Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:31:18

ئىلاجسىزلىق



                                                 
                                                             ئىلاجسىزلىق





بىر ئورمانلىق ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، ھايۋانلار بىر كېمىگە چۈشۈپ قاچتى . ئۇلار بىر نەچچە كۈن يول يۈرە- يۈرمەيلا ، ئۇزۇق - تۈلۈكى تۈگەپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئادىل ئامال تېپىپ ، كېمىدىكى ھايۋانلارنى ئازايىتماقچى بولدى .
قايتا - قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇلار ئاخىرى بىر ئامال تاپتى ، يەنى ھەر بىر ھايۋان بىردىن يۇمۇر ئېيتىپ ، كېمىدىكى بارلىق ھايۋانلارنى كۈلدۈرىدىغان ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۈلسە ، ئۇ داۋاملىق كېمىدە قالىدىغان ، ئەگەر بىر ھايۋان كۈلمىسە ، باشقا ھايۋانلار شۇ يۇمۇر ئېيىتقان ھايۋاننى كېمىدىن تاشلىۋېتىدىغان بولدى .
يۇمۇر ئېيتىش چوڭىدىن باشلاندى ، ئالدى بىلەن كالا يۇمۇرنى باشلىدى . ئۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر يۇمۇر ئېيتىپ ھەممە ھايۋاننى كۈلدۈرۈۋەتتى ، پەقەت چوشقىلا چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ، قاراپ تۇردى .كالا ھەر قانچە يالۋۇرسىمۇ ، ئۇلار قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ئۈچۈن كالىنى ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋەتتى .
يۇمۇر ئېيتىش نۆۋىتى قويغا كەلدى . قوينىڭ ئېيتقان يۇمۇرى ئانچە قىزىقارلىق بولمىغاچقا ، ھېچكىم كۈلمىدى . توساتتىن چوشقا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى . كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن : < بايا كالا ئېيىتقان يۇمۇر شۇنچە قىزىقارلىق تۇرسا كۈلمىدىڭ ، ئەمدى قوينىڭ يۇمۇرى قىزىق بولمىسىمۇ كۈلۈۋاتىسىنا؟  __  دەپ سورىدى .
چوشقا كۈلكىسىنى تەستە بېسىپ :
__  مەن كالىنىڭ ئېيىتقان يۇمۇرىنى ئەمدى چۈشەندىم ، ئۇ راستىنلا قىزىق يۇمۇر ئىكەن ، __ دېدى .


                                     

                                               مەنبە : تەرمىلەر ژۇرنىلى

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 13:27:40

چوشقا دېگەن چوشقا {:87:}

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 16:08:24

م
ا
ز

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 17:28:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 17:30  

تىزىملىتىپ ئۈچ ئاي بولمىغان ئەزالارغا يېڭى تېما يوللاش چەكلىساڭلار بولمامدۇ. ئىزدىنىشنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈپ ، تېما ماۋزۇسى بىلەن مەزمۇنى ماسلاشمىغان. ئەسلى ۋارىيانتى زىراپە دەپ ئاڭلىغان بۇ يۇمۇرنى.   يوللىغان سەھىپىسىمۇ ماس كەلمىگەن.   ئەزلارنىڭ يېڭى تېمسىنى تەستىقلىغاندا قاراپ قويلى .
*******----------***********
  سەمىمىي ئەسكەرتىش:
  يىڭى ئەزالار قانداق گەپ بىلەن رەدىيە بەرسەڭلەرمۇ مەن ئىنكاس قايتۇرمايمەن ،ئەڭ ياخشىسى مىنى تىللايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 17:35:26

بۇ يۇمۇرنىڭ مەزمۇنىمۇ چوڭقۇركەن، بىلۋالدۇق.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 20:02:45

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 17:28 static/image/common/back.gif
تىزىملىتىپ ئۈچ ئاي بولمىغان ئەزالارغا يېڭى تېما يوللا ...

قوللايمەن، «ئىزدىنىش»نى مۇنداقلا پاخاللاشتۇرۋەتسە بولمايتتى.

Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-15 09:37:54

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 17:28 static/image/common/back.gif
تىزىملىتىپ ئۈچ ئاي بولمىغان ئەزالارغا يېڭى تېما يوللا ...

قايتۇرمىسىڭىزمۇ كۆرەرسىز ، ئەمما مېنىڭ ئادەم تىىلايدىغان خۇيۇم يوق .
مەن تىزىملاتقىلى ئۇزۇن بولمىغان بىلەن ، ئىزدىنىشقا كىرىپ تۇرۇۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى .
بۇ تېما تەرجىمە ۋە تەرمىلار سەھىپىسىگە يوللانغان ، ئىنتايىن ماس كەلگەن . سۈپىتىنى چۈشۈرۈشكە كەلسەك ، ئىزدىنىشتا تۇرۇپ مۇشۇنداق يوغانچىلىق قىلغاندەك گەپ قىلغىنىڭىزنىڭ ئۆزى ئىزدىنىشنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرگەنلىك .
كونا ئەزا بولغىنىڭىز ئۈچۈنلا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ خالىغانچە سۆزلىسىڭىز بۇلىدۇ ، يېڭى ئەزالار بىرىنىڭ ئۆگەي بالىسىدەك يەكلىنەمدۇ ؟
ئۇنداق پىكرىڭىز بولسا مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىپ سۈپىتىڭىزنى چۈشۈرگۈچە باشقۇرغۇچىغىلا دېسىڭىز بولمىدىمۇ ، دىل ئازار ، خۇدا بىزار دېگەننى بىلمەمسىز ؟
ئىزدىنىشتا زىيالىي ، بىلملىكلەر كۆپ دېسەم شۇنداق تونغا ئورىنىۋېلىپ خالىغانچە بىلجىرلايدىغانلارمۇ باركەن دېسە .
مېنى تۇنۇمىغىنىڭىز ، بۇ مەۋھۇم تور دۇنياسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ماڭا شۇنداق ئازار بەرسىڭىز بۇلامدا ؟
مۇشۇنچىلىك بولسۇن . ئۆزىڭىزنى بىلىپ يۈرەرسىز ، ئەمدى ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ قالماي .

Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-15 09:41:51

alaibalai يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 20:02 static/image/common/back.gif
قوللايمەن، «ئىزدىنىش»نى مۇنداقلا پاخاللاشتۇرۋەتسە ب ...

گەپ بولسا باشقۇرغۇچىغا دەڭ . بۇ يەرگە سۆزلىۋاسىڭىز باشقۇرغۇچى ھامان كۆرمەيدۇ .
ئىزدىنىشنى پاخاللاشتۇرغان مۇشۇنداق ئىنكاسلار بىلسىڭىز ، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئويلاپ تەستىقلايدۇ ، بولمىسا باشقۇرغۇچى بولالمايتى .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:39:57

ئۇيغۇردىن چىققان مويەن ئوخشايدۇ ، قوللاپ قويساڭلىرا ھىي

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:54:13

« ئۇلار بىر نەچچە كۈن يول يۈرە- يۈرمەيلا ، ئۇزۇق - تۈلۈكى تۈگەپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئادىل ئامال تېپىپ ، كېمىدىكى ھايۋانلارنى ئازايىتماقچى بولدى » بۇ جۈملىدىكى قانداق مەنتىقە؟
ئۇزۇق تۈلۈك تۈگەپ كەتسە، كېمىدىكىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش كېرەكمىكەن؟ ئۇنداق قىلغۇچە ئوزۇق-تۆلۈك تۈگەشتىن ئاۋۋال شۇ ئامالنى قوللانسا بومامدۇ؟

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:59:13

يېڭى كىرگەنلىنىڭ ھەممىسى ئۈزۈندىن بېرى ئىزدىنىشنى سىرتتىن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بىر دىيىشىدۇ، مۇشۇ گەپتە مەسىلە بار.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 14:40:23

بەت: [1]
: ئىلاجسىزلىق