Uyghuray13 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 20:40:20

توۋا ، ماۋۇ گەپلەرنى.......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghuray13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 20:43  

توۋا ، ماۋۇ گەپلەرنى.......


«مەنمۇ بەك ئازابلىنىۋاتىمەن ، مەن ناماقۇل ، چوقۇم ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىمەن »

بۇ دېگەن شەكىلۋازلىقنىڭ يەنە بىر يېڭى ۋارىيانتى !

ۋۇخەن شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئورۇنلاشتۇرغان  بىر نەچچە ئەمەلدارنىڭ خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدىغان پىراگگىراممىسىدا نەق مەيدان كۆزەتكۈچىسى ، جۇڭ نەن مالىيە ئىقتىساد ئونۋىرستىتىنىڭ پىرافىسورى چىياۋ نىڭ دېگەن سۆزى .


«راست گەپنى دېسەم ئەگەر كېسەل كۆرسىتىش ئەرزان بولغان ياكى ھەقسىز بولغان بولسا زىددىيەتلەر بۇنچىۋالا ئۆتكۈرلىشىپ كەتمىگەن  بۇلاتتى»

گواڭدۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇ شىن بۆ نىڭ قارىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ دوختۇرخانىنى بازارغا ئىتتىرىپ قۇيۇشى ئون يىلدىن بۇيان بىمارلار بىلەن دوختۇرخانىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىكەن .


«جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىمىز ھەر ئاخشىمى پەقەت 140 بىمارنىلا قوبۇل قىلىدۇ ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت توشمىسىمۇ مەيلى ، ئارتۇق كېسەل كۆرمەيمىز  »

گواڭجۇلۇق بىر ئايال بالىسى يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز قاتتىق قىزىپ كەتكەندىن كىيىن يېقىن ئەتراپتىكى بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئاپارغاندا ئىشتىن چۈشىدىغانغا يەنە بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بولسىمۇ دوختۇرخانا كېسەل كۆرۈشنى رەت قىلغان ، زىيارەت قىلغان مۇخبىرغا نۆۋەتچى دوختۇر يۇقىرىقى گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈش بەرگەن .



«ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئاران بەش يىل ، ۋاقىت توشقاندا ئىككى ھاكىمنى سېلىشتۇرۇپ قايسىسى ھۆكۈمەتنى كۆپرەك قەرزگە بوغۇپ قويسا  شۇنى ئۈستۈرىدىغان گەپ ، شۇڭا ھەرقانچە ياۋاش ئەمەلدارمۇ  ۋەزىپە مۇددىتى توشقۇچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەر ئاماللارنى قىلىپ ناھىيىنى بىر نەچچە مىليارد قەرز قىلىۋېتىپ كېيىنكى يولىغا ئاساس سالىدۇ ، بىراق ھازىر مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە چىقاردى ، نۇرغۇن كۆزلەر تىكىلىپ تۇرىدۇ ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا بولمايدۇ ، ھازىرچە بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھېساب بولۇپ ئىشلەپ تۇرمامدۇق  ! »

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بىر مۇئاۋىن ھاكىمنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتقان «يىڭى قىلماسلىق »بەلگىلىمىسى ......


"ھۆكۈمەت ئەگەر سىنى چوشقا باققىن دېسە سەن توخۇ باقساڭ توغرا بولىدۇ "

3-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ، ئىقتىسادى كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى يۆ نىڭ بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بازار قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدا ئىقتىسادقا زىيادە ئارىلىشىۋېلىپ بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ تۆكمە بولۇشىغا سەۋەبكار بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغاندا قىلغان سۆزى .


«دائىم سۈڭگۈچ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبلىك پويىز رېلىستىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق چۈشتىن ئويغىنىپ كىتىمەن . »

8 مىليارد 7 يۈز مىليون مەبلەغ سېلىنغان ، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك ۋە لۈ لىياڭشەننى  كېسىپ ئۆتىدىغان تەييۆن شىن جى  ناھىيىسى تۆمۈر يول قۇرۇلىشدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كىلومېتىرغا  ئالتە دانە سۈڭگۈچ (تونىل ) ياساشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ ئۈستى ئالىي سۈپەتلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بىلەن ياسىلىشى كېرەك بولغان سۈڭگۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ يەردىن چىقىدىغان سېغىز بىلەنلا پۈتتۈرۈلگەن ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن مۇخبىر ھازىر ياسىلىۋاتقان بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرگەندە كۆرۈلگەن سۈپەت مەسىلىسى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك ئېغىر بولۇپ  ئۈستىدىكىسى بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ مۇخبىرغا دېگەن سۆزى .


«پۇلىڭىز مەيلى نەدىن كەلگەن قانداق غەيرىي يوللار بىلەن كەلگەن بولسۇن  ياكى قانچىلىك مەينەت بولسۇن ، قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولسۇن خاتىرجەم بۇلۇڭ بانكىمىز پاك-پاكىز بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدۇ ، يەنە كېلىپ چەتئەل بانكىلىرىغا بىخەتەر يۆتكەپ بېرىدۇ »

جۇڭگو بانكىسى مەلۇم تارماق بانكىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمىنىڭ بىر خېرىدارغا قىلغان سۆزى .


«بىرەر تەتقىقات تېمىسىنى قولغا كەلتۈرۈش دېگەننىڭ ئۆزى خەجلەشكە بىرمۇنچە  پارچە پۇل چىقتى دېگەن گەپ »

مەلۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى  

«مۇشۇ كۆرسەتكۈچنى ئالالىغاننىڭ ھەممىسى دۆلەت مەمۇرى ، بۇ دېگەن چاڭشانىڭ مەمۇرلار مەھەللىسى  »

چاڭشادىكى مەلۇم مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورنىدا باھا بېكىتىلىپ نۇرغۇن مەمورلۇق كۆرسەتكۈچى سېتىلغان .

«تاغلىق رايون بولغانىكەن چوقۇم ئەڭ ياخشى ماشىنا سەپلەپ بېرىشى كېرەك ، شۇندىلا بىخەتەر بولىدۇ »

يۈننەن قاتناش نازارىتى باش سېكرېتارى ياڭ نىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئىشى تەكشۈرۈلگەندە ئۇنىڭ بۇرۇن يۇقىرىدىن ئوچۇق –ئاشكارا مۇشۇنداق تەلەپ قىلغانلىقى پاش بولغان .

«جۇڭگودا پۇقرالار بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ نىسبىتى 1:191 بۇ ئەنگىلىيە ، روسيەنىڭكىدىن تۆۋەن »

بەزى تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگودا پۇقرا بىلەن ئەمەلدارنىڭ نىسبىتى 1:26 دېگەن خەۋەرلىرىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ سىتاستىكىدا ئارامغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان كادىرلا ھېسابقا ئېلىنغان ، بۇنداق ھېسابلاش توغرا ئەمەس دېگەن .

« چۈنكى مەن ھەربىر پۇقراغا زاۋۇت-كارخانىلار چىقارغان زەھەرلىك گازنىڭ ئىقتىساد ۋە ساغلاملىقىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدا بىز پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي زىيانلانغۇچى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ زىيانلارنى ھۆكۈمەت يەنى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ، ھۆكۈمەت كارخانىلاردىن باج يىغقانلىقى ئۈچۈن پايدا ئالغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ، شۇڭا مەن ھۆكۈمەتتىن مەمۇرى تۆلەم تەلەپ قىلىمەن !»

بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە قارىتا خېبىي شى جىيا جۇاڭلىق ئاددىي شەھەر ئاھالىسى لى ئەپەندى شۇ يەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنى سوتقا ئەرز قىلغان ، مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇشۇنداق دېگەن .

«ئەمەلدارلار پەسىل قۇشلىرىغا ئوخشايدۇ ، ھەممىسى شەھەرگە ئۇچۇشقا ئامراق ، بولۇپمۇ كەچتە شۇنداق »

گۇاڭشىلىق دېھقانلارنىڭ ئەمەلدارلارغا بەرگەن باھاسى

«نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ، بىر بولسا ئارقا تىرىكى بار ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە ئوقىيالىسا بالامنىڭ كېيىنكى مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئېسىل بولىدۇ ، جەمئىيەتكە چىققاندا پايدىسى بار ، شۇڭا نەچچە پۇل كەتسە ئەرزىيدۇ »

يېقىندا بېيجىڭ 2-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 280مىڭ يۈەنگە ئۆرلىگەن ، يۇقارقىسى بالىسى ئۈچۈن ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان بىر يولداشنىڭ گېپى .

«سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا توسالغۇ بولدۇڭ !»

شەنشىدىكى بىر نەپەر دېلو بېجىرىۋاتقان ساقچى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەمنى خاتا ھالدا جىنايەتچى دەپ تونۇۋېلىپ ، ماشىنىغا مەجبۇرى ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ، خاتا تۇتۇپ قويغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن شۇنداق دېگەن .

«بىر ئايال ماڭا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇق قىلىپلا سىزنىڭ  بۇيىڭىزمۇ  پاكار ئىكەن يەنە تېخى مېيىپ ئىكەنسىز ، مەن شۇ پۇلىڭىزنى دېمىسەم .....»

سىچۈەنلىك ۋاڭ تۈرمىدە ناھەق 18 يىل ياتقانلىقى سەۋەبلىك دۆلەتنىڭ   1مىليون  500  مىڭ يۈەن تۆلىمىگە ئېرىشكەن ، تۈرمىدىن چىقىپ ھەپتە بولماي 8 نەپەر ئايال تويلىشىش تەلىپىنى قۇيۇپ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ، ئىچىدىكى بىرى سەمىمىيلىك بىلەن يۇقىرىقى سۆزنى ئېيتقان .

«ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاسساپ بولسا ، چىڭخۇانىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئامانلىق خادىمى بولسا ھەم بۇنىڭغا قىلچە ساختىلىق ئارىلاشمىغان بەلكى جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق خىزمەت ئورنىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قىلغان بولسا ئاندىن بۇ جەمئىيىتىمىز نورمال بولغان بولىدۇ »

بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى بېيجىڭدا  كالا گۆشى ئۈگرىسى ساتقان ، ئۇ مۇخبىرنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى  قانداق ئىگىلىك تىكلىشى كېرەك دېگەن سوئالىغا مۇشۇنداق جاۋاب بەرگەن .  
فىلىيەتونلار ئايلىق ژۇرنىلىدىن  تەرجىمە قىلىندى .  

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 21:33:57

توۋا، ماۋۇ تىمىنى بۇندىن بۇرۇنراق بىر يەردە كۆرگەندەك قىلمىنا.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 23:32:48

توۋا ، ماۋۇ گەپلەرنى ...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 11:32:15

راسلا توۋا جۇما

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 12:17:44

Erkbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 21:33 static/image/common/back.gif
توۋا، ماۋۇ تىمىنى بۇندىن بۇرۇنراق بىر يەردە كۆرگەندەك  ...

باغداشتا كورگەن

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 14:42:34

مەن ئەسلى شۇڭا مۇشۇنداق كۈن كۆرۋىتىپتىمەندە توۋاااا:shutup:
بەت: [1]
: توۋا ، ماۋۇ گەپلەرنى.......