UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 15:43:30

7-قارارلىق ئاندرويد ۋە ئالما ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى



7-قارارلىق ئاندرويد ۋە ئالما ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى



ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىپ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاندرويد ۋە ئالما يانفونلار ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىلىشىگە ئېرىشتى. ئاندرويدلىق تېلېۋىزور ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر ئائىلىلەرگە تېزلىكتە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئايپەد ۋە ئاندرويدلىق تاختا كومپيۇتېرلار كىشىلەرگە كۆپ قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى. مۇشۇلارغا ئەگىشىپ ئاندرويدلىق يانفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرگە، ئالما يانفونى ۋە ئايپەدلەرگە سىستېما يېزىش، ئۇلاردىكى ھەرخىل كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارغا ھەرخىل سىستېمىلارنى قاچىلاش جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىغا ئايلاندى. بىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كەسپىي خادىملارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىپ بۇ كۇرسنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تەربىيىلىنىپ چىققان خادىملارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق رايونىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردە ۋە ھەرقايسى ناھىيىلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ كەسىپ ئاز ئىقتىساد بىلەن ئۆگەنگەن تېخنىكىنى ئىشلىتىپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىدىغان بولغاچقا تەربىيىلىنىپ چىققان ياشلار ئۈچۈن ياخشى بىر چىقىش يولى بولۇپ قالدى.

بىز كۇرستىكى بارلىق مەزمۇنلارنى سىستېمىلىق نەزەرىيە بىلەن كۈچلۈك ئەمىلى مەشىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىتىدىغان بولغاچقا، كۇرسانتلار ئۆگىنىش جاپاسىغا چىدىسىلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقىقىي بىر كەسپىي خادىمغا ئايلىنىپ، كۇرس تاماملاپلا ئىش باشلىقىدەك سەۋىيىگە يىتەلەيدۇ. كۇرسقا قاتناشقان ھەر بىر ئەزا بىز بەرپا قىلغان «تېخنىكا خادىملار كۇلۇبى»غا ھەقسىز ئەزا بولۇش شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.  400G سىغىمدىكى رۇم، سىستېما ماتېرىياللىرى ۋە سىستېما يېزىش قوراللىرى تەمىنلەپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قايتىپ بارغاندىن كېيىنلا ئىش باشلاپ ئىقتىسادىي كىرىم يارىتالايدۇ. كۇرستىكى ھەربىر مەزمۇن ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك سىنغا ئىلىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ داۋاملىق تەكرار قىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن كۇرسانتلارغا ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىلىدۇ.

كۇرستا ئۆگىتىلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

[*]ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىستېما تۈزۈلۈشى
[*]HTC, Sony, Samsung ۋە باشقا داڭلىق ماركىلىق يانفونلارغا سىستېما يېزىش
[*]OPPO, Veivo, ZTE, Coolpad, XiaoMi, Lenovo, HuaWei قاتارلىقلارغا سىستېما يېزىش
[*]جۇڭگودا ئىشلەنگەن غەيرىي ماركىلىق يانفونلارغا سىستېما يېزىش
[*]Android مۇھىتى ھازىرلاش ۋە Android قۇرۇلما ئانالىزى
[*]Android لىق ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
[*]Android ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش
[*]Android قا ئۇيغۇرچە رۇم ياساش
[*]Android قا ئەپ ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى
[*]ئالما ۋە ئايپەدلەرگە  سىستېما يېزىش
[*]ئالما ۋە ئايپەدلەرنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاش
[*]ئالما ۋە ئايپەدلەرنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
[*]ئالما ۋە ئايپەدلەرگە ئەپ قاچىلاش
[*]ئالما تېلېفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش


ئۆتۈلىدىغان قوشۇمچە مەزمۇنلار:

[*]كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاش
[*]قاتتىق دىسكىنى رايونغا بۆلۈش
[*]كومپيۇتېرغا قوش سىستېما قاچىلاش
[*]توردىن سىستېما ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش
[*]كومپيۇتېر ۋە توردىن بىخەتەر پايدىلىنىش

ماس كېلىدىغان ئوبيېكتلار:

[*]ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان ياشلار
[*]ئاندرويد ۋە ئالما ھەۋەسكارلىرى
[*]يانفون رېمونت قىلىدىغانلار
[*]يانفون تىجارىتى قىلىدىغانلار
[*]مۇشۇ ساھەدە خىزمەت تاپماقچى بولغانلار


دەرسلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى مول، ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى بولغان ئۇستازلار سۆزلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك تىكلىگەن دىرېكتورلار، جەمئىيەتشۇناسلار مۇۋاپىق لېكسىيىلەرگە تەكلىك قىلىنىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ. دەرس مەزمۇنى نۆلدىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىق خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە كەسپىي سۆزلەر قوشۇپ ئۆگىتىلىدۇ. كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىمىنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئوقۇش مۇددىتى 100 سائەت بولۇپ، كۈنىگە 8 سائەتتىن دەرس ئۆتىلىدۇ، كۇرس ۋاقتى 15 كۈن.  ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ياتاق ھەققى 300 يۈەن، ئوقۇش پۇلى 1500 يۈەن. ئورنى قەشقەر شەھىرىدە. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.



دەرھال تېلېفون قىلىپ تىزىملىتىڭلار




ئالدىنقى 6 قارارلىق كۇرستىن بىر قىسىم كۆرۈنىشلەر



Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 21:25:59

ماۋۇ سىنىپمۇ ئوبدان ئېچىلىپتۇ.
كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ ئاچىدىغان، ئەپ تەرجىمە قىلىدىغان، روم يازىدىغان بىر تۈركۈم بالىلار يېتىشىپ چىقسا، ھەممىمىزگە ياخشى.

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 10:25:25

7-قارارلىق ئاندرويد ۋە ئالما ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى

Qismet يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 21:25 static/image/common/back.gif
ماۋۇ سىنىپمۇ ئوبدان ئېچىلىپتۇ.
كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ  ...

رەھمەت قىسمەت ئەپەندى. سىلەرمۇ شۇنداق ياخشى ئىشنى باشلىۋالدىڭلار. بىزمۇ جەمئىيەتتىكى  بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق.

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 12:57:56

سىستىما يېزىش دىگىنى سىستىما قاچلاشنى كۆرسىتەمدۇيا ؟

salqi0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 13:09:13

{:112:}قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتراپىدىكلەرگە ماس كەلگۈدەك،مەن تور بەت لايھىىلەش ياساشنى ئۆگىنەي دېگەن،،
قەشقەرلىك بالىلارغا ئۇستازلارغا ئاپىرىىن!

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 16:11:20

salqi0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 13:09 static/image/common/back.gif
قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتراپىدىكلەرگە ماس كەلگۈدەك،مەن ...

بورتالا، غۇلجا، تۇرپانلاردىنمۇ كىلىپ ئۆگىنىپ كىتىبارىدۇ.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 16:33:44

راستىنى دىگەندە ئازراق تىل بىلگەن (خەنزۇچىنى ياخشىراق، ئاز-تولا ئىنگىلىزچە)، كومپىيوتىرغا ئاساسى بىلىمى ياخشى، مىجەزى ماس كىلىدىغان (مەن شۇنداق ئويلايمەن، دىتى يوق ئادەمگە ئۆگەتسىمۇ بىكار)، قىزىقىشى كۈچلۇك بالىلار تور بەت ياساش، تېلىغۇنلارغا پىراگرامما  يىزىشنى ئۆزىلا ئۆەىنىپ كىتەلەيدۇ، ئاز-تولا پىروگرامما ئاساسىنى تىكلىۋالسىلا{:92:}{:92:}

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 10:59:26

بويۇن قىسىپ قالغان قېرىداشلىرمىز ئەمدى بويۇن قىسىپ تەلمۇرۇپ يۇرمەيدىغان بولدى !!!


ئۇلۇق ئاللا مۇشكۇل ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن !

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 07:51:20

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 16:33 static/image/common/back.gif
راستىنى دىگەندە ئازراق تىل بىلگەن (خەنزۇچىنى ياخشىراق ...

ئۆزى ئۆگىنىۋىلىشنىڭ يولى باشقا، سىستېمىلىق ئۆگىنىشنىڭ يولى باشقا. ئەگەر ئۆزى ئۆگىنىشكە توغرا كەلسە مۇشۇ 15 كۈندە ئۆگىتىدىغان مەزمۇننى نەچچە ئاي ھەتتە نەچچە يىلدا ئۆگىنىشى مۇمكىن.  ئۆزى ئۆگىنىشنىڭ قانچىلىك ئەگرى توقايلىقىنى كومپيۇتېرچىلار ئوبدان بىلىمىز.
بەت: [1]
: 7-قارارلىق ئاندرويد ۋە ئالما ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى