Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 16:05:31

قەلبىمدە بىر قىز

مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

قەلبىمدە بىر قىز

بۇ شەھەردە بىر قىز بار ئىدى،
ئوماق چېھرى ئاپئاق قار ئىدى.
شامۇ سەھەر ۋەسلىگە ئۇنىڭ
ئاشىق دىلىم ئىنتىزار ئىدى.
نىگاھىغا ئەمما پەرىنىڭ،
بىپەرۋالىق كۈندە يار ئىدى.
شۇڭا غەمكىن سەرگەردان بولۇپ،
ئوتلۇق يۈرەك ھامان خار ئىدى.

يوللىرىدا تېنەيتتىم ھەر يان،
ئۆتكەن - كەچكەن قارايتتى ھەيران.
كەلسە ئەگەر توزدەك جىلۋىگەر،
سۆز قىلىشقا ئىزلەيتتىم ئىمكان.
نەزەر سالسام ئەمما بىرلا رەت،
نەچچە ھەپتە يۈرەتتىم ۋەيران.
ئۆتۈپ كەتسە بىراۋنى ئېلىپ،
بارچە ئۈمىد بولاتتى گۇمران.

ئۇ ئۇپۇقتا لەيلىگەن ئىدى،
ئۇ سۈبھىگە نۇر بەرگەن ئىدى.
تەبەسسۇمى، كۈيلىرى ئارا،
دالىلارنى كۈلدۈرگەن ئىدى.
قىزنىڭ ئىشقى روھىمنى ئەمما،
كېچە - كۈندۈز كۆيدۈرگەن ئىدى.
ئاخىر نېسىپ بولۇپ غەيرىگە،
مېنى دەردتە ئۆلتۈرگەن ئىدى.

2003 - يىل 26 - نويابىر چارشەنبە كېچە، باي.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 17:35:34

ھىسسىياتنى ئىپادىلەش ۋە تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خېلى تالانتىڭىز بار ئىكەن،تېخىمۇ تىرىشقايسىز...

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 19:24:54

شېئىرلىرىڭىزدا تەسۋىرلەر بەك گۈزەل. بىراق يۈرەككە كېلىپ ۋاڭڭىدە ئۇرۇلىدىغان پىكىر يوق. سىز شېئىرنى تەسۋىر دۇنياسى دەپ چۈشىنەمسىز؟...
ھەر بىر شېئىر، ھەر بىر شائىر دۇنيادا بىردىبىر بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. سانسىز تېكىستلىرىڭىز ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى، شۇ ناخشىلىرىڭىزنىڭ تېكىستلىرىدىكى قۇۋۋەتنى دەڭسەپمۇ تۇرامسىز؟
مەن دېمەكچى، قەلەم تاۋلىنىدۇ ھەم تاۋلىنىشى كېرەك. بىر ئىزدا چۆرگىلەۋەرگەندىن بەش ئالتە يىل توختاپ ئاز تولا پىشىپ قايتا قولغا قەلەم ئالسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
گېپىم ئېغىر كەتمىگەي.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 19:43:59

مۇشۇ مۇھەببەت شېئىرلىرى ماڭا پەقەت تېتىمايدۇ دېسە توۋا، ھەممىسى ۋاقىتلىق بىر ھېسىياتتەك بىلىنىدۇ ماڭا.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 20:09:19

ماڭا ، بەك تېتىدى بۇ ناخشا
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjk3NjQ0MDI4/v.swf

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 10:26:33

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-20 19:43 static/image/common/back.gif
مۇشۇ مۇھەببەت شېئىرلىرى ماڭا پەقەت تېتىمايدۇ دېسە توۋ ...

ۋاقىتلىق ھېسيات ئەمەسكەن ئون يىل بولاپتۇ ما قەلبىدىكى شۇ قىزغا كۈيۈپ پىشىپ يۇرگىلى .

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 12:33:30

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 10:26 static/image/common/back.gif
ۋاقىتلىق ھېسيات ئەمەسكەن ئون يىل بولاپتۇ ما قەلبىدىك ...

قىزلار ئاي يۈزلۈك گۈزەل بولسىمۇ
ۋە لېكىن ۋاپادا ئۇلار تۇرمايدۇ
بۇلبۇلدىن ۋاپانى كۈتمىگىن ھەرگىز
ھەربىر چاغ باشقا گۈلدە سايرايدۇ

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 12:34:18

مەيلى زار يىغلا،مەيلى پەريات قىل
ئۇغرى قايتۇرماس ئالتۇنىڭنى، بىل
بەت: [1]
: قەلبىمدە بىر قىز