tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 17:45:35

قان توختاتقۇچى ياخشى رېتسىپ

بۇ مېنىڭ قاملاشمىغان،ئۆزەمنى بازارغا سالماقچى بولغان، شىرىككە ئاپىرىپ سالغان،ئىناۋىتىمنى چۈشۈرگەن تېمامغا مۇھسىن توردىشىمىز قالدۇرغان رېتسىپكەن، تېمىنى ئۆچۈرۈپ،بۇ ئىنكاسقا كۆزۈم قىيماي  ئايرىم تىما قىلىپ قويدۇم.

سەۋەبسىز ھالدا قەرەللىك بۇرۇن قاناشقا كۈدە يىلتىزى پايدا قىلىدۇ .  سىناقتىن ئۆتكەن .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
يىلى ئۇزۇنراق بولغان كۈدىنىڭ يىلتىزىنى كولاپ ئېلىپ ، يۇيۇپ تازىلىغاندىن كىيىن ، بىر بۆلۈك يىلتىزنى قاينىتىپ ، سوغۇق چاي قىلىپ ئىچىلىدۇ ،  بىر بۆلۈك يىلتىزنى بولسا يۇمشاق ، سۈيى چىققۇچە چاناپ ، بىمارنىڭ ئېككى چېكە ، گەدىنى ، ۋە دېماغ ( ئىككى كۆزنىڭ ئوتتۇرىسى ، بۇرۇننىڭ ئويمان يېرى ) گە تېڭىلىدۇ .  سۆيىنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .   
قوشۇمچە :  قىزىل رەڭلىك ( چوقۇم ئوچۇق قىزىل رەڭلىك بولىشى كېرەككەن ) خورازدىن بىرنى تېپىپ ، تۇتۇلمىغان ساپال قاچىغا بوغۇزلىنىپ ، قاچا ئاپتاپتا قويۇپ قويۇلىدۇ . تاكى قان قۇرۇپ كەتكەنگە قەدەر ...
بوغۇزلانغان خوراز شورپا قىلىنىپ ، گۆشى ۋە شورپىسى بىمارغا بېرىلىدۇ .

( ئانامنىڭ بۇرنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە قەرەللىك قانايدىغان بولۇپ قېلىپ ، دەسلەپتە 5 -10 مىنۇت ، بارغانچە بىرەر سائەت توختىماي قانايدىغان بولۇپ قالغان ، ھەتتا بىر كۈنى بىرەر سائەتكىچە قاناپ توختىماي ، ئانام بىھۇش بولۇپ قالغان  ، دوختۇرلارمۇ ئامال قىلالماي ، ئاخىر دوختۇرخانىدا بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بىر ناتونۇش ئايالنىڭ يۇقارقى ئامالنى دەپ بېرىشى بىلەن ، 3 - خورازنى يەپ بولغاندا ( ئەلۋەتتە جۈسەي كۆتىكى ھەر كۈنى بار ) بىر توختاپ كەتكەنچە مانا ھازىر 10 يىلدىن ئاشتى ، قاناپ باقمىدى )

ئۆز قولىمىز بىلەن قوللانغان ئامال ،  ئاڭلىغان ئەمەس ...

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 18:00:06

سەل ئاۋارىچىلىقمۇ قانداق؟؟...سىلىدىن سوراپ باقسام تادۇ بىگىم،مىنىڭمۇ مۇشۇ يازدا بۇرۇن قانايدىغان ئىشلا بار،بەزى كۇنلىرى ئىككى ئۇچ قىتىم قانايدۇ،10مىنۇتلار ئەتىراپىدا توختايدۇ.بۇرنۇمنىڭ قاناۋاتقىنىغىمۇ 7تە8يىل بولاي دىدى.
بەزىلەر بۇرۇن قانىغاننى ئاق قان كىسىلىنىڭ ئالامىتى دەپ بىلىدىكەن،بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ ئاساسى بارمۇ قانداق ؟ ئاسانراق رىتسىپلا بولسا قالدۇرسىڭىز،پايدىلىنىپ قالسام

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 19:08:14

ئەڭ ئاسان رىتسىپ شۇ ئىكەنكى: خوخىنى سىقىپ، سۈيىنى بۇرۇنغا تېمىتسا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا شۇ توختاپ كەتكەنچە قايتا قاناش بولمايدىكەن. مەن تىببى كىتابتىن كۆرۈپ، ئۆزۈمگە سىناپ باققان. ئادەتتىغۇ ئاسانلىقچە قانىمايتتى، شۇ بىر قېتىم بىر قانىغانچە يېرىم سائەت قان توختىماي، ئاخىرى ئۆيدىكى «قانۇنچە» دېگەن كىتاب يادىمغا يەتتى- دە، كىتابتىن شۇ رىتسىپنى كۆرۈپ شۇ ھامان ئامالىنى قىلدىم. ئەمما ما ئۆسۈملۈكنىڭ سۈيىنىڭ ئاچچىقلىقى بىر گەپ ئىكەن، يېرىم سائەت كۆزىڭىزدىن ياش قۇرىمايدىكەن.

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 19:12:36

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 19:46:48

boran0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-20 19:08 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاسان رىتسىپ شۇ ئىكەنكى: خوخىنى سىقىپ، سۈيىنى بۇرۇ ...

بۇرۇن قاناش ئاكىللىرىمدىمۇ بولىدىغان..كىچىك ۋاقىتلىرىمدىغۇ دەيمە،ئۆيدىكىلەرنىڭ سۇتكە سۇتكە خوخېنى تاشلاپ قازانغا بىر پارچە تۆمۇر تالاپ قويۇپ ئاكىللىرىمغا ئىچكۇزگىنىنى كۆرەتتىم (ئاكىللىرىمدىمۇ بارىتتى بۇرۇن قاناش،ئۇ ۋاقىتلاردا مەن كىچىك بولغاچقىمۇ بۇرنۇم قانىمايتى).ھازىر بۇرنۇم قانىسا باشقىلار ھەرخىل گەپنى قىلىپ بىر قىسما قىلىپ قويدىكەن

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 19:52:32

99999 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-20 19:12 static/image/common/back.gif
خۇدايىم بىر ساقلىسۇن دەڭا، ئاق قان كېسىلى دىگەننى تىل ...

بۇرۇن قانىسا ئاسمانغا قاراپ تۇرسام بەك بىئارام بولىمەنغۇ تاڭ،قاننىڭ ھەممىسى گېلىمدىن ئۆتەپ كىتىدۇ،قاننىڭ قىرتاق تەمى.......
؟ئۆزەمنىڭ كىسەل ئەمەسلىكىنى بىلىمەن لىكىن باشقىلار ئاشۇ گەپنى دەۋەرسە شۇندامىدۇ يا دەپ قالىدىكەن كىشى،
بەزىدە كىچىدە بۇرنۇم قاناپمۇ قالىدۇ،ياستۇق قىپقىزىللا قان  بوپ كىتىدۇ،ئەتىسى ئويغۇنۇپ قورقۇپ كىتىمە

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 21:13:51

ئانامدىكى بۇ بۇرۇن قاناش ئەھۋالى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ، تازا تاھارەت ئېلىپ بامدات ئوقۇش ئۈچۈن جاينامازغا چىقاي دەپ تۇرغاندا باشلىناتتى .  بارغانچە قاناش ۋاقتى ئۇزىراپ ماڭغانتى .  دوختۇرخانىغا ئېچىقساق ، بىر مۇنچە تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ ، سەۋبىنى تاپالمىدى .  قان دىگەن ئېقىۋاتىدۇ تامچىلاپ .  ئاخىر بولماي دوختۇر داكىنى پوملاپ ، بۇرۇن تۆشۈكىگە چىڭ قاپلاپ قويۇپتى ،  قان ئېغىزدىن ئېقىپ چىقىشقا باشلىدى .    ئانامدەك بۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندە بۇنچىلىك ئامال ئەمەس، كارغا كېلىدىغانلا بولسا بۇنىڭدىن ئون ھەسسە ئاۋارىچىلىق ، قىيىن بولغان ئامال بولسىمۇ قىلىپ باقىدىغان گەپ .  بۇنچىلىك ئاددى بىر ئىش سىزگە ئاۋارىچىلىق تۇيۇلغان بولسا بۇرۇن قاناشنىڭ ئازاۋىنى ئانچە تارتىپ كەتمەمپسىز .  

يۇمشاق ئېزىلگەن كۈدە يىلتىزى ئادەتتە ھەر كۈنى ئەتىگەن - كەچتە ئىككى قېتىم مەن يۇقىرىدا دىگەن ئورۇنلارغا تېڭىپ بېرىلىدۇ . ئۈچ قېتىم بولسا تېخى ياخشى .  
قىزىل خورازنى تۇتمىغان ساپال قاچىغا ( چوقۇم ساپال قاچا بولىشى كېرەك دىگەن ھېلقى ناتونۇش ئايال ) بوغۇزلاپ ، قېنىنى ئاپتاپتا قۇرۇپ كەتكۈچە قويۇپ قويۇش ، ھەر جەھەتتىن كاللىمىزدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئەھۋالدا ئامالسىز شۇندق قىلغانتۇق ، ئىشقىلىپ  ، ئاللاھ شىپالىق بېرىپ ، بىر توختاپ كەتكەنچە قايتا قاناپ باقمىدى .  ئەلھەمدۇ لىللاھ ...

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 22:05:39

يەنە بىر ئاددىي ئۇسۇل با ۋاقىتلىق، يەنى بۇرۇن قانغاندا ھېچ ئىش قىلماي ، تۈز يەردە ئاسمانغا قاراپ يېتىپ ،بېشىنى سولغا ياكى ئوڭغا بۇراپ  تىنىچلىنىپ ياتسا ،قان ناھايتى تىز توختايدىكەن .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 12:56:01

ئاسان تېپىلىدىغان قان توختاتقۇچىلار
مۇز
ئانار گۈلى
ئانار پوستى
موزا
ئەنجىباھار
پاقىيۇپۇرمىقى

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 13:45:25

بۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنىمۇ قىسقىچە يېزىپ قويسىلا تادۇبېگىم ...

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:38:08

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:51:51

ئوخشاش يەلىرى قاناپ قالسا ئەرخەخكىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ ... :lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:57:03

99999 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 14:38 static/image/common/back.gif
خوتۇن خەققە بېرىدىغان دورىغۇ بۇ؟

ھە راس  ، سىزدىن بىر گەپنى سوراي دىگەنتىم .    مۇشۇ يەردىلا سوراۋېرەي .

مەلۇم بىر جىنايەتچىگە سوت ئېچىپ ھۆكۈم  ئېلان قىلغاندا  ،  « ........ جىنايىتى ئۈچۈن  ... يىل مۇددەتلىك ، قاماق جازاسى بېرىلدى ،  سىياسى ھوقۇقىدىن  ... يىل مەھرۇم قىلىنسۇن »  دەيدىكەن .  بۇنىڭدىكى مەھرۇم قىلىنغان سىياسى ھوقۇق نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟   بولسا تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزكەن .   بۇ ھەقتە بىرەر تېما يوللاپ تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرسىڭىزمۇ بولىتى بولمىسا ... ،  قانۇن ، ئەدلىيە ھەققىدە بىلمىگەن ، چۈشەنمىگەن ھەر خىل مەسىلىلەر ھەققىدە بىلىۋالساق ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 16:03:37

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 16:07:19

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 16:18:50

قايتا يېزىڭ ئېغىر ئالماي ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 09:01:33

99999 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 14:38 static/image/common/back.gif
خوتۇن خەققە بېرىدىغان دورىغۇ بۇ؟

بۇ كۈنلەردە سەپرا بوپ قېلىۋاتىمەن،چېچىلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن ماڭا دەرس ئۆتمىسىىز ۋە ئىنكاسىمنى نەقىل ئالمىسىڭىز،رەھمەت.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 09:02:27

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 13:45 static/image/common/back.gif
بۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنىمۇ قىسقىچە يېزىپ قويسىلا تاد ...

يۇمشاق سوقۇپ ياكى ئۇزۇن قاينىتىپ ئىىچىدۇ.
بەت: [1] 2
: قان توختاتقۇچى ياخشى رېتسىپ