tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 08:58:59

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى
بىر ياش سوقراتتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرىنى سوراپتۇ. سوقرات بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، يىگىتكە ئەتە دەريا بويىدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاندىن جاۋابىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بوپتۇ.
يىگىت ئەتىسى سەھەردىلا دەريا بويىغا يېتىپ كەپتۇ. سوقرات يىگىتكە ھېچنېمە دېمەستىن ئۇنى يېتىلەپ دەرياغا قاراپ مېڭىپتۇ. دەريا سۈيى ئۇلارنىڭ تىز ۋە بەللىرىدىن ئېشىپ، كۆكرىكىگە كەلسىمۇ توختىماي ئىلگىرىلەپ، تاكى بوينىغا كەلگەندە، سوقرات يىگىتنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى سۇغا بېسىپتۇ. يىگىت جېنىنىڭ بارىچە تىركەشسىمۇ، جۇغى كىچىك بولغاچقا سوقرات بىلەن كۈچلىشەلمەپتۇ. ئۇ سۇ ئىچىدە خېلى ئۇزۇن تىركەشكەندىن كېيىن، سوقرات ئاندىن ئۇنى تارتىپ چىقىرىپتۇ.
سوقرات يىگىتنى يېتىلەپ قىرغاققا چىقىپتۇ، يىگىتنىڭ چىرايى سەل ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن چۈشەنمىگەن ھالدا:
— سىز نېمىشقا مېنى سۇغا باسىسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
سوقرات كۈلۈپ تۇرۇپ:
— بايا سۇغا باسقىنىمدا، ھەممىدىن نېمىگە ئەڭ موھتاج بولدۇڭ؟
— ئەلۋەتتە ھاۋاغا،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يىگىت.
— مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا، خۇددى بايا ھاۋاغا كۈچلۈك تەشنا بولغىنىڭدەك ئارزۇدا بولساڭ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسەن.
داڭلىق بىر ئالىم نام چىقارغاندىن كېيىن، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن نام چىقىرىدىغانلىقىنى قاچان بىلگەنلىكىنى سورىغاندا ‹‹مەن نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ باغچىنىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقىدا ئۇخلىماقتىن باشقا چارە تاپالمىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمنى بىلگەن. چۈنكى ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغىنىدا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تۇنجى قەدىمىنى بېسىپ بولغان بولىدۇ››.
شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كۈچلۈك ئارزۇ بولۇشى كېرەك. ئارزۇ قانچە كۈچلۈك بولسا، كۈچمۇ شۇنچە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئاندىن ياشىغىلى بولغان بولسا، بىز ۋاقتىمىزنى قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە زايە قىلماي، بەلكى ئەمەلدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشقان بولاتتۇق. مەسىلەن ئالايلۇق، ئويلىمىغان يەردىن خەتەرگە يولۇقۇپ قاراقچى ياكى يىرتقۇچلار بىلەن ھايات-ماماتلىق ئېلىشقاندا، پەقەت ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتالىساقلا، ئاندىن ھايات قالالايمىز، بۇنداق چاغدا ھەرگىزمۇ بوكس تىرېنېرىدىن تەلىم ئېلىپ يۈرمەيمىز، بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشىمىز جان تىكىپ ئېلىشىش، شۇندىلا غەلىبە قازىنالايمىز.
مەنبەسى:تەڭىرتاغ تورى

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:32:07

ئوزى ئەڭ قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش + كەسپىنى ۋە ئوزىنى ئوزلۇكسىز مۇكەممەلەشتۇرۇپ مىڭىش + نىشانغا قاراپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مىڭىش = مۇۋاپىقيەت

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:34:31

«بۇگۇن ماڭمىساڭ ، ئەتە يۇگۇرەيسەن ».   «قىلماي پۇشايمان قىلغاندىن ، قىلىپ پۇشايمان قىلغان ياخشى» دىگەن ماقال -تەمسىلنى قەتئى ئىسدىن چىقارماسلىق .

TARiMWolF يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 17:21:52

— بايا سۇغا باسقىنىمدا، ھەممىدىن نېمىگە ئەڭ موھتاج بولدۇڭ؟
— ئەلۋەتتە ھاۋاغا،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يىگىت.
— مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى.
مۇۋاپىقىيەتنىڭ بېرىلگەن ئەڭ ئىسىل جاۋاپ
بەت: [1]
: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى