dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 16:42:02

ئىشخانىدىكى پاراڭلار

                                                                                     مودا
  
      ساڭا دىسەم ئىنىم دەپ گەپ باشلىدى ،ئۇدۇلۇمدىكى تۇرقىدىن يېشىنى پەرق قىلغىلى بولمايدىغان ئاكا ئىشدېشىم ،ئىشخانىدا  مىنىڭ يىڭى ئالغان ئالما 5دىگەن  تېلىفۇنغا دۈم چۈشۈپ :
   -ھازىردىگەن ئالما تېلىفۇنى بۇلۇش مودا دەپ بەرگەن جاۋابىمغا:
   - ئىنىم ناۋادا كونازامان بولسا  مىنىڭ سەندەك بالام بولار ئىدى .سىلەر ھازىرقى بالىلار ئىنىم مۇشۇنداق نەرسىلەرنى مۇدا بىلىسىلەر.تېلىفۇن بىلەن بىمالال سۆزلەشكىلى بولسىلابولمىدىمۇ .چارەك قىممەت پۇلغا ئېلىپ، كەچكىچە مىتىلدىتىپ ئولتۇرۇپ ،شۇنى ئالغان پۇلنى يېغىپ قويساڭلار ،مودا دېگەن تۈگەپ قالمايدۇ.مەن ئۇنىڭغا :
  -ئاكا سىزنىڭ دىگىنىڭىزمۇ توغرا، لىكىن، مودىدىن قالساق بولمايدۇدە . مەن دىن بىريىل بۇرۇن خىزمەتكە چىقىپ ،تېخى يېقىندىلا تۆۋەندىن بۇ باش ئىدارىغا كەلگەن بىرسى :
  -مىنىڭچە سىلەر ئاكا ،بىزدەك چېغىڭلاردا مودا –پودا دىگەنلەرنى بىلمەستىڭلار ھە .دەپ گەپ كوچىلىدى .ئۇئاكا ئىشدېشىم ئالدىدىكى چاي چاچىسىدىكى چاينى بىرنى ئوتلىۋېتىپ :
  -شۇ مەن كىچىكلاچاغلىرىمدائۆيىدەبىررادىئو،كەپتەرماركىلىق ۋېلىسپىت،ئۇرۇن–كۆپىلەرنى يېغىدىغانغا بىركارۋات،بولسا سىملىق كارۋات ،ھەم شۇ ئورۇن-كۆرپىلارن ياپىدىغان يوڭ ئەدىيال ،يەنەتوررەختمۇ بۇلۇشنى ئاتا-ئانام مودابىلەتتى،شۇڭىمۇشۇنەرسىلەرنى ئانامنىڭ دادامغائالىمىزدەپ،نەچچەخاپابولغىنىنى تازائوبدان ئەسلىيەلەيمەن.شۇ چاغلاردا ئانام مىنى ھەم ئىنىمنى يۈدۈپ ئىككى كىلومىتىر يىراقتىكى بىرھەربى قىسىم دوختۇرخانىسىنىڭ كىنوخانىسىغابېرىپ كىنو كۆرۈپ كىلەتتى.«بىرتامچەقان»،«كۆۋرۈك»،«پارتىيەقىزى»قاتارلىقلاربولساكىنولارنىڭ مودىسىنىڭ بارى شۇمۇدىسى ئىدى .شۇنداق قىلىپ دادامنىڭ ئىدارىسىمۇكىنوخاناسالدى.بۇشۇچاغادا ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ يۈزىمىزنى مودىلىق قىلغان ئىدى .ناھايىتى تىزلا تېلىۋوزۇر مودا بولدى .مەنمۇ تىلىۋۇزۇرى بارئۆيلەرگە قېچىشنى دادامنىڭ ئىدارىسى ياپۇننىڭ دەپ ئالغان 24سۇڭلۇق مۈشۈك ئېيىق تىلىۋوزىرى ئىداراقوروسىدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ تاماملىدىم.لىكىن ئۇنداق كۆرۈش تازا مەزىسىز ئىدى .مەنمۇتېلىۋۇزۇر كۆرىمەن دەپ غەلۋە قىلىۋېرىپ دادام تاغامنىڭ تاپىسىدىن قورقۇپ قىزىلتاغ بازىرىدىن سېتىۋالدىم،دەپ كاماندۇروپكىدىن قايتقاندا بىر ئۆي كىشىلىرىگە سوۋغاتلىق دەپ ئالغاچ كەلگەن قىزىل قىيا بىلەن 10 نەچچەيىل كۇپايىلەندىم. شۇ رەڭسىز دوستۇممۇ بىزنىڭ ئۆينى 3-4يىل مەلىمىزدە 3-بۇلۇپ تىلىۋوزور سېتىۋالغانلارقاتارىدا مودا قىلىغانتى.لىكىن دادام ماڭا شۇنچا ئامراق تۇرۇپمۇ ئېلىپ بەرمىگەن تېلۋوزۇرغاچېتىپ ئوينايدىغان  ئېلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇق بۇمودىنىڭ يۈزىنى ئوبدانلا تۆككەن ئىدى .كىيىن ياپۇننىڭ پاڭشاڭ ،لۇشاڭ( يەنى سىنقويغۇچلارئىدى)دەپ بىرنىمىلىرى شۇنداق مۇدابولدىكى بولدى شۇنىمىسى يوق ئۆينى نامرات دەپلا بىلسىڭىز ئەلھەق بۇلاتتى.تېخىمۇ يامان بولغىنى دادام ئالمىغان  ئىدى .چۈنكى ئۈگىنىشىمدىن ئەنسىرەيتتى . كىيىن نۇرغۇن نەرسىلەر مۇدا بولدى ،قالدى،يەنە يىڭىسى كەلدى ،قالدى.مەسىلەن :خوجايىن ئايىقى،خوجايىن ئىشتىنى،مۇسابىقە ۋېلىسپىتى ،VCD,DVDئىشقىلىپ بەك كۆپ.ئەسلەيدىسەم مىڭەمنى ئاسرىمىسام بولمايدۇ .
      مەن ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىدىغان يىلى مىنىڭ نەنى ئارزۇقىلغانلىقىم ئىككى ئايلا مودا بولدى –دەپ تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى ئۇ مىنىڭ تېلىفۇننى قويۇپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولغىنىمدىن ئانچە ھەيران بولمىغاندەك قىياپەتتە،– بىزنىڭ ھېچكىممۇ ھېچكىمنىڭ بالىسىنىڭ ئۈگۈنىشىنى سورىمايدىغان بۇ مەلىمىزدە ،ئەمىلىيەتتە  مەندىن باشقا يەنە باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇغان 10-15 بالىمۇبۇ مودامەزمۇنىنىڭ كۈندە بىريىڭىلىنىدىغان مودىسى ئىدى ،چۈنكى بىزنىڭ ئانىلىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرى ،تارتقان قاپىقىنىڭ ئورنى،ۋاقتى ،ئەتتىگەن تۇرغان يېنى دىگەنلەربىزنىڭ نۇمۇرىمىزنىڭ ،كىيىن كېلىدىغان چاقىرىقنىڭ تەبىرلىرىنىڭ مودا باھانىسى ئىدى .ئىشقىلىپ بۇمودىدا مەنمۇ يەڭگۈچى بولدۇم .چىقىمى ئاز ،يېقىن مەكتەپتە ئوقۇدۇم ،خىزمەتكىمۇ بۇرۇنلا تەقسىملەندىم بۇنىڭدىمۇ مودىلار ئازبولمىدى ،يەنىلامەنمۇ ئۇتتۇم ،شەھرىمىزنىڭ مەركىزىدى چوڭلا ئىدارىدا تىزلا مائاشلىق بولدۇم .ماناھەش پەش دىمەيلا 20نەچچە يىللىق  يىل تارىخىغائىگە بولىۋالدىم ،شۇ مودىلاردى قالغان ،قالمىغان ،ئاۋانگارت بولغان،بولمىغان بۇلۇپ .
ئۇچېيىنى بىر ئوتلىۋېتىپ :
     -راستىنىنى دىسەم ھازىرنىمە مودا دىسە مەن ئۈچۈن ئىززىتىمنى  ساقلاپ ۋىجدان بىلەن قالغان 10 نەچچەيىلنى كىشىنىڭ بىرنىمىسىنى كۆتۈرمەي ،بىريىرىنى ياغلىماي ،زورىغا ھېجايماي ، ئالغان تەقدىرنامە ،مۇكاپات خاتىرلەرنى بولسا يەنىمۇ ئېلىپ ،بەك بولمىسا جان بازارغا كىرمىگەندىكىن ئۇپىرىمايلا 6-7يىلنى ئۆتكۈزۈپ يەنەشۇ قايتىلىماگىزىت تىمىلىرىنى ئۇقۇپ ئىدىيەمنى يىڭىلاپ ،ياشلاربىلەن كۆپرەك ئارلىشىپ ھەرتەرەپتىكى مودىلارنى بىلىپ باھالاپ،پىنسىيىنى كۈتۈپ تۇرغىنىمنى دەيمەن .قارىسام قېرىپتىمەن ،ھەي ياشلىق ،لىكىن سىنىڭ ياشلىقىڭدىن ،ئۆتۈكىمنىڭ باشلىقى ياخشى جۇمۇ .
‏11‏/08‏/2014‏ 12:24:39مەنبە ئۆز قەلىمىم

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 17:37:20

دەل مېنى يازدىمۇ نېمە،  ئاساسەن بىزنىڭ زامانىمىزدىكى ئىشلارنى يېزىپتۇ. تېخى لاباكۇ ئىشتان كىيىش، شاپ بۇرۇت قويۇش، چاچنى بۈدرە قىلىش، تانسىخانىغا بېرىش، ئالتۇن كالا ماركىلىق پادىچىلار ئىشتىنى كىيىش، خۇرۇم چاپان كىيىش،ئۆيگە مۇقىم تېلفۇن ئورنىتىش، چاقىرغۇ ئىشلىتىش قاتارلىق نۇرغۇن مودىلارمۇ بار ئىدى. ئىنسانلا بولىدىكەن مودا توختاپ قالمايدىكەن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 18:14:55

شۇ مەن كىچىكلاچاغلىرىمدا ئۆيىدەبىررادىئو،كەپتەرماركىلىق ۋېلىسپىت،ئۇرۇن–كۆپىلەرنى يېغىدىغانغا بىركارۋات،بولسا سىملىق كارۋات ،ھەم شۇ ئورۇن-كۆرپىلارن ياپىدىغان يوڭ ئەدىيال ،يەنەتوررەختمۇ بۇلۇشنى ئاتا-ئانام مودابىلەتتى،شۇڭىمۇشۇنەرسىلەرنى ئانامنىڭ دادامغائالىمىزدەپ،نەچچەخاپابولغىنىنى تازائوبدان ئەسلىيەلەيمەن.شۇ چاغلاردا ئانام مىنى ھەم ئىنىمنى يۈدۈپ ئىككى كىلومىتىر يىراقتىكى بىرھەربى قىسىم دوختۇرخانىسىنىڭ كىنوخانىسىغابېرىپ كىنو كۆرۈپ كىلەتتى.«بىرتامچەقان»،«كۆۋرۈك»،«پارتىيەقىزى»قاتارلىقلاربولساكىنولارنىڭ مودىسىنىڭ بارى شۇمۇدىسى ئىدى .
زامانداشلار مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىشتە زامان،ماكان چەكلىمىسىگە سەل قارىغان.شۇ دەۋەردە ئەڭ ئىلغان ئىستىمال سەۋيىسى كىيىم تىكىش ماشىنىسى،كەپتەر ماركىلىق ۋىلىسپىت بولغان بولسا بۈگۈنكى دەۋىردە ئۇنداق ئەمەس.ھەر دەۋىرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مودىسى بولىدۇ.بىز ئۆزىمىز ياشىغان دەۋىرنىڭ مودىسى كەپتەر ماركىلىق ۋىلىسپىتنى بۈگۈنكى دەۋىر مودىسى ئالما 5 بىلەن بىريەدە ئويلىساق بولمايدۇ دە.ئەگەر شۇ دەۋىردە ئالما 5 بولغان بولسا مودىغا ئايلانمايدۇ دىيەلەمدۇق؟!
بۇ يەردىكى مەزمۇن ئۆزگۈرۋاتقان مودا مەھسۇلاتى ئەمەس.مودىنى قوغلۇشۇش ۋە قوغلاشماسلىق ئۈستىدە بولسا توغرا بولىدۇ.

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 21:27:14

يەنە يەنە تىخى بىر زامانلادا ئۆزىنى ياۋاغلىق،ئۆستەڭبويلوق،ياۋىشلىق دىيش بەكلا مودىتى قەشقەدە ئەممازە مۇشۇ ھۆككىمەت بەك يامان جۇمۇ.نەچچە ئۇزۇنغا بامىدى ئۇندا نوچىلىقلار دوقمۇش دوقمۇشتا يوياۋلىڭ دەگەننىڭ بوتكىسنى قۇرۇپ (110):Pنوچىلارنى جمىقتۇرۋەتتى قەشقەدە

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 07:19:55

بەت: [1]
: ئىشخانىدىكى پاراڭلار