dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 14:20:40

نامىراتلىق نىڭ دورىسى

نامراتلىقنىڭ دورىسى


ياڭ مېي

نامراتنىڭ كەم نەرسىسى
ئىلگىرى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن بىر باي كۆز يۇمۇش ئالدىدا مۇنداق بىر ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ:‹‹مەن ئەسلىدە نامرات ئىدىم،ھازىر مىليونېر سالاھىيىتىدە بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن.مەن ئۆزۈم باي بولۇش سىرىمنى قالدۇرۇپ قويماقچى.ئەگەر،بىرەر كىم‹نامراتنىڭ ئەڭ كەم نەرسىسى نېمە؟›دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلىسە،شۇ كىشى مېنىڭ باي بولالىشىمدىكى سىرنى تاپالايدۇ،شۇنداقلا،مەن بانكىدىكى شەخسىي بىخەتەرلىك ئىشكاپىمغا قويۇپ قويغان بىر مىليون فىرانىك پۇلغا ئېرشىدۇ.مەنمۇ ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىپ چاۋاك چالىمەن.››
ۋەسىيەتنامە ئېلان قىلندىغاندىن كېيىن،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 48 مىڭ 531 ئادەم ئۆزىنىڭ جاۋابىنى يېزىپ خەت ئەۋەتىپتۇ.جاۋابلار خىلمۇ خىل بولۇپ ،نۇرغۇن كىشىلەردە نامراتنىڭ ئەڭ كەم نەرسىسى ئەلۋەتتە پۇل ،دەپ قارىشىپتۇ.بەزىلەر نامراتنىڭ ئەڭ كەم نەرسىسى پۇرسەت ،دەپ قاراپتۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا،باينىڭ ئادۋوكاتى ۋە ۋاكالەتچىسى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا،ئۇنىڭ بانكىدىكى خۇسۇسىي بىخەتەر ئىشكاپىنى ئېچىپ ،ئۇنىڭ باي بولۇش سىرىنى ئاشكارىلاپتۇ.ئۇنىڭدا:‹‹نامراتنىڭ كەم نەرسىسى ئۇنىڭدا باي بولۇشى نىيتىنىڭ بولماسلىقىدۇر››دېيىلگەنىكەن.ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بىر قىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىپتۇ ۋە باينىڭ پۇللىرىغا ئېرشىپتۇ.بەزىلەر قىزچاقنىڭ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى قانداق تاپقانلىقىنى سوراپتۇ.قىزچاق مۇنداق دەپتۇ:
-ئاچام ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ 11 ياشلىق ئوغۇل ئېلىپ كەلگەندە ،ھەمىشە مېنى:‹‹سەن باشقىچە نىيەتتە بولما››دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن نىيەتلا كىشىنى ئارزۇ قىلغان نەرسىەە ئېرىشتۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
باي بولۇش نىيىتى نامراتلىقنى دەۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا،بارلىق مۆجىزلەرنىڭ بىخلىنىش نۇقتىسى،مۇۋەپپەقىيەتكە تۇتىشىدىغان سىردۇر.
تەقدىرگە ئىشىنىش ۋە تەقدىرنى يارىتىش
ۋېلسۇن ئەپەندى كوچىدا كېتىۋاتقاندا،بىر ئەما تىلەمچى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇ تىلەمچىگە مەردلىك بىلەن 100 ئامېرىكا دوللىرى بەردى.شۇنىڭ بىلەن تىلەمچى بۇ مەرد ئەپەندىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تېخىمۇ بىچارە كۆرسىتىپ،ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچراش جەريانىنى سۆزلەشكە باشلىدى .ئۇ ئەسلىدە ،زاۋۇتتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق پارتلاش ھادىسىگە دۇچ كېلىپ،مىڭ تەسلىكتە قېچىپ،زاۋۇت دەرۋازىسىغا يېتىپ بارغاندا،ئېگىز بويلۇق بىرسى كەينىدىن يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئۇنى يىقىتىپ،دەسسىۋېتىپ كېتىپ قالغان ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھازىرقىدەك ئەما بولۇپ قالغان ئىكەن.
ۋېلسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ :
-ئىش سىز ئېيتىقاندەك ئەمەسقۇ دەيمەن؟ سىز دەل ئەكسىنى ئېيتىڭىزمىكىن؟-دېدى.
تىلەمچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈگىنچە ،تۇرۇپلا قالدى.ۋېلسۇن ئەپەندى دانىمۇ دانە قىلىپ دېدى:
-ئەينى چاغدا سىز مېنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكەن ،سىزنىڭ بويىڭىز مېنىڭكىدىن كۆپ ئېگىز،مېنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن.
ئەما تۇرغان جايىدا ئۇزۇنغىچە داڭقېتىپ قالدى-دە،تويۇقسىز ۋېلسۇن ئەپەندىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ،قاتتىق كۈلۈپ كەتتى:
-مانا بۇ تەقدىر،ئادالەتسىز تەقدىر،سىز ھادىسە مەيداندىن قۇتۇلالماي تۇرۇپمۇ مانا ھازىرقىدەك كاتتا زەردار،ئالىيجاناپ ئادەم بولۇپ كېتىپسىز.مەن قېچىپ قۇتۇلالىغان بولساممۇ،ھازىرقىدەك ھېچنىمسى يو قارىغۇغا ئايلىنىپ قالدىم،-دېدى ئۇ.
ۋېلسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ قوللىرىنى زەرەب بىلەن ئىتتىرىۋېتىپ ،پالما دەرىخى ياغچىدا نەپىس ياسالغان ھاسسىنى پۇلاڭلىتىپ ،سالماقلىق بىلەن :
-سىز بىلەمسىز؟مەنمۇ قارىغۇ،سىز تەقدىرگە ئىشىنىسىز،ئەمما مەن ئىشەنمەيمەن،-دېدى.
ئوخشاش بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ،بەزىلىرى كاتتا ئادەملەرگە ئايلىنىپ،باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەس،بەلكى ئادەمنىڭ كۈرەش قىلشى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە باغلىق.
بېشىنى تىك تۇتۇش ۋە ئېگىش
فرانكلىن ياش ۋاقتىدا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى،ئەمما ناھايىتى ھاكاۋۇر ئىدى.ئەتراپىدىكى ئادەملەر ۋە ئىشلارنى كۆزگە ئىلمايتى.يول ماڭغاندا بېشىنى تىك تۇتۇپ ماڭاتتى.
بىر قېتىم ئۇ مەشھۇر بىر پروفېسورنى زىيارەت قىلغىلى بارىدۇ،يولدا ئۇ ئادىتى بويىچە بېشىنى تىك تۇتۇپ ماڭغىنىچە ،پروفېسورنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارىدۇ ۋە بېشىنى تىك تۇتقان پېتى بوسۇغىدىن ئاتلايدۇ،بىراق،بېشىنى ئىشىكىنىڭ كېشىكىگە قاتتىق ئۇرۇۋالىدۇ-شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قاتتىق رەسۋاسى چىقىدۇ.ئۇ قاتتىق ئاغرىۋاتقان بېشىنى سىلىغاچ،ئۆزىنىڭ بويىدىن خېلىلا پاكار كۆرۈنىدىغان ئىشىككە چەكچىيىپ قارايدۇ.دەل شۇ چاغدا پروفېسسور ئۆيدىن چىقىدۇ.ئۇ فىرانكلىنىغا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:
ئاغرىدىمۇ؟لېكىن سەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىقلانما،بۇ ئىش بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈمگە زىيارەتكە كېلىپ ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ مەھسۇلاتنىڭ.بىر ئادەم تۇرمۇشىنى چۈشىنىدىغان بولسا،ئېگىشكە تېگىشلىك ۋاقىتتا ئېگىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك،-دەيدۇ.
فرانكلىن بۇ ساۋاتنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ.كېيىنكى ھاياتىمدا كەمتەر،ئېھتىياتچان بولۇپ،‹‹بېشىنى ئېگىش››نى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ھايات مىزانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ ياشايدۇ،شۇنىڭدەك،پروفېسسور ئېيتقان ھېلىقى بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى چاغلاردا مەشھۇر شەخسكە ئايلىنىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.
پاكار ئىشىكتىن كىرمەكچى بولساق ،چوقۇم بېشىمىزنى ئىشىكتىن تۆۋەن قىلىشىمىز كېرەك.ئۆزىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش ،ھاكاۋۇرلۇق قىلىش مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياشلارنىڭ كېسلى .تەنتەك كىشىلەر ‹‹تاغنىڭ كەينىدە تاغ،ئادەمنىڭ كەينىدە ئادەم ››بارلىقىدىن ئىبارەت ئاددىي قائىدىنى بىلمەيدۇ.ئەتراپىمىزدىكى ئادەم ۋە شەيئىلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگنىۋالساقلا،ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق يېتەرسىزلىكىمىزنى تۈگىتەلەيمىز.
ئىشىك ئېچىشتىكى جاسارەت
بىر پادىشاھ ۋەزىرلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەقىل –پاراسەتلىك ۋە جاسارەتلىك بىرسىنى ئۇ ۋەزىرلىرىنى ناھايىتىمۇ چوڭ بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ:
-بۇ دۆلىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ،ئېغىر ئىشىك،ئاراڭلاردىن كىم بۇ ئىشىكنى ئاچالايدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
ۋەزىرلەر بۇ ئىشىكنىڭ ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلىدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،پادىشاھ بۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ئىشىكنى قەتئىي ئاچقىلى بولمايدۇ،دەپ قارىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىشىككە قارىغىنىچە باشلىرىنى چايقىشىپتۇ،بەزىلىرى قۇرۇق ھەيۋە كۆرسىتىپ،ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بىر پەس قاراپ تۇرۇپتۇ،لېكىن ئىشىكنى ئىتتىرىپ باقماپتۇ.چۈنكى ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپتۇ.يەنە بەزىلىرى پادىشاھنىڭ باشقا غەرىزى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىپ ،بۇنداق ئەھۋالدا جىم تۇرۇۋېلىشلا ئەڭ بىخەتەر پوزىتسىيە دەپ قاراپتۇ.
بۇ چاغدا ،بىر ياش ۋەزىر ئالدىغا چىقىپ ئىشىككە قاراپ مېڭىپتۇ.ئۇ ئىككى قولى بىلەن ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرگەنىكەن،ئىشىك ئاستا-ئاستا ئېچىلىپتۇ.ئەسلىدە بۇ ئىشىك يېپىپلا قويۇلغان بولۇپ تاقالمىغان،ئىچىدىن نەرسە تىرەپمۇ قويۇلمىغان ئىكەن .ھەرقانداق كىشى ئاسانلا ئېچىۋېتەلەيدىكەن.
گېۋد:‹‹بايلىقىڭنى يىتتۈرۈپ قويساڭ، ناھايىتى ئاز نەرسىنى يىتتۈرگەن بولىسەن،ئابرۇيۇڭنى يىتتۈرۈپ قويساڭ،كۆپ نەرسەڭنى يىتتۈرگەن بولىسەن،ئەگەر جاسارىتىڭنى يىتتۈرۈپ قويساڭ،ھەممە نەرسەڭنى يىتتۈرگەن بولىسەن››دېگەنىدى.ھەرقانداق ئىش قىلغاندا،ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىك ئاچالايدىغان جاسارىتىڭىزنىىڭ بار –يوقلۇقىنى ئويلاپ بېقىڭ.
ئەقىل-پاراسەت نۇرى
سوغۇق قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،نيۇيورك شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا ئىككىلا كۆزى ئەما بىر تىلەمچى كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ بوينىغا بىر ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ ،ئۇنىڭغا:‹‹تۇغما ئەما››دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەن بىر شائىردىن سەدىقە سورىدى.شائىر:
-مەنمۇ ناھايىتى نامرات،سىزگە باشقا نەرسە بېرەي،-دېدى ۋە سۆزىنى تۈگىتىپلا تىلەمچىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىغا بىر جۈملە خەت يېزىپ قويدى.
شۇ كۈنى تىلەمچى نۇرغۇن كىشنىڭ ھېسداشلىقى ۋە سەدىقىسىگە ئېرىشتى ،كېيىن ،تىلەمچى يەنە ھېلىقى شائىر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.ئۇ ناھايىتى ھەيرانلىق ئىچىدە شائىردىن:
-سىز مېنىڭ بوينۇمدىكى ۋىۋىسكىغا زادى نېمە دەپ يېزىپ قويغان ئىدىڭىز؟-دەپ سورىدى.
شائىر كۈلۈپ تۇرۇپ ۋىۋىسكىدىكى ئۆزى يېزىپ قويغان خەتنى ئوقۇپ بەردى:‹‹باھار كېلەي دەپ قالدى،بىراق مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن.››
شائىر ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ ،كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھېسداشلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ئويغاتتى،ئەقىل-پاراسەت بىزگە كۈچ ۋە روھ ئاتا قىلىپلا قالماي،يەنە بەخت ۋە تەسىرلىنىش ئېلىپ كېلىدۇ.
بىپايان زېمىن
بىر كۈنى سوقراتنىڭ شاگىرتلىرى جەم بولۇپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ.باي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بىر شاگىرت ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئائىلىسىنىڭ ئافېنا ئەتراپىدا بىپايان يەرگە ئىگە بولغانلىقىنى سۆزلەپ ماختىنىپتۇ،ئۇ تازا پو ئېتىۋاتقاندا،بىر تەرەپتە ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغان سوقرات بىر پارچە خەرىتىنى چىقىرىپ ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن :
-تېپىپ باقە،بۇ خەرىتىدە ئاسىيانىڭ ئورنى قەيەردە؟-دەپ سوراپتۇ.
-مۇشۇ چوڭ بىر پارچە يەر شۇ،-دەپتۇ ھېلىقى شاگىرت ۋە ئۆزىنىڭ كۆرسىتىپ بىرەلىگەنلىكىدىن كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ.
-ناھايىتى ياخشى ئۇنداقتا يۇنان قەيەردە؟-دەپ سوراپتۇ سوقرات يەنە.
ھېلىقى شاگىرت ئاران تەسلىكتە خەرىتىدىن بىر كىچىك دائىرنى تېپىپ كۆرسىتىپتۇ.ئۇنىڭ دائىرسى ئاسىيا بىلەن سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ كىچىك ئىدى.
ـــئۇنداقتا ئافېنا قەيەردە؟-يەنە سوراپتۇ سوقرات پەس ئاۋازدا.
-ئافېنا.....بۇ يەر كىچىككەن ....مۇشۇ يەرمىكىن،-دەپتۇ ھېلىقى شاگىرت كىچىككىنە دائىرنى كۆرسىتىپ.
ئاخىردا سوقرات ھېلىقى شاگىرتىقا قاراپ:
-ئەمدى سەن بۇ خەرىتىدىن ئائىلەڭلەرنىڭ ئىلكىدىكى بىپايان زېمىننى تېپىپ باققىن،-دەپتۇ.
شاگىرت قارا تەرگە چۆمۈپ بىر ھازا ئىزدىگەن بولسىمۇ،ئۆزىنىڭ بىپايان زېمىنىنىڭ سايىسىنىمۇ تاپالماپتۇ-دە،ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
-ئۇستاز،كەچۈرۈڭ،مەن تاپالمىدىم ،-دەپتۇ.
بىز ھەرۋاقىت كەمتەر ،كىچىك پېئىل بولۇپ،مۋەپپەقىيەت ۋە شان –شەرەپ ئالدىدا ئۆزىمىزنى كۆز-كۆز قىلماسلىقىمىز لازىم.چۈنكى ،دۇنيادا بىز ئېرىشكەن نەتىجە ۋە شان –شەرەپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ زور بولغان نەتىجە ۋە شان –شەرەپلەر ھەددى-ھېسابسىزدۇر.
_______________
مەنبە: بىلقۇت تورى ئالىمجان ئابلىز تەرجىمىسى

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 00:06:01

باي بولۇشنىڭ بىز ئاڭلاپ باقمىغان مەخپىي رىتسىپى يوق،دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن مىليادىرلار ئۆتكەن،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باي بۇلۇشتىكى ھەممە سىرلىرىنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك كىتاپقا يېزىپ كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 00:37:18

anatil8 يوللىغان ۋاقتى2014-8-20 00:06 static/image/common/back.gif
باي بولۇشنىڭ بىز ئاڭلاپ باقمىغان مەخپىي رىتسىپى يوق،د ...

بار ... ... ئۇ قالدۇرۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنى قايمۇقتىردىغان نەرسىلەر..ھەقىقى بايلىققا ئېرىشىش يولى ھازىرغىچە ئاشكارلانمىغان... مەن ئاشكارلىۋېتەي دېسەم ، قائىدىنى بۇزسام بولمايدۇ... بىكار بايلىقنىڭ نەرقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،...شۇڭا ئەڭ ياخشىسى نامراتلار ئۆزى ئىزدەنگىنى ياخشى ...
بەت: [1]
: نامىراتلىق نىڭ دورىسى