Windows Phone ئۈچۈن پۈتۈك ئېلان قىلىندى
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201408/20/215354usv8jczqifww3ihh.jpgئەپ نامى: پۈتۈك (Putuk)
خىزمەت مۇھىتى: +Windows Phone 8.0
نەشرى: 1.0.0.0
سىغىمى: 810KB
رولى: Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش
ئەپ چۈشەندۈرۈلۈشى:
«پۈتۈك» پەقەت بىرلا مەقسەت – Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.
«پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىلىرىدە ئىشلەيدۇ.
«پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈكنى ئۈندىدار (Wechat) دىكى دوستلارغا، دوستلار چەمبىرىكىگە، قىسقا ئۇچۇرغا ۋە ئېلخەتكە ھەمبەھرىلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
تۇنجى نەشرىدىكى بۇ ئەپتە پۈتۈك پۈتكەندە نۇر بەلگىسى چىقماسلىق خاتالىقى بار. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنكى نەشرىدە ھەل قىلىشنى ئويلىشىپ، تۇنجى نەشرىنى ئېلان قىلدۇق.
بۇ ئەپتە بىز ھېس قىلمىغان ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى تەبىئىي. كېيىنكى نەشرىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىشلىتىش جەريانىدا خاتالىق بايقىسىڭىز ياكى ئەپكە نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا، xjcfan@sina.com غا يوللاپ بەرگەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپىڭىزدىكى Windows Phone ئىشلىتىۋاتقان دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمىغايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى 1: http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/putuk/9f06eb3e-34f7-403a-a5be-833606e3266f
چۈشۈرۈش ئادرېسى 2: Windows Phone ئەپ بازىرى http://www.windowsphone.com دىن Xjcfan ياكى Putuk دەپ ئىزدەپ، چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندە ئەپتىن كەسمە رەسىملەر بېرىلدى.
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/08/1.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/08/2.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/08/3.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/08/4.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/08/5.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/08/6.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2014/08/7.png
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
تېما مەنبەسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-4118-1-1.html orun قاچىلاپ قىسقىلا سىناپ باقتىم:
1.يېزىلغان مەزمۇننى ساقلىمايلا كەينىگە قايتسا ئاپتوماتىك ساقلىمايدىكەن ياكى ساقلاشنى ئەسكەرتمەيدىكەن.
2.ئەپتىن چېكىنىپ چىققىلى بولمايدىكەن،كەينىگە قايتىشنى شۇنچە باسساممۇ چېكىنگىلى بولمىدى.
3.ساقلانغان پۈتۈكلەرنى بۇلۇت بوشلۇقىدا ساقلىغىلى بولىدىغان قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىڭلار.
ئەسلى مەنبەدىكى مۇنبەرگە ئەزا بولمىغاچقا مۇشۇ يەرگىلا يېزىپ قويدۇم رەھمەت، پىكىرلىرىڭىزنى خاتىرىلىۋالدىم.
بۇ ئەپنى ياخشى تۈزۈپسىلەر. قوللىرىڭلارغا دەرت بەرمىسۇن.
ئەمما بىز مىكروسوفىت بولمىغانكىن دەپ خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئېلان قىلىۋەردىڭلەرما؟ مەن سىلەرنى ۋە ئۇيغۇر سوفىتتىكىلەرنى بىلى خېلى چىڭ دەپ قارەيمەن. ۋاقىت كەتسىمۇ، خاتالىق گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئوڭشىۋىتپ ئاندىن ئېلان قىلدىغان ئىشكەن. بولمىسا باشقىلارغا بوشاڭدەك تەسىر بېرىدىكەن.
كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى قانداق بولدى ۆ، گ، ف، ژ، دىگەندەك شىفىت كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ چىقىرىدىغان ھەرىپلەرنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇردۇڭلار .
بەيدۇ كىرگۈزگـۈچنىڭ كۇنۇپكا ئۇرۇنلاشتۇرىشى نۇرغۇن كىشىلەرگە بەك يارايدۇ مەنچە شۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالغان بولساڭلار بۇلاركەن ئاخشام كەچ بولۇپ كېتىپ بىرىنچى قەۋەتتىن ئورۇن ئەپ قويسام، تەھرىرلەيدىغان يېرىنى تاپالمىدىم. :(
ئالدى بىلەن ئىككى تۆتتال ۋىنپون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان بىر تۈركۈم ئاغىنىلەنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يامان خوش بوپ كەتتىم، سىلەرگە ئاپىرىن.
ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم.
1. بىۋاستە چېكىنىشكە بولمايدىكەن.
2. نۇر بەلگىسىنىڭ بولماسلىقى بەكمۇ مۇھىم ئەمەستەك.
3.ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلەنگەندە «来自PUTUK» دېگەن قوشۇمچە چىقىۋالىدىكەن، بۇ يېرىنى پەقەت ياقتۇرمىدىم.
4.ھەرپ كۇنۇپكىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى سەل زىچتەك ھېس قىلدىم، لۇمىيا 820 ئىدى.
5.تەگلىك رەڭگىنى ئۆزىمىز تەڭشىۋالغىلى بولىدىغان ئىقتىدار قوشۇلسا، پۈتۈن بەت ئاق بولسا سەل بىئارامدەك ھېس قىلدىم.
راس، يەنە بىر گەپنى سوراپ باقايچۇ، ما تىلپۇندا ئۇلانما قىلىنغان سىن لارنى كۆرگىلى بولماس بولۇپ قالدىيا، بۇرۇن بولاتتى. توردىن ئىزدىسەم بەزىلەنىڭمۇ شۇندا بوپ قاپتۇ. بوشلۇقى بىلەن خەت ساندۇقىغا كىرگىلى بولمايدىغۇ ما مېكرو سوفتنىڭ؟
matros5 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 11:25 static/image/common/back.gif
بۇ ئەپنى ياخشى تۈزۈپسىلەر. قوللىرىڭلارغا دەرت بەرمىس ...
ياق، بوشاڭلىق مەسىلىسى ئەمەس، ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى. rock يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 15:43 static/image/common/back.gif
ئاخشام كەچ بولۇپ كېتىپ بىرىنچى قەۋەتتىن ئورۇن ئەپ قويس ...
رەھمەت، پىكرىڭىزنى خاتىرىلىۋالدۇق. يېڭى نەشرىدە ئويلىشىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-22 15:20
OWQI312 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 12:57 static/image/common/back.gif
كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى قانداق بولدى ۆ، گ، ...
كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201408/22/152046xqrc4mixxzcx6qqx.jpg
ئاساسىي كۇنۇپكا تاختىسى
http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201408/22/152055z1uyfr66f7r7q179.jpg
Shift نى باسقان چاغدىكى كۇنۇپكا تاختىسى
بەت:
[1]