zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:17:45

ئىسلامدا زاكات ئىبادىتى ھەققىدە

ئىسلامدا زاكات ئىبادىتى ھەققىدە



زاكات ئسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى بولۇپ ناماز، روزا ۋە ھەجگە ئوخشاشلا پەيغەمبەرلەردىن قالغان قەدىمىي ئىبادەت. زاكات ھاجەتمەنلەرگە بېرىلدىغان ياردەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى. قۇرئان كەرىمدە زاكاتنىڭ مىقدارى ۋە ماھىيىتى تەپسىلى بايان قىلىنماستىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنلىرىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. زاكاتنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكىمى پەرىز ئىبادەت بولۇپ، مىقدارى ئېنىق قىلىپ بېكىتىلگەن. زاكاتنى قولىدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بايلىقى بولغان كىشى چوقۇم ئادا قىلىشى كېرەك. زاكات بېرىش ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇسۇلمانلارنىڭ يەككە ۋە كوللېكتىپ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قىممەت قاراشلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىبادەت.

زاكات لۇغەتتە پاكلاش، كۆپىيىش، بېيىش، بەرىكەت ۋە ئاقلاش قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە. دىنى ئاتالغۇ مەنىسى، ئۆلچەمگە يەتكەن مىقداردا پۇل-مالغا ئىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، يىلدا بىر قېتىم مېلىنىڭ مەلۇم قىسمىنى بەلگىلەنگەن كىشىلەر ياكى ئورگانلارغا بېرىشتۇر. قول ئىلكىدىكى پۇل-مالدىن باشقىلارغا بىرىش بىلەن زاكاتنىڭ كۆپىيش مەنىسى قارىماققا بىر-بىرىگە زىتتەك كۆرىنسىمۇ ماھىيەتتە ئىككىسى ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق زىتلىق مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، زاكاتنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى بىلەن لۇغەتتىكى مەنىسى دائىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان پۈتۈن مەنىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زاكات بىر ئىبادەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شەخىس ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىيىتى، ئەخلاقى، دىنى، ئىقتىسادىي قاتارلىق ھاياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىشلىق ۋە پايدىلىق.

ئىسلامدىكى ئىبادەتلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بەندە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن ماددىي ۋە مەنىۋىي نېئمەتلەرگە شۈكرى ئېيتىش يۈزىسىدىن ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، زاكات پۈتۈن مال-مۈلكنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائلاغا شۈكرى ئېيتىش ئۈچۈن ئادا قىلىنغان بىر خىل تەشەككۈر ئېيتىش پائالىيىتى. بۇ پائالىيەت كىشىلەرنى تۇزكورلۇقتىن يىراق قىلىپ شۈكرى قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا شۈكرى ئېيتقانلارغا كۆپلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا مال-دۇنياسىنى ياخشى يوللارغا سەرىپ قىلغانلارنىڭ مېلىغا بەرىكەت بېرىپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. زاكاتنىڭ لۇغەت مەنىسىدىكى كۆپىيىشنىڭ دەل بۇ كۆپىيىشنى كۆرسەتمەكتە.

قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، ئىقتىسادىي ساھەگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئايەتلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇ ئىسلام دىنىدا زاكاتقا ئوخشاش فونكىسىيەگە ئىگە يەنە نۇرغۇن ئىبادەتلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نەپىقە قىلىش، سەدىقە قىلىش قاتارلىقلار مانا شۇنداق ئىبادەتلەردىن بولۇپ بۇ ئىبادەتلەردىكى شەرىئەتنىڭ تەلەپلىرى ۋە بەندىلەردىكى مەجبۇرىيەتلەر زاكات بىلەن پەرىقلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بىر قىسىم جايلاردا زاكات سۆزىنىڭ ئورنىغا سەدىقە سۆزى ئىشلىتىلگەن. قانداقلا بولمىسۇن، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىن ۋە ئەسىرلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قول ئىلكىدە بار كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى. قۇرئاندا ئېھتىياج ئىگىلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش ئاللاھقا ياردەم قىلغانلىق دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئىسلام دىنى ئەڭ ئاۋۋال پېقىر-مىسكىنلەرگە بىۋاسىتە ياردەم بىرىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. چۈنكى شەخىس تەرەققى قىلماي تۇرۇپ ئائىلىمۇ تەرەققىي قىلمايدۇ-دە، جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا تەرەققىياتتىن گەپ قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شەخسلەر چوڭ تۇمۇرغا قان يەتكۈزىدىغان قىل قان تۇمۇرلار ئوخشايدۇ. جەمئىيەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلار يەنىلا يەككە شەخىسلەر. شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى يوقىرى كۆتۈرمەي تۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىنى ئەسلا يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.

ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار ھەر بىر ئىنساندىكى تەبىئىي تەلەپ. كىشىلەرنىڭ ئەقىل-ئىدراكى، تالانىت-قابىلىيىتى، كۈچ-قۇۋۋىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئىسلام دىنى مانا بۇ تەڭسىزلىكتىن ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زاكاتتىن ئىبارەت بۇ ئىبادەتنى يولغا قويغان.

زاكات جەمئىيەتتە ھەمكارلىق ۋە يار-يۆلەكتە بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، خەلقنىڭ تېنچ-ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن باينىڭ مېلىدا پېقىرنىڭمۇ ھەققى بار دېيىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىدىكى مال-دۇنيا سۆيگۈسى نورمال سەۋىيەدە چەكلەنسە شەخىس ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. مال-دۇنيا سۆيگۈسى نۇرمال چەكتىن ئېشىپ كەتسە، قەلبتىكى ئاللاھ سۆيگۈسىگە دەز كېتىدۇ. دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدۇ، دىنىي قېرىنداشلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرى ئۇنتۇلىدۇ ۋە ئاخىرەت تەييارلىقىدىن توسۇپ قويىدۇ. زاكات بىرىش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئىشلاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ. زاكات باينى بايلىقىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ. ئۆز ئەمگىكى بىلەن تاپقان بايلىقىنى بىر پېقىر-مىسكىننىڭ كېلىپ «بۇ مالدا مېنىڭمۇ ھەققىم بار» دەپ مال ئىگىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىش ھەققىمۇ بولمايدۇ.

مال-دۇنيا ئىگىسى زاكات ئارقىلىق، بېخىللىق، ئاچكۆزلۈك، باغرى تاشلىق، چوڭچىللىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە مال دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە بىرىلىش قاتارلىق دىن ۋە ئەخلاق چەكلىگەن، شەخىس ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بىر قىسىم يامان سۈپەت-مىجەزلەردىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. سېخى ۋە مەرد خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، باشقىلارنى ئويلايدىغان، ئەتراپىدىكىلەرگە ياردەم قىلىپ ئۇلارغا كۆيىنىدىغان، ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، ماددىي ھەۋەسلەردىن يىراق ياشايدىغان پەزىلەتلىك كىشىگە ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئۆز مېلىدىن ۋە نەپسىدىن كېچىپ، ئېھتىياج ئىگىلىرىگە زاكىتىنى بېرەلىگەن كىشىدە مال-دۇنياغا قارىتا قارغۇلارچە ھېرىسمەنلىك بولمايدۇ، مال-دۇنيا توپلاشتا ھارام ۋە چەكلەنگە ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ.

مانا بۇلار زاكاتنىڭ زاكات ئىبادىتىنى ئادا قىلغۇچىغا ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 22:59:57

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 06:23:09

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلىدىغانلار ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغانلار مۇئاشنىڭ قانچە پىرسەنتنى زاكاتقا ئايرىسا توغرا بولىدۇ، قولغا تېگىدىغان مۇئاشقا زاكات ئايرىمدۇ ياكى تولۇق مۇئاشقا زاكات ئايرىمدۇ دېگەنلەرنى قالدۇرۇپ قويمامسىلەر؟
بەت: [1]
: ئىسلامدا زاكات ئىبادىتى ھەققىدە