Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 22:52:39

تەگلىكىم ئەپى يېڭلاندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تەگلىكىم ئەپى <ئەپ سىتورى>غا يوللانغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ،دوسىتلارنىڭ ياقتۇرۇىشىغا ئېرىشتى ۋە كۆپلىگەن تەكلىپ-پىكىرلەر سۇنۇلدى.

(ئالدىنقى نەشىردىكى ئالغان يۇلتۇزلىرى)

بۇ قېتىملىق يېڭلاشتا ئاساسلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇشى بىلەن بىرگە
ئالمنىڭ ئەڭ  يېڭى نەشرىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا كۆرۈنمە يۈزىبولسۇن ۋە ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.
كۆپ خىل تىللىق ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ رايون جەھەتتە  ئىشلىتىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى.
تەگلىكىم ئەپىگە مەزكۇر ئەپنى ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرى ۋە ياكى ياقتۇرغان تەگلىكلىرىنى يوللىيالايدۇ.
ئەپنىڭ سىغىمى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلىپ(بۇرۇن 178مىگا ئىدى ھازىر ئاران 3مىگا) ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن چۈشۈرۈش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.
ئايفون تۈرىگە ئاساسەن تەگلىكلەر كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن: ئىشلەتكىنىڭز
iPhone 5/5c/5sبولسا شۇنىڭغا ماس تەگلىكلەر كۆرۈنىدۇ. iphone 4/4Sبولسا iPhone5لەردە كۆرۈنىدىغان تەگلىكلەر كۆرۈنمەيدۇ.(iphone 4/4sتىكى تەگلىكلەر تېخى يېڭلانمىدى) ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەگلىك ئەۋەتىپ موللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز

بۇ قېتىملىق يېڭلىقلار .
ئالما ئەڭ  يېڭى نەشىرى كۆرۈنمە يۈزىگە ماسلاشتۇرۇلدى.
سېغىمى زور دەرىجىدە كېچىكلىتىلىپ ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلدى
ئاممىۋى سۇپىلارغا ھەمبەھىر قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
تۈرلەرگە ئايرىپ كۆرۈش ئەمەلگە ئېشىلدى
تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ تەگلىك چىقرىش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلدى.
كۆپ خىل تىلدا كۆرەلەيسىز.

تورداشلارنىڭ قوللاپ ئۈندىدار(ۋىچەت)سالونلىرى بولسا تەشۋىق قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز . رەھمەت.

بۇ قېتىملىق نەشىرىدە ئازراق خاتالىق ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئالما دۇكىنىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن بايقالغاچقا ئامال يوق كېيىنكى نەشىرىگە قالدى(ئاللاھ خالىسا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قايتا يوللايمىز) بايقالغان باشقا مەسىللەر بولسا ئالما دۇكىنىغا كىرىپ باھا بېرىپ قويساڭلار ۋە ياكى ئېلخەت يازساڭلار كېيىنكى نەشىرىدە تۈزىتىمىز.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 00:13:47

چۈشۈرۈش ئادرىسى
https://itunes.apple.com/us/app/iteglik/id643725254?ls=1&mt=8
كەچۈرۈڭلار ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 01:38:45

تۈركچە تەرجىمىسىنى مەن قىلغان دەپ تۇرۇۋالسام...:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 10:48:56

ئالمىنىڭ سېستىمىسى ئۇيغۇرچە يىزىقنى تىگىدىن قوللايدۇ دەپ تولا كىشىلىرىمىز ئالما تىلىفۇن ئالماشتۇرۋالدى ،لىكىن ھەممە ئەپلېرىدە تىل تاللاش تۈرىدە ئۇيغۇرچە دىگەن يېزىق تاللاش تۈرى يوق

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 12:27:20

ئاندىرۇئىدنىڭمۇ بولغان بولسا ھە ،بەك ياخشى بولاتتى ..............

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:12:10

ھازىرقى باھسىمۇ 12 يۈەنما بۇ ئەپنىڭ؟ خىلى ئىقتىسادى قىممەت يارتالىدىڭىزمۇ ؟
بەت: [1]
: تەگلىكىم ئەپى يېڭلاندى