xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 16:51:41

كۆرۈشكە ئالدىراڭ،ئاقسۇدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى قىززىپ كەتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaqanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 16:53  

كۆرۈشكە ئالدىراڭ! ئاقسۇ ئاتال پۇتبول كۇلۇبى ئىككىنجى نۆۋەتلىك «ئاتال لوڭقىسى»نى تالىشىش ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

ھازىر ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىدا ئاقسۇ ئاتال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن  ئىككىنجى نۆۋەتلىك «ئاتال لوڭقىسى»نى تالىشىش ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بولۇپ،مۇسابىقە 14-چىسلا رەسمى باشلانغان.  بۈگۈن(شەنبە) چۈشتىن  كىيىنكى باي-قەشقەر كوماندىلىرى ۋە  ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى كوماندىسى - بۈگۈر كومانىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشسا ئەتە(يەكشەنبە)چۈشتىن بۇرۇن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ،شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەككىز كوماندا كەسكىن مۇسابىقىگە چۈشكەن،مۇسابىقە خەۋىرىنى ئۆز-ئارا ئاڭلىغان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ ماھىرلارغا مەدەت بەرگە نۋە نادىر پۇتبول مۇسابىقىسدىن ھۇزۇرلانغان.بىراق مۇسابىقە خەۋىرىدىن نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى خەۋەرسىز قالغان،بىز بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىى خەۋىرىدىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يوللىدۇق. ئەتە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى مەيدان  يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ بىرىنجى مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8دە باشلىنىدۇ   ئىككىنجى مەيدان  يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 باشلىنىدۇ ،يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ،دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى  سائەت 8دە بىر مەيدان ۋە ئۈرۈمچى ۋاقتى  سائەت 10 دا بىر مەيدان ئۆتكۈزلىدۇ .
مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇن:ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتى پۇتبول مەيدانى.
تەشكىللىگۈچى:ئاقسۇ ئاتال پۇتبول كۇلۇبى










مۇسابىقە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلارنىڭ ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتىغا كېلىپ نادىر پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ۋە ماھىرلارغا مەدەت بېرىشىنى  ئۈمىد قىلىمىز،نەق مەيداندىن كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق تورداشلارنى يانفۇنۇم يانفون تور بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى مۇسابىقە تەپسىلاتىدىن  خەۋەردار قىلىدۇ .مۇسابىقە توغرىسىدىكى يەنىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز ئەتىكى مۇسابىقە خەۋىرىمىزدە بولسۇن.
يانفۇنۇم يانفۇن بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى
http://yanfunum.com

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 04:33:03

ئاتۇشتىكى بەش كىشلىك بىرلەشمە مۇسابىقىمۇ قىزىۋاتىدۇ يېرىم يىل بولدى ... سەۋىيەسى خېلىلا يۇقىرى ...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:26:34

ئىسىت بارالمايمەن دە . ماھىرلىرىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
بەت: [1]
: كۆرۈشكە ئالدىراڭ،ئاقسۇدىكى پۇتبول مۇسابىقىسى قىززىپ كەتتى