قەشقەردىكى داڭلىق ئىككى مەدرىس
قەشقەر قەدىمىي شەھەر، قەشقەر شەھىرىدە بۇنىڭدىن خېلى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى 17 مەدرىسە بار بولۇپ ، بۇلاردىن ھېيتگاھ مەدرىسەسى ، تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسەسى ، ئۆمەر ھېكىمبەگ مەدرىسەسى ، دورغا بەگ مەدرىسەسى ، كەنجازا مەدرىسەسى ( توختى خوجا مەدرىسەسى ) ، ئەھرارخان تۆرەم مەدرىسەسى ، تاغارچى كوچىسىدىكى مەدرىسە ، دىن ئىبارەت يەتتە مەدرىسە قەشقەر شەھىرىنىڭ << تاشقارقى شەھەر >> دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان ، دۆڭ مەسچىت مەدرىسەسى ، ۋاڭلىق مەدرىسەسى ، خانلىق مەدرىسەسى ، قازانچى مەدرىسەسى ، توقام ( ئابدۇۋىلى باي ) مەدرىسەسى ، ئاخۇن بايۇفلار مەدرىسەسى ، ساقىيە مەدرىسەسى ، چاچ مەدرىسەسى ، كەسكەن يار مەدرىسەسىدىن ئىبارەت 10 مەدرىسە قەشقەر شەھرىنىڭ << ئىچكەركى شەھەر >> دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان . تاشقارقى شەھەر قىسمىدىكى مەدرىسلەرگە قارىغاندا ئىچكەركى شەھەر قىسمىغا جايلاشقان مەدرىسلەر ئۇزاقراق تارىخقا ئىگە ، بۇلاردىن << خانلىق مەدرىسەسى >> بىلەن << ساقىيە مەدرىسەسى >> تېخىمۇ قەدىمكى مەدرىسلەر ھېسابلىنىدۇ . تۆۋەندە خانلىق مەدرىسە>> بىلەن << ساقىيە مەدرىسەسى >> ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز .1 . خانلىق مەدرىسە
خانلىق مەدرىسە خانلار تەرپىدىن ياسالغان مەدرىسە بولۇپ ، ئۇلارنى << سەئىدىيە >> خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ياسىغان . يەكەندە << خانلىق مەدرىسە >> دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ مەدرىسە بار ، بۇلاردىن بىرى ئالتۇنلۇق مازار يىنىدىكى ئابدۇرىشىتخان ياسىغان مەدرىسە ، بىرى كونا خانلىق مەدرىسە سى ، يەنە بىرى رەستە ئارقىسىدىكى رىكىستان ( قۇملۇق ) دىكى ئابدۇللا خان ياسىغان مەدرىسلەردىن ئىبارەت . يەنە خوتەننىڭ ئىلچى دېگەن يېرىدە << خانلىق مەدرىسە >> نى << سەئىدىيە >> خانلىقىنىڭ 8 - پادىشاھى ئابدۇللا خان ئابدۇرىھىم ئوغلى تارىخىي ھىجىرىيە 1048 - يىلى ( مىلادىيە 1638 - يىلى ) تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كىيىن ياسىغان . قەشقەردىكى بۇ مەدرىسە ئەينى چاغدىكى شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا كۆپ مەدرىسە ۋە جامەلەر بىلەن ئاۋاتلاشقان << ئوردا ئشىكى >> دېگەن گۈزەرگە سىلىنغان بولۇپ ئۇ يەردە شاھ ئوردىسى ( قەسىر ) بار ئىدى .
قەشقەر خانلىق مەدرىسەسى غايەت زور مەرىپەت ئورنى بولۇپ ، ئەينى چاغلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان .
بۇ مەدرىسەنى خانلار ياسىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەبلىغى ۋەخپىنىڭ كىرمىدىن كىلەتتى ، يەنى ياسىغۇچى ئاجراتقان كۆپ مىقداردىكى ۋەخپە زىمىن ، ۋەخپە ساراي ، ۋەخپە دۇككانلىرىنىڭ كىرىملىرى مۇدەررىسلەرنىڭ ئىش ھەققى ، تالىپلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ، مەدرىسەنى باشقۇرىدىغان مۆتىۋەللىلەرگە بېرىلەتتى ، مەدرىسلەرنىڭ رېمونىتىغا ئىشلىتىلىلەتتى .
2 . << ساقىيە >> مەدرىسەسى
<< ساقىيە >> مەدرىسەسى قەشقەرنىڭ ئىچكەركى شەھرىدىكى << ساقىيە >> مەھەللىسىگە جايلاشقان . بۇ مەدرىسە << خانلىق مەدرىسە >> تىن ئۇزاقراق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، مەدرىسەنىڭ نامىغا قارىغاندا مىلادىيە ⅩⅢ ياكى ⅩⅣ ئەسىرلەردە ياسالغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . بۇ مەدرىسەنىڭ ئەسلىي نامى << توقا بەگ مەدرىسەسى >> بولۇپ ، بۇ ، توغرۇل دېگەن نامىدىن بۇزۇلۇپ ئاتالغان .
موڭغۇل ئىمپىريەسى دەۋرىدە << بەرراس >> دېگەن بىر قەبىلە بار بولۇپ ، بەرراسلار مەلۇم ئىنتىيازغا ئىگە ئىدى . ئەينى چاغدا بۇ مەدرىسەنى بەرراسلاردىن بولغان ئەر توغرۇل بەرراس دېگەن كىشى ياسىغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەدرىسە << ئەر توغرۇل بەگ مەدرىسەسى >> دەپ ئاتالغان . كىيىن ، << ئەر توغرۇل بەگ >> دېگەن سۆزدىن << ئەر >> سۆزى تاشلىنىپ قېلىپ << توغرۇل بەگ >> دەپ ئاتالغان . زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن << توغرۇلبەگ >> دېگەن سۆزگە ئۆزگەرگەچكە ، يىقىنقى زامانغىچە << توقا بەگ >> نىڭ مەدرىسەسى دېگەن نام ئۆزلەشكەن . بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ مەدرىسەنىڭ تارىخىنى 500 يىلدىن ئاشقان دىيىشكە بولىدۇ .
ئۇنداق بولسا ، << ساقىيە >> دېگەن نام قانداق پەيدا بولغان؟
ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىلگىرى ساقى ، باقى ، سەقى ، نەقى دېگەن ئىسىملار كۆپ ئىدى ، ساقى دېگەن ئىسىم ئەينى چاغدا بىر مەھەللىدە قاسساپلىق قىلدىغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇپ ، كىيىن شۇ مەھەللىنىڭ نامى ساقى قاسساپنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان . بۇ مەھەللىگە سېلىنغان مەدرىسەمۇ بارا بارا << توقا بەگنىڭ مەدرىسەسى >> دېگەن نام بىلەن ئاتالماي ، ساقى قاسساپنىڭ مەھەللىسىدىكى مەدرىسە __ << ساقىيە مەدرىسەسى >> دەپ ئاتالغان .
ھازىرمۇ چاسا گۈزىرىدىن قارقى دەرۋازا ئورنىغىچە بولغان ئۇزۇن بىر مەھەللە شۇنىڭدەك شۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ نامىمۇ << ساقىيە >> دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ .
<< ساقىيە مەدرىسەسى >> شۇ مەھەللىدە بولغانلىقتىن << ساقىيە >> دىكى مەدرىسە دەپ ئاتىلىپ كېيىن دىكى دېگەن قوشۇمچە چۈشۈپ قىلىپ << ساقىيە مەدرىسەسى >> بولۇپ كەتكەن .
<< ساقىيە مەدرىسەسى>> نىڭ ياسىلىش تارىخىي ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، قەمەرجاننىڭ ماقالىسىدىمۇ 1654 - يىلى قەشقەرلىك باھاۋىدىن باي تەرپىدىن رېمۇنىت قىلغانلىقى ئېيتىلغان . بۇ ، ئۇنىڭ قەدىمكى مەدرىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
بۇ مەدرىسە 1913 - يىلى باھاۋىدىن مەخسۇم تەرپىدىن يەنە بىر قىتىم رېمونت قىلىنغان . شۇ چاغدا مەدرىسەنىڭ پەشتىقىغا ؛
<< سال تەئىمىر ئىن راۋاقى بىدان ، ئەۋۋەلەش شۇغلى ، ئاخىرەش غۇفران . >> دېگەن ئىككى مىسرا شېئىر يىزىپ قويۇلغان . بۇ شېئىر مەدرىسەنىڭ ياسىلىشى تارىخىنىڭ ئەبجەد ھېسابى بىلەن يېزىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
شېئىردىكى << شۇغلى >> سۆزى رېمونتنىڭ باشلانغان يىلى 1330 نى ؛ << غۇفران >> سۆزى پۈتكەن يىلى 1331 نى كۆرسىتىدۇ ؛ بۇ سان ھىجىرىيە يىلى بىلەن ھىسابلانغان بولۇپ ، مىلادىيەنىڭ 1912 - ، 1913 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
<< ساقىيە مەدرىسەسى >> يۇرتنىڭ ئاتاقلىق بىلىم يۇرتى بولۇپ ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە نۇرغۇن تۆھپە قوشقان . بۇ مەدرىسەگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى نەچچە يۈز تالىپ كىلىپ ئوقۇغان . مەدرىسەدسەرىپ - نەھۋى ( گىرامماتىكا ) ، مەنتىقە ( لوگىكا ) ، ئەدەبىيات ( مەسنىۋى ) لەر ئوقۇتۇلغان .
مەنبە .............. قەشقەر تەزكىرسىدىن تەرمىلەر . بۇ مەدرىسە ئەينى چاغدىكى شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا كۆپ مەدرىسە ۋە جامەلەر بىلەن ئاۋاتلاشقان << ئوردا ئشىكى >> دېگەن گۈزەرگە سىلىنغان بولۇپ ئۇ يەردە شاھ ئوردىسى ( قەسىر ) بار ئىدى .
……………
ھىيتگاھنىڭ قارشى تەرپىنى ھازىر ئوردا ئالدى دەيدۇ ، بۇ ئوردا بىلەن بۇرۇنقى ئوردىلار ئوخشىمامدۇ ؟ ھىيتگاھ مەدرىسى تاشقى شەھەر مەدرىسى بولسا ئەينى ۋاقىتتا ھىيتگاھ شەھەر سىرتىمىدى ؟
قەدىمدە ھەرقايسى دەۋرلەردە قەشقەرنىڭ شەھەر مەركىزى ، ئوردا رايۇنلىرى قانداق بولغان ؟ تەپسىلى بىلدىغانلار جاۋاب بەرسە ؟ قەشقەر شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپنى يەرلىكلەر «ئوردا ئىشكى » مەكتىۋى دەپ ئاتايدۇ، ھازىرقى ئۆزگەرتىپ ياسىلىشتىن بۇرۇن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا «ئوردا ئىشىكى » مەكتىۋى دەپ ۋىۋىسكىسىمۇ بار ئىدى، ئۆز گەرتىلگەندىن كىيىن ئۇ ۋىۋىسكىنى ئىلىۋىتىپتۇ .
يۇقراقى تورداش تىمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ ھىيتگاھنى شەھەر سىرتى دەيدىغان گەپ يوق . ھىيىتگاھ مەدرىسى تاشقارقى شەھەر >> دەپ ئاتالغان قىسمىغا جايلاشقان دىيلىپتىغۇ ، ھىيىتگەھنىڭ تارىخىنى بىلەسىز ، ئەسلى ھىيىتگاھ قەبرىستانلىق ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتا شەھەر ئىچى بولغان بولسا ئۇ يەرنى مازارلىق قىلماستى ، ئۇردا نەچچە قىتىم ئۆزگەرگەن ، قاراخانىيلار ، چاغاتاي ، سەئىدىيە ، چىڭ دەۋىرلىرىدە ئوردا قىلىنغان ئورۇن ئوخشاش بىر ئورۇن بولىشى ناتايىن ، مىنىڭ سورىغىنىم ھەرقايسى دەۋىردىكى ئوردىنىڭ ئورنى ، شەھەرنىڭ يۆتكىلىشى ، كىڭىيىشىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار قەشقەردىكى قەدىمقى مەدرىسلەر دىسەك بولغىدەك. ھازىر بۇ مەدرىسلەرنىڭ بىرسىنىڭمۇ ئىزى قالمىدىغغۇ دەيمەن. ئۆچۈرىدىغان نەرسىلەرنى ئۆچۇرۇپ يوقاتتى. مەدرىس، ئوردا ئىشقىلىپ كۆزگە چېلىقىدىغان مۇشۇنداق نەرسىلەردىن ھىچيەردە ئىز قالمىدى:@ ساقىيە مەدىرىسىنى تېخى ئىككى يىل بۇرۇنلا تۈزلىۋەتتى بىلىدىغان بىلمەيدىغان ھەممىمىز كۆزۈمىزنى پارقىرىتىپ قاراپلا تۇردۇق،ئاڭلاپلا تۇردۇق... شۇنداق ، بۇ مەدرىس ئۇزۇن تارىخدىن بىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن ياخشى جاي ئىدى . مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدىم . ئەپسۇس .......... تۈزلىۋىتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ نەچچە كۈن بىئارام بولدۇم ..ئامال قانچە! قەشقەردىن تورغا چىقىۋاتقان،ياشتا چوڭراق پىشقەدەم كىشىلەر بولسا،قەشقەرنىڭ بۇرۇنقى ئوردا،مەدرىسلەرنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسا.جانان كوچىسىغا قانداق بارىدىغاندۇ؟ قەشقەر قەدىمى شەھەر رايۇنىنىڭ كوچىللىرى نىمانداق تار ، شۇ ۋاقىتتا ئات ھارۋىللىرى قانداق ئۆتكەن بولغىيتى ئۆزبەگىستاندا قاراخانىيلار ئوردىلىرى ياخشى ساقلاقلىق تۇرىدۇ .
بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇ خانلىقلار بىلەن مۇناسىۋېتى يوق ، بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى ، شۇڭا ياتلارنىڭ مەدىنىيىتىنى چېقىپ پاچاقلاپ تاشلاش كېرەك . جانان كوچىسى يوق ھازىر ، ئەمما جانان كوچىسىدىكىلەر چىنباغ مەھەللىسىدە ئۆزلىرى توپلاشقان جايغا يېڭى جانان كوچىسى دەپ ئىسىم قويىۋاپتۇ. asalam يوللىغان ۋاقتى 2014-08-20 08:57:48 static/image/common/back.gif
ئۆزبەگىستاندا قاراخانىيلار ئوردىلىرى ياخشى ساقلاقلىق
؟ىچىم ېچىشىدۇ جۇما زادى..... :'(
بەت:
[1]