tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 06:59:13

تەلەي

تەلەي
(ھېكايە)
مارك تېۋىن (ئامېرىكا)
قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
مەن نامى شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئەنگىلىيىگە مەشھۇر بولغان بىر ئوفېتسېر ئويۇشتۇرغان زىياپەتكە قاتناشتىم.ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ۋە مەنسىپىنى ئېيتقۇم يوق. ئۇنى گېنرال-لېيتنات لورد ئارتور سىكوربىي دەپ ئاتايمەن.
بۇ ئۇلۇغ ھەم مەشھۇر شەخىسنى كۆرگەن چېغىمدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن. ئۈستىبېشى ھەرخىل ئۇردېنلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بۇ مەشھۇر شەخىس بىر تەرەپتە ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى. مەن ئۇنى ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقنىڭ نامايەندىسىدەك ھېس قىلىپ ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيتتىم. شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىززەت ئېكرامى ، قايىللىق ئىلىكىدە تىكىلگەن كۆزلەر ئۇنىڭغا ئازراقمۇ تەسىر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى.
بىر باستېر (چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى) ئاغىنەم يېنىمدا ئولتۇراتتى. ئۇ باستېر بولۇشتىن ئىلگىرى ھاياتىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ۋۇلۋېچ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇ مەن تەرەپكە قىيسىيىپ ، غەلىتە بىر خىل چىراي ئىپادىسى بىلەن پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى:
ـــ ھېچكىمگە دېمە ، ئۇ بىر ئۇچىغا چىققان ئەخمەق.
ئۇ دەۋاتقان ئەخمەق زىياپەتتىكى ئاشۇ ئۇلۇغ قەھرىمان ئىدى.
دوستۇمنىڭ بۇ گېپىدىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتكەندەك بولدى. ئۇنىڭ ئەخمەقكە چىقىرىۋېتىلىشى ناپالىئون ياكى سوقرات ۋە ياكى سولومون شاھىنىڭ ئەخمەقكە چىقىرىۋېتىلىشىدىنمۇ ئۆتە مېنى چۆچۈتتى. بىراق مېنىڭ بۇ دوستۇم تولىمۇ ئىشەنچىلىك كىشى ئىدى. ئۇ ھەمىشە راست گەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھاسى مۇتلەق توغرا چىقاتتى. شۇنداق بولغاچقا مەن بۇ مەشھۇر قەھرىماننىڭ مەخپىيىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزراق بىلىۋېلىشقا تىرىشتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاشۇ باستېر ئاغىنەمنى تېپىپ پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۇ ئاشۇ مەشھۇر قەھرىمان توغرىسىدا سۆزىنى باشلىدى:
تەخمىنەن قىرىق يىلچە ئىلگىرى مەن ۋۇلۋىچ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ياش سىكورىسبىي ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھانىغا قاتناشتى. شۇ ھاغدىلا ئۇنىڭ تولىمۇ بىچارىلىكىنى ھېس قىلدىم.ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسى سوئاللارغا شۇنچىلىك توغرا ، ئۆلچەملىك جاۋاب بېرەتتى. بىراق ئۇلا ، ئاھ خۇدا ، نېمىشقىكىن تاڭ ھېچنىمىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزى بىر دوستانە ، يۈرۈش تۇرىشى سىپايە يىگىت ئىدى. بىراق ياغاچتەك تۇرىۋېلىپ ، سوئاللارغا بەرگەن ئەخمىقانە جاۋابلىرى كىشىنى تولىمۇ ئازابلايتتى.
ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنسا بۇ ھالى بىلەن ئوخشاشلا مەغلۇپ بولۇپ، مەكتەپتىن ھەيدىلىشى ماڭا ئېنىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بارلىق كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلماقچى بولدۇم.
ئۇنى يان تەرەپكە ئاپىرىپ ئۇنىڭ قەيسەر (رىم پادىشاھى، رىم شاھلىرىنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى) توغرلۇق ئازراق چۈشەنچىسىدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقى ماڭا ئايان بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۆزۈم بىلگەن دائىرە ئىچىدە قەيسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۇنىڭغا قايتا – قايتا ئۆگەتتىم. ماتېماتىكىنىڭ ئۇنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقنى ھېس قىلىپ ، ئۇنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق نەرسىنى ئۇنىڭ دۆت مېڭىسىگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشتىم. ئىمتىھان خادىملىرىنىڭ سوراش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان مىساللارنى ئۇنىڭغا ئېزىپ ئىچۈردۈم. ئاخرىدا يەنە مېڭىسىنى كۈچلەندۈرۈش دورىلىرىنىمۇ يېگۈزدۈم. ئۆزۈمنىڭ ھەربىيلىكنىڭ ئەھلى بولمىغان بۇنداق بىر ئەخمەقكە بىر نەرسە ئۆگىتىمەن دەپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا كېچە-كۈندۈز بەرداشلىق بېرىپ ئۇنى مەكتەپتىن قوغلىنىپ كېتىشتىن ، ھەقىقىي ئىمتىھاندا ئۇنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالماقچى بولغان ئىدىم.ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك ساخاۋىتىدىن كىشىنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان بۇنداق كۈلكىلىك نەتىجە چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.
ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مېيىپ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئانىدەك ئۇنىڭغا شۇنچە كۆيۈنگەنندىمەن ، ئاقىۋەتتە ئۇ يەنىلا بىر تۈرلۈك مۆجخزە ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزغان ئىدى.
ماڭا ئىشەنگىنكى قايتا ئىمتىھان ئالغان ئاشۇ كۈنى ئۇ ئۆزىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۆپ نەرسە بىلىدىغانلارغا ئوخشاشلا ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ قىزغىن ماختاشلارغا ئېرىشتى. ئاجايىپ تەلەينىڭ توغرا كېلىپ قېلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن مەن ئۆگەتكەن نەرسىلەردىن سىت ھېچقانداق سوئال سورالمىغان ئىدى. بۇنداق توغرا كېلىپ قېلىشنىڭ يۈزيىلدىمۇ بىر قېتىم يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمايتتى. شۇنداق ئەپەندى ، ئۇ بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ، ئىمتىھاندىن ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ يۇقىرىنىڭ كاتتا ئىشەنچىگە ئېرىشكەن ئىدى.
كېيىن كرېمىن ئۇرۇشى باشلاندى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇرۇش تولىمۇ قورقۇنچلىق ئىش ئىدى. تىنىچلىق دەۋرلىرىدە بۇ دۆت ئېشەككە بىر قېتىملىق پىرسەت بېرىپ، ئۇنىڭ دۆتلىكىنى باشقىلاردىن يوشۇرغانلىقىم ئۈچۈن نېرۋېلىرىم جخددىيلەشكەن ھالدا بىرەر پالاكەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم. مەن ئويلىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى ، كاللامنى قورقۇنچلىق خىياللار قاپلىۋالدى. ئۇ ئەترەت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. ئەترەت باشلىقلىقىدەك بۇ ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ئۇنىڭغا يۈكلەنگەنلىكىنىدن چېچىم پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.
ئويلاپ باقە ، مەن نېمە ئىش قىلىپ قويدۇم؟ ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشى ئۈچۈن دۆلەتكە مەسئۇل بولۇش كېرەك ئىدى. ئاخىر پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دۆلەتنى قوغداپ قېلىش قارارىغا كەلدىم-دە، ئۇنىڭ ئەترىتىگە ئەسكەر بولۇپ كىردىم. بىز ئۇرۇش مەيدانىغا ئاپىرىلدۇق. ئاھ خۇدا… شۇنىڭ بىلەن قورقۇنچلىق ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئەخمەقلەرچە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن باشقا قاچان بىر توغرا ئىش قىلىپ باققان دەيسەن. بىراق سەنمۇ بىلىسە، ھېچكىم ئۇنىڭ بىر دەلدۈشلىكىنى بىلمىگەچكە ھەممىسى ئۇنىڭ ئەخمىقانە يوليۇرىقىنى كەم- كۈتىسىز بەجا كەلتۈرۈشەتتى. ئۇنىڭ سادىر قىلغان ئەڭ كىچىك خاتالىقىمۇ ئەقلى-ھوشى جايىدا ئادەمنى ئازابلاپ، ئاچچىق بىلەن تولغاندۇرىۋېتەتتى. مېنى ئىزچىل غەم- ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقىنى ئۇ ئەخمەقلەرچە ئۆتكۈزگەن بەربىر خاتالىقنىڭ ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى ئابروي ۋە شۆھرەتكە ئېرىشتۈرىشى ئىدى. دائىم ئۆزۈمگە شۇنداق دەيتتىم: ئۇلار ئۇنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتكىنىدە قۇياش ئاسماندىن ساقىپ چۈشۈپ كەتكىنىدەك قورقۇنچلىق ئىش بولاتتى.
ئۇ ئۆزىدىن يۇقىرىلارنىڭ جەسسىدىگە دەسسەپ يۈرۈپ ھەدەپ ئۆسمەكچى بولاتتى. كېيىنكى كۈنلەردە بىزنىڭ پولكوۋنىك جىددىي ئۇرۇشتا قۇربان بولدى. سكورىسبىي پولكوۋنىكلىق ئورنىغا چىقاندا يۈرۈك بوغۇزۇمغا كەپلىشىپلا قالدى. ئەمدى ئازابنى يەتكۈچە تارتىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىدىم.
جەڭ بارغانچە كەسكىنلىشىپ، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى جەڭدە ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇپ بولغىلى تۇردى. بىزنىڭ پوللىك تولىمۇ مۇھىم بىر ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. بۇ قېتىمدا سىكورىسبىي قانداق قىلار؟ ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت قوللىرىنى شىلتىپ يۈرۈپ، قالايمىقان بۇيرۇقلىرى بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇ چاغدا يۇقىرىدىن بۇيرۇق چۈشۈپ، ئۇنى كەينىگە چېكىنىپ، قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىغا ھەمدەم بولۇشقا بۇيرۇدى. بىراق ئۇ بۇيرۇقنى پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويماي پەرۋاسىز ھالدا داۋاملىق ئىلگىرلەپ، سول تەرەپتىكى تاغقا يامىشىشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق ئەسەبىيلەرچە ھەرىكەت تېخى توسۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمەسەستىنلا ھەممىمىز تاغ چوققىسىغا چىقىپ بولدۇق. بۇ چاغدا قانداق ئىشقا يولۇقتۇق بىلەمسەن؟ جەڭگە ئازراقمۇ تەييارلىقى بولمىغان روسىيە ئارمىيىسى ئاشۇ يەردە بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. بۇنداق جىددىي پەيتتە پەقەت بىرلا پوللىكنىڭ بۇ يەردە تىمىسقىلاپ يۈرۈشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى بىلەگەن روس ئەسكەرلىكى بىزنى كۆرۈپ پۈتۈن ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، جىددىيلەشكىنىدىن ئۆز-ئارا جەڭگى- جېدەل قىلىشقىنىچە ئالدىراپ تېنەپ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تاغدىن چۈشمەكچى بولۇپ قېچىشقا باشلىدى. قانلىق جەڭ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. بىز ئۇلارنىڭ كەينىدە بولغاچقا روس ئەسكەرلىرى ئەزەلدىن ئۇچراپ باقمىغان زور مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. بىز بولساق مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئۆزگەرتىپ ، ئاجايىپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشتۇق.
مارشال كان روبېرت ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە جەڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، ئوڭ قانات قوشۇننى ۋە ئۆز قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى سكوربىيگە ھەمدەمگە ئەۋەتىپ، بىزنىڭ پوللىكنى بارلىق قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.
شۇ كۈندىكى غەلىبىدىن سكوربىينىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى ئاجايىپ ئىستېداتى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، ئۇنىڭ بۇ شانلىق غەلىبىسى تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى.
يامغۇرلۇق كۈندە ئۆيدە ئولتۇرسا ياكى سىرتقا چىقسا قايسسىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان سكورىسبىي يەنىلا شۇنداق دوستانە ، يەنىلا شۇنداق سىپايە، ئۇ يەنىلا شۇنداق دۇنيادا ئۇچىغا چىققان ئەخمەق.
تا ھازىرغا كەلگىچە سىكورىسبىي ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشنى بىلمەيدۇ. ھەر مۇنۇت ، ھەر سائەت تەلەي ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپ كەلدى. شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلاردا ئىزچىل ھالدا كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان جەڭچى سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھەربىيلىك ھاياتىدا ئۈزۈلدۈرمەي سادىر قىلىپ كەلگەن خاتالىقلىرى ، ئۇنى توختاۋسىز يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. قارا ، ئەپەندى! ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بېرىلگەن خىلمۇ- خىل ئوردېنلارغا. ھەر بىر تال ئوردېن ئۇنىڭ ھەربىر قېتىم سادىر قىلغان ئەخمەقلەرچە قىلمىشىنىڭ خاتىرىسى.
ياخشى ئىش ھەمىشە تۇغما تەلەيلىك كىشىلەرگە يولۇقىدىكەن. ئاشۇ ئوردېنلار بۇنىڭ مىسالى ئەمەسمۇ؟ ئاشۇ قېتىملىق زىيۇاپەتتە ساڭا ئېيتقىنىمدەك: سكورىسبىي ئەخمەقلىكتە ئۇچىغا چىققان ئىسمى-جىسمىغا لايىق كالۋا.

مەنبە: http://pasahet.com/?p=11349

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 07:31:49

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:18:50

{:136:}

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 20:53:11

ماۋۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بۇرۇن ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر خەلىق  چۆچەكنى ئەسلەپ قالدىم.ئۈزۈندە:بىر گاداي بولۇپ ،ئۇ كىشلەرنى ئالداپ پالچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.ئەمما قالايمىقان جۆلىگەن پاللىرى تۇشمۇ تۇشتىن توغرا چىقىپ ئەل ئارسىدا داغا دۇغا قوزغاپتۇ. بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلقىغا يېتىپتۇ.پادىشاھ شۇ چاغلاردا ياۋ ئەلنىڭ ئۇرۇش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ.ئۇ شۇ پالچىغا بۇ ئۇرۇش توغرۇلۇق پال سالدۇرۇپتۇ.پالچى كاللىسى كېتىشتىن ئەنسىرەپ ،بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلدىكەنسىز دەپتۇ.پادىشاھ خۇشاللىقىدىن ،بۇ ئۇرۇشقا پالچىنى باش سەركەدە دەپ ئېلان قىپتۇ ۋە قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىپتۇ.پالچىنىڭ غەمكىن ھالىنى كۆرگەن ئايالى پالچىدىن ئىشنىڭ ئەھۋالىنى سوراپتۇ.پالچى ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئاتقا مىنىپ باقمىغانلىقنى دەپ تېخمۇ كۆڭلى بۇزلۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئايالى بىر ئامال تېپىپ ھەر ھالدا پالچىنىڭ كۆڭلىنى تىنىچلاندۇرۇپتۇ. ئەتىسى جەڭ باشلىنىپتۇ.پالچى پادىشاھنىڭ ئامراق يۈگرۈك ئېتىغا مىنىپتۇ ،ئايالى يار يىلىم بىلەن پالچىنى ئىگەرگە چاپلاپ قويۇپتۇ،ۋە يىغلاپ تۇرۇپ ۋىدالىشىپتۇ.يۈگرۈك ئات ھە دىگەندە سەپنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈۋاپتۇ،پالچى يۈگەننى تارتقانسىرى ئات تېخمۇ چېپىپتۇ،ئەسكەرلەرمۇ يولباشچىسغا بوش كەلمەي ئاتلىرىغا قامچا ئۇرۇپتۇ، پالچى قورۇققىنىدىن چۆلدە قۇرۇپ قالغان بىر ئۇزۇن توغراققا ئېسلۋاپتۇ ،توغراق قومۇرلۇپ كېتىپتۇ. پالچى توغراقنى توغرىسغا تۇتۇپ تۇرۇپتۇ ۋە دۈشمەن سېپىگە ئوقتەك كىرىپ ئۇلارنى تېرەڭ پىرەڭ قىلۋېتىپتۇ.شۇنداق قىلىپ بۇ جەڭدە غەلبە قىلىپ پادىشاھقا ئورۇن باسار بولۇپ قاپتۇ..........

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 20:55:56

ئاۋۇ مارك تېۋىن بىزنىڭ چۆچىكىمىزنى ئوغۇرلىمغاندۇ ،-ھە!:lol

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 21:57:08

خى خى بۇنداق تەلەي ماڭا نىمىشكە نىسىپ بۇلمايدىغاندۇ
بەت: [1]
: تەلەي