Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 19:47:22

كىچىك بالىلار تېلىقسا داۋاسى بارمۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
كىچىك قىزىم تۇغۇلغىلى 8 ئايدىن ئاشقان ئىدى. بۇ 8 ئاي جەريانىدا 2 قېتىم قاتتىق تېلىقىپ بىزنىڭ بەك قورقىتىۋەتتى. بۈگۈن يەنە تېلىقىپ بەك قورقۇتۇۋەتتى. شۇڭا مۇشۇ ھەقتە تىۋىپلارنىڭ ۋە باشقا تورداشلارنىڭ بىرەر رېتسىپى ياكى ئۇسۇلى بولسا كۆرسەتكەن بولسا. ياكى بولمىسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش كېرەكمۇ؟ ياكى ئۆزىمىز بىرەر ئامال قىلىپ باقىمىزمۇ؟ يول كۆرسەتكەن بولساڭلار.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 09:08:08

خۇدا ھەممىمىزنىڭ بالىلىرىنى ساق-سالامەت قىلسۇن.
يۈرىكىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار (گۇمان)

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 10:14:18

بالىلار تېلىقسا تېۋىپلار داۋائىل مىشكىبۇيرۇيدىكەن، ھەمدە كىچىك بالىلار بىلەن ئۇچراشتۇرماي، يىغلاشتىن ساقلاپ 6ئاي ياخشى كۈتۈپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دەيدىكەن ،بەزىلىرى 5ياشلاردىن ئاشقاندا كېسەللىك ئالامىتى ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدىكەن، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 10:36:02

مېنىڭ بىر قوشنامنىڭ بالىسى پات پات تېلىقىپ قالاتتى،ئۇ بالا بالىلادىن بىرنەرسە تالىشىپ يىغلىسىا ياكى بىرەر تەلىپى ئورۇندالمىسا يىغلاپ تېلىقىپ كېتەتتى،
كېسەللىك ئالامىتى: يىغلاپ ئاۋازى يوقاپ كېتىپ پۇچىلىناتتى تەخمىنەن 5مىنۇتلاردىن كېيىن يىغا ئاۋازى پەيدا بولۇپ ئوڭشىلاتتى، كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تېۋىپدىن سورىساق 3خىل سەۋەبنى ئېيتىپ بەرگەن
1-سەۋەب: ئىرسىيەت ، ئاتا ئانىنىڭ بىرسىدە كىچىك ۋاقتىدا تېلىقىش تارىخى بولسا ،بالىدا تېلىقىش بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدىكەن
2-سەۋەب: ھامىلدارلىق ۋاقىتلىرىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، بوۋاقنىڭ يۈرەك قان تومۇر ئەزالىرى تولۇق يېتىلمەي كەمتۈكلۈك پەيدا بولىدىكەن
3–سەۋەب: بالا يىغلاپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە پەسلەنمىسە، بۇ ئادەتئۇدا داۋاملاشسا بالا تېلىقىدىغان بولۇپ قالىدىكەن

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 14:30:15

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-8-22 10:36 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بىر قوشنامنىڭ بالىسى پات پات تېلىقىپ قالاتتى،ئۇ...

يۇقارقى سەۋەبلەردىن 1-3-سەۋەب چورتلا يوق. 2-سەۋەبمۇ يوق ئىدى يەنى بالا تۇغۇلغاندا نورمال تۇغۇلغان ۋە دوختۇرلارمۇ بالىدا غەيرىيلىك يوق دېگەن ئىدى. ئايالىم ھامىلدار چاغلىرىدا ھۆ قىلىپ ئاز تولا بىر نېمىلەرنى ياندۇرغاننى ھېسابغا ئالمىغاندا ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەستى.
قارىغاندا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ بالىنى يىغلاتماي باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ. سەبر قىپ تۇراي ئەمدى.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 15:04:45

بالىنى قۇۋەتلىك بېقىپ ،يىغلاتمىسىڭىزلا 5ياشلاردىن ئاشسا ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ كەمتۈكلۈك يوقاپ كېتىدىكەن، قوشنامنىڭ بالىسىمۇ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىپتۇ ،كېسىلى تۇتمىغىلى 4يىل بولدى دەيدۇ
بالا تاسادىپى تېلىقىپ قالغانداچوقۇم ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇڭ،ئۆينىڭ ھاۋاسى ياخشى بولسۇن، تېلىقىپ ھوشىغا كەلگەن بالا بەك ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ، ئۇزۇنراق ئۇخلايدۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ

ئاقسۇدىن ياخشىراق داۋائىل مىشكى تاپالماي قالسىڭىز مەن خوتەندىن ماڭدۇرۇپ بېرەي

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 15:23:15

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-8-22 15:04 static/image/common/back.gif
بالىنى قۇۋەتلىك بېقىپ ،يىغلاتمىسىڭىزلا 5ياشلاردىن ئاش ...

بولىدۇ، سىزگە كۆپ رەھمەت ھارۇنجان. مەن ئاقسۇدىن ئىزدەپ باقاي ئاۋۇ دورىنى.

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 15:34:17

بەك كۈلدۈرۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ بۇتەرەپلەرگىمۇ دىىققەت قىلاسىز

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 23:00:26

كېسەللىك ئالامىتى: يىغلاپ ئاۋازى يوقاپ كېتىپ پۇچىلىناتتى تەخمىنەن 5مىنۇتلاردىن كېيىن يىغا ئاۋازى پەيدا بولۇپ ئوڭشىلاتتى،
.............
ما گەپ كوپتۇرمە ئەمەستۇ ھارۇنجوننننننننن 5 مىنۇت تىلىققان بالا ئولۇپ كەتمەسمۇ ، مىنىڭ قىزىممۇ ھازىر توت ياشقا كىردى ھازىرغىچە تىلىقىدۇ ، 30 سىكۇنىت داۋاملاشسا بىزمۇ تۇرالماي قالىمىز قورقۇپ ، تىلىقسا لەۋلىرى كوكۇرۇپ چىرايىدا قان قالمايدىكەن ئاللا ساقلىسۇن چاتاق كىسەلكەن ماۋۇ تىلىقىش .

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 23:43:12

Kulke يوللىغان ۋاقتى2014-8-22 15:23 static/image/common/back.gif
بولىدۇ، سىزگە كۆپ رەھمەت ھارۇنجان. مەن ئاقسۇدىن ئىزدە ...

ئاۋۇ داۋائىل مىشكىنىڭ ئالتۇن ۋاراق ئىشلەتكەن بېرىنجى دەرىجىلىكىنى تېپىڭ، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي. ئاشۇ بەك ياخشى داۋا.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 07:31:36

Qashqari يوللىغان ۋاقتى2014-8-22 23:00 static/image/common/back.gif
كېسەللىك ئالامىتى: يىغلاپ ئاۋازى يوقاپ كېتىپ پۇچىلىنا ...

كۆپتۈرمەئەمەس،ئاشۇنداق تېلىقىدىغان بالىلارمۇ بار،ئادەمنى بەكقورقىتىدۇ

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 11:05:21

Qashqari يوللىغان ۋاقتى2014-8-22 23:00 static/image/common/back.gif
كېسەللىك ئالامىتى: يىغلاپ ئاۋازى يوقاپ كېتىپ پۇچىلىنا ...

شۇنى دەڭە. ماۋۇ قېتىم 20-30 سېكۇنتتەك تېلىقىپ ئاندىن كېيىن غايىدىپ بىرەر مىنۇت تۇرۇپ قالدى. بەك قورقۇپ كېتىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى دەپ ئىشىكتىن چىقساق يىغلاپ ئوڭشالدى. ئۇف دېدۇق.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 11:06:17

PashshaXan يوللىغان ۋاقتى2014-8-22 23:43 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ داۋائىل مىشكىنىڭ ئالتۇن ۋاراق ئىشلەتكەن بېرىنجى ...

سەل تەپسىلىي دەپ بېرەمسىز؟ داۋائىل مىشكاپ بارمۇ دەپلا بارامدىم يىاكى باشقىچە سورامدىم. ئاقسۇدىغۇ ئۇنداق ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ساتدىىغان يەر بەك كۆپ ئەمما ئىشەنچىلىكرەكنى تېپىش تەس.

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:28:38

مېنىڭ جىيەنىممۇ بەك تېلىقىدۇھازىر 1 ياشتىن ئاشتى، تا ھازىرغىچە تېلىقىدۇ.5 قېتىم يىغلىغان بولسا 3 قېتىمىدا تېلىقىدۇ. كۆكىرىپ، ئاۋاز چىقماي بەك قورقۇتىدۇ، ياش چوڭىيىشقا ئەگىشىپ تېخىمۇ ئۇزۇن تېلىقىدىغان بولىۋالغان، تىۋىپلارغا كۆرسەتسەك، قۇۋەتلىك بېقىڭلار، يىغلاتماڭلار دەپ يولغا سېلىپ قويغان.
كېيىن باشقىلار يۈرەكتە مەسىلە بولسا، يەنى يۈرەك تۆشۈك بولسا شۇنداق بولىدۇ ، سەل چوڭ بولغاندا پۈتۈپ قالىدۇ ياكى چوڭراق بولغاندا ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دېگەنىدى، قورقۇپ دوختۇرخانىغا ئاپارساق يۈرەك ساق چىقتى. بىزمۇ يىغلاتماي يۈرىۋاتىمىز ئامال بار

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 16:44:16

Kulke يوللىغان ۋاقتى2014-8-23 11:06 static/image/common/back.gif
سەل تەپسىلىي دەپ بېرەمسىز؟ داۋائىل مىشكاپ بارمۇ دەپل ...

بۇ دورىنىڭ ساختىسى كوپ ئۇرۇمچى مىللى شىپاخانىنىڭ ياخشى چىقىدىكەن شۇنى سۇرۇشتۇرۇپ ئىلىڭ ، تەخمىنەن 50-100 يۇەن ئەتراپىدا مەن 5 يىل ئىلگىرى ئايالىمغا 50 يۇەنگە ئالغان ھازىر ئوسكەن بولۇشى مومكىن ، ياخشى چىقىدۇ ، ھامىلدار ئاياللار ، بالا ئىمىتىدىغانلار ئىشلەتسە بالىغا ۋە ئايالنىڭ يۇرىكىگە خۇشلۇق كەلتۇردىكەن ، بالا بەك چىچەن ، ئەقىللىق ، يۇمۇرىستىك چوڭ بولىدىكەن ، مىنىڭ قىزىممۇ شۇنداق چوڭ بولدى ، لىكىن تىلىقىدىغان ئىشى بۇرۇنقىدىن ئازلىغاندەك قىلىدۇ ، مومكىن بولسا ئويدىن ئۇزمەيدىغان دورا بۇ ، ھىچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق ئىسمى يۇقىردا دىيىلگەندەك « داۋائىل مىشكى » .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:06:21

Qashqari يوللىغان ۋاقتى2014-8-23 16:44 static/image/common/back.gif
بۇ دورىنىڭ ساختىسى كوپ ئۇرۇمچى مىللى شىپاخانىنىڭ ياخ ...

يول كۆرسەتكىنىڭزگە رەھمەت. مەن بىر ئاقسۇدىن ئىزدەپ باقاي بولمىغاندا ئۈرۈمچىدىن ياكى خوتەندىن ئەكەلدۈرەرمەن.
تېمىغا ئىنكاس قايتۇرغان بارلىق تورداشلارغا رەھمەت.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:38:24

Kulke يوللىغان ۋاقتى2014-8-23 11:06 static/image/common/back.gif
سەل تەپسىلىي دەپ بېرەمسىز؟ داۋائىل مىشكاپ بارمۇ دەپل ...

داۋائىل مىشكى نىڭ بېرىنجى دەرىجىلىكىنى ئالىمەن، يەنى ئالتۇن ۋاراق ئىشلەتكەننى دىسەڭلار بىلىدۇ تېۋىپلار.   مىنىڭ شەخسى تەۋسىيەم كۇمىلاچ شەكىللدە ئۇراپ قاچىلانغىننى ئالماي، كۈلقەنىتتەك قىيام شەكىلدە ياسالغانلىرىنى ئالساڭلار بۇلىدۇ. ئالتۇن ۋاراق قويغىنى بولسا قىيامنى ئازراق مالتىلساڭلار، ئالتۇندەك پاقىراپ تۇرىدۇ شۇ ياخشى. بەك تاپالمىسا ھارۇنجان بىلەن سىلە تۇنۇش بولغاندىكىن، دىسەڭلار خۇتەندىن ئىشەنچىلىكنى ياساپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئامال بار ماتىرىيالنىڭ ياخشىسىنى ئىشلەتكىنى بولسا، شۇنچە ياخشى.
ئايالىم بالامغا قۇرساق كۈتۈرگەندە شۇنىڭدىن پات پات بېرىپ تۇراتتىم. ھازىر بالام ئىككى ياشقا ئاز قالدى، نىمە دىسەم بىردەمدە شۇنى دوراپ بۇلىدۇ.:L

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:46:00

بولسا بالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئۇششاق سۇرىلەرنى ئايتەلكۇرسىنى ئوقۇپ سۇغا ھۇرۇپ ئاندىن يۇيۇڭلار،دىمىدە ئىچكۈزۇڭلار،بالىنىڭ كىسىلىگە بىۋاستە پايدا قىلمىسىمۇ زىيان قىلمايدۇ ھەم كۆز تىگىشتىن ساقلايدۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 08:54:39

PashshaXan يوللىغان ۋاقتى2014-8-23 17:38 static/image/common/back.gif
داۋائىل مىشكى نىڭ بېرىنجى دەرىجىلىكىنى ئالىمەن، يەنى ...

بولىدۇ. سىز دېگەندەك قىلاي ئەمىسە.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 08:55:02

Sevinch يوللىغان ۋاقتى2014-8-23 17:46 static/image/common/back.gif
بولسا بالىنى يۇيۇندۇرغاندا ئۇششاق سۇرىلەرنى ئايتەلكۇ ...

دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق.
بەت: [1] 2
: كىچىك بالىلار تېلىقسا داۋاسى بارمۇ؟