن. ئۈستىدىكى ئوتتۇرىدىكى ياپقۇچ بىلەن ئوڭدىكى كۆك تەگلىككە ئوخشىمايدىغىنى، ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى ياپقۇچتا، ھەر بىر يىڭنە ساپاق ئوقى تۇرىدىغان ئوقۇر ئۇيۇلغان. نازۇك قۇرۇلمىنى بۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ھەمدە لايىھىلىگۈچىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ھەركەتچان بۆلەك جايلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، سېلىقلاش مېيى سۈرتۈلگەن.


يىڭنە ساپىقىنى مۇقىملايدىغان بۇ ئوقنىڭ دىئامېتىرى 630 مىكرومېتىر. (0.63 مىللىمېتىر).


بۇ، ئىككىنچى قەۋەت يىڭنە قوزغاتقۇچ تېخى چوۋۇلمىغان ھالەت. سىم ئورام ھالقا گۇرۇپپىسى، يىڭنە باشلىغۇچ ۋە 12 تال يىڭنە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يىڭنىلەرنى كۆز بىلەن ساناش تەس.


ئەمدى، ئىككىچى قەۋەت سىم ئورام ھالقىنى ئېلىۋەتتۇق، يىڭنە قونداقنىڭ ياپقۇچلىرىلا قالدى. داۋاملىق چوۋۇلسا، بىرىنچى قاتلامغا ئوخشاش ياپقۇچلار چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئاخىرقى قەدەمدە ئەسلى ھالەتنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ يىڭنە قوندىقى داۋاملىق چوۋۇلمىدى.


تۈۋەندىكى رەسىمدە، ئوڭ تەرەپتىكىسى بىرىنىچى قەۋەت سىم ئورام ھالقا ۋە ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلىدىغان يىڭنە باشلىغۇچ، سول تەرەپتىكىسى بولسا ئاستىنقى قەۋەتنىڭ.


ئىككى قەۋەتنىڭ يىڭنە باشلىغۇچلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يىڭنە باشلاش تۈشۈكى پەرقلىق بولىدىكەن.


ئاستىنقى قەۋەتنىڭ يىڭنە باشلىغۇچىدا 12 تۈشۈك بار.


يىڭنە باشلىغۇچلار، سىم ئورام ھالقىنىڭ ئىچىگە سېلىنغاندا، ياندا قىر بار بولۇپ، تۈشۈكلەرنىڭ ئورنى مۇقىم ھالەت ساقلايدۇ.


زاپچاسلار خالىغا سېلىنىپ، ئارخىپ قىلىۋېتىلدى.


بۇ سىلىق ئوق ۋە سېيرىلغۇچقا ۋەزىپە چىقسا ئوبدان بولاتتى.


مەنبە: ئىزدىنىش تورى.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 23:06:25

باچكا ئەپەندىم بولسا بىر چاغلاردا بىر ئىنكاستا دىگەن كومپىيوتىرنىڭ سۇۋۇتقۇچىنى، بىلىق قاچىسىنىڭ سۈ پۈركۈيدىغان پومپىدا ياسىۋالساڭلار بۇلىدۇ دىگەندەك قىلغانتىڭلار.  
بولسا مۇشۇنى بىر توردىن يىققىان رەسىملەردىن پايدىلنىپ بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار. شۇ باھانىدا مەنمۇ سۇۋۇتقۇچ ياساشنى ئۈگىنىۋالسام.
بەت: [1]
: [باچكا] يىڭنىلىق پىرىنتېردىكى يىڭنە باشنىڭ تۈزۈلۈشى