gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 20:22:22

مەندىن ئايرىلماڭ(پوۋىسىت)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 20:25  

بۇ ئەسەرنى نىكاھى،ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان بارلىق ھەمشىرىلىرىمگە بېغىشلايمەن!



گوياكى ئېچىقلىق خاتىرىلەردەك
يۈرەكنى كەڭ-كەڭرى بولسىدى ئېچىپ
چۈشىنىپ قالارمۇ بولغاي ئۇ بەلكىم
شۇ گۈزەل ئاياللىق سىرىنى قېنىپ.
بىر پارچە ئوتقۇ ئۇ،بىر پارچە چوغدەك
يۈرىكى ئېرىم دەپ كۆيەر ۋىلىلداپ.
پەقەتلا خوتۇن دەپ قويغىنى يېتەر
بولىدۇ بېشى ھەم كۆككە يەتكەندەك.
يولدىشىم،بارلىقىم،ھاياتىم...دەيدۇ
ھەر تۇرقى تۈمەن رەت سۆيىمەن دەيدۇ.
ئىتائىتى بار گۈزەل،بەك گۈزەل
ئېرىم شاھ گويا مەن قۇلىمەن دەيدۇ.
شۇنداققۇ،ئەقىللىق بىر ئايال ئەسلى
ئېرىنى شاھ قىلىپ،بولىدۇ خانىش.
دۆت ئايال ئېرىنى قۇل قىلىپ،ئۆزى
بىر قۇلغا خوتۇن بوپ ئۆتەر يازۇ-قىش.
نەقەدەر گۈزەل بىر قىسمەتتۇر بۇلار
بولسىمۇ بەزىدە كەچكۈزدەك جۇدۇن.
نىكاھى ئۈچۈنلا چىدايدۇ ئايال
بولىدۇ تۆمۈردەك مەزمۇت بىر خوتۇن.
يىغلاپ تۇرۇپ يەنە سۆيىدۇ ئايال
چىداپ  تۇرۇپ شۇقەدەر كۆيىدۇ ئايال
شۇ  بولسا كېرەك نىكاھنىڭ تەمى
نە بولسىمۇ تېتىپ ئۆتىدۇ ئايال.
يىغلىسا،رەنجىسە تۈمەنمىڭ قېتىم
سەل تۇرۇپ ئۇنتۇيدۇ ئاھ،ئاياللىقىم!
بارىدۇ ئۆمىلەپ تۆشەككە ئاستا
ھەتتاكى كاچاتلار،تېپىكتىن كېيىن...
بەزەن سوغ نەزەرلەر،تىللار،دەشنەملەر
ئىچىدە ئۇ-ئېرىم،سۇلتانىمسەن دەپ
كەچۈرەر،كەچۈرەر،يەنە كەچۈرەر
ئۈن-تىنسىز سەبىر قىپ،ئۆزىنى بەزلەپ.
ھېچكىمگە بەرمىگەن نازىنى بېرەر
ھېچكىمگە تۆكمىگەن سىرلارنى تۆكەر.
چۈنكى ئۇ يېقىنى،ئۇنىڭ سۆيگىنى
بارىنى بېغىشلار،شام كەبى كۆيەر.
ئەتىرلەر چاچىدۇ ئېرى بار قۇرغا
قۇچاقلايدۇ ئۇزۇن دۇئالار بىلەن.
گۈلدەستە تىزىدۇ گۈزەل بىر دەستە
ئەڭ تاتلىق مۇھەببەت سۆزلىرى بىلەن.
گەر قالسىمۇ كۆڭۈل قەدەھى يېرىم
سۆيۈشلەر ئالالماي ئەردىن بىتىنىم
ئۈمۈدسىز بولسىمۇ نىكاھتىن يەنە
ئېرىنىڭ ھەققىنى  قىلمايدۇ يېرىم.
ئۇ ئەنە ئەشۇنداق سالىھ بىر ئايال
ھەر ئىشتا،ھەر تۈستە مۆئمىنلىكى يار.
  ئۇ كۆيۈپ،يانىدۇ نىكاھ ئىچىدە
مەيلىكى چىدايدۇ ئۇندا نىمە بار.
بولسىمۇ تۇز كەبى ئاچچىق ۋە تاتلىق
نىكاھى قايسى تەم ئىچرە-ئۇتالىق
ئېرىگە بېغىشلاپ ئۆتەر ئۆمرىنى
بىر گۈزەل مۇھەببەت داستانى يېزىپ....[/align]



ئەسەر تەستىقلانغاندىن كېيىن يوللىنىدۇ

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 01:08:37

داۋامىنى كۈتۈمىز.

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 01:51:32

بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 04:50:28



مەندىن ئايرىلماڭ

(پوۋىست)

(1)

             ناماز شام ۋاقتى بوپ قالغانىدى،كەچكى شەپەق چوغدەك قىزىل رەڭلەر بىلەن كۆزلەرنى چاقنىتاتتى،تىنماي سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازى خۇددى يېقىملىق مۇزىكىدەك يۈرەكلەرنى تىترىتەتتى.ھاۋا شۇقەدەر سالقىن ۋە يېقىشلىق،ئەمما يۈرىكىم نېمىشقا بۇنچە غەمكىن؟چوغقا چۈشكەندەك تولغىنىپ،ئۆرتىنپ كېتىۋاتىدۇ.يىغلىۋالسام بولاتتى،لېكىن نېمىگە؟چۈشىنىكسىز بۇرۇختۇرمۇلۇق ھەقىقەتەن بەكلا ئازاپلىق.ئەمما بۇ مىنۇتلاردىكى ھېسياتىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نامازنى چىن دىلىم ۋە ئىخلاسىم بىلەن ئوقۇشقا تىرىشىشىم كېرەك.
        كۆڭلۈمدىكى پەرىشانلىقلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ھالدا،زىكىرلەر،دۇئالار بىلەن ئاستاغىنا چىقىپ ئاپئاق ناماز كىيىمىمنى كىيدىم،ياغاچ پول ئۈستىگە سېلىقلىق تۇرغان جاينامازغا چىقتىم،قوللىرىم تەكبىر بىلەن كۆتۈرۈلگەن ھامان كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈپ  كەتتى...تاكى خۇپتەن ئوقۇپ بولغانغا قەدەر بۇ ئەسەبىيلىكتىن ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم،مەيلى نىمىلەر ئۈچۈن يىغلىغان بولاي،لېكىن ھەربىر سەجدە،ھەربىر زىكىر،ھەربىر دۇئالار بىلەن قەلبىم راھەتلىنىپ باراتتى،بىر سەنلا بار ئى رەببىم،پەقەت بىر سەنلا بار...دەپ ئۈمۈدلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا دەردلىرىمنى تۆكەتتىم،دۇئالار بىلەن يالۋۇراتتىم...ئىچىم بارا-بارا بوشاپ قالدى،تەسكىن تېپىۋاتقان قەلبىمدە بۇ راھەتلىكلەرنى بېرىۋاتقان رەببىم ئۈچۈن مىڭلارچە شۈكۈرلەرنى،سۆيۈنۈشلەرنى تاپقان ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
         ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى،ئەمما ئۇنىڭدىن تېخىچە خەۋەر يوق،بالكونغا چىقىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كېچە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئۇنى ساقلىماقچى بولدۇم.سالقىن شامال چىقىپ تۇراتتى،كېچىنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ ساپ ۋە سۈزۈك،يۇلتۇزلار ئالدىنقى كۈنلەردىكىدەك كۆپ ۋە جۇلالىق بولمىسىمۇ،سۈزۈك كېچە ئاسمىنىدا چىرايلىق جىمىرلاپ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئالاتتى،مەيىن شامال دەرەخلەرنىڭ ئاق،ھالرەڭ چېچەكلىرىنى ئاستاغىنا يەرگە ئۇچۇرۇپ چۈشۈرمەكتە ئىدى،پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن ئەتىرگۈل،قىزىلگۈل ۋە باشقا تۈرلۈك گۈللەر باغچىدىكى رەڭدار چىراقلارنىڭ ۋال-ۋۇل نۇرلىرى ئاستىدا تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەن، يېقىنلا يەردىكى تاش ئۆستەڭدە ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇنىڭ شىلدىرلاپ تۇرغان يېقىملىق ئاۋازى جىمجىت كېچە قوينىغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشماقتا ئىدى....تۇيۇقسىز يانفونۇم جىرىڭلىدى،ئېكرانغا قاراپ ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
   -ئەسسالامۇئەلەيكۇم،تېخىچە قايتىپ كەلمەيدىلاغۇ؟
-ئىشىم تۈگىمىدى،كەچ قالىدىغاندەك قىلىمەن،سەن ئۇخلاۋەر...
   مېنىڭ يەنە گەپ قىلىشىمغىمۇ ئورۇن يوق،تېلفۇننى بېسىۋەتتى،بۇرۇنقىدەكلا سوغۇق،ئېتىبارسىز ھالدا بېسىۋەتتى...تۆت يىل! توپتوغرا تۆت يىل مانا مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.كەچ قالغاچقا ئەنسىرەپ تېلفۇن قىلىپ ئالالماي خېلىدىن بېرى ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كۈتكىنىم نېمىدى،تۆت يىلدىن بېرى ئۇنى ئەنە شۇنداق كۈتۈپ كېلىۋاتىمەن،ئۆيگە قايتىپ كېلىشىنى ئەمەس،يېنىمغا،يۈرىكىمگە كېلىشىنى،مەنمۇ ئۇنىڭ بىر ئايالىدەك،ئۆمۈرلۈك ھەمرايىدەك،مەنمۇ بىر سۆيۈشكە،كۆڭۈل بۆلۈشكە،قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىنساندەك قەدىر-قىممەت،مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھالدا كۈتىۋاتىمەن،ئەمما مەن نېمە قىلالايتتىم؟توي قىلغىنىمىزدىن بېرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ھەربىر ئۇرۇنۇشلىرىم،تىرىشىشلىرىم،ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىلىرىگە قىلغان سەبىرلىرىم ھامان نەتىجىسىز قالدى.ئەمما ئۇ بۇلارنىڭ ھېچبىرىگە قىلچە ئېرەن قىلغاندەك ئەمەس ئىدى،كۈنبويى ئۆلگۈدەك ئالدىراش ئىدى،كۆپرەك پۇل تېپىشنىلا ئويلايتتى،ئۆيدە بولغان،بىللە تۇرغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ پەرقسىز.نە ماڭا بىر تۈزۈك چىراي ئاچقىنىنى،نە بىر كۈلۈپ باققىنىنى،نە بىر مېھىر بىلەن باغرىغا باسقىنىنى بىلمەيمەن.باشقا ئەر-ئاياللارنىڭكىدەك كۈلكە-چاقچاقلار،بىللە ساياھەت قىلىشلار،ئولتۇرۇپ مۇھەببەتلىك سىردىشىشلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ئىشلار رەسمىيەت ئۈچۈنلا بولىۋاتقاندەك،داۋام قىلىۋاتقاندەك دېسەم ھېچ خاتاسى يوق.مەجبۇرەن ھالدا ئېلىپ بېرىلگەن خوتۇنى بولغىنىم ئۈچۈن،ئۇ قىلچە خالىمىغان ھالدا بولغان توي بولغىنى ئۈچۈن،ئۆزى ياخشى كۆرۈپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزنى ئالالماي،مېنى ئالغىنى ئۈچۈن مەن تۆت يىلدىن بېرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلدىم.ئۇ مەجبۇرلانغان بولسا مەن مەجبۇرلانماپتىمەنمۇ؟18 يېشىمدا مەندىن 12 ياش چوڭ،ئەزەلدىن ئاكا دەپ كەلگەن،ئۆزىنى تۇتقان،تەمكىن،سۈرلۈكلىكى بىلەن مەن قورقۇپ تۇرىدىغان ئۇنىڭغا ياتلىق بولدۇم.بۇنى توي دېگەندىن كۆرە ئىككى ئائىلىنىڭ،ياق،مۇنداقچە ئېيتقاندا كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،قىيامەتلىك ئىككى دوستنىڭ-بىزنىڭ دادىلىرىمىزنىڭ ئارزۇسى بىلەن پۈتكەن كېلىشىم دېگەن تۈزۈك.شۇنداق ئەمەسمۇ ئەجىبا؟ئۇمۇ،مەنمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىمىزسىز ھالدا بۇ نىكاھ بىلەن باغلىنىپ قالدۇق.مېنىڭمۇ نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇلىرىم بار ئىدى،كۆپرەك ئوقۇغۇم،بىلىملىك بولغۇم بار ئىدى.ئەمما دادامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن چېكىندىم ۋە بۇ مەھەللىنىڭ ئىمامى بولۇپ تۇرغان ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يېنىغا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم .قېيىنئاتامنى ئەمىلىيەتتە مېنىڭ ئۇستازىم دېسەم ئەڭ توغرا بولاتتى،كىچىكىمدىن تەتىل بولسىلا قېيىن ئاتاملارنىڭكىدە ساۋاق ئالغىلى كىرەتتىم،ئەمدى رەسمىيلا ئوقۇشقا باغلىنىپ قالدىم.قېينئاتام مېنى ئەقىللىق،زېرەك،مۇلايىم قىز بولدى،زېھنىمۇ بەك ئۆتكۈر،مۇشۇ پېتى ئوقۇسا كاتتا ئىلىم ئەھلى بوپ قالىدۇ،دەپ بەك ماختايتتى ۋە سۆيۈنەتتى،دادامنىڭ مېنى ياتلىق قىلىشقا ئالدىرىماي،كۆپرەك ئوقۇۋېلىشىمغا يول قويۇشىنى ئالاھىدە جېكىلەپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ ئۆيى مېنىڭ ئۆيۈمدەكلا،مەنمۇ ئۇلارنىڭ قىزىدەكلا ئىدىم،قىلچە ياتسىرىمايتتىم،پەقەت ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئادەم ماڭا شۇنچە ئۆز ئىدى.ئۇ ئەزەلدىن بۇ ئۆيدە جىق تۇرمايتتى،دائىملا تىجارەت بىلەن باشقا شەھەرلەردە،ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرەتتى.شۇڭا بىز ھېيت-بايراملارنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپ كۆرۈشۈپ،گەپلىشىپ باقمىغانىدۇق.ئىككىلىمىزنىڭ ئائىلىسى تەقۋادار،دىندار ئائىلە،يەنە كېلىپ دادىلىرىمىز ئەنە شۇنداق يېقىن دوس،بىرى ئىمام،بىرى مۇئەززىن،كۈن بويى ئايرىلمايلا يۈرەتتى،ئىككى ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى تەڭ مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلاتتى...

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 04:58:20

            پىپ،پىپ،پىپ...ماشىنىنىڭ تونۇش سىگنال ئاۋازىدىن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم،خىياللار بىلەن يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا مۈگدەپ قالغىلى تۇرسام كېرەك،ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ بالكوندىن پەسكە قارىدىم ۋە ئۇنىڭ ماشىنا ئىشىكىنى يېپىپ ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،دەررۇ ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشتۈم.يەنە شۇ سۈرلۈك،تەمكىن چىراي،قاتتىق ھارغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.بۇنداق چاغدا قىلغان بىرەر ئېغىز خاتا سۆزۈممۇ ئۇنى ئاچچىقلىتىپ قويىدىغانلىقى ماڭا ئايان بولغاچقا ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتىم،شۇنداقتىمۇ ئېرىم بولغاچقا كۆڭۈل بۆلمىسەم بولمايتتى.
              -تاماق يېدىلىمۇ؟قورساقلىرى ئاچ بولسا يېگۈدەك نەرسە قىپ بېرەيمۇ؟سوۋۇپ قالغان نەرسىگە تاۋىلىرى يوق،شۇڭا...
              - قورسىقىم توق.-ئۇ قىسقىغىنا شۇ جاۋاپنى بېرىپلا ،سومكىسىنى مېھمانخانىدىكى سافا ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ،ماڭا قاراپمۇ قويماستىن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى.
              بىردىنلا ئىچىمنى ئېيتقۇسىز بىر خىل ئاچچىق ھەسرەت،خورلۇق قاپلىۋالدى.مەن نېمە ھە؟مەن ئۇنىڭ ئالدىدا زادى نېمىگە ھېساپ؟بىردەم ئېسەنكىرىگەندەك جايىمدا تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن،كۆزلىرىمدىكى ئەلەملىك ياشلارنى يەنىلا ئىچىگە يۇتتۇم،ئاستا ئۇنىڭ كەينىدىن ئۈستىنكى قەۋەتكە چىقتىم،ئۇ كىيىملىرىنىمۇ سالماستىن ئۆزىنىڭ ماتىرىيال،كىتاپلىرى،ھەرخىل مال ئەۋرىشكىلىرى ساقلىنىدىغان ئايرىم خانىسىدىكى كەڭ كىرىسلودا يېتىۋاپتۇ.ئېغىر ئۇھسىنىپ قويۇپ ھوجرىغا كىرىپ كەتتىم،كەڭ كارىۋاتتا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ يېتىپ،توختىماي تۆكۈلىۋاتقان كۆزياشلىرىمنىڭ مەڭىزلىرىمگە،بويۇنلىرىمغا،ياستۇق ئۈستىگە ئاستاغىنا سىرغىپ چۈشۈشلىرى ئىچىدە بۇ ھوجرىدا يەنە بىر كېچىنىڭ تولىمۇ مىسكىن ۋە غېرىپلىق ئىچىدە ئۆتۈدىغانلىقىنى ۋە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەلەم بىلەن تاماشا ۋە شىكايەت قىلماقتا ئىدىم.قاچانغىچە،زادى قاچانغىچە؟بۇ كۈنلەرنى كىم ئۈچۈن ۋە نىمە دەپ بەرداشلىق بېرىپ ئۆتكۈزىمەن؟زۇبەيدە،شۇ ھالىڭغا بىر قارا،شۇ يۈرىكىڭگە قۇلاق سال،پارە-پارە بولمىسىمۇ،قايغۇ-ھەسرەت ۋە مېھىرسىزلىكتىن ھەتتا سوقۇپ تۇرۇشمۇ شۇنچىلىك،شۇنچىلىك ئېغىر تۇيۇلماقتا.بۇ كىمنىڭ خاتالىقى،كىمنىڭ گۇناھى؟ئى رەببىم،مەن غەيىپنى بىلمەيمەن،سەن بىلىسەن،ھەممە غايىپ ساڭا ناھايىتى ئايدىڭ،مەن ئۆزۈم بىلمىگەن نەرسىنى سۆزلەشتىن ۋە سەبىرسىزلىك بىلەن ساڭا كۇفۇرلۇق قىلىپ سېلىشتىن ھەقىقەتەن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن،ئەگەر مەن غايىپنى بىلسەم ئىدىم،ئەينى ۋاقىتتا يۈزلەرچە،مىڭلارچە،تۈمەنلەرچە قارشىلىق،كەلگۈسىدىن پاكىتلار كەلتۈرۈپ بۇ تويغا قارشى چىقار ئىدىم،ئەمما مەن تولىمۇ ئاجىزە بىر بەندەڭمەن،مېنىڭ پەقەت ۋە پەقەت سەبىر قىلىشتىن باشقا يولۇم يوق،لېكىن ئىنسانلىقىم بىلەن سەبىرسىز بولسام،زارلانسام مېنى ئەپۇ قىل،رەھمىتىڭ بىلەن بۇ ئازاپلاردىن ھەرئىككىلىمىزنى خالاس قىل،ئاخىر،سەندىن باشقا تايانچىم،سەندىن باشقا ياردەمچىم،يۆلەنچىكىم ۋە ئىگەم يوق،ئى ئاللاھىم،ئاللاھىم...ھەر ئىشىڭدا بىر ھېكمەت،ھەر ئىشلىرىڭدا بىر گۈزەل سىر بار دەپ رەھمىتىڭگە سېغىنىپ ياشاۋاتىمەن...
          ئەنە شۇنداق ھەسرەتلىك كېچىلەردىن قانچىسى تاڭغا ئۇلاشتى،كۈندۈزلەر كېچىلەرگە...بۇلارنى ساناپ بولالمايمەن.ئۇنىڭ ھەربىر قوپاللىقلىرى،سىلكىشلىرى،ماڭا ھېچ بىر ھېس-تۇيغۇسىز،سوغۇق مۇئامىلە قىلىشلىرى،زۆرۈر بولمىسا ئارتۇق گەپ قىلماي،ئۆيدە سائەت سائەتلەپ جىم،جىم،جىملا ئولتۇرۇپ،كىرىپ چىقىپ يۈرۈشلىرى،شۇنچە گەپكە سېلىپ،سوئال سوراپ باقساممۇ خوشياقسا گەپ قىلىپ،بولمىسا جاۋاپسىز ھالدا ھېچنىمە ئاڭلىمغاندەك ئىشىنى قىلىشلىرىغىمۇ يەنىلا سەبىر قىلىپ،ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشلىرىم،ئۇ يېقىنلاشمىسا،مەن بولساممۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشاي دەپ قىلغان نازلىرىم،ئەركىلەشلىرىم،تاتلىق گەپلىرىممۇ بىكار ئىدى،خۇددى مەن ھېچنىمە دېمىگەندەك،ھېچنىمە قىلمىغاندەك...شۇنداق،بۇ قىسمەتكە نەچارە؟

AZIZA97 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 08:49:42

:(كۆنىسەن تەغدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە
ھەمرايىڭ بۇلىدۇ ناتۇنۇش بىرى
سەن ئۇنىڭ،ئۇ سىنىڭ،كۆڭلۈڭ باشقىنىڭ
ياشايسەن ئۈزۈڭ نەخ،مۇھەببەت نىسى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 11:07:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-17 16:39  

ئىرىنىڭ بىر قاراپ قويىشىغىمۇ ئىرىشەلمەيدىغان قىزلارمۇ بولىدىكەن ھە!

خوتونۇم ئوغلۇمنى تۇغۇپ بەرگەندىن بىرى، بۇرۇنقىدىن بەك ئاشىق بوپ قالدىم دىسە،{:92:}

ئەمدى 18 ياشلىق چىرايلىق قىزنى تاپسام،  كىچىك خوتونلۇققا ئالايمىكىن دەپ خىيال قىلىۋاتىمەن. ئىككى خوتون ياخشى ئۆتۆپ كەتسىلا، مەن ئۇلارغا ياخشى  قارايمەن{:112:}

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 13:27:27

تۇيغۇلار  بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ.
  

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:28:40

ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى دىگەن تەمسىل يامان تەمسىل جۇما .
ئەمما لىكىن دەردى يوق ئادەمدىن ھىسياتلىق يازۇغۇچى چىقمايدۇ ، شۇڭا يازغۇچى بولالىغان ئاياللار شۇ ۋاپاسىز ئېرىڭلارنىڭ بۇ تۆھپىسىگە كۆز يۈمساڭلار توغرا بولمايدۇ ( چاقچاق ، دەردى بارلار ئېغىر ئالماڭلار ) .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:41:07

گۈلمىسالنىڭ ھىكايىسىنىڭ ئاخىرىنى ئوقويمەن.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:01:33

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 11:07 static/image/common/back.gif
ئىرىنىڭ بىر قاراپ قويىشىغىمۇ ئىرىشەلمەيدىغان قىزلارم ...

ما خىياللىرىڭىز بەك گۈزەلكەن جۇمۇ،ئەمما ئۇلار ياخشى ئۆتمىسە قانداق بىرتەرەپ قىلدىغىنىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم.ۋاقتى كەلگەندە تەجرىبىلەرنى توپلاپ ئىككى خوتۇننىڭ ماجرالىرىنى،كۈندەشلەرنىڭ ئازابىنى،بېشىڭىزنىڭ ئوچاق بولغىنىنى ... ھېكايە قىپ يېزىپ ئىزدىنىشتا ئېلان قىلىشنى ئۇنتۇماڭ،بۇندا ئەسەرلەر بەك بازارلىق ھازىر...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:05:38

terjime يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 14:28 static/image/common/back.gif
ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى دىگەن ت ...

بۇ گەپ بەكلا يۈزەكى بولۇپ قاپتۇ. گۇلمىسالنىڭ پوۋىستىنى ساقلىغاچ مەنمۇ ھېكايەمنى مۇنبەردە يازايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن، ئۆزەم يالغۇز يېزىپ زېرىكىپ قالدىم.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:05:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-17 15:51  

شۇنداق قىلىپ دادىلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرى بىلەن مەن ئاخىرى ئۆزۈم تولىمۇ ئەيمىنىدىغان،قورقىدىغان ئۇنىڭ ئايالى بولۇپ قالدىم، ئۇ بولسا قانچە قارشىلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماستىن ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلالماي ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزدىن ئايرىلىپ مېنىڭ ئېرىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.لېكىن تولا ھاللاردا مۇشۇنداق ئۆتىۋاتقان تۇرمۇشىمىزدىن ئىچىم سىقىلىپ،چىشىمنى چىشلەپ ياشاۋاتقانلىقىمنى ئويلىسام ئاتا-ئانىلىرىمىزغا بولغان ئاچچىق،نارازىلىقتىن يېرىلغۇدەك بولاتتىم.بەلكىم تەقدىر شۇنداقتۇ،ئاللاھنىڭمۇ بىر پۈتكىنى باردۇر،«رىسقى يوقلار تېپشالماس بىر مەلىدىن،رىسقى بارلار تېپىشىدۇ نە نەلىدىن...»دەپتىكەن،ئاللاھ بۇ نىكاھنى بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىپتۇ،ئۇ ياكى مەن كۈتكەن شەكىلدە ئەمەس،كۈتمىگەن،خالىمىغان،مەجبۇرلانغان ھالدا بىزنى قوشۇپتۇ،بۇنىڭدىمۇ بىر ھېكمەت باردۇر،ئەمما بۇ تېخى بىزگە ئايان ئەمەس،شۇڭا سەبىر قىلماي،تەقدىرگە تەن بەرمەي نىمە ئامالىمىز بار؟...دەپ ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلىسەممۇ،بۇ نىكاھ ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشساممۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالالماسلىقىمنى،بۇقەدەر ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر كۈن،ئاي،يىللارنى ئويلىسام راستىنلا ئۇلاغا بەك ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ.تولا ھاللاردا قىزبالا تويغا مەجبۇرلانسا،يىغلاپ-قاقشاپ،ئاخىر،ئۆيۈم،بالام دەپ كۆنۈپ كېتىدۇ،تەقدىرىگە تەن بېرىپ ياشايدۇ ياكى نىكاھنىڭ مەرى ئىسسىق،دەپ،شۇ نىكاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئېرىگە كۆڭلى چۈشۈپ،بەخىتلىك ياشايدۇ.قىسقىسى،ئۇ ھامان ئۆ‍ز ئىختىيارلىقىدا ئەمەس،ھەرنىمە كۆرسە قوبۇل قىلماي ئىلاجى يوق.ئەمما يىگىتلەرچۇ؟مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلگەن ئايالىنى خار-زار قىلىپ،ئاتا-ئانىسىنى،ھېچنىمىدىن بىخەۋەر بىگۇناھ ئايالىنى مىڭبىر ئاچچىق،پۇشايمانلارغا سېلىپ ئۆتىدۇ،ھەتتا تېزلا بۇ نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ.نىكاھنىڭ بەختىسىزلىكىگە،ئەرلەرگە قارىغاندا يەنىلا ئاياللار چىداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ،ئەمما ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس.ئېرىمنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلاي دەپ قىلغان يىللاردىن بېرىقى ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ نەتىجىسىز بولغىنىنى ئويلىغىنىمدا،بۇلارنى ئەلەم بىلەن تەن ئالىمەن.لېكىن ئېرىم ماڭا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ،بۇ نىكاھتىن ئۆزىنىڭمۇ،مېنىڭمۇ قىلچە كۆڭلىمىز سۇ ئىچمەي ياشاۋاتقىنىمىزغا قارىماستىن يەنىلا مەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ.بەلكىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بولغان بۇ نىكاھنى يەنە ئۇلار ئۈچۈنلا داۋام قىلىۋاتقاندۇ،ياكى ئىككى ئائىلىنىڭ ئارىسى بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈندۇ،ياكى ماڭا ئاز بولسىمۇ تارتىشامدۇ،بۇنىسى نامالۇم،بىز ئۈن-تىنسىز ھالدا بۇ نىكاھنىڭ ئاچچىق تەمىنى يەتكۈچە تارتىپ بىرگە ئۆتىۋاتىمىز.سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ،قاچانلا قارىسا شۇنداق تېنىچ،ئوبدان ئۆتىۋاتىسلەر دەپ.ھەئە،بەك ئوبدان ئۆتىۋاتىمىز،دەيمەن ئىچىمدە.خەققە شىكايەت قىپ بەرگىلى بولسۇنمۇ ھالىمنى؟خەق نىم قىپ بېرەتتى دەرد تۆكسەممۇ،دەيمەندە.خەققە ئېرىمنىڭ ماڭا كۆڭلى يوق دەمدىمەن؟ھەرگىز دېمەيمەن،مەنمۇ بىر ئايال،باشقىلارغا بەخىتلىك ياشاۋاتقىنىمنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرمىسەممۇ،بەخىتىسزلىكىمنى سازايى قىلىشنى خالامدىمەن؟پەقەت ئەڭ يېقىن دوستۇمغىلا ئارىلاپ دەرد تۆكۈپ،قانداق قىلسام بولار دەپ سۆزلەپ،ئىچىمنى بوشىتىۋالىمەن خالاس. يولدىشىمدىمۇ ئەمىلىيەتتە نىمە گۇناھ دەيمەن، بەزىدە ئۆ‍زۈمگىلا ئەمەس،ئۇنىڭغىمۇ،ئۇ ئالالمىغان قىزغىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ.ئۇ قىز تېخىچە توي قىلمىدى،بولمىسا ئۇنىڭ ئىككى سىڭلىسى ئاللىقاچان توي قىپ بولدى.تۇرۇپ تۇرۇپ بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتامدىكىن دەپ گۇمان قىپمۇ قالىمەن،ياق،بۇ مۈمكىنمۇ؟ئۇمۇ بىر دىيانەتلىك قىز،يولدىشىممۇ شۇ،دەپ ئۆزۈمنى جىملەيمەنۇ،لېكىن مۇھەببەت دېگەن ئۇنداق ئاسان ئۇنتۇغىلى بولىدىغان نەرسىمۇ دەپ پاراكەندە بولىمەن.مەن گەرچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان،بىرەر ئوغۇل بالىدىنمۇ مۇھەببەت خېتى،توي تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولساممۇ،ھەرھالدا مۇھەببەتنىڭ تولىمۇ گۈزەل،سۆيۈملۈك بولىدىغىنىنى ھېس قىلالايمەن،ئۇنىڭ شېرىنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ،ئازابىنى ھەرھالدا تۇيالايمەن،چۈنكى ما مۇز چىراينى نەچچە يىلدىن بېرى ئاز قوغلاشمىدىم ئەمەسمۇ؟خەپ،بىر كۈنلىرى راسا ئۆچۈمنى ئالىمەن،دەپمۇ كېتىمەن،ئۆ‍زۈمچە كۈلىمەن،ئەمما ئالدانماڭ،بۇ بىر ئاچچىق،ئەلەملىك كۈلكە.ئېرىنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولالمىغان،ئۇنىڭ بىرچاغلاردا بەكمۇ سۆيگەن قىزى بارلىقىغا رەشىك قىلىپ،ھەسرەتلىنىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئاچچىق نالىسى.مەن ئۇنىڭ كۆرۈنىشىگىلا ئېرىشتىم،ئەمما ئاشۇ قىز ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالغان بولسا كېرەك،بولمىسا شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى بۇنداق ياشاپ كەلمەس ئىدۇق.ئاشۇ قىزنى تولا ئەسلەيمەن،ئەمما ئېرىممۇ،ئۇ قىزمۇ مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىلىدىغىمنى بىلمەيدۇ.بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرلا بىلىدىغان بىر سىر،دىندار ئائىلە بولغاچقا بۇنداق ئىشلارنىڭ يېيىلىپ كېتىشىنى ئۇلار ھەرگىز خالىمايدۇ،يولدىشىممۇ يۈز-ئابرويىغا بەكمۇ دىققەت قىلىدىغان ئادەم،يەنە كېلىپ ئۇ قىزنىمۇ ئايىمىسا بولمايدۇ.گەرچە ئۇلار ئارىسىدىكى ئىش شۇنچىلىك پەردىشەپ بىلەن بولغان بولسىمۇ،لېكىن بۇلار ھەممە كىشىگە ئاشكارىلاپ،سازايى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس.يولدىشىم بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئاكىسى يېقىن دوست بولغاچقا ئۇلارنىڭكىگە بېرىپ كېلىپ يۈرگەن كۈنلەردە تونۇشۇپ،چىقىشىپ قالغان بولسا كېرەك،يولدىشىم يۇرتقا تولا كېلىپ تۇرمىغاچقا،ئۇلار ھەرھالدا تېلفۇنلاردىلا ئالاقىلىشىپ تۇرغانلىقى ئېنىق.ئەمما مۇھەببەت مەيلى قانداق شەكىلدە باشلانسۇن يا داۋاملاشسۇن،ھامان ئۆزىگە خاس لەززىتى،مېھرى،خۇشاللىقى بولىدۇ.ئۆز ئارا مەھكەم باغلانغان ئىككى يۈرەك بىر يەردە بولمىسىمۇ ھامان بىر بىرىنى تۇيالايدۇ،سىردىشالايدۇ.كىچىكىمدىن كىتاپنى جىق ئوقۇيتتۇم،شۇڭىمىكىن ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشۈپ،كېيىن مەجبۇرەن ئايرىلغانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئەسلىگىنىمدە راستىنلا يولدىشىم بىلەن ئۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىيدۇ.چوڭلارنىڭ بولمايدۇ،دېيىشى بىلەنلا،ۋەدىلەشكەن ئىككى ياش بىريەردە بولمايدىغان بولدى،ئىككى يۈرەك ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى،نىمە دېگەن رەھىمسىزلىك ھە؟يەنە كېلىپ يولدىشىم مەجبۇرىي ھالدا توي قىپ بولغان،ئۇ قىز تېخىچە توي قىلمىغان بۇ ھالەتتە يولدىشىم ئەلۋەتتە ئۇنى ئۇنۇتمىقى تېخىمۇ تەس بولسا كېرەك،شۇنداق قىلىپ،سۆيگۈ-نىكاھ يولىدا دەردلىنىۋاتقانلار قاتارىغا مەنمۇ مەجبۇرەن قېتىلىپ قالدىم.بەلكىم ھەممىنى بىلگىنىم ئۈچۈنمۇ يولدىشىمنى توغرا چۈشىنىپ،ھەممىگە بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان بولسام كېرەكمۇ دەيمەن.بەزىدە يۇرتقا قايتىپ قالساق،بىرەر يىغىلىشلاردا ئۇ قىز بىلەن بىللە بولۇپ قالىمىز.ئۇ ھەرگىز ھازىرغىچە لايىق چىقماي ئولتۇرۇپ قالغۇدەك قىز ئەمەس ئىدى،ئۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تىببى مەكتەپتە ئوقىغان ۋە ئوقۇشىدىن كېيىن بىر خۇسۇسىي شىپاخانىدا سېستىرا بولۇپ ئىشلەيتتى،ئەمما ئورىنىپ،نامازلىرى جايىدا يۈرەتتى،بەكمۇ مۇلايىم،مېھرى ئىسسىق،خۇشخۇي،ئوماق قىز ئىدى.بىر يەرگە كەپ قالساق ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالاتتىم،ئۇ ناتىقلىقى،ئوقىغان كىتاپلىرىنىڭ كۆپلىكى،ھەرجەھەتتىكى ئىلمى بىلەن سورۇندىكىلەرگە مەنپەئەتلىك،ياخشى نەرسىلەرنى سۆ‍زلەپ بېرىپ،ھەممىمىزنى قايىل قىلىۋېتەتتى.يولدىشىم بىكارغا كۆيمەپتىكەن-دە،دەپ ھەسرەتلىنىپ ۋە ھەسەت قىپمۇ قالاتتىم.ئەمما ئۇ قىزمۇ مېنى كۆرسە نېمىشقىدۇر جىمىپ قالاتتى،ماڭا قاراشلىرىدا يوشۇرۇن بىر ھەسرەت،كۆزلىرىدە ئەلەملىك مۇڭلار چاقناپ قالاتتى،بۇلارنى پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سېزەلەيتتىم،شۇڭا سورۇندىكىلەر ئىچىكىرى قانداقراق،تۇرمۇشىڭىز قانداق ئۆتىۋاتىدۇ،دەپ ئۇنى بۇنى سوراپ كەتسە مەن ئارتۇق گەپ قىلمايتتىم،ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ،كۈنبويى زېرىكىپ ئۆيدە ئولتۇرىمەن،يۇرتتا قېلىپ دائىم جەم بولۇپ،ئىمانلىشىپ،سۆھبەتلىشىپ تۇرىۋاتقان سىلەرگە بەك ھەۋەس قىپ،سېغىنىپ كېتىمەن...دەپ قوياتتىم.ئاشۇ سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن تىرىشسىمۇ مەن تۇيۇپ قېلىۋاتقان مۇڭلار،ماڭا قارىغاندىكى ھەسرەتلىك تىنىقلارغا قاراپ،ھەممىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ مەن يەنە نېمىدىن ۋە كىمدىن ئاغرىنىمەن ۋە نىمە ئۈچۈن مەنلا دەرد چېكىۋاتىمەن دېگۈدەكمەن؟كۆيۈك كۆيۈكنى تارتىدۇ،دەيدىكەن،ئېھتىمال ئۇنىڭ ھېلىھەم شۇنداق ئازاپلار ئىچىدە تۇرۇشىنى،توي قىلماي يۈرىشىدىكى سەۋەپلەرنى يولدىشىم سېزىپ تۇرىدىغاندۇ،ئۇلار ھېلىھەم ئۈنسىز سىردىشىغاندۇ...بىر بىرىنى خىيالەن سېغىنىدىغاندۇ،ھەتتا....ۋاي خۇدايىم...مەن نېمىلەرنى دەپ كېتىۋاتىمەن،تولا ئويلاپ ئەقلىمدىن ئازىدىغان ئوخشايمەن،ئەمما ئويلىمايمۇ تۇرالمايتتىم،گەرچە بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىم يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ۋە ئويلىغانچە ئازاپلىنىدىغان،رەشىك ئوتىدا كۆيىدىغان بولساممۇ.بىچارە يولدىشىم،بىچارە ئۇ قىز،بىچارە مەن...

سىزنى شۇنداق سۆيىمەن
يېنىڭىزدا ماڭا ئورۇن بولمسىمۇ.
كۆيدۈم،قانداق قىلىمەن
بۇ دۇنيادا سۆيگەنلەرگە جاۋاپ بارمۇ؟
ئەسلى،باشقا بىرىنىڭ تەقدىرىسىز
يۈرىكىمنىڭ بىر ئازاپلىق سىرىدۇرسىز...

      قاچانلاردىدۇر،نەلەردىدۇر مەن ئاڭلاپلا ئېسىمدە تۇتىۋالغان بۇ ناخشىنى تۇنجى ئاڭلىغىنىمدىن بېرى ۋە تاھازىرغىچە ھەر ئەسلىسەم يۈرىكىمنى بىر ئۆرتەپ،مۇجۇپ ئۆتىدۇ.مۇھەببەت ئازابى ئۇنچە ئاسان ئۆچىدىغان نەرسىمىدۇ،بولۇپمۇ مەجبۇرەن ئايرىلغان ئىككى يۈرەك،يېنىدا تۇرغان نەرسىگە ئېرىشەلمەي يوشۇرۇنچە كۆڭۈل ئازابى چېكىۋاتقان مېنىڭ دەردلىك ھالىم،يولدىشىغا تەلمۈرۈپ قاراشلىرىنىڭ جاۋاپسىز قېلىشىدىن يۈرىكى يىغلاۋاتقان زۇبەيدە!مۇھەببەتنىڭ بۇ پىغانلىق ناخشىلىرىنى يۈرىكىگە تېڭىپ،قاچانغىچە بۇ يوللاردا يالغۇز ماڭىدۇ بۇلار؟

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:10:23

terjime يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 14:28 static/image/common/back.gif
ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى دىگەن ت ...

بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىنغان ئەسەرلەردىكسى باش پېرسوناژچوقۇم ئاپتورنىڭ ئۆزى بولامدۇ؟بۇنداق بىرتەرەپلىمە ئويلىۋالمىغايسىز

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:11:04

ھى ھى ھى نى ئېلىۋىتىپ ئازاپلىق كۈلگەننى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ھالەت تەسۋىرى قوشىڭە!

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:19:03

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 15:11 static/image/common/back.gif
ھى ھى ھى نى ئېلىۋىتىپ ئازاپلىق كۈلگەننى ئىپادىلەيدىغا ...

ئۆزۈمنىڭ شۇنداق قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بولمىغاچقا شۇنداق كۈلۈشۈمتى ئۆ‍ز گېپىمنى ئۆزۈم زاڭلىق قىپ...:$ ۋە ئەلەم بىلەن...جايىدا بولماي قاپتۇدە:L تەلىم بەرگەيسىز،مەن ئويلاپ بولامىدىم ...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:34:16

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 15:19 static/image/common/back.gif
ئۆزۈمنىڭ شۇنداق قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بولمىغ ...

تەلىم بەرگۈدەكمۇ ئىش ئەمەستى، كەيپىياتىڭىزنى بۇزماي.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:43:04

چۈنكى ما مۇز چىراينى نەچچە يىلدىن بېرى ئاز قوغلاشمىدىم ئەمەسمۇ؟خەپ،بىر كۈنلىرى راسا ئۆچۈمنى ئالىمەن،دەپمۇ كېتىمەن،ھى،ھى،ھى...ئەمما ئالدانماڭ،بۇ بىر ئاچچىق،ئەلەملىك كۈلكە.
چۈنكى ما مۇز چىراينى نەچچە يىلدىن بېرى ئاز قوغلاشمىدىم ئەمەسمۇ؟خەپ،بىر كۈنلىرى راسا ئۆچۈمنى ئالىمەن،دەپمۇ كېتىمەن،ئۆزەمچە كۈلىمەن،ئەمما ئالدانماڭ،بۇ بىر ئاچچىق،ئەلەملىك كۈلكە.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 16:03:41

كۆپ رەھمەت ھەدە،شۇنداق جايىدا ئىپادىلەپسىز،مەن ئۇنچىلىك دەل كېلىدىغان سۆزنى ھەرگىز ئويلاپ تاپالماسكەنمەن،ئ‍ۆ‍زگەرتىپ قويدۇم....تەلىم بېرىپ تۇرغايسىز،17~18 ياش ۋاقلىرىمدا تۇنجى بىر ھېكايە يېزىپ ئېلان قىپ قويۇپ،كېيىن ئۇ ھېكايە بېسلسا خۇش بولماي،ئەكسىچە مۇشۇنداق نەرسىلەرنىمۇ باسىدىكەن،ئەدەبىياتمۇ تايىنلىق نەرسىكەن...دەپ ھېكايە دېگەندەك نەرسىلەرنى يېزىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم...لېكىن ھازىر تۇرۇپلا يازغۇم كەپ قالدى،ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ خۇددى باشقا ھەرقانداق نەرسىگە ئوخشاش،شۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش جەريانىلا ئەمەس،ئەكسىچە يېزىش،ئويلىنىش،تەپەككۇر قىلىش،ئۆزىنى ئىزدەش،قەلبىگە چۆكۈش،ئەڭ ئەڭ مۇھىمى بىر قېتىملىق ئەمەلىي ئۆگىنىش جەريانى ئىكەن،قەلەمنى قولغا ئالغان چاغدا ئاددى بىر نەرسىلەرنى ئىپادىلەشمۇ شۇنداق تەس كېلىدىكەن،دېمەك،ئىزدىنىش جەريانىدا بىز گاللىشىپ قالغان تەپەككۇرىمىزنى ئويغىتالايدىكەنمىز،خۇددى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان پىچاق تۇرغانسېرى دات باسقاندەك.مۇھىمى بۇ بىر چەكلىنىدىغان ساھە بولمىغىنى ئۈچۈن،بۇ ئارقىلىق مەلۇم ئەھمىيەتلەرنى ھاسىل قىلىش ئىمكانى بارلىقىنى،ئەتراپىمىزدا نېمىلەر يۈز بەرمىسۇن ھامان ياشىشىمىز كېرەك بولغىنى ئۈچۈن،ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل ۋە ئىقتىدارغا،تەپەككۇرغا ئىگە ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى كىچىككىنە تىرىشچانلىقلار بىلەن بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلغىنىم ئۈچۈن قاملاشمىسىمۇ قايتا قولۇمغا قەلەم ئالدىم...شۇڭا بۇ ساھەدىكى سىزدەك پىشقان قەلەم ئېگىلىرىنىڭ تەلىمىگە موھتاجمەن...يەنە بىر رەھمەت.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 16:23:32

سەمىمىي سۆزلىرىڭىزنى كۆرۈپ يېرىم كوڭلۇم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى، بەلكىم كۆڭۈلدە ئويلىغاننى قەلەمگە ئالماقنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىمدىن بولسا كېرەك، يېزىۋاتقان ئەسەرنىڭ ھەجىمى چوڭايغانسىرى قەلەم ئادەمگە بوي سۇنمايدىكەن، سىز ئەرتىسلىرىنى باشقۇرالمىغان رىجىسوردەك ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالىدىكەنسىز، بۇ ئوڭايسىزلىقتىن چارچاش بىۋاستە رىئال تۇرمۇشىمىزغا تەسىر قېلىدىكەن، ئەگەر ئەرتىسلىرىڭىزنى مەجبۇرى باشقۇرىمەن دىسىڭىز، يازغىنىڭىز ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر نەرسە بولۇپ قالدىغاندەك قورقىدىكەنسىز.  ئۇف... قېنى داۋاملىق يېزىڭە! يازغىنىڭزىنى ئوقىغاچ كاللامنى ئارام ئالدۇراي.
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: مەندىن ئايرىلماڭ(پوۋىسىت)