دوختۇرخانىدىكى ھېسلار Wapadarim912
بىماركى ئۇشبۇ دوختۇردا بىتەھقىق ھەممىمىز دەتمەن .كېسەل ئازابىدا ئىڭراپ ئازابلار تارتىدۇ بۇتەن .
بىرىنىڭ ئاقچىسى قالماي ئوكۇللار توختىدى كەتتى ,
نېمە قىلساڭمۇ قىل رەببىم كىشىگە قىلما ھاجەتمەن .
قارا, پۈتۈنسۈرۈك ئەركەك ئامالسىزدۇر مىدىرلاشقا .
يېگۈسى شۇنچىلىك باردۇر لېكىن يەتمەيدۇ قول ئاشقا .
بىلىپ يەتتىم بۈيۈك رەببىم ھەجەپ ئىنسان ئىكەن ئاجىز,
چىۋىنلەر چىچسىمۇ يۈزگە مادار يەتمەيدۇ قوغلاشقا .
لىپىلدايدۇ خىرە كۆزلەر ,كېسەل كارۋاتىدا جانسىز .
يېتىپتۇ بىر يىگىت شۇنداق ئۇزۇن كۈنلەر بېرى ھوشسىز .
مەگەر سۆزلەتمىسە رەببىم توۋا سۆزلەشمۇ بىر ئىشكەن ,
كېتىپ كۆزدىن كېتىپ سۆزدىن يېتىپتۇ مۇردىدەك ئۈنسىز ……
يېمەك ~ئېچمەكىدىن قالغان بىرى ياتتى قۇسۇپ قاننى .
بالام دەپ بىر موماي يىغلار تاپالماي دەتكە دەرماننى.
كۈتۈڭ بىمارنى ئوبدان دەپ ئامالسىز قالدى دوختۇرمۇ ,
نىتەي ئۆلمەكمۇ بىر ئىشكەن خۇدايىم ئالمىسا جاننى .
تولا ئاجىز ئىكەن ئىنسان بىلىپ يەتتىم ھەقىقەتنى .
قىلالماس بېشىدىن دەپئىي زەررە چاغلىق مۇشەققەتنى .
بەخت ئىزدەپ يۈرۈپتۇق بىز بەخىتكەن ئەسلى تەن ساقلىق.
ئۇلۇغ رەببىم ئاتا قىلغىن پېقىر ئازغۇنغا رەھمەتنى ……
Wapadarim912 دوختۇرخانىدىكى ھېسلىرىم
2014~يىلى 7~ئاۋغۇسىت ئۈرۈمچى قوغلىۋەتتى مەيۈسلۈگۈمنى ,
گۈلنى سۆيگەن ھەسەل ھەرىسى .
ھايات ئۈمىد ,ھايات خوشاللىق ,
ھەر بىر تاڭنىڭ قۇياشى يېڭى .
رەڭدارلىقى ئۇمۇ ھاياتنىڭ ,
ئازابلارنى كۆڭلۈڭگە ئالما .
جىق ئويلىما تۈنۈگۈنىڭنى ,
كۈلكەڭ بىلەن ئالدىڭغا قارا ……
كەچمىشلىرى سۇلغۇن بۈگۈننىڭ,
غەم~غۇسسىگە قىلسىمۇ مەجبۇر .
ئۈمىد باغلاپ گۈزەل ئەتىگە ,
ۋاپادارىم ياشايدۇ مەغرۇر !
2014~8~9 Wapadarim912
يىراقلادىن مېنى كۆرگىلى ,
يۈرەك پارەم بالام كەلمەكتە .
ئەگەشتۈرۈم ئوماق بالامنى ,
ئاھ غەمخانەم ئانام كەلمەكتە……
پۇرىۋالسام قېنىپ ھېدىنى ,
چىقىپ قالار مېنىڭ ھاردۇقۇم .
بىرى بايلىق بىرى يايلىغىم ,
ئۇلار كۈلسە قالمايدۇ قايغۇم ……
قۇچاقلىدىم راسا ئانامنى ,
ئەزىز ئانام رەيھان پۇرايدۇ .
پۇرىۋالدىم بالامنى قېنىپ ,
چۈنكى بالام ئانام پۇرايدۇ……
Wapadarim912
2014~8~9 ئۈرۈمچى
ئۆز~ئۆزۈمدىن يىرگىنىپ قالدىم
Wapadarim912
بۇ كۈنلەردىن سەسكىنىپ قالدىم
ئۆز~ئۆزۈمدىن يىرگىنىپ قالدىم .
ياخشىچاق بولۇپ كۆرەلمەسلەرگە,
دوسىتلار كۈلسە قىزغىنىپ قالدىم .
ئەللەر ئۇرسا كۈلگىنىم قىزىق ,
بېرىپ ۋاپا يۈرگىنىم قىزىق ,
دوستلار ئۇزسا ئۆلگىنىم قىزىق ,
لالما ئىتقا ئوخشىشىپ قالدىم .
يوللار پۈتەر بولسام بولمىسام ,
تاغلار يۈتەر بولسام بولمىسام ,
ھۆججەت چۈشەر بولسام بولمىسام ,
لازىممۇ مەن ئويلىنىپ قالدىم ؟
قىلغان ئىشنىڭ يوقتۇر تايىنى ,
ئۆتمەكتىدۇر ئۆمۈر كارۋىنى ,
ۋاپادارنىڭ بارمۇ لازىمى ؟
ئېيىت دۇنيا ! قورۇنۇپ قالدىم ……
2014~يىلى 10~ئاۋغۇسۇت شەھرى ئۈرۈمچى
ئوتتۇز ئىككى ياش
Wapadarim912
شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنۈڭگە ,
بۈگۈن كىردىم ئوتتۇز ئىككىگە .
مۇبارەك بولسۇن ~
ئاپا مېنى تۇغقان كۈنۈڭگە .
ئاچچىق تولغاقتا ~
مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلگىنىڭگە……
پۈتۈن بولدۇم ,
ئوتتۇز ئىككى ھەرىپتەك .
پۈتۈن بولدۇم ,
ئوتتۇز ئىككى چىشتەك ……
ئوتتۇز ئىككى ياش ,
بۇ ئۆمۈرنىڭ يېرىمى كەتتى ,
بەرسە ئاللاھ پەيغەمبەرنىڭ يېشىنى ؟
ئوتتۇز ئىككى ياشتا -
دادا بولدۇم ئىككى بالىغا ,
ئاكا بولدۇم ,
نۇرغۇنلىغان ئىنى ~سىڭىلغا ……
ئۆكۈنمەيدۇ پېقىر ئۆزگىدەك ,
يوشۇرمايمەن ھەرگىز يېشىمنى .
مۇبارەكلەيمەن ئاپامنىڭ مېنى تۇغقان كۈنىنى !
2014~8~13 شەھرى بورتالا بولما غەمناك بىۋاپا كۆڭۈل بېرىشكە ئەرزىمەس ,
ئەستە تۇت نامەرت يارەن كۆكرەك كېرىشكە ئەرزىمەس .
ئۇنتىغىن ئۆزلۈكنى سەن قەدرىڭنى قىلغان يار ئۈچۈن ,
ئۆزگىلەر قۇرغان باھار پەيزىن سۈرۈشكە ئەرزىمەس .
مەزىسى بولماس ھاياتنىڭ كۈلپىتى تەڭ كەلمىسە ,
مەقسىتىڭ شۇ بىر سەۋەپتىن ۋاز كېچىشكە ئەرزىمەس .
قاينىما ,كۆپ قاقشىما ئالدىڭغا ماڭغىن توختىماي ,
پىتنى دەپ ئىسسىق چاپان ئوتتا كۆيۈشكە ئەرزىمەس!
Wapadarim912
2014~8~16 شەھرى ئۈرۈمچى
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن شىئىرلىرڭىز شۇنداق مەزمۇنلۇق ، چۇشۇنىشلىك چىقىپتۇ شىئىرغا ھەقىقىي ئەدەبىيات،شىئىريەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ باھا بىرىش كىرەك.ئىجدىمائىي چەمبىرەكتىكى ئادىمىڭىز ياكى باشقا بىر تونىشىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن شىئىر ياخشى شىئىر ياكى ناچار شىئىر دەپ باھالانماسلىقى كىرەك.ھەق-ناھەق،كەسىپكە بولغان ھۆرمەت دەيدىغان نەرسە بولسۇن. بىماركى ئۇشبۇ دوختۇردا بىتەھقىق ھەممىمىز دەتمەن .
كېسەل ئازابىدا ئىڭراپ ئازابلار تارتىدۇ بۇتەن .
بىرىنىڭ ئاقچىسى قالماي ئوكۇللار توختىدى كەتتى ,
نېمە قىلساڭمۇ قىل رەببىم كىشىگە قىلما ھاجەتمەن .
دوختۇرخانىدىكى ھىسلار ناملىق شىئىرىڭىزنىڭ بىرىنجى كوبلىتىغىلا باھا بىرىپ باقاي.شىئىردا شىئىر نۇقتىسىدىن ھىچبىي بەدىئىيلىك،ئىستىتىك زوق ياكى ئەسەردىكى قاپىيلىنىش ۋە تۇراق دەيدىغان نەرسە يوق.ئەنئەنىۋىي شىئىر يىزىش ئۇسلۇبىدا يازىمەن دەپ شەكلى ئۆزگەرگەن چاچما شىئىرغا ئوخشىتىپ قويۇپسىز.بىرىنجى شىئىرىڭىز شىئىر جەھەتتىن ھىچبىر شىئىرىي تۈسنى ئۆزىگە ھازىرلىمىغان دەپ قارىدىم.
ئەڭ ئاخىرقى شىئىرىڭىز شىئىر جەھەتتىن ئەڭ ئاۋۋال تۇراق ۋە قاپىيلىنىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە.ھەجىمى قىسقا،مەزمۇنى ساز شېئر بوپتۇ.تەكلىۋىم شىئىر يازغاندا ئامال بار ئىلھام ئىزدەڭ.ئىلھامنىڭ كىلىشىنى ساقلىماي ئىلھامنى ئۆزىڭىز قوزغۇتۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىڭ.قىلغان ساۋاپلىق ئىشلىرىڭىزدىن مەمنۇن بولساممۇ كەسىپ نۇقتىسىدىن ئويلىغىنىمنى دىيىشكە مەجبۇرمەن.ئۆزرىلەر..... يۈرەككىلا تەگدى، ھېسسىيات باشقا شېئىرلىرىغا قارىغاندىمۇ لىققىدە... ئىككى كوپلېت تەسىرات يېزىپ باقاي دېسەم، بالام پۇتۇمغا ئېسىلىپ مۇمكىن بولماي قالدى....
يېزىپ تۇرۇڭ ۋاپادارىم... بەزى مىسرالار يۈرەككە تەگدى، بەزى مىسرالار ئويغا باشلىدى. ئومۇمەن ھېسلار يارقىن ھەم چىن. ئىپادىلەشنى يەنە تاۋلىۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن. بىر شېئىردىن بىر ئادەمگە بىرەر ئىككى مىسرا يۈرەككە تەپسە،شۇ شېئىرنىڭ ئۇتۇقى دەپ قارايمەن. ھەممىلا مىسراسى يارايدىغان، بىر ئاڭلاپ يادلىۋالىدىغان نادىر شېئىرلار كەلمەسكە كەتتى دەپ ئويلايمەن. بەزى مىسرالار يۈرەككە تەگدى، بەزى مىسرالار ئويغا باشلىدى. ئومۇمەن ھېسلار يارقىن ھەم چىن. ئىپادىلەشنى يەنە تاۋلىۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن. بىر شېئىردىن بىر ئادەمگە بىرەر ئىككى مىسرا يۈرەككە تەپسە،شۇ شېئىرنىڭ ئۇتۇقى دەپ قارايمەن. ھەممىلا مىسراسى يارايدىغان، بىر ئاڭلاپ يادلىۋالىدىغان نادىر شېئىرلار كەلمەسكە كەتتى دەپ ئويلايمەن. ئەفىفى مۇنبەردىكى ئۇچۇرغا بىر قارىۋەتسىڭىز ئېغىر كۆرمەي ماۋۇ شېئىردىكى پەشلەر ئۇيغۇرچە ئەمەسكىنا؟ ۋاي مانداق ھۈنەرمۇ بار دەڭ، ئەيساجان.ئاپىرىن! تەپەككۇرىڭىز، قىلىۋاتقانلىرىڭىزغا قايىلمەن.بولسا شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ سىرداشساق دەيمەن.تىنىچ ئامانلىق، سالامەتلىك يار بولغاي! ئۇستازلارنىڭ تەلىمىگە رەھمەت ,يانفوندا يېزىلغاچقا پەشلەر تەتۈر چىقىپ قالىدىكەن . رەخمەت ،
بەت:
[1]