Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 11:43:15

ھېچكىم پۇلىڭىزنى تۆلىشىپ بېرەلمەيدۇ



       

                                 ھېچكىم پۇلىڭىزنى تۆلىشىپ بېرەلمەيدۇ  


دوستۇمنىڭ ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى رېستۇرانغا چاقىردىم .ھېسابات قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا دوستۇم ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز تۆلەيلى دەپ تۇرۇۋېلىپ ، مېنى سەل خاپا قىلىپ قويدى . مېھمانسارايغا قايتىش يولىدا ئۇ ماڭا بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى .
كونسىۋېشىندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى ئۇقۇغۇچىسى تاغقا چىقىپتۇ ، ئۇلارنىڭ بىرى جۇڭگۇلۇق ، يەنە بىرى ئامېرىكىلىق ئىكەن ، ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ئىككى بالا يوغان گىرانىت تاش ۋە شېغىللارنىڭ ئاستىدا قاپتۇ . ئامېرىكىلىق بالىنىڭ سول پۇتى مىدىرلىسىلا قاتتىق ئاغرىغاچقا ، ئۇ پۇتۇم سۇنۇپ كەتكەن چېغى ، دەپ ئويلاپتۇ.
بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ ، ئامېرىكىلىق بالا قولى ئارقىلىق بەدىنىنى تىرەپ ، ئاستا-ئاستا گىرانىت تاش ۋە شېغىللارنىڭ ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپتۇ ، ئۇنىڭ پۇتىدىن ئاققان قان گىرانىت تاش ۋە شېغىللارنى قىپقىزىل قانغا بويىۋېتىپتۇ . تاغ ئارىسى بولغاچقا ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەدىنى ئۇيۇشۇشقا باشلىغان بولغاچقا ، ئۇ چۇقۇم بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كېتىش كېرەكلىكىنى بىلىپتۇ.
بۇ بالىنىڭ قانچىلىك چىدام- غەيرەتتە كىچىك بازارغا ئۆمىلەپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ . ئۇ باشقىلارغا ئۆزىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىغان ئورنىنى ، ۋاقتىنى ھەم يەنى بىر جۇڭگۇلۇق بالىنىڭمۇ شۇ يەرگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ .
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، بۇ ئامېرىكىلىق بالىنىڭ سول پۇتىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى ، قاتتىق سۇقۇلۇش زەربىسىدە ئىككى تال قوۋۇرغىسىنىڭمۇ سۇنۇپ كەتكەنلىكى ، ئۇرۇلۇپ -سۈركىلىش سەۋەبىدىن بەدىنى نۇرغۇن يارا ۋە كۆك بولغانلىقى مەلۇم بوپتۇ .
كىشىلەر بۇ بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇيۇپ ئاندىن ، ئاندىن ھېلىقى جۇڭگۇلۇق بالىنى قۇتقۇزغىلى بېرىپتۇ ، ئۇنى تاپقان ۋاقىتتا ، ئاچچىق سوغۇق ۋە قورقۇنۇچتىن ئۇنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغانكەن  .
دوستۇم مۇشۇلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا ، مەن تۇيۇقسز دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ خىجىل بولغىنىدىن مەڭزىنىڭ ئوت ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم ، ئۇ بىر نەرسىنى قارار قىلغاندەك ماڭا قاراپ :< تاغا ، ئۇ جۇڭگۇلۇق بالا مەن بولىمەن > دېدى.
دوستۇم تۇيۇقسىز مەندىن سورىدى:
__ ئامېرىكىلىق بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چىداملىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟
مەن بېشىمنى چايقىدىم .
__ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئاددي ،__ دېدى دوستۇم ،__ ئامېرىكىلىق بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە ، ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى تۆلەشكە ئادەتلەنگەن . ئۇلار بالىلىرىغا ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى تۆلەشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ ;
تۇرمۇشتا ھەر قانداق جايدا ھېچكىم سېنىڭ پۇلۇڭنى تۆلىشىپ بېرەلمەيدۇ ، ئاتا-ئاناڭ ، سۆيگنىڭمۇ شۇنداق .
< ھېچكىم پۇلۇڭنى تۆلىشىپ بېرەلمەيدۇ > دېگەن ئاددي بىر جۈملە سۆز ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇستەقىل ، جان تىكىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئالاھىدىلىكىنى ياراتتى .
مەن ئۆيگە بېرىپ بالامغا بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىم ، مەن ئۇنىڭغا گەرچە بەزى ۋاقىتلاردا پۇل بېرىپ ، ياردەم قىلىپ تۇرۇشۇم ھېچقانچە ئىش بولمىسىمۇ ، لېكىن ھېچكىم سەن ئۈچۈن پۇلۇڭنى تۆلىشىپ بېرەلمەيدۇ ، دېگەننى ئۇقتۇرماقچى بولدۇم.


                                  پەخىردىن يۈسۈپ تەرجىمسى

                                      مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:28:16

لىكىن بۇ خىل ئادەت ئادەمدە رەھىمسىز خاراكتىرنى يىتىلدۇرۈپ قۇيامدىكىن دەيمەن .....

Rose320 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:34:52

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 12:28 static/image/common/back.gif
لىكىن بۇ خىل ئادەت ئادەمدە رەھىمسىز خاراكتىرنى يىتىلد ...

مۇستەقىل ياشىيالايدىغان ، باشقىلارغا ئارتۇقچە تايىنىۋالمايدىغان ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم . ھازىرقى بالىلاردا تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى ئېغىرمىكىن دەيمەن .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 17:31:11

ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاق، نورمال بولغان پىسخىكىسى كىرەك.

خەنزۇغا خەنزۇچە پىسخىك، ئامرىكانغا ئامرىكىچە پىسخىك لازىم بولىدۇ.

musafir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 17:58:01

ئۇدۇن 007 نىڭ سۆزى توغرا بۇپتۇ

musafir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 17:58:04

ئۇدۇن 007 نىڭ سۆزى توغرا بۇپتۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 18:36:25

تورداشلار:   مەن 360 يۇمشاق دىتالىنىڭ ھەقسىز wifi تارقىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تىلىفۇندا تورغا چىقىۋاتىمەن.

مەندىن  تىلگىراف ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن سۆزلىشىش ھەققىدىن سىرت، تور ھەققى تۇتامدۇ ياكى ھەقسىزمۇ؟

ئىنىق بىلىدىغانلار جاۋاب بىرىڭلار؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 18:36:55

تورداشلار:   مەن 360 يۇمشاق دىتالىنىڭ ھەقسىز wifi تارقىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تىلىفۇندا تورغا چىقىۋاتىمەن.

مەندىن  تىلگىراف ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن سۆزلىشىش ھەققىدىن سىرت، تور ھەققى تۇتامدۇ ياكى ھەقسىزمۇ؟

ئىنىق بىلىدىغانلار جاۋاب بىرىڭلار؟

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 21:39:41

مەنمۇ بۇنى بۇلتۇر ئامۋاي مەھسۇلاتلىرىنى سادىدىغانلاردىن ئاڭلاپ پەقەت قوبول قىلالمىدىم .مىنىڭچە بۇ بىزگە ماس كەلمەيدۇ .

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-15 09:09:23

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 18:36 static/image/common/back.gif
تورداشلار:   مەن 360 يۇمشاق دىتالىنىڭ ھەقسىز wifi تارقىتىش  ...

ۋايفاي دىگەن سۆزلىشىش كارتىڭىزنى تىلفۇندىن چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ، تىلىفۇنىڭىزنى تورغا چىقىرىۋىرىدۇ،
ۋايفاينىڭ قىشىغا كەلسىڭىز، تىلىفۇنىڭىزنىڭ كۆچمە تورى ئاپتۇماتىك تاقىلىپ، ۋايفايغا ئۇلىنىدۇ.
ئەمدى سىز دەپ بىقىڭە، پۇل تۇتامدىكەن؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-15 09:09:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-15 09:12  

[تەكرار ئىنكاس:lol
خوتەننىڭ تورى بەك ياخشى جۇمۇ، بىر قېتىم يوللىسا، گۆلىيىپ تۇرىدۇ، قايتا يىڭىلىسا، ئىنكاسنى ھەقسىز فۇيىن قىپ بىرىدۇ.
بەت: [1]
: ھېچكىم پۇلىڭىزنى تۆلىشىپ بېرەلمەيدۇ