ئىزدىنىش زىيالىيلىرى بۇ تىمىغا مەرھەممەت
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى؟
مەن يېقىندا روكىفېللېرنىڭ(باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى68گۆھەر)ناملىق كىتاۋىنى، ۋە ئۇيغۇر ئاپتۇرلاريازغان بىر قىسىم تارىخىي كىتاپلارنى ئوقۇدۇم،كىتاپنى ئاساسەن تۇلۇق چۈشۈنۈپ ئوقۇدۇم،لىكىن يەنىلا بەزىبىر ئاتالغۇلارغا نىسپەتەن چۈشۈنۈشۈم تازا چوڭقۇر بولمىدى،شۇ سەۋەپتىن تورداشلار بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى لايىق كۆرۈپ ئۇشبۇ تىمىنى يوللىدىم.
كىتاپنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ ئوقۇغاندىلا ئاندىن كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئىگەللىمەكچى بولغان بىلىمنى ئىگەللىگىلى،بىلىمنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى،شۇندىلا ئاپتۇرنىڭ ھەر بىر جۈمىلە سۆزىنىڭ ۋە ۋە تەپەككۇر دۇردانىللىرىنىڭ تىگىگە يەتكىلى بولىدىكەن...
1-تاكتىكىلىق پىكىر قىلىش.
2-ئىستىراتىگىيەلىك پىلان تۈزۈش.
3-لوگىكا.
4-پەنلەر ئىچىدە قايسى پەن تەبىي پەن، قايسىسى ئىجتىمائىي پەن بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ؟نىمە ئۈچۈن بۇنداق تۈرگە ئايرىيمىز؟مۇمكىن بولسا ھەربىر پەن توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىلسە؟(ھەربىر پەننىڭ ئىلىم پەندىكى دۇنياسىدىكى رولى توغرىسىدا دىمەكچى)
5-مەنىۋىي مەدەنيەت ۋە ئىجتىمائىي مەدەنيەت دىگەن نىمە؟
يەنە بىر ئىش،مىنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى بىكار ۋاقىتلىرىم كۆپ،شۇڭلاشقا ۋاقىتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ھەم ئۆزۈمنىڭ قىززىقىشى ۋە ئارزۇيۇمغا ئاساسەن خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگۈنەي دەپ نىيەت قىلغانتىم،ئۆزلىكىمدىن ئۆگەنمەكچىدىم،لىكىن قانداق ئۆگۈنۈش توغرۇلۇق بەك ئىككىلىنىپ قالدىم،ئاۋۋال خەنزۇتىلىنى ئۆگەنمەكچىمەن،يەنى يېزىش-ئوقۇش،سۆزلەش،ئاڭلاپ چۈشۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەڭ ئۆگۈنۈشنى ئويلاشتىم،خەنزۇچىنى يامان ئەمەس سۆزلىيەلەيمەن،لىكىن ئوقۇيالايدىغان خەتلىرىم بەك ئاز...،لوغەتتىن ئۆگۈنەي دىسەم پىنيىنچە خەتنىڭ ئۈستىدىكى تون بەلگىسىنى توغرا پەرىقلەندۈرۈپ ئاھاڭ بۇيىچە توغرا ئوقۇيالمايمەن، ھەم يەنە پىنيىچە ئىككى ھەرىپ بىرلىشىپ پەقەت بىرلا تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان خەتلەرنى توغرا ئوقۇيالمايمەن،بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى ماتىريالدىن پايدىلانسام بۇلار؟
ئىنگىلىز تىلىدىن بىلىمىم نۆل،ھەممىنى يىڭىدىن باشلىماقچىمەن،21ياشقا كىردىم تەس بولسىمۇ ئۆگۈنۈپ كىتەلىشىمگە ئىشەنچىم بار،ئىنگىلىز تىلىنىمۇ لوغەت ئارلىقىق ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگىلى بولارمۇ؟بولسا ئاددىي ئەمما ئەڭ ياخشى بولغان ئۆگۈنۈش ئۇسسۇلىنى تەۋسىيە قىلساڭلار.
كۆپچىلىككە رەخمەت. ئىشنى سوئال بەلگىسىنى توغرا ئىشلىتىشتىن،ئىملانى توغرىلاشتىن باشلاڭ ! 21 ياش بولساڭ تېخى كىچىك بالكەنسەن، تولۇققۇچە ئوقۇغان بولساڭ قانداق ئۈگىنىشنى بىلىشىڭ كېرەك، ياكى ئوقۇتقۇچلېرىڭ ئۈگەتكەن بولۇشى كېرەك.
1-تاكتىكىلىق پىكىر قىلىش.
ئىش ھەركەت بىلەن پىلاننىڭ قەدەم باسقۇچلېرى ماس ھالدا بولسا تاكتىكىلق پىكىر قىلغان بولىسەن. تاكتىكا دىگەن بىرەر مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش چارىسى.
2-ئىستىراتىگىيەلىك پىلان تۈزۈش.
بۇنداق پىلاننى بىر ئادەم تۈزمەيدۇ، 50 تىن يۇقىرى ئادەم بىرلىشىپ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى يىتىدىغان نىشاننى بەلگىلەيدۇ. مەسلەن : غەرىپنى ئىچىش، 12-بەش يىللىق پىلان دىگەندەك.
3-لوگىكا.
شەكىل لوگىكىسى(فورمال لوگىكا) ھەققىدە قىسقىچە بايان
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
شەكىل لوگىكىسى- شەكىل(تەپەككۇرنىڭ لوگىكىلىق شەكىللىرى) قۇرۇلمىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپەككۇرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپلا قالماستىن، تەپەككۇرنىڭ ئېنىقىلىقىنى يادرو قىلىپ، بىريۈرۈش قائىدە،ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەسلىلەر ئۈستىدە توغرا تەپەككۇر قىلىشىغا ۋە ئۆزتەپەككۇرىنى توغرا ئىپادىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئۇنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى زۆرۈر قورالى،دەپ ئېيتالايمىز. ئەڭ دەسلەپ ئارسىتوتېل«مېتافىزىكا»ۋە «ئورگانۇن»دا شەكىل لوگىكىسى ئۈستىدە خېلى ئەتراپلىق توختالغانىدى①.
شەكىل لوگىكىسىغا تەئەللۇق تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرى ۋە تەپەككۇر شەكىللىرى مۇنداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:
1)ئۇلار ئوبيېكتىپ شەيئىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان.ئۇلار ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق،ئەڭ مۇھىم قانۇنىيەتلىرى،مۇناسىۋەتلىرى،خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كىشلەر ئېڭىدا سانسىز قېتىملاپ،تەكرار-تەكرا ئەكىس ئەتتۇرۈلىشىدىن شەكىللەنگەن.شۇڭلاشقا،ئۇمۇمى ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇلارنى بىلىش،تەتقىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلنىشقىلا بولىدۇكى،خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ،ئۆزگەرتىشكە،ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس.شەكىل لوگىكىسى تەپەككۇرنىڭ باشلانغۇچ قانۇنىيەتلىرى ۋە شەكىللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى دېئالىكتىك لوگىكىغا سېلىشتۇرۇلغان ھالدا ئېيتىلغان.
2)شەكىل لوگىكىسى بىرخىل قورال خارەكتېرلىك پەن،ئۇنىڭدا ئېيتلىغان بۇ قانۇنىيەتلەر،بۇ شەكىللەرنىڭ سىنپىيلىگى يوق.ئۇلار ھەممە سىنىپقا ئورتاق،ھەممە سىنىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،پۈتۈن ئىنسانغا بىردەك قارايدۇ.
3)بۇ قانۇنىيەتلەر،بۇ شەكىللەر توغرا تەپەككۇرنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى. شەكىل لوگىكىسى كونكېرت ئايرىم شەكىللەرنى ئەمەس،بەلكى ئۇمۇمىي شەكىللەرنى،ئۇمۇمىي قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدۇ②.بۇ مەنىدىن ئۇنى تەپەككۇرنىڭ گىرامماتىكىسى،دەپ ئېيتىش مۇمكىن.
20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا شەكىل لوگىكىسىنى« مېتافىزىكا» دەپ قاراپ تەنقىدلەش بولدى ھەم دىئالېكتىكا «بىردىنبىر ئىلمىي لوگىكا» دەپ قارالدى.بۇنىڭ تەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو جەمئىيتىدىمۇ شەكىل لوگىكىسىغا قارشى تۇرۇش خاھىشىدا بولغانلار كۆرۈلدى.ئەمما 1949-يىلدىن بۇرۇن بۇخىل خاھىشلارنى جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولدى،دېيىشكە بولمايدۇ.1949-1950-يىللىرى بۇ خىل خاھىشلار جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغانىدى.1950-يىلى سىتالىننىڭ«ماركىسىزىم ۋە تىلشۇناسلىق مەسلىلىرى»دېگەن ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەكىل لوگىكىسى جۇڭگودائاندىن «ئاقلاش»قا ئېرىشتى. بۇخىل ئاقلاش سوۋېتچە تۈس ئالغان بولۇپ، شەكىل لوگىكىسى يەنىلا« ئىپتىدائى لوگىكا »دەپ قارىلاتتى. بۇخىل قاراشلار لوگىكىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپلا قالماي يەنە سوفىستىك ئىدىيلەرنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولغان ۋە يول قويغانىدى. گېگىل لېيبىنتىسنىڭ ماتېماتىكىلىق لوگىكا قىياسلىرىنى پۇتۈنلەي يوققا چىقىرىپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى.1961-يىلىغا كەلگەندىلا،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى دەرسلىكلىرىدىكى يۇقارقىدەك خاتالىقلارغا قارىتابىرقېتىملىق "تازىلاش" ئېلىپ بېرىلدى.
قىزىقارلىقى، گېگىلنىڭ «تار لوگىكا»سى ۋە «كەڭ لوگىكا»سىدا سۆزلەنگىنى تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىدىئالىستىك پەلسەپە بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئەڭ ئاز سۆزلەنگىنى ئىدىيالىزىم، كۈچەپ سۆزلەنگىنى ماتېرىيالىزىم ئىدى،بۇلار زىددىيەتلىك رېئاللىق ئىدى.مېتافىزىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئىدىئالىستىك دېئالىكتېكا ئىدىيسىنى تىكلەش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش-بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيتى ئىدى ③.
خۇلاسە شۇكى، غەربنىڭ ھازىرقى زامان لوگىكىسى18-ئەسىردە جۇڭگوغا كىرگەندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە ئېتىكا(伦理学)،لىزېشۆ(理则学،ئەڭ دەسلەپ سۈن جۇڭشەن ئېنگىلىزچە Logicسۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە شۇنداق ئالغان)قاتارلىق بىرقانچە ناملار بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ھازىرقى ئىلمىي نامى بولسا شەكىل لوگىكىسى(فورمال لوگىكا،ئېنگىلىزچە ئاتىلىشىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاھاڭى)بولۇپ، ئۇ ماتېماتىكىلىق لوگىكا ۋە دىئالېكتىكىلىق لوگىكىدىن پەرقلىنىدۇ. نېگىزىدىن ئېيتقاندا، فورمال لوگىكىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى سېلىشتۇرما ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئۇقۇملاردۇر. ئۇ ئادەتتىكى لوگىكا بىلەن پەرقلىنىدۇ.
4-پەنلەر ئىچىدە قايسى پەن تەبىي پەن، قايسىسى ئىجتىمائىي پەن بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ؟نىمە ئۈچۈن بۇنداق تۈرگە ئايرىيمىز؟مۇمكىن بولسا ھەربىر پەن توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىلسە؟(ھەربىر پەننىڭ ئىلىم پەندىكى دۇنياسىدىكى رولى توغرىسىدا دىمەكچى)
ئاددىلا دەپ بىرەي ، ماتىماتىكا ،فىزىكا ،خىمىيە تەبىي پەن.ئەدىبىيات، تارىخ سىياسەت، مۇزىكا ئىجتىمائىي پەن . تىل ئۈگىنىش ئۈچۈن كاللا كەتمەيدۇ قوڭ كېتىدۇ. hoopeelover ئاكاشقا كۆپ تەشەككۈر.
تىل ئۆگۈنۈش ئۈچۈن كاللا كەتمەيدۇ قوڭ كىتىدۇ،..بۇ دىگىنىڭىز جاپاغا چىدىساڭ،تىرىشچان بولساڭ بىر تىلنى ئاسان ئىگەللىيەلەيسەن دىمەكچىكەنسىزدە؟رەخمەت سىزگە. hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-08-20 11:16:04 static/image/common/back.gif
تىل ئۈگىنىش ئۈچۈن كاللا كەتمەيدۇ قوڭ كېتىدۇ.
:lol:lol:lol
قوڭنى بۈرۈپ مەككەم ئوتتراپ ئۈگەنسە بىژ باشقا ئەچىققىلى بولىدۇ دىگەن گەپ ماۋۇ…ھەقراس! ھاجەتخانىنىڭ پۇرقى تارقاۋاتتىدۇ {:92:} تىخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇڭ ، ئوقۇغان كىتابلىرىڭىز ئازدەك تۇرىدۇ ، تارىخ ، پەلسەپە ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇڭ زىيالى بولمىساممۇ كىرىپ قاراپ باقتىم.:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mart22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-20 14:36
تەبى پەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تەتقىقات نىشانى قىلغان پەن.
ئىجتىمائى پەن بولسا ئىجتىمائى مەسىلىلەر ( ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتىرىسىدىكى مەسىلىلەر) نى تەتقىقات نىشانى قىلغان پەن. ئاپىرىن تىرىشىڭ پەقەت سىزلا ئەڭ ياخشى تەبىرچى .ماددى مەدىنىيەت ئاددىيلا پۇل،ماشىنا ،كىيىم ،ئۆيلەردۇر . مەنىۋى مەدىنىيەت ؛ناخشا -مۇزىكا ،ساياھات ،داۋالىنىش،شەھەرلەردىكى مەنزىرىلەردىن راھاتلىنىش، قىسقىچە كۆڭۈل ئازادىلىشىدىغان ،دىل شاتلىنىدىغان ئىشلار دۇر .
پەقەت سىزلا ئاڭ ياخشى ئۇستاز ،تىرىشىڭ ئۈگنىش ،بىلىش ،قوللىنىش ئۈچۈن ئۈگىنىڭ، بەلكى ،بىلىدۇ دىسۇن دەپ يەكى بىلىۋېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس .تىرىشىڭ ئاندى ھەممنى بىلىسىز . ئالغا . ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، يەرشارى ئىلمى ۋە ئاسترنومىيە قاتارلىقلار تەبى پەنگە كىرىدۇ.
تەبى پەن كەسىپ تۈرلىرى
ماتىماتىكا
0101 ماتىماتىكا 0104 ماتېماكتىكلىق ستاتىسىتىكا 0105 يۈرۈشتۈرۈش ئىلمى(运筹学)
0102 ھىساپلاش ماتىماتىكىسى ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دىتال (计算数学及应用软件)
0103 قوللىنىشچان ماتىماتىكا 0106 تىزگىنلەش ئىلمى ( 控制科学)
فىزىكا
0201 فىزىكا 0202 قوللىنىشچان فىزىكا
0203 ئاتوم يادروسى فىزىكىسى ۋە يادرو تىخنىكىسى (原子核物理及核技术)
خىمىيە
0301 خمىيە 0302 قوللىنىشچان خىمىيە 0305 رادىئوئاكتىۋ خىمىيە
0303 ماتىرىيال خىمىيەسى 0304 مۇھىت خىمىيەسى 0306 يىمەكلىك خىمىيەسى
ئاسترونومىيە
0501 ئاسترونومىيە
گېئولوگىيە
0601 گېئولوگىيە 0602 قۇرۇلما گېئولوگىيىسى 0603 يەر تەۋرەش گېئولوگىيىسى
0604 قەدىمكى جانلىقلار ۋە يەر قاتلىمى ئىلمى 0605 سۇ رايى گېئولوگىيىسى
0606 يەر شارى خىمىيىسى (岩矿地球化学)
يەر شارى فىزىكىسى
0801 يەر شارى فىزىكىسى 0802 بوشلۇق فىزىكىسى
ئاتمۇسفىرا ئىلمى
0901 ھاۋارايى دىنامىكىسى 0902 كىلىماتولوگىيە ( 气候学)
0903 ئاتموسفېرا فىزىكىسى 0904 ئاتموسفېر تەكشۈرۈش
دېڭز-ئوكيان ئىلمى
مېخانىكا
ئۇچۇر ۋە ئىلىكتىرون
1201 ئىلىكترون ۋە ئۇچۇر سىستىمىسى 1202 رادىئو فىزىكا 1203 فىزىكىلىق ئېلېكتورن(物理电子学)
1204 ئاۋاز ئىلمى(ئاكۇستىكا) 1205 ئوپتىكا (نۇر ئىلمى) 1206 مىكروئېلېكترون(微电子学)
كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر تىخنىكىسى
پسىخولوگىيە
سىناق ئۈچۈن يولغا قويۇلغان كەسىپلەر
مۇشۇ كەسىپنىڭ خالىغان بىرىدە تۆت يىل تولۇق كۇرۇس(本科) ئوقۇسىڭىز تەبىئىي پەنلەر بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى(理学士学位) ئىلىپ چىقىسىز دىگەن گەپ. دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتلرنىڭ رەت تەرتىپى
1 كالىفورنىيە ئىنستىتۇتى (加州理工学院 Cal-Tech(CIT ئامىرىكا
2 خارۋارد ئۇنىۋېرستېتى 哈佛大学 Harvard ئامىرىكا
3 كامبرىج ئۇنىۋېرستېتى 剑桥大学 Cambridge ئەنگلىيە
4 ماسساچۇسېتس ئىنستىتۇتى 麻省理工学 MIT ئامىرىكا
5 سيۇرىخ ئىنستىتۇتى 苏黎世瑞士联邦理工学院 SFIT شۋېيتسارىيە
6 ستانفورد ئۇنىۋېرستېتى 斯坦福大学 Stanford ئامىرىكا
7 ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتى 帝国理工学院 ICST ئەنگلىيە
8 كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى بېرىكلى تارماق مەكتىپى 加州大学伯克利分校 UC Berkeley ئامىرىكا
9 پرىنسېتون ئۇنىۋېرستېتى 普林斯顿大学 Princeton ئامىرىكا
10 مىچىگان ئۇنىۋېرستېتى ئەن بور تارماق مەكتىپى 密歇根大学安娜堡分校 U-Michigan Ann Anbor ئامىرىكا anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:22 static/image/common/back.gif
hoopeelover ئاكاشقا كۆپ تەشەككۈر.
تىل ئۆگۈنۈش ئۈچۈن كاللا ك ...
تىل ئۈگىنىش ئۆي سالغانغا ئوخشايدۇ ،ھەربىر تال خام سۆز بىر پارچە خىش دەپ مىسال قىلساق ،خىش قانچە كۆپ بولسا شۇنچە كۆركەم ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنى سالغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئىنگىلىسچە ئاساسىڭىز نۆل بولغان شارائىتتا قوڭنى پۈرۈپ خام سۆز ئۈگىنىڭ ،بۇ ھەرگىز ئاسان گەپ ئەمەس. ئاندىن شۇ سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاددى جۈمىلىلەرنى يادلاڭ ،بارا بارا قىسقا تېكىسىتلەرنى يادلىيالايدىغان بولغاندا ئىنگىلىسسچە كىنو كۆرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. شۇچاغدا بەزى جۈملىلەر ئاغزىڭىزدىن تەبىيلا چىقىپ كېتىدۇ. مۇشۇ ھالەتكە كەلگىچە داۋاملاشتۇرالىسىڭىز ئىنگىلىسچە ئۈگىنىشتىن زېركىپ قالمايسىز. مەنمۇ زىيالىي ەمەس:D hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:15 static/image/common/back.gif
21 ياش بولساڭ تېخى كىچىك بالكەنسەن، تولۇققۇچە ئوقۇغان ب ...
مۇزىكا ئىجتىمائىي پەن
مۇزىكىنى ئىجدەىمائىي پەن دەپ قويۇڭ.
80-يىلنىڭ تەپەككۇرى دەپ قويامدۇق. parakende يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 15:39 static/image/common/back.gif
مەنمۇ زىيالىي ەمەس
ئۇنداق قىمماڭلا تورداشلار،زىيالىي بولمىساڭلار نىمە بوپتۇ؟
كىرگەنگە چۇشلۇق ،زىيالىي بولمىساممۇ قاراپ باقتىم،مەن زىيالىي ئەمەس دىگەندەك پاراڭلارنى قىلماي ئۆزۈڭلارنىڭ بىلىشىچە ئىنكاس قالدۇرۇپ چىكەتمەمسىلەر؟
ھەرخىل كۆز-قاراش،پىكىرلەرنىڭ چۈشۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈشەنسەڭلار بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق بىر تىما. خەتكۈچ umun99 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 15:42 static/image/common/back.gif
مۇزىكا ئىجتىمائىي پەن
مۇزىكىنى ئىجدەىمائىي پەن دەپ ق ...
ھە ، سىز جۇڭگودا ئەمەسما ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مۇزىكا ئۇسسۇل رەسىم كەسپىدىكىلەر ئىجدىمائىي پەندىن ئىمتىھان بېردىغۇ.
بەت:
[1]
2