ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:31:13

ئاخىرقى مىنىۇت

ئىنسان دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ ،تەقدىرنىڭ ھەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بويىچە ياشايدۇ،تەقدىر بەزىلەرنى بەخىت -خۇشاللىق ،بايلىققا ئېرىشتۈرسە،بەزىلەرنى چەكسىز ئازاپ -ئوقۇبەت ۋە مۇشەققەتلەر بىلەن سىنايدۇ،يەنە بەزىلەرنى بولسا گاھىدا ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتكۈزۈپ،گاھىدا ھىجران ئازابىدا قىينايدۇ. مانا،بۇ-تەقدىر،ھەر بىر ئىنسان ئۆزتەقدىرىنىڭ كۆرەشگارىدۇر.

رەزىل پىلان
رەڭگارەڭ چىراقلار،مەسىتلەرنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى،يۇقىرى ئاۋازدىكى مۇزىكىلار،ئەرلەرنىڭ ھەمراھ خېنىملارغا ھاياسىزلارچە ئېسىلىشلىرى،مۇزىكىغا ئەگىشىپ ،قالايمىقان توۋلاشلىرى-مانابۇ،ئاتالمىش مەدەنىي شەھەرلىكلەر ۋۇجۇدقا چىقارغان، ھاياسىزلار توپلىنىدىغان، ئەڭ مەدەنىيەتسىز كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى(ك ت ۋ).
-ئۇ راستىنلا سەن ئېيىتقاندەك چىرايلىقمۇ؟-ئاۋازى توم چىقىدىغان،رەشىدە ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ قولىدىن ھەر بالالار كېلەتتى ،قانچىلىغان نازۇك، بىغۇبار قىزلار مۇشۇ ئايالنىڭ قولى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ك ت ۋ لارغاسېتىلىپ، ياشلىق باھارى ۋە گۈزەل كەلگۈسى نابۇت بولغان ئىدى .
-گەپ كەتمەيدۇ ئاچا، ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق، ھەقىقىي ساھىبجامال دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ-گۈلناز ئىسىملىك بۇ قىز مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن ئۆزى بىلەن بىر ياتاقتا ياتىدىغان بىر قىزنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلىدىغان بىر پىلان تۈزۈۋاتاتتى.
-ئۇنى قاچان ئېلىپ كېلىسەن -دېدى رەشىدە.
-ئەتىلا باشلاپ كېلىمەن-دېدى گۈلناز -مەن پەقەت ئايرىمخانىڭىزغا ئەكىرىپلا بېرىمەن ،قالغان ئىشلار ئۆزىڭىزگە باغلىق جۇمۇ.
-خاتىرجەم بول،مەن دېگەن رەشىدە -رەشىدە شۇنداق دەپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلدى-ئۇنىڭدا بىرەر ئۆچۈڭ بارمىدى سېنىڭ.
-ئۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تارتىۋالدى-گۈلنازنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى-شۇڭا ئۇنى ،بۇيەردە ئېلىپ قالسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ.
-خاتىرجەم بول،ئۇنى ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان بىر يەرگە ئاپىرىۋېتىمەن-دېدى رەشىدە مۇغەمبەرلىك بىلەن-سەن يىگىتىڭ بىلەن قايتا تېپىشىۋالىسەن،خوشە.
قەدەھلەرنىڭ سوقۇشقان ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئۇلار تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈشتى.
* * *
دېڭىزغا ئامراق قىز
ياتاق ئىچى جىمجىت بولۇپ،بىر قىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى .
قوي كۆزلۈك،قاراچاچلىق ،ئاپئاق يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇقىزنىڭ ئىسمى رەنا بولۇپ ،ئۇ مۇشۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئوغۇللار ئېرىشىشنى ئويلايدىغان مەكتەپ گۈزىلى ئىدى،ئۇ كىچىكىدىنلا دېڭىزنى ياخشى كۆرەتتى،تېلېۋىزورلاردا دېڭىزنى كۆرۈپ قالسا دادىسىغا-مېنى دېڭىزنىڭ يېنىغا ئاپىرىسەن دەپ جىدەل قىلاتتى.دادىسى بولسا -چوڭ بولغاندا سىزنى دېڭىز بويىغا چوقۇم ئېلىپ بارىمەن-دەپ ئالداپ يۈرۈپ ئۇنى مىڭ تەسلىكتە پەس قىلاتتى.
-رەنا قىز تولىمۇ تىرىشچان جۇمۇ، سەن-تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ گۈلناز كىرىپ كەلدى.
-تىرىشچان بولمىساق ھازىرقى رىقابەتتە شاللىنىپ قالىمىز-دېدى رەنا بېشىنى كۆتۈرۈپ گۈلنازغا قاراپ-سەنمۇ كېلە بىللە تەكرار قىلايلى.
-بولدى قىلە-گۈلناز شۇنداق دېگەچ رەنانىڭ كىتابىنى يېپىۋەتتى-كەچكىچە ئۆگۈنۈش قىلىپ زېرىكمەمسەن،بۈگۈن ئولتۇرۇش بار بىللە بېرىپ كېلەيلى.
-مەن بارمايمەن ،ئۆزۈڭ بېرىۋەر،سەل تۇرۇپ ئەركىن كېلىدۇ.
-ۋاي ئاداش،ئەركىن دېسە جېنىڭدىنمۇ كېچىسەنغۇ ؟سەن-گۈلنازنىڭ چىرايى ھەسەتتىن قىزىرىپ كەتتى-ئەركىنمۇ بار شۇ سورۇندا،بايا ئۇنى كۆردۈم،ئۇ ئوغۇللار بىلەن بارىدىكەن،شۇڭا ماڭا سېنى بىللە ئېلىپ كېلىشمنى ئېيتتى،تۇرە ئورنىڭدىن.
-راستما ،-رەنا تېڭىرقاپ قالدى-بىراق ئەركىن ماڭا بۇنداق دېمىگەن ئىدىغۇ.
-ۋىيەي،سېنى ئالداپ نېمە ئىش قىلامەن-گۈلناز رەنانى ئىشەندۈرۈشكە كىرىشتى-نېمانچە گۇمان قىلىسەن مەندىن، مەن دېگەن سېنىڭ ياتاقدىشىڭ ھەم دوستۇڭ جۇمۇ،ئاپىرىپ سېتىۋىتەمەنمۇ سېنى بىرىگە.
-بولدى خاپا بولمىغىنە ئاداش بارساملا بولدىغۇ،ساڭا ئىشەنمىگىنىم ئەمەس-رەنا شۇنداق دپ گۈلنازنى بەزلىدى.
-ماۋۇ گېپىڭ بولدى ئاداش ،يۈرە ئەمىسە-گۈلناز رەنانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەرەڭدەك ئېچىلىپ كەتتى
ئۇلارمەكتەپنىڭ ئالدىدىنلا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ چىققاندىن كېيىن،رەنا شوپۇرغا-راھەت دۇنيا ك ت ۋ خانىسىغا ھەيدەڭ دېگەندىن كېيىن،ئۇلار راھەت دۇنياغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئەركىن بىلەن رەنانىڭ ھېكايىسى
ئەركىن بىلەن رەنا بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇق -مەشۇقلاردىن بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىمۇ تۇتاش ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بالا ۋاقىتلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ ،كىچىكىدىن بىللە ئوينايتتى،مېھماندارچىلىق ئويۇنلىرىدا ئەر-خوتۇننىڭ رولىنى ئېلىشاتتى. ئۇلار بەش ياشقا كىرگەن مەزگىللىرىدە تولىمۇ قىززىق بىرئىش يۈزبەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا ئەركىن بىلەن رەنا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئالدىغا كىرىپ-بىز توي قىلىمىز -دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىدى.شۇ چاغدا چوڭلار ئۇلارغا-چوڭ بولغاندا ئاندىن تويۇڭلارنى قىلىپ قويايلى- دەپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىلارچە ھېسىياتتىن چىن مۇھەببەتكە ئايلاندى،ئۇلار باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بىر مەكتەپتە ئوقۇدى،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ ،ئوخشاش بىر مەكتەپنى ئارزۇغا يازدى.خۇددى ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك،ئۇلارغا شۇ مەكتەپتىن چاقىرىق كېلىپ،ئالىي مەكتەپتىمۇ بىللە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدى.
ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ،نۇرغۇن يىگىتلەر رەنانىڭ كويىدا بولغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ قاتتىق رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى،ئۇ ھەرقانداق ئىشنى ئەركىندىن مەسلىھەت سوراپ قىلدى،ئەركىنمۇ كېلىشكەن يىگىت بولغاچقا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان قىزلارمۇ ئازبولمىدى. گۈلنازمۇ شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەركىن تۇنجى قېتىم ياتاققا رەنانى ئىزدەپ كەلگەندە ، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ كۈندىن كېيىن ،ئەركىننىڭ كېلىشكەن قەددى قامىتى،قاپقارا قاشلىرى، ئۆتكۈر كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى.
گۈلناز رەنانىڭ ياتاقدىشى ھەم يېقىن دوستى بولسىمۇ،ئەركىننى تارتىۋېلىش ئۈچۈن خىلمۇ-خىل ھېيلە- مىكىرلەرنى ئىشلەتتى. ھەتتا ،ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈپ يۈزتۇرانە تەلەپ قويدى،لېكىن يەنىلا مەقسىدىگە يېتەلمىدى. ھەسەتخورلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ ،ئاخىرى يۇقارىقى رەزىل پىلاننى تۈزۈپ چىقتى.
ھەسەتخورلۇق ئىنتايىن يامان ئىللەت،ئۇ ھەرقانداق بىر ئىنساندا كۆرۈلىدىكەن ،ئۇ -يىرتقۇچ ھايۋاندىنمۇ بەتتەر رەزىللىشىپ كېتىدۇ.
سېتىۋېتىلگەن قىز
-ئاداش ئەجەپ كېلىپ بولالمايمىزغۇ؟بەك يىراق ئوخشىمامدۇ-دېدى رەنا ماشىنا خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن،سەل ئەنسىرەپ.
-ئاز قالدۇق ،بىزنىڭ مەكتەپتىن قەيەرگە بارساڭ يېقىن ئىدى،بىرچۆلغۇ ئۇ يەر-گۈلناز شۇنداق دەپ رەنانىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى.
ئۇلار بىرئاز ماڭغاندى كېيىن ماشىنا توختىدى.رەنا پۇلنى بەرگەندىن كېيىن ،شوپۇر-بۇ كەمنىڭ قىزلىرىغا ھەيرانمەن ،توۋا-دەپ قويۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
-ئاداش مەن كىرمەيمىكىن،بۇ تازا ياخشى يەر ئەمەس ئوخشايدۇ-دېدى رەنا شوپۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گۇمانسىراپ-ئاڭلىمىدىڭمۇ شوپۇرنىڭ سۆزلىرىنى.
ۋاي ئاداش ھېچقانداق يەر ئەمەس بۇ شوپۇر دەۋېرىدۇ ،ئۇ بىزنىڭ كىيىملىرىمىزگە قاراپ شۇنداق دېدى-گۈلناز بارسۆزلىرى بىلەن رەنانى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى-ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇيەردە ئەركىنمۇ بار تۇرسا ،نېمىدىن قورقىسەن يەنە.
گۈلنازنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ،رەنا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاستاغىنە،بىر مەدەنىيەتسىز دۇنياغا قەدەملىرىنى باستى.
گۈلناز رەنانى باشلاپ بىر ئايرىمخانىغا ئېلىپ كىردى.ئايرىمخانىدا رەشىدە بىلەن ئۇستىخانلىق كەلگەن سېمىز، ئوتتۇرا ياش ئىككى ئەر ئولتۇراتتى.
-گۈلناز، ئۇلار كىملەر ئەمدى،ئەركىن يوققۇ -ئۇلارنى كۆرۈپ بىر ئىشنى سەزگەن رەنا ئەندىكىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.
-نەگە باراتتىڭ ،چىرايلىق خېنىم،بۇ دېگەنچۇ ،كۆڭلۈڭنى ئاچىدىغان يەر،ئاتايىتەن كەلگەندىن كېيىن، كۆڭلۈڭنى ئېچىۋېلىپ كېتەرسەن-گۈلناز شۇنداق دېگىنىچە-ئىشىكنى گۈپپىدە قىلىپ يېپىۋەتتى-بۇيەرگە كىرىشكە بولىدۇ،چىقىشقا بولمايدۇ،ئەمدى ئەركىننى كۆرىمەن دەپ خام خىيال قىلما،ئۇ دېگەن مېنىڭ.
-سەن نېمانداق رەزىل،نېرى تۇر مەن چىقىپ كېتىمەن-رەنا شۇنداق دېگىنىچە گۈلنازنى ئىتىرىپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولدى.
-نېمىگە قاراپ تۇرۇشسەن،قوپاشمامسەن لامزەللىلە-دېدى رەشىدە يېنىدىكى ئىككى ئەرنى غەزەپ بىلەن ئىتتىرىپ،
رەشىدەنىڭ سۆزىدىن كېيىن ،ئۇلار يۈگىرەپ كەلگىنىچە رەنانى تۇتۇپ كېلىپ،كىرىسلوغا باستى.رەنا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆزىنى ھەريانغا ئۇرغان بولسىمۇ پەقەت بوشىنالمىدى.
-تېزراق ئوكۇلنى ئەكەل، ئۇ پەقەت جىم تۇرمايدىكەن-ئۇلارنىڭ بىرى رەشىدەگە قارپ ۋارقىرىدى.
رەشىدە سومكىسىدىن بىرخىل ئوكۇلنى چىقىرىپ رەنانىڭ بېلىكىگە كۈچەپ سانچىدى.
-مېنى قويىۋېتىڭلار،ئۆتۈنۈپ قالاي-رەنا ئاستا تىپىرلىغىنىچە جىمىپ قالدى.
-مانا بۇ بەشمىڭ سېنىڭ ھەققىڭ-رەشىدە سومكىسىدىن يۈز يۈەنلىك بىر بولاق پۇلنى ئېلىپ رەناغا بەردى.
-بۇنداق گۈزەللەرنى ئەسلى ئونمىڭدىن ئېشىپ ئالسىڭىزمۇ ئەرزان توختايتتى، بىراق مېنىڭ مەقسىتىم پۇلدا ئەمەس بولغاچقا بوپتۇ دەي-گۈلناز شۇنداق دەپ بولۇپ ،پۇلنى يانچۇقىغا سالدى،ئاندىن رەنانىڭ قېشىغا بېرىپ،ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
ئېچىنىشلىق قىسمەت
مىھرى-مۇھەببەت ئىنسانىيەت جەمىيتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ئاساسى ،ۋە بەخىت-سائادەت،ئىناقلىقنىڭ ياراتقۇچىسى،ئۇ جىسمىدا بولغان ئادەملەر خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشاش ،ئۆز ھىدلىرىنى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئايىماي چاچىدۇ،ئەكىسىچە،مىھرى-مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەملەر بولسا،زەھەرلىك قۇرۇتقا ئوخشاش،گۈللەرنىڭ بەرگىگە يامىشىپ،نۇرغۇنلىغان خۇشپۇراق گۈللەرنى نابۇت قىلىش بەدىلىگە ئۆز نەپىسىنى تويغىزىدۇ.
تۇر ئورنىڭدىن،ۋۇي بۇزۇق قاچانغىچە ياتىسەن-رەشىدەنىڭ سىلكىپ ئېيىتقان سۆزلىرىدىن كېيىن ،ئۈستىگە چېچىلغان سۇدىن ھەممە يېرى ھۆل بولۇپ كەتكەن رەنا ئاستا-ئاستا ھوشىغا كەلدى-سېنى سوزۇلۇپ ياتسۇن دەپ،بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ سېتىۋالمىدىم مەن،ئۈستى-بېشىڭنى تۈزەشتۈر ،مېھمىنىڭ بار.
رەنا قورقۇنىچ ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۈگۈلۈپ ئولتۇردى،ۋە ئۆتكەن ئىشلار بىر ئاز ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ،ئەتراپقا چۆچۈپ قارىدى،گۈلناز ئۇنى باشلاپ كەلگەن ھېلىقى ئايرىمخانا ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب بولۇپ،ئۇنىڭ ئالدىدا،دېرىزىسىمۇ يوق،خېلى ياسىداق بىزەلگەن ،ئىچى ئانچە چوڭ بولمىغان بىرياتاق تۇراتتى،ئۆزى بولسا ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇلغان كارۋاتنىڭ بىر بۇلىڭىدا تامغا يۆلەنگىنىچە تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى.
ئاچا ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى قويۇۋېتىڭ،سىزنىڭمۇ مەندەك قىزىڭىز،سىڭلىڭىز باردۇ،ئاتا-ئانام مەندىن قانچىلىك ئەنسىرەپ كېتىۋاتقاندۇ شۇتاپتا ،ئۇلارنى دەپ بولسىمۇ مېنى قويىۋەتكەن بولسىڭىز-دېدى رەنا رەشىدەگە يالۋۇرغىنىچە كارۋاتتىن چۈشۈپ ،ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ يامغۇردەك ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ.
ۋاي،ئۆتە نېرى-رەشىدە رەنانىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ تۇرغان قوللىرىنى زەردە بېلەن ئىتتىردى-شۇنداق دېسەم مېنى قويۇپ بېرەمدىكىن دەپ قالدىڭما ،ۋۇ بۇزۇق،يىغلاشلىرىڭدىن يۈرىكى ئېزىلىدىغان ئاناڭ ئۆيۈڭدە قالدى،ماڭا نىمىلا دېسەڭ بىكار،ئەڭ ياخشىسى،گەپ ئاڭلاپ دېگىنىمنى قىل،شۇنداق قىلساڭ ،ياخشى يەپ ،ياخشى ئىچىسەن،كۈنۈڭ ھوزۇر-ھالاۋاتتە ئۆتىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن،سېنى ئىچكىرىگە ئەكىرىپ،سېتىۋىتىمەن،خەنزۇلارنىڭ قوينىدا ياتىسەن.چۈشەندىڭمۇ؟
رەنا رەشىدەنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق غەزەپكە كەلدى،تەنلىرى شۈركىنىپ،ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى،توغرا قېچىش كېرەك تۇيۇقسىز كاللىسىغا كەلگەن خىيالدىن كېيىن ،رەنا پۈتۈن كۈچى بېلەن ئىشىككە قاراپ ئېتىلدى.
نەگە قاچاتتىڭ ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان بۇزۇق-رەشىدە رەنانىڭ دولىغا كاپپىدە ئېسىلدى.رەنا رەشىدەنىڭ قولىنى كۈچەپ چىشلىدى -دە،ئىشىكنى ئېچىپ ئوقتەك يۈگۈرۈپ ھويلىغا چىقتى.
قايسىڭ بار، مابۇزۇق قاچتى، ئۇنى تۇتىۋېلىڭلار-رەشىدە رەنانىڭ كەينىدىن يۈگۈرگەچ توۋلىدى.
مەن بار ئاچا قېنى ئۇ نەگە قاچتى-رەشىدەنىڭ توۋلىشىدىن كېيىن، سېمىز ئۇسقانلىق بىر ئەر دەرۋازا يېنىدىكى ئۆيدىن يۈگىرەپ چىقتى -دە ،دەرۋازىنىڭ يېنىغا يۈگىرەپ كېلىۋاتقان ئۆڭى ئۆچكەن رەنانى ئامبۇردەك قوللىرى بېلەن چىڭ قىسىپ،تۇتۇپ كۆتۈرىۋالدى.
مېنى قويىۋەت ھايۋان، ۋۇ ئادەم ئەمەس جادۇگەرلەر-رەنا تىپىرلىغىنىچە قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى.
بۇنى تېز ئاۋۇ ئۆيگە ئەكىر،قولۇمدىن قان چىقىرىۋەتتى بۇ بۇزۇق-رەشىدە ھويلىدا قاتار تۇرغان ئۆيلەردىن بىرنى كۆرسەتتى.
بۇ ھويلىنى راستىنلا بىر قورغان دىيىشكە بولاتتى،تاملىرى تۈرمە تاملىرىغا ئوخشاش ئېگىز سېلىنغان ،ھويلىنى چۆرىدەپ،30-40 ئەتراپىدا كىچىك ھۇجرىلار سېلىنغان ئىدى،ئەر رەنانى دەرۋازىغا يىراقراق بولغان بىر ھۇجرىغا ئەكىردى،
ئاچا ،ئۇنى راسا ساۋاپ قويايمۇ-دېدى ئەر قولىنى شورىغىنىچە ۋايجانلاپ تۇرغان رەشىدەگە قاراپ.
ئۇنى ساۋاپ قويساڭ ،مېھماننى قانداق كۈتىدۇ ،كالۋا-دېدى رەشىدە زەردە بېلەن.
ئەمىسە ئۇنى ئۆزۈملا بىر كۆندۈرۈپ قويايمۇ ،بولمىسا-
ئەر شەھۋەتكە تولغان كۆزلىرى بېلەن ،بار كۈچى بېلەن تىپىرلاۋاتقان رەناغا قاراپ ئۇنىڭغا ئاغزىنى ئۇزاتتى.
ۋۇ ھايۋان مەندىن نېرى تۇر- دېدى رەنا ئەرنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ.
-بۇ خىيالىڭدىن يان ئۇنى مەن بىرسىگە دېيىشىپ قويغان قىز دەپ،خېرىدارىنى كۈتۈپ بولغاندىن كېيىن بىرگەپ بولار-دېدى رەشىدە -بۇ بىزگە بوي بېرىدىغاندەك
ئەمەس ،ئاۋال ھېلىقىنىڭدىن ئازراق بېرەيلى بۇنىڭغا،خېرىدارنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق قىلىپ ئولتۇرمىسۇن يەنە،سەتلەشتۈرۈپ،جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس ،دەپتىكەن،بۇنىڭ ساق ۋاقتىدا ئازراق پۇل تېپىۋېلىپ،ئاندىن ئۇنى ئىچكىرگە ئەكىرىپ سېتىۋېتەمىز،ئۇنى تېز ياتقۇز-رەشىدە شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن بىر بولاق نەرسىنى چىقاردى.
ئەر پۈتۈن كۈچى بىلەن تىپىرلاۋاتقان رەنانى كارۋاتقا بېسىپ ياتقۇزۇپ،پۇت قوللىرىدىن چىڭ قاماللىدى.
-قۇتقۇزۇڭلار،ئاھ ،ئەركىن نەدە سىز ،مېنى
قۇتقۇزىۋېلىڭ-رەنا ئېچىنىشلىق ۋارقىرىدى.،ئاڭغىچە رەشىدە بولاقنى ئېچىپ ئىچىدىكى ئاپپاق نەرسىنى
رەنانىڭ ئاغزىغا تۆكتى ،ئاندىن چاي بىلەن كىرگۈزىۋەتتى،رەنا ھەرقانچى تۈكۈرسىمۇ،ئۇنى چىقىرىۋىتەلمىدى.
ئەمدى ،ھوزۇرلىنىپ قالغانسەن-دېدى رەشىدە ھوشىنى يوقاتقىنىچە،خىيالى دۇنيادا پەرۋاز قىلىۋاتقان رەناغا قاراپ.
مەن دېسەم كىچىككىنە بېرىسەن ،ئۇنىڭغا نېمانچە كۆپ بېرىۋېتىسەن-دېدى
ئەر ئاچكۆزلۈك بېلەن رەشىدەگە قاراپ،ئۇ رەشىدەنىڭ سادىق غالچىسىدىن بىرى بولۇپ ،ئىسمى تۇرسۇن ئېدى،قانچىلىغان گۈل-غۇنچىدەك قىزلار ئۇنىڭ ھايۋانى نەپسى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ چەيلەنگەن ئېدى.
سەن نېمىنى بىلەتتىڭ،تۇنجى قېتىمدا مۇشۇنچىلىك بەرمىسە كېيىن خۇمارى تۇتامتى ئۇنىڭ-دېدى رەشىدە رانانى كۆرسىتىپ-يۈر ئەمدى،ئۇنىڭ مىھمىنىنى چاقىرايلى،ھېلىمۇ بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتتى بىچارىنىڭ نەپسى تاقىلداپ
نەچچە پۇلغا دىيىشتىڭ-تۇرسۇن ئىشىكنى ئاچقاچ رەشىدەدىن سورىدى.
بىر كېچىسىنى 20 مىڭ قانداق-رەشىدەنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى.
بەك يامان جۇمۇ سەن ئاچا-تۇرسۇن شۇنداق دېگەچ رەشىدە بىلەن ئىشىكنى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
بېشىغا كېلىدىغان كۈنلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق رەنا خىيالى دۇنيادا پەرۋاز قىلغىنىچە،كارۋاتتا ياتاتتى، چۈنكى ئەمدى ئۇ ھېچكىمگە قارشىلىق قىلالمايتتى.
ئازاپ
ھاياتلىق سىرلىق بىريول،بۇ يولدا بەزىلەرنى بەخىت ،مۇھەببەت ساقلىسا،بەزىلەرنى ئازاب،ھېجران ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.ھېجران ئازابى ئېنتايىن دەھشەتلىك،ئۇ ئادەمنى تۈگىمەس دەرت ئەلەملەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ،ھەقىقى ئاشىقلار ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئازابى ھەتتا ئۆلگەندىنمۇ ئېغىردۇر .
ئەركىن شۇ كەچتە رەنانى ئىزدەپ،ياتىقىغا كېلىپ،ئۇنى تاپالمىدى.
مەن نىمە بىلەي سىز بىلمىسىڭىز ئۇنى،يۈرگەندۇ ھەقىچان
ئولتۇرۇشلاردا،ئويناپ كۈلۈپ-دېدى گۈلناز ئەركىننىڭ رەنانى سۈرۈشتۈرۈپ سورىغان سوئالىغا سوغاقلا قىلىپ،شۇ تاپتا ئۇنىڭدا نە،ۋىجدان ئازابىدىن،نە ،رەناغا بولغان ئىچ ئاغرىتىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى-بولدى ئۇنى ،ئىزدىمەيلا قويۇڭە ئەركىن،كەچتە ئىككىمىز بىرەر يەرگە بېرىپ ،ئويناپ كېلەيلىچۇ،كەچكىچە،رەنا-رەنالا دەيدىكەنسىز. ئۇنىڭ مەندىن ئارتۇق نەرى بار زادى.
بولدى قىلىڭ-ئەركىن گۈلنازغا غەزەپ بىلەن تىكىلدى-شۇ تاپتا رەنادىن ئەنسىرەپ ئاران تۇرسام،نېمە قىلىپ يۈرىسىز.
ھەممە ئىشقا،شۇ رەنا ئۆزى سەۋەبچى-گۈلناز سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.
نېمە ئىشقا ،گەپنى ئوچۇق قىلىڭ-ئەركىن ئەندىكىپ سورىدى.
ھېچ-ھېچ ئىشقا شۇنداقلا دەپ قويدۇم-گۈلناز دۇدۇقلاپ،چىرايلىرى قىزىرىپ كەتتى.
بولدى سىز بېلەن گەپ تالىشىشقا ۋاقتىم يوق ،ئىشىم بار مېنىڭ-ئەركىن شۇنداق دېگىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى.
گۈلناز قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئىچىدە رەنانى يەنە بىرمۇنچە تىللاشقا باشلىدى،ھەم قىلغان ئىشلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ قاقاقلاپ كۈلدى.
ئەركىن شۇ كۈنى كېچىچە ئىزدەپ رەنانى ھېچ يەردىن تاپالمىدى.ئەتىسى يەنە بىركۈن ئوقۇشنى تاشلاپ ئىزدەپ يەنە تاپالمىدى.ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلىفون بېرىپ ،ئۇ يەردىنمۇ خەۋىرىنى ئالالماي ساقچىغا مەلۇم قىلدى.
شۇ تاپتا ئەركىنلا ئەمەس ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر ئازاپ تارىتماقتا ئېدى.رەنا قانداق،ھادىسىگە يولۇققاندۇ،ئۇ ھاياتمىدۇ،يامان نىيەتلىك بىرەرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغانمىدۇ،بۇ خېياللار ئۇلارنى قىيناپ بىر مىنىتمۇ ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى.
* * * * * *
ئەدەپ-ئەخلاق شەرمى -ھايا ،ئىنسانىيەت جەمىيتىنى گۈزەللىك بىلەن ئوراپ تۇرغۇچى لىباس،ئۇ جىسمىدا مەۋجۇت بولغان ئىنسان،بىر ئۆمۈر غورۇرى بىلەن ياشايدۇ،يامانلىقتىن ناھايىتى ئۇزاق بولىدۇ،ئەكىسىنچە ئىنسان،ئەدەپ-ئەخلاق شەرمى-ھايادىن يىراقلاپ كەتكەندە بولسا،ئۇشبۇ ئىنسان شۇقەدەر رەزىللىشىپ كېتىدۇكى،ھەتتا،تېخى ئېچىلمىغان غۇنچە-گۈللەرمۇ ئۇنىڭ ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىپ،ۋاقىتسىزلا توزۇپ كېتىدۇ.
چەيلەنگەن غۇنچە
-مانا،قارسىلا تۇرغۇن جىڭلى ،سىلىنى ئالدىمىغاندىمەن-رەشىدە چىقىپ كېتىپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا،يوغان قورساق،قوۋزى ساڭگىلاپ ئېڭىكى كۆرۈنمەيلاقالغان،چاچلىرى چۈشۈپ،پاينەك باش بولۇپ قالغان،ئەللىك ياشقا يېقىنداپ قالغان بىر ئەرنى باشلاپ كىردى-يېنىغا كېلىپ قاراپ باقسىلا،بۇنداق قىزلاردىنچۇ،ئونمىڭنىڭ ئىچىدىن ئاران بىرسى چىقىدۇ جۇمۇ.
-كۆزۈڭ مال تونۇيدۇ جۇمۇ سېنىڭ،راستىنلا بولىدىغان مالكەن بۇ-دېدى تۇرغۇن جىڭلى ئىسىملىك ھېلىقى كىشى ،خىيالى دۇنياغا غەرىق بولۇپ ئۆز بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان كۈلپەتلەردىن قىلچە خەۋەرسىز تۇرغان رەنانىڭ قېشىغا كېلىپ،ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ-يۈزلىرىنىڭ سىلىقلىقىنى قارا،خام يەۋەتكىدەكلا مالكەن ،راستىنلا قىز چىقامدۇ.
-بۇنى ماڭا بىر دوستى ئەكىلىپ بەرگەن ،ئۇنىڭ دېيىشىچە،بۇقىز سەھرادىن كەلگەن ئىكەن ،ئۆگۈنىش قىلىشتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەن،كەلگەندىن بۇيان مەكتەپنىڭ سىرىتىغىمۇ چىقىپ باقماپتۇ،قىزلىقىدا چاتاق يوق-دېدى رەشىدە مۇغەمبەرلىك بېلەن-ئەمدى ،مەن چىقىپ كېتەي،ھېلىقى پۇلنى...
-مانا بۇ ئونمىڭ،قالغىنىنى،ئىش تۈگىگەندە راستىنلا قىز چىقىپ قالسا بېرىمەن-تۇرغۇن شۇنداق دېگەچ سومكىسىدىن بىر بولاق پۇلنى چىقىرىپ،رەشىدەگە ئۇزاتتى.
ئەمىسە شۇنداق بولسۇن،قالغان ئىش ئۆزلىرىگە قالدى،مەن چىقىپ كەتتىم-رەشىدە پۇلنى ئالغاندىن كېيىن شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ھاياتى ،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخىت بولغان،ئۆزسۆيگۈنى بىلەن تۇنجى كېچىنى بىرگە ئۆتكۈزۈشنى نىسىپ قىلسا،ئۇ ئادەم ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ ئويلىماي تۇرالمايدۇ،ئەكىسچە ئۆزى خالىمايدىغان بىر ئىنسان بىلەن مەجبۇرى بىركېچىنى ئۆتكۈزسە ،ئۇشبۇ ئىنسان ئۆلگەندىنمۇ ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ
* * * * * *
رەنا ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ،كۆزىنى ئاچتى-دە،چۆچۈپ كەتتى،ئۇنىڭ كۆكسىدە تۈكلۈك،بىر قول تۇراتتى،يېنىدا بولسا چوشقىدەك سېمىز بىر ئەر ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ،خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
ئاھ خۇدا ،ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك،قانداقسىگە بۇنداق بوپ قالىدۇ،مەن قانچە قېتىملاپ،ئامانىتىمنى ساق-سالامەت ئەركىنگە تاپشۇرىمەن ،دەپ قەسەم قىلمىغانمىدىم،بۇنداق ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟،رەنا شۇلارنى خىيال ئىكرانىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەتراپىغا قارىدى،ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆلىۋالغۇدەك ھېچقانداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى.لېكىن بۇ ئەھۋال ئۇنى ئۆلىۋېلىش خىيالىدىن قىلچە ياندۇرالمىدى.رەنا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ،تامنىڭ يېنىغا كەلدى.ئاندىن باركۈچى بىلەن تامغا ئۈسۈشكە باشلىدى.تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتكەن تۇرغۇن ،دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ،رەنانى تۇتىۋالدى.
-مېنى تۇتما ھايۋان،ماڭا چېقىلغۇچە نومۇس قىلمىدىڭما،سېنىڭ مەندەك قىزىڭ يوقمىدى-رەنا زەردە بېلەن تۇرغۇننى ئىتتەردى-بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىمەن مەن.
بولىۋاتقان شاۋقۇن سۈرەنلەردىن بىرئىشنى سەزگەن رەشىدە تۇرسۇننى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
-ۋۇ،بۇزۇق،تېتىمىغان ئوخشىمامدۇ،يەيدىغاننى يەپ بولۇپ،ئەمدى ئۆلىۋالماقچىمىدىڭ،ئۆلىمەن دىسەڭمۇ ئۆلەلمەيدىغان جاي بۇ-دېدى رەشىدە،ۋە تۇرسۇنغا قاراپ توم ئاۋازلىرى بىلەن -ماڭ ئاغامچا ئېلىپ كىر،باغلىپ قويىمىز ما بۇزۇقنى،تېخى ماڭا يالۋۇرمىغىنىنى بىر كۆرەي بۇنىڭ-دېدى
تۇرسۇن بىلەن رەشىدە،ئاغامچا بىلەن رەنانى چىڭ باغلىۋەتتى،ئاندىن قورقۇپ كەتكەن تۇرغۇننى ئېلىپ ،ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كەتتى.
ۋۇ ،ھايۋانلارئاللا جاجاڭنى بىرە،ئۆز مىللىتىڭگە مۇشۇنداق قىلغىنىڭ ئۈچۈن ،چوقۇم،جاجاڭنى يەيسەن،-رەنا توختىماي ۋارقىرايتتى،ئۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئاۋازدا ۋارقىرايتتى،ئۇنىڭ ئازابى يۈرىكىنى مۇجىيىتتى،ئۆز بېشىغا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئازاپ ئۇنى تۈگەش تۈرىۋەتكەن ئىدى-ئەركىن نەدە سىز ،مىنى قۇتقۇزىۋېلىڭ،ئانا-دادا ،مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلا.
-توۋلا ،تازا توۋلا،ھەرقانچە توۋلىساڭمۇ ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ بۇ يەدە-دېدى رەشىدە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ-سەل تۇرۇپ جېنىم ئاچا مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ دەپ تولايسەن.
زەھەرنىڭ خۇمارى چىدىغۇسىز ئازاب،نۇرغۇنلىغان ياشلار شۇ سەۋەبتىن،ۋىجدانىنى يوقىتىپ،ئادىمىيلىكتى يىراقلىشىپ كەتكەن.
-راستىنلا قىزكەن بۇ-دېدى تۇرغۇن ئونمىڭ يۈەن پۇلنى رەشىدەگە بەرگەچ .
-مەن يالغان سۆزلىمەيمەن جىڭلى ،راسا پەيزى قىلغانلا،يەنە كېلىپ تۇرالا-رەشىدە،تۇرغۇندىن قالغان ئونمىڭ يۇەن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن،يەنە كېلىشنى تاپىلاپ يولغا سالدى.بىردەمدىن كېيىن رەنانىڭ خۇمارى تۇتۇشقا باشلىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي ئۆزىنى ھەريانغا ئۇرۇپ نالە قىلشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازى،يۈرەكنى ئەزگۈدەك نالىسىنى بۇ يەردە ھېچكىممۇ ئاڭلىمايتتى.
-رەشىدە ئاچا مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ-رەنا ئاخىرى رەشىدەنى چاقىردى
-مەن دېمىگەنمىدىم،سەل تۇرۇپ ماڭا يالۋۇرىسەن دەپ-دېدى رەشىدە ئىشىك يېنىغا كېلىپ توختىماي نالە قىلىۋاتقان رەناغا-تېخى كۆپ يالۋۇرىسەن ماڭا،كەچكىچە چىداپ تۇر ئەمدى.
--ئاھ خۇدا،مەن پەقەت چىدىيالمىدىم،جېنىم ئاچا مىنى قۇتقۇزىۋېلىڭ،نېمە دىسىڭىز شۇنى قىلاي،سىزدىن خۇش بۇلۇپ قالاي-رەنا توختىماي نالە قىلىپ ئۆزىنى ھەريانغا ئۇراتتى،چاچلىرىنى چۇۋۇپ ئۆزىنى كاچاتلايتتى.شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ،نېمە بولغانلىقىنى پەقەتلا بىلمەيتتى،پەقەت ئۆزىنى ساقايتىدىغان دورىنى رەشىدەدە بارئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى.
-ئەلۋەتتە ،مەن نېمە دىسەم شۇنى قىلىسەن،چىداپ تۇر،ئەمدى مەن كەلگىچە-دېدى رەشىدە بوم ئاۋازدا،ئاندىن تۇرسۇننى چاقىردى-مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي ،بۇنىڭغا ياخشىراق قارا.
-ماقۇل ئاچا،ماڭا ھېلىقىنىڭدىن ئازراق بەرسىڭىز بوپتىكەن-دېدى تۇرسۇن رەشىدەگە يالۋۇرۇپ-بۈگۈن سەل خۇمارىم تۇتۇپ قاپتىكەن.
-مانا ئالە-رەشىدە كۆكسى تەرەپتىن كىچىككىنە بىر بولاقنى چىقىرىپ تۇرسۇنغا بەردى.
-نېمانچە ئاز بۇ،يەنە ئازراق بېرىڭە جېنىم ئاچا -دېدى تۇرسۇن رەشىدەگە ئۆزىنى سۈركەپ تۇرۇپ.
-مەن ساڭا نېمە دىدىم بۇنەرسىنى كۆپ چەكسەڭ خۇمار بولۇپ قالىسەن،ئۇ چاغدا مەنمۇ سېنى باقالمايمەن،قوغلىۋېتىشتىن باشقا ئامالىم يوق،ئۇقتىڭمۇ كالۋا-دېدى رەشىدە ئاندىن سىرىتقا چىقىپ كەتتى.
-كىم مىنى بۇ نەسىگە خۇمار بولۇپ قالدى دەيدۇ،بۇنىچۇ مەن باشقىلارغا بېرىمەن،ۋۇ جادۇگەر-تۇرسۇن دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان رەشىدەگە قاراپ غوتۇلدىدى ،ئاندىن دەرۋازىنى تاقاپ،توختىماي نالە قىلىۋاتقان رەنانىڭ يېنىغا كىردى.
-گۈزۈلۈم قارا،سېنىڭ دوراڭ مەندە بار.
-خۇش بولۇپ قالاي جېنىم ئاكا ئۇنى ماڭا بېرىڭ،نېمە دىسىڭىز شۇنى قىلاي-دېدى رەنا تۇرسۇننىڭ قولىدىكى نەرسىنى كۆرۈپ ئېتىلىپ كېلىپ.
-توختا قىز،ئۇنداق ئاسان ئىش يوق ئاۋال،مەن نېمە دېسەم شۇنى قىلىشقا ۋەدە بەر-دېدى تۇرسۇن ھېلىگەرلىك بېلەن.
-ۋەدە بېرەي جېنىم ئاكا ،سىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن،خۇش بولۇپ قالاي ئۇنى ماڭا بېرىڭ-دېدى رەنا تۇرسۇنغا يالۋۇرۇپ.
رەنادىن ۋەدە ئېلىۋالغاندىن كېيىن ،تۇرسۇن بولاقنى رەناغا بەردى.رەنا بولاقنى ئېچىپ پۇراشقا باشلىدى،ئاندىن تىلىنى سېلىپ يالىدى.بىر ئازدىن كېيىن،پۇت قولى بوشىشىپ ،ئاستا-ئاستا خىيالى دۇنياغا غەرىق بولدى.شۇ پەيىتنى كۈتۈپ تۇرغان تۇرسۇن،ئېتىلىپ كېلىپ رەناغا چاپلىشىپ ،ئاچكۆزلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى-ئومۇقۇم،سەن نىمانچە يۇمران،نىمانچە يۇمشاق.
نىھايەت،رەنا يەنە بىرقېتىم ئۆزىمۇ سەزمەي تۇرۇپ،يەنە بىر شۇم ئاياقنىڭ ئاستىدا چەيلەندى.
-نېمە قىلىۋاتىسەن ۋۇ ھايۋان.
تۇرسۇن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك تەرەپكە قارىدى، غەزەپلەنگەن رەشىدە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى.
-تىز ئورنىڭدىن تۇر،بىز سېزىلىپ قاپتۇق،ساقچىخانىدىكى بىر ئىشەنچىلىك ئادىمىمنىڭ دېيىشىچە ئۇلار بۈگۈن كەچتە بۇيەرنى تىنىتقىلى كېلىدىكەن،ئىشنى ۋاقتىدا يىغۇشتۇرۇپ ،بۇيەردىن كېتىشىمىز كېرەك،مەھمۇت بېلەن ئەكرەمنىمۇ چاقىردىم ،ئۇلارمۇ كېلىۋاتىدۇ-دېدى رەشىدە جىددى تەلەپپۇزدا.
-بىراق بۇ يەردىكى قىزلارنى قانداق قىلىمىز،ئاچا-دېدى تۇرسۇن ھاڭۋاققىنىچە كېيىملىرىنى كىيگەچ.
-كونىللىرىنى تارقىتىۋېتىپ، ماۋۇ رەنا دېگەن بىلەن يېقىندا قولغا چۈشۈرگەن بىرنەچچە ئۆسمۈر قىزنى ،ئىچكىرىگە ئېلىپ كىرىپ ،سېتىۋىتىپ،جاھان تىنچىغۇچە بىرمەزگىل شۇيەردە تۇرۇپ تۇرامىز-دېدى رەشىدە-ماۋۇ بۇزۇقنىڭ كېيىملىرىنى كىيدۈر،سەن بېلەن كېيىن ھېسابلىشىمەن،خاڭجۇغا بارىدىغان پويىز بېلىتىنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم،ھازىرلا يولغا چىقىمىز.
رەشىدە بىلەن تۇرسۇن،پۇختا پىلان تۈزگەندىن كېيىن،مەھمۇت،ئەكرەمدىن ئىبارەت رەشىدەنىڭ ئىككى غالچىسى بىلەن ھەربىرى بىردىن قىزغا قارايدىغان بولۇپ ،پويىزغا چىقتى.
سەپەر
-ساڭا دەپ قوياي،ھەرگىز قېچىشنى ئويلىما،قاچساڭمۇ ھېچنىمە قىلالمايسەن،ئېسىڭدە بولسۇن،ساڭا كېرەك نەرسە پەقەت مەندىلا بار،شۇڭا مەن تۇردىگەن يەردە تۇرۇپ،ماڭ دېسەم مېڭىپ،سۆزۈمنى ئوبدان ئاڭلا،شۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭگە پايدىلىق-دېدى رەشىدە بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان كۈلپەتلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى بولمىغان رەناغا پويىزغا چىقىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن-ئەمدى ساڭا ھېلىقى ئەركىن دېگىنىڭمۇ قارىمايدۇ بەرىبىر،چېقىلغان چىنىنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىمۇ يوققۇ،سەنمۇ بۇزۇلۇپ بولدۇڭ،سەندەك بۇزۇق بىلەن ھەرقانداق ئەر كىشى بىللە ياشاشنى خالىمايدۇ.
-بىلىمەن،مەن ئەركىنگە يۈز كېلەلمەيمەن،ئەمدى ئۇنىڭغا قارىغۇدەك يۈزۈممۇ يوق-دېدى رەنا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ.
-بولدى ،كۆزۈڭنىڭ يۈندىسىنى ئېقىتماي،شۇنى بىلسەڭلا بولدى،ھازىردىن باشلاپ، پويىزدا ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايسەن،ھېچكىمگە ھېچنىمە دېمەيسەن،بولمايدىكەن ،بۇنىمۇ كۆرۈپ قوي-دېدى رەشىدە قولىدىكى پىچاقنى رەنانىڭ بىقىنىغا تەڭلەپ تۇرۇپ-ئىش ئاشكارلىنىپ قالسا ،ئاۋال سېنى جايلىۋېتىمەن.
رەنا ھېچنىمە دېمىدى،ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي تۈگەشتىم دەپ ئويلايتتى،ئەمدى،ئاتا -ئانىسىغا ،ئەركىنگە قارىغۇدەك يۈزۈم يوق ،دەپ قاراپ،ھاياتتىنمۇ پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ بولغان ئېدى.ئەركىن بىلەن ئۆتكۈزگەن بەخىتلىك كۈنلىرىنى ئويلاپ،كۆڭلى يېرىم بولاتتى.باشقىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا چەيلەنگىنىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ قاتتىق ئازابلىناتتى.
ئۈچ كۈندىن كېيىن،ئۇلار خاڭجۇغا يېتىپ كەلدى.رەشىدە تۇرسۇن،ئەكرەم،مەھمۇت قاتارلىقلار بېلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن،ئۇلاربىلەن لىنپىڭ دېگەن شەھەردە ئۇچراشماقچى بولۇپ،مىترو بېلەن لېنپىڭغا قاراپ يولغا چىقتى،بىرسائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،ئۇلار لىنپىڭغا يېتىپ كەلدى.رەشىدە رەنانى ئېلىپ ،بىر كىچىك ياتاققا ئورۇنلشىپ تۇرسۇنلارنىڭ كېلىشىنى ساقلىدى.بۇ ياتاقنى شەخسىلەر ئۆزى ئېچىۋالغان بولۇپ،شارائىتى رايونىمىزدىكى بەزى كىچىك مىھمان كۈتۈشلەردىنمۇ ناچار ئېدى.بۇ ياتاق شەھەرنىڭ چەت ھەم قاۋاق جايىغا جايلاشقان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئادەم شالاڭراق يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن،رەشىدە مۇشۇ ياتاقنى تاللىغان ئېدى.
بىر ئازدىن كېيىن،تۇرسۇن ئونئۈچ ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا،مەھمۇت،ئەكرەملەرمۇ،ئونبەش،ئونئۈچ ياشلار چامىسىدىكى ئىككى قىزنى ئېلىپ ،ئارقا -ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.
رەنا تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان بۇ قىزلارنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.قىزلارنىڭ يۈزلىرى ئىششىق ھەم كۆكىرىپ كەتكەن بولۇپ،قاتتىق تاياق يىگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.تاتىرىپ كەتكەن چىريىدىن ئۇلارنىڭ قاتتىق خارلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.رەنانىڭ كۆزلىرى ياشقا تولۇپ،قاتتىق غەزەپلەندى،شۇتاپتا ئۇنىڭ،رەشىدە قاتارلىق بۇ ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۋەتسىمۇ دەردى چىقمىغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئېدى.
-بۇ قىزلارنىڭ نېمە گۇناھى بار ،نومۇس قىلىشساڭچۇ،ۋۇ ھايۋانلار-دېدى رەنا تۇرسۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ غەزەپ بېلەن-ئۆزۈڭگە يېنىپ قېلىشىدىن قورقۇشمامسەن.
-ھۇيت خېنىم،سەن نېمە بولىۋاتىسەن ئەمدى،خورىكىڭ ئۆسۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ-دېدى رەشىدى،رەنانىڭ يۈزىگە بىركاچات سالغاندىن كېيىن-سەل تۇرۇپ،يالۋۇرۇپ قالاسەنمىكىن،ئەڭ ياخشىسى زۇۋانىڭنى ئۆچۈر.
رەنا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئويلىنىپ،رەشىدە بىلەن تەڭ بولماي پۇرسەت چىقىرىپ قىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش قارارىغا كەلدى.
رەشىدە رەنا بىلەن قىزلارنى بىر ھۇجرىغا سولاپ قويغاندىن كېيىن،ئۇلارغا خېرىدار ئۇقۇشۇشقا باشلىدى.ئۇ قانداقتۇر بىرىگە ئانچە توغرا بولمىغان تەلەپپۇزدا خەنزۇچە،قولىدا مال بارلىقىنى ئېيتىپ،باھاسىنى مالنى كۆرگەندىن كېيىن دىيىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.رەنا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ،رەشىدەنىڭ ئېيىتقانلىرىنى يوشۇرۇنچە ئاڭلاپ،ئۇلارنى مەلۇم بىرىگە سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى.ھەم نېمىلا قىلىشتىن قەتئىينەزەر،بۇ قىزلارنى چوقۇم قۇتقۇزىۋېلىش قارارىغا كەلدى.
رەنا قىزلار بىلەن يىغلىشىپ تۇرۇپ بىر-بىرىنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنپ تەسەللى بەردى.رەنا ئۇلار بىلەن مۇڭداشقاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش باشقىلارغا ئالدىنىپ قېلىپ،ئاندىن رەشىدەگە تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى،ئاندىن باشقىلارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ،ئەمما زەھەر چەكتۈرۈلمىگەنلىكىنى،ئاجىز بولغاچقا ئۇلارغا قارشىلىق قىلالمىغانلىقىنى بىلدى،رەنا بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ئېچىنسا ،يەنە بىر تەرەپتىن،قىزلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشىغان تەقدىرىگە ئېچىنىپ قاتتىق ئازاپلاندى.
قېچىش
-بىز سىرىتقا چىقىپ خېرىدار ئۇقۇشۇپ كېلەيلى،سەن قىزلارغا ياخشىراق قاراپ تۇر-دېدى رەشىدە بىردەم ئولتۇرۇپ،غالچىللىرى بېلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن تۇرسۇنغا-مالنى ۋاقتىدا قولدىن چىقىرىۋەتمىسەك بولمايدۇ،ساڭا دەپ قوياي نەپسىڭنى يىغىپراق تۇراسەن،يەنە ئۆتكەنكىدەك قىلىدىغان بولساڭ،سېنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن.
-ماقۇل ئاچا،چوقۇم ياخشى قارايمەن،ھېلىقى نەرسىدىن ئازراق بەرسىڭىز بوپتىكەن-دېدى تۇرسۇن ھېجىيىپ تۇرۇپ.
-ئالە مانا-دېدى رەشىدە كىچىككىنە بولاقنى تۇرسۇننىڭ قولىغا بېرىپ-مەندە مۇشىنچىلىكلا قاپتۇ.
رەشىدە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،تۇرسۇن رەنانىڭ يېنىغا كىردى.
-ھەي قىز بۇنىڭغا قارا-دېدى تۇرسۇن قولىدىكى بولاقنى رەناغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ-بۇ نەرسە ساڭا لازىم بولسا بۇياققا چىق.
باياتىندىن بېرى پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان رەنا،قېچىش ئۈچۈن تۇرسۇندىن پايدىلىنىش قارارىغا كېلىپ ،ئۇنىڭ بىلەن سىرىتقا چىقتى.تۇرسۇن قىزلار بار ئۆينى قۇلۇپلىۋەتكەندىن كېيىن،رەناغا قولىدىكى بولاقنى تۇتقۇزۇپ-تېزراق بول قايسى كۈنى چالا قالغان ئىشنى بۈگۈن قىلىمىز،مەن ياندىكى ياتاقتا سېنى ساقلاپ تۇرىمەن.
تۇرسۇن شۇنداق دەپ قويۇپ،ياندىكى ياتاققا كىرىپ كەتتى.رەنا پۇرسەت كەلگەنلىكىنى بىلىپ،تۇرسۇن ياتاقنىىڭ ئىشىكىنى ياپقان ھامان ،ئوقتەك يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى.تۇرسۇن بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك بولۇپ،رەنانىڭ كەينىدىن قوغلىدى.
-توختا بۇزۇق قاچساڭمۇ ھېچنىمە قىلالمايسەن بەرىبىر ،تۇتىۋالىدىغان بولسام تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزىۋېتىمەن بىكار.
تۇرسۇننىڭ سۆزلىرى رەنانى توختىتالمىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەس-يادىدا ئاشۇ قاراڭغۇ ئۆيگە سولانغان،ئۆزلىرى خالىمىغان ئاساستا ھاياتى نابۇت بولۇش ئاستىدا تۇرغان سەبى غۇنچىلارنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا ھېچ قانداق ئىش يوق ئىدى.
تۇرسۇن رەنانى خېلى ئۇزۇن قوغلىغاندىن كېيىن،ئۇ ئادەملەر ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولدى.ئادەم كۆپ جايغا كېلىپ قالغاچقا تۇرسۇن رەنانى قوغلاۋەرسە باشقىلارنىڭ گۇمانى قوزغىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ،ئۇنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ،قايتىپ كەتتى.
رەنا تۇرسۇندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن،ساقچىخانا تېپىپ،دېلو مەلۇم قىلىپ قىزلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،ساقچىخانا ئىزدىمەكچى بولۇپ ،باشقىلاردىن يېقىن ئەتراپتىلا بىر ساقچىخانا بارلىقىنى بىلىپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.بىراق ،تۇيۇقسىزلا خۇمارى تۇتۇپ قېلىپ، قولىدىكى بولاقنى ئېسىگە ئالدى،شۇنىڭ بېلەن،ئادەم يوقراق بىر جاينى تېپىپ خۇمارىنى بېسىۋالماقچى بولدى.
رەنا ئەتراپنى خېلى ئۇزاق ئاختۇرغاندىن كېيىن،قۇرۇلۇش توختىتىلىپ قويۇلغان بىر بىنانى تاپتى-دە،شۇ يەرگە كېلىپ قولىدىكى بولاقنى يېشىپ،خۇمارىنى باستى،بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ،خىيالى دۇنياغا ئۇيقۇسى بىلەن قېتىلىپ كەتتى.
سەرگەردان يېگىت
رەشىدەلەر شۇكۈنى لىنپىڭ شەھرىدىكى پويىز ئىستانسسى،مىترۇ بېكىتى،ئاپتۇبۇس بېكىتى،باغچا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئاختۇرغان بولسىمۇ رەنانى تاپالمىدى.ئۇلار،رەنانىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،قالغان ئۈچ قىزنى سېتىۋىتپ ،باشقا شەھەرگە قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ سودىلىشىۋاتقاندا،ئىزىغا چۈشكەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
قارا بۇلۇتلار ۋاقتىنچە قۇياشنى توسىۋالسىمۇ،ھامان كۈپكۈك ئاسمان ئۆزىنى نامايان قىلىپ،بۇلۇتلار تارقاپ،قۇياش پارلايدۇ،شۇنىڭدەك،رەزىللىك ھامان بەرپات بولىدىغان كۈچتۇر.
* * * * * * *
رەشىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن،گۈلنازمۇ قولغا ئېلىنىپ،ئىشلار ئايدىڭلاشتى،ئەمما رەنا يەنىلا تېپىلمىدى.نەچچە ۋاقىتتىنى بېرى،ھىجران ئازابىدا يەتكۈچە قىينالغان ئەركىن رەنانىڭ خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن،ئۇنى نەدىن بولمىسۇن ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن،ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى بېلەن،لىنپىڭغا قاراپ يولغا چىقتى.
* * * * * * *
ئاخىرى چىقمايدىغان ئويۇن بولمىغىنىدەك،بىرمەزگىل ھەسەتتىن ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالغان گۈلناز تۈرمىگە سولانغاندىن كېيىنلا،ئۆزىنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق بىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.ئۇ رەنا يوقاپ كەتكەن جەرياندا،ئەركىننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئايرىلىش ئەركىننىڭ رەناغا بولغان مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرماقتا يوق،تېخىمۇ كۈچەيتىپ،گۈلناز ئۈچۈن ئازراقمۇ ئىمكان تۇغۇلمىدى.
مەنبەسى : ھىجران ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى ....تەھرىرلەپ يازغۇچى ...؛ شاھنۇر بەگ تۇرسۇن ،فاخرى بەگ تۇرسۇن ..2014 يىلى1ئاينىڭ 2كۇنى ..شىنجاڭ تىببي ئۇنۋىرىستتى .تاشقى بۇلۇم فاكۇلتتىدا يىزىلدى ...(كەچ)

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 16:20:03

نىمە دىيشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم  بەلكىم بۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغان نۇرغۇن رەنالار بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا ئەركىنندىن ئۇزىنى قۇتقۇزۋېلىشنى ساقلاۋاتقان بۇلشى مۇمكىن ـ
ئۇلۇغ ئاللاھىم مىللىتىمىز ئوغۇل ـــ قىزلىرغا شەرمى ھايا ئاتا قىلغايسەن ، ئۇلارنى يامان نىيەتلەرنىڭ يامانلىقىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن ـ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 17:41:14

بىر قىز بالنىڭ ئەقىلقلىقى ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر نەتىجىلەرنى قازانغانلىقىدا ئەمەس  ئۆز-ئۆزىگە بولغان مەسۇلىيەت تۇيغۇسنىڭ كۈچلىكىلىكىدە  ، ئوغۇل بالنىڭ ئەقىلىقلىقى ئەتراپىدىكىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسنىڭ كۈچلۈك  بولغانلىىقىدا.

musafir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 22:32:58

بەكلام يۈرىكىم ئېچىشتى
ئۇلۇغ اللە مىللىتىمىز ئوغۇل ـــ قىزلىرغا شەرمى ھايا ئاتا قىلغايسەن ، ئۇلارنى يامان نىيەتلەرنىڭ يامانلىقىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن
بەت: [1]
: ئاخىرقى مىنىۇت