kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:14:31

Android يانفۇنلىرىغان ئاددى ئۇسۇلدا سىستىما قاچىلاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 13:16  

1. كومپىيوتېردا يېزىش

كىتەرلىك  دىتاللار :
ROOT大师
刷机精灵
بۇلارنى كومپىيوتېرغا چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز، بەيدۇ تورىغا باسسىڭىزلا چىقىدۇ.
تېلفۇننى كومپىيوتېرغا تونىتىش :
1. تېلفۇندا تەڭشەككە كىرىپ  关于手机————开发人员选项———— USB调试 غا توغرا بەلگىسىنى قويىمىز
2.كومپىيوتېرغا  刷机精灵 قاچىلىغاندىن كىين تېلفۇن سىمى بىلەن كومپىيوتېرغا ئۇلايمىز ئىكراندا پەيدابولغان قوزغاتقۇچنى قاچىلىۋېتىمىز .

ROOT ھوقۇقىنى ئېلىش:
1.تېلفۇن كومپىيوتېرغا ئۇلىنىپ بولغاندىن كىيىن  ROOT 大师 دىگەن دىتالنى ئاچىمىز  一键root نى باسىمىز

روت ئالسىڭىز زاۋۇت كاپالىتىدىن ئايرىلىپ قالىسىز ئوبدان ئويلىنىڭروت ئېلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىين 刷机精灵 نى ئاچىىمىز

ئوخشاشلا 刷机精灵 تېلفۇننى تونۇپ بولغاندىن كىيىن


‹1› روم تۈرىنى تاللاش ، بۇيەردىن سىز روم نەشرى تۈرى قاتارلىقلارنى تاللىيالايسىز
‹2› تاللىغان رومدىكى 一键刷机دىگەن خەتنى باسىسىز

1. سىز قاچىلىماقچى بولغان سىستىما چۈشىۋاتىدۇ
2. ماتىرياللارنى زاپاسلاش ،لازىم بولمىسا زاپاسلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
3.زاپاسلايدىغان ماتىرياللارنى تاللاش
4. سىستىما قاچىلاشنى باشلاش

3-4 مىنۇتتىن كىيىن مۇشۇنداق چىقىدۇ  ، تېلفۇنىڭىزنىڭ ئېچىلىشىغا ساقلاڭ
سىستىما قاچىلاش تامام،.

تېلفۇندا سىستىما ئالماشتۇرۇش
1.تېلفۇنىڭىزغا ROOT ھوقۇقى ئېلىڭ ( يۇقىردا كۆرسىتىلدى)
2. تېلفۇنىڭىزغا 刷机大师نى قاچىلاپ
3.ھوقۇق بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ بېرىۋېتىپ، ماس سىستىمىنى چۈشۈرۈپ 一键刷机 نى بېسىۋېتىڭ 5-6 مىنۇتقىچە سىستىما ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ

ئەسكەرتىش1.سىستىما قاچىلاش خەتەرلىك ئىش مەسىلە چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ئىشەنچىڭىز بولمىسا قىلماڭ
2. خاتا مەشغۇلات سەۋەبىدىن تېلفۇنىڭىز كىسەككە ئايلانسا مەن ۋە ئىزدىنىش تورى مەسئۇل ئەمەس
3. ئامال بار كومپىيوتېردا قىلىڭ

باشقا مەسىلىلەرگە يولۇقساڭلار قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:54:00

بۈگۈن ئاران ئىچىلدى ماۋۇ تېما

Apple يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 14:58:57

ئەنجۈر بىلەن ئانچە خۇشۇم يوق
       بىراق ھاجەتمەنلەرتولا خەتكۈچلەپ قۇياي........!

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 15:04:12

بۇ ئۇسۇلدا ھەرقانداق تېلفۇنغا سېستىما قاچىلىغىلى بولامدۇ؟مەن ئادەتتىكى تېلگىرافنىڭ تېلفۇنىنى ئىشلىتىۋاتقان،نېمە بالا ئۇقمايمەن،ئايدا بىر قېتىم ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوق تېلفۇن ئېچىلماس بوپ قالىدۇ،رىمونت قىلىدىغانلارغا بەرسە سېستىما قاچىلاپ بەرسىلا يەنە شۇنداق ياخشى ئىشلەيدۇ.بىرەر ئاي بولغاندا يەنە شۇنداق...تاشلىۋېتەي دېسەم يەنە،يېپيېڭى تېلفۇن،شۇ نەشرى تۆەنكەن،ئەمما ئانچە مۇنچە تورغا چىققاندا بولسىمۇ ئىشلىتەي دېسەم ئاشۇنداق خاپىچىلىق.ھازىر يەنە ئېچىلماس بوپ قالدى،بۇنىڭدا قانداق قىلسام بولىدۇ؟يا تاشلاپلاۋېتىدىغان ئىشمۇ مانا ئەمىسە دەپ...:o

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 15:04:53

سىز دېگەندەك سىناپ باقاي دېسەم تېلفۇن ئېچىلمايدۇ :(

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 15:16:23

sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 15:04 static/image/common/back.gif
سىز دېگەندەك سىناپ باقاي دېسەم تېلفۇن ئېچىلمايدۇ

تىپىنى قالدۇرۋېتىڭە

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 15:18:23

ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك مەسىلىدىن بىرسى قاپتۇ.بەزى تېلفۇنلارنىڭ زاۋۇت قۇلۇپى بولىدۇ مەسىلەن HTC  SONY HUAWEI،ماۋۇ ماركىدىكى تىلفۇنلارغا سىستىما يىزىشتىن ئاۋال چوقۇم زاۋۇت قۇلۇپىنى ئىچىڭ،بولمىسا ئاۋارىچىلىق كۆپىيىپ كىتىدۇ.刷机精灵دەيدىغان قۇرالدا خۇاۋىينىڭكىدىن باشقىسىنىڭكىنى ئاچقىلى بولىدۇ،خۇاۋىينىڭكىنى ئورگان تورىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئاچىسىز.

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 15:35:27

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 15:16 static/image/common/back.gif
تىپىنى قالدۇرۋېتىڭە

lenovo دەپ باركەن تېلفۇن ئۈستىدە،قالغىنىنى ئېچىلمىغاچقا بىلمىدىم...

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 16:30:18

بىرسناپ باقايمىكىن .

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 09:48:03

مىنىڭ سامسۇڭ   س 5820    تى رۇم  يۇق  ئۇخشڭمامدۇ؟

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 11:12:52

مىنىڭ خۇاۋېي ج 520 تى ،  刷机大师دىن پايدىلىنىپ بىرقانچە قېتىم قاچلىسام تىلفۇن قايتا قوز غىلدىغان چاغدا كومپۇيوتۇر تونىمى دەپ خەت چىقىپ 刷机قىلىش مەغلۇپ بولدى ، نىمە ئىش تۇ بۇ ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:19:23

تىلفۇن ئىچىلمايدىغان بوپقالسىمۇ 刷机精灵  نى ئىشلىتىپ قاچىلىغىلى بولىدۇ ،  recover غا كىرىپ  سىم بىلەن كومپىيوتۇرغا چاتسىڭىز  چوقۇم تونۇيدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:22:22

  بۇ ئاغىنىمىزنىڭ سىستىما دىگىنى ROM  ،  ئەگەر 刷机精灵دا كوڭلىڭىزدىكىدەك ROM بولماي قالسا   romjd.com غا   يانفۇنىڭىزغا ماس رومنى چۈشۈرۈپ ئاندىن 刷机精灵 ئىشلىتىپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئالىپ تورىدىمۇ ROM بار ، تەلىيىڭىز بولسا يانفۇنىڭىزغا ماس ئۇيغۇرچە ROM لارنى تاپالايسىز

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 16:19:17

مىنىڭ تېلفۇنۇم    lenovo s899t     ئىدى.        ئېچىلغاندىكى ئاۋاز چىقىدۇ.كومپىيۇتېر  ۋىندوۋس دىگەن خەت چىقىپ ئېچىلالمىغانغا ئوخشاش بۇلۇپ قالدى.ئېچىلىپ بىر بىر تۆرۈك چىقىپ لىپىلداپلا تۇرىدۇ.
كومپىيۇتېرغا چاتسام تېلفۇندىن بىر يېرىنى ئاچ دەپ چىقىۋالدى.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 16:40:59

puhra يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 16:19 static/image/common/back.gif
مىنىڭ تېلفۇنۇم    lenovo s899t     ئىدى.        ئېچىلغاندىكى ئاۋاز ...

تېلفۇن ئىتىك ھالەتتە، ئاۋاز يۇقۇرلىتىش كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبە كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ  بىردەم باسقاندىن كىيىن ،  recoveryغا كىرىدۇ  wipe data factory reset قا ئەكىلىپ توك مەنبەنى بېسىپ مۇقۇملىسىڭىز يەنە بىر كۆزنەك چىقىدۇ yes  نى بېسىۋېتىڭ ، بىردەمدىن كىيىن باشبەتكە يانىدۇ شۇ يەردىن wipe cache partition قا كىرىپ يۇقىرقىدەك يېس نى بېسىۋېتىڭ ئاندىن reboot system now نى بېسىپ چىقىپ كېتىڭ ، ئوڭشىلىپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى ، يەنە بولمىسا ئىنكاس يېزىڭ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 07:04:13

ئاۋاز يۇقۇرلىتىش كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبە كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ  بىردەم باسقاندىن كىيىن ،  recoveryغا كىرىدۇ ، ئاندىن 刷机精灵نى ئىچىپ سىم بىلەن تىلفۇننى كومپىيوتۇرغا ئۇلىسىڭىز تىلفۇننى تونىيدۇ ، ماس روملارنى قاچىلسىڭىز بولىدۇ

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 08:11:23

بولسا 三星glaxy s5نىڭ روت ھوقۇقىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار ؟
ئالدىنقى تىمىلاردا دىيىلگەن بىر قانچە خىل ئۇسۇللارنى سىناپ باقتىم ،پەقەت بولمىدى.

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 22:02:14

رەخمەت سىناپ باقاي.{:263:}
بەت: [1]
: Android يانفۇنلىرىغان ئاددى ئۇسۇلدا سىستىما قاچىلاش