tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 07:51:07

قېنى، خوشە! (ھېكايە)

ئۇ ساقى سۇنغان پىيالىنى قولىغا ئېلىپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ ھاراق ئىچىپ باقمىغانىدى. ھاراق سورۇنىغا قاتنىشىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. شۇڭا سەل قورقۇپ قالدى.

خوشە!
يەتتە – سەككىز جۈپ كۆز ئۇنىڭغا تىكىلگەنىدى. ئۇ تېخىمۇ ھودۇقتى. توۋا، ‹‹خوشە!›› دېگەن بۇ سۆز نېمە دېگەن سۈرلۈكھە؟! ئۇ بۇرۇن ھاراقكەشلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ سۆزگە پەقەتلا دىققەت قىلمىغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن ئىكەن. قارا، قارا...توۋا، ۋىجدانغا، ئەخلاققا، ھاياغا، سالامەتلىككە...ئىشقىلىپ جىمى ئېسىل پەزىلەتلەرگە خوش! دەيدىغان گەپكەنغۇ بۇ...

قېنى خوشە!
تاپىنىڭىزغىچە سىڭىپ كەتسۇن!
ھەببەللى، ئوغامبالا، گۈپپىدە...
ئۇنىڭ ئىچىنى چوغ كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندەك بولدى. بىردەمدە بۇ كۆيدۈرگۈ ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەپتى. ئۇ پۇررىدە قايغان بېشىنى ئىككى يانغا قاتتىق سىلكىۋېتىپ، ئۇيۇشقان تىلىنى پۈرۈشتۈرۈپ، يەرگە ‹‹شىرت›› قىلىپ بىرنى تۈكۈردى، ئاندىن چايدىن بىر يۇتۇم سۈمۈرگەندىن كېيىن، سەل – پەل ئارامىغا كەلدى. ئۇ ئويلىنىپ قالدى. ‹‹نېمە سىر باردۇ بۇ ھاراقتا؟ تايىنلىق زەھەردەك ئاچچىق سۇ ئىكەنغۇ – بۇ؟ بىزنىڭ خەق مۇشۇ ئاچچىق سويۇقلۇققا نېمانچە ئامراق كېلىدىغاندۇ؟ تاتلىق بولسا قانچىلىك ئىچەر بولغىيتۇق؟ مەن ئەقلىمنى بىلگىدەك بولسام دادام نامى چىققان ئىچەرمەن ئىكەن، ھازىرمۇ ئىچىدۇ. مانا، بۈگۈن مەنمۇ بۇ سەپكە قېتىلدىم. لېكىن، ئىچكەنگە مۈڭگۈز چىقارمۇ؟ قىزىق، بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئۆزىنى ئەر سانايدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بار، ئەلۋەتتە. سەن ھاراق ئىچمىسەڭ، ھاراق سورۇنىغا قاتنىشالمايسەن، سورۇنغا قاتناشمىساڭ دوست – بۇرادەر، ئاغىنىلەردىن ئايرىلىپ قالىسەن. چەتكە قېقىلىسەن، سېنى ھېچكىم ئارىغا ئالمايدۇ، ھەتتا ‹‹زەيپانە››دەپ كۆزگىمۇ ئىلمايدۇ. كۆپ ئىشلاردىن قۇرۇق قالىسەن. بەزىدە بىر قوي ياكى بىر كالا سويۇپ ئالالمىغان كۆڭلىنى، بىر بوتۇلكا ھاراق بىلەن ئالغىلى بولىدۇ. ئۇياق – بۇياققا تولا چېپىپ ھەل قىلالمىغان ئىشىڭنى، ئاشۇ ھاراق بىردەمدىلا ھەل قىلالايدۇ. ھاراق سورۇنى قىزىق سورۇن، ھاراق ئىچىپ باقمىغان ئادەمگە تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچكۈزۈش بىز خەقنىڭ نەزەرىدە گويا يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتەك كۆڭۈللۈك ۋە خۇشاللىنارلىق ئىش. بىرنى ئىچتىڭمۇ بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، ماۋۇ يېڭى تونۇشقانلىقىمىز ئۈچۈن، ماۋۇسى دوستلۇقىمىز ئۈچۈن...دەپ كۆڭۈللەر تۈگىمەيدۇ، رومكا ئايلىنىشتىن توختىمايدۇ. بىر، ئىككى رومكا، بىر، ئىككى پىيالە ھاراق دېگەن نېمە ئۇ؟ گويا سۇ ئىچكەندەكلا بىر ئىش. رومكىغا، پىيالىغا ، ھىجىر چىنىگە، قىرلىق ئىستاكانغا، ۋېلىسپىتنىڭ قوڭغۇرىقىغا، ھەتتا تاۋۇز شاپىقىغا قويۇپ بولسىمۇ ئىچىۋېرىمىز؛ ئۆيدە، بازاردا، دۇكاندا، رېستوراندا، قاۋاقتا، تانسىخانىدا...گويا مۇز سۈيى ئىچكەندەك، شەربەت ئىچكەندەك قوغلىشىپ، تالىشىپ، قىزغىنىشىپ ئىچىشىمىز بار. ئىچىۋېرىپ خۇدىمىزنى يوقىتىمىز. تاپتىن چىققۇچە ئىچىشنى توختاتمايمىز. ئانىسىغا بىر كىلوگرام گۆش، ئايالىغا بىر كىيىملىك رەخت ئېلىپ بېرىشكە چىدىمىغانلار دەل ھاراق سورۇنىدا مەردلىشىدۇ. ھەرقانداق پىخسىقمۇ ھاراق سورۇنىغا كىرگەندە ھاتەمدەك سېخىلىشىدۇ...

خوشە!
ساقىنىڭ ئۇنى تۈرتۈپ تۇرۇپ ۋارقىرىشى بىلەن ئۇ خىيالدىن ئويغاندى. بىردەمدە ئىچىش نۆۋىتى ئايلىنىپ يەنە ئۇنىڭغا كەلدى. ئۇ ئەمدى ئىچمەسلىكنى قارار قىلدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
رەھمەت ئاغىنىلەر، مەن ئەمدى ئىچمەي.
ئۇ رومكىنى ساقىغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋېدى، بايىقى زورلاشلار، ۋارقىراشلار، تەئەددىلەر، مازاق قىلىشلار قايتا باشلاندى.
ئاداش!...بىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرسەڭ ئىچىسەن...خوشە!
ئىچىۋەت...ئىچكەنكە جان چىقمايدۇ...خوشە!
ئاياللاردەك نازلانماي، گۈپپىدە ئېتىڭە گالغا...خوشە! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قولىدىكى پىيالىدا چايقىلىپ تۇرغان رەڭسىز سويۇقلۇققا قاراپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولدى. شۇنداق، ئەمدى رومكىنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بايا بىرنى ئىچتىمۇ، بولدى، ئەمدى جان چىقسىمۇ ئاخىرىغىچە ئىچىش كېرەك.

پىيالىگە قارىغانسېرى ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىشقا باشلىدى. قاڭسىق ھاراق پۇرىقى ئۇنىڭ بۇرنىدىن كىرىپ، كىكىردىكىنى، ئاندىن ئۆپكىسىنى قېقىۋەتتى. يەنە قاراپ تۇرۇۋەرسە بايا ئىچكەنلىرىنىمۇ ياندۇرىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى، ئۇ ئاخىر پىيالىنى لەۋلىرى ئارىسىغا ئېلىپ، بېشىنى ئارقىغا تاشلىدى – دە، ئاچچىق ھاراقنى ئۇدۇل كانىيىغا تۆكتى. بۇ قېتىم ئۇ بايقىدەك قىينىلىپ كەتمىدى. ئەكسىچە ئۆزىنى باشقىچە كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق ھېس قىلدى. ئۇنىڭ قانلىرى قىزىپ، ئاللىقانداق بىر خۇشاللىق ئىلىكىدە ئەللەيلەنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭغا سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈۋاتقاندەك، ھەممەيلەن ئاجايىپ قىزىق بىر يۇمۇر ئاڭلىغان كىشىدەك تېلىقىپ، يۇمىلاپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىرىپ كۈلۈۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ زادى نېمىگە كۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى كونترول قىلالماستىن كۆپچىلىككە ئەگىشىپ كۈلۈشكە باشلىدى. مانا ئەمدى يەر، تورۇس ھەممىسى پىرقىراشقا باشلىدى. ئۇ كۈلۈپ، كۈلۈپ ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالدى. كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ بېلىكىدىن تارتقۇشلاپ، ئۇنى جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، ئاڭغىچە ساقىنىڭ پىيالىسى يەنە ئۇنىڭ قولىغا چىقىپ ئۈلگۈردى.خوشە! دوستلارنىڭ بەختى ئۈچۈن!
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋارقىرىدى، ئۈلپەتلىرىنىڭ ‹‹خوشە!›› سادالىرى خۇددى تامدىن قايتقان ئەكس سادادەك سورۇننى بىر ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانچە قېتىملاپ ‹‹خوشە!›› دەپ توۋلىغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى. ئۇ كىملەرگىدۇ گەپ قىلماقچى بولاتتى – يۇ، ئەمما نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمايتتى. ئۇ ئۆرە ماڭدىمۇ ياكى ئۆمىلەپ چىقتىمۇ زالدىن قاچانلاردا يېنىپ چىققانلىقىنى ئىلغا قىلالمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ نەچچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما جانسىز پۇتى ئۇنىڭ سېمىز گەۋدىسىنى يەردىن ئۈزۈپ ئالالايدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ‹‹خوشە!›› سادالىرى توختىماي جاراڭلايتتى. توغرا، ئەنە ساقى پىيالىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ بىرسىگە تۇتتى، ئۇ قولىنى پىيالىگە ئۇزىتىشىغا، قايسىدۇر بىرسى ئۇنى سىلكىپ ئىتتىرىۋېتىپ، پىيالىنى قولىغا ئېلىۋالدى، ئاندىن ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، بىر نېمىلەرنى دېدى. ئاڭغىچە ئۇدۇلدا ئولتۇرغان يەنە بىر سورۇندىشى ئەدەپكە چىقماقچى بولدىمۇ قانداق، ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ، ئۈستەلگە تايىنىۋېدى، پۇتلىرى لىكىلداپ قالغان كونا ئۈستەل داراڭ – دۇرۇڭ قىلىپ موللاق ئاتتى. تەخسە – پەخسە، قاچا – قۇچىلارنىڭ چېقىلغىنى چېقىلىپ، چاي – پاي، قورۇمىلار، شارابلار ئولتۇرغانلارنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلدى. ھەممىدىن يامىنى، باياتىن بېرى ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ كۆڭۈل چۈشەندۈرۈۋاتقان ئاغىنىسىنىڭ قولىدىكى بىر پىيالە ھاراق ئۇنىڭ يۈزىگە چېچىلدى. بەزىلەركۈلەتتى، بەزىلەر كىملەرنىدۇ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا قولىنى چىنەپ، نېمىلەرنىدۇ دەپ توختىماي كۈلەتتى. ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى، قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇيۇلغان ھاراقنى تارتىۋالسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە چېچىۋەتسە...ئۇ ئاچچىقىدا تېخىچە ياقىسىغا ئېسىلىپ تۇرغان ئاغىنىسىنى غەزەپ بىلەن ئىتتىرىۋەتتى. مېنى ئۇرغىدەك بولدۇڭما ھەزىلەك...
ئۇرۇشماڭلار دەيمەن...ھوي...خوشە!
ئۆلتۈرۈۋېتىمەن جۇمۇ....
ئاناڭنى...
تىللاشلار، ئىتتىرىشلە باشلاندى. كىم – كىمنى تىللاۋاتىدۇ،كىم – كىمنى ئىتتىرىپ، كىم – كىمنى ئاجرىتىۋاتىدۇ، ھېچكىم ئېنىق دېيەلمەيتتى. ئۇ ھېلىقى ئاغىنىسىنىڭ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاندىن يالت – يۇلت پارقىراپ تۇرغان يېڭىسار پىچىقىنى چىقىرىپ، كۆز ئالدىدا ئۇياق – بۇياققا شىلتىغىنىنى غۇۋا ئەسلىدى.... ئۇ ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ يەرگە تايىنىۋېدى، قولىغا ئىسسىق بىر سويۇقلۇق ئۇرۇندى. ئۇ يەرگە، ئاندىن كىيىملىرىنى بويلاپ بېقىنىغا قارىدى، قىپقىزىل قان ئۇنىڭ بېقىنىدىن باشلاپ ئېقىپ، يەردە پارچە كىگىزدەك دائىرىدە قىپقىزىل ئىز قالدۇرغانىدى. يىراقتىن ساقچى ئاپتوموبىلىمۇ ۋەياكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىمۇ، ئەيتاۋۇر، بىر ئاپتوموبىل چىرقىراق ئاۋازدا سىگىنال بېرىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇ بېشىنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئاپتوموبىلغا قارىدى، ئاپتوموبىلنىڭ ۋال – ۋۇل چىرىغى ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى رومكىدىكى چايقىلىپ تۇرغان پارقىراق ھاراقتەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ قانغا مىلەنگەن قولىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلاتتى ۋە كىشى ئاڭلىيالمىغۇدەك بوش ئاۋازدا پىچىرلىدى:

خوشە!....
ئاپتۇرى؛رەھمۇتۇللا ئابدۇۋەلى

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:09:49

خوشە، ئاغىنىلەر!

ئىنكاس بىلەن توشقۇزىۋىتىڭلار.:lol:lol

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:43:10

خوشە،
مانا ئىنكاس

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 10:21:28

ئىز تورىدىن كونترول س  ، ئاندىن ئىزدىنىشيا كونترول ۋ ئويناپ قويۇپتۇدە باللار

جوشە

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:13:35

ھاھا

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:17:38

تىما كۆچۈرۈش ئۈچۈنمۇ يۈرەك كېتىدۇ جۇمۇ ..

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:59:12

ھاراق سىنى قىلۇر ھەلەق .  ھاراق ئىچكەن مەس،تېزەكتىن پەس .  مەسكە قېرى ئىشەك قىز كۈرۈنەر ،ئەتىسى ئۆزى ئىنىك كۈتۈرىلەر .

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 13:00:07

خوش

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 16:32:07

ئىزدىنىشلىقلار ھامىنى بىر كۈنى  ئەلكۈيى ،مىسرانىم،باغداشنى بېسىپ چۈشىمىز ...............داۋاملىق تىرىشىڭلار باشقۇرغۇچىلار !

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 19:17:14

يېقىندىن يېڭى تېمىلار ئاز ئىچىم بەك پۇشتى،لېكىن يېڭى تېمىلارنى كۆرۈپ  ئىچىم تېخىمۇ بەك پۇشتى

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 10:52:11

بۇ دۇنيادا قوقادۇرمەن بىرى مەستىن ، بىرى خەستىن ، بىرى پەستىن ، بىرى مۆرىمەستىن

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 11:19:19

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:48:57

sarwi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 15:08:20

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 16:32 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشلىقلار ھامىنى بىر كۈنى  ئەلكۈيى ،مىسرانىم،باغ ...

;P ما ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ كۈلكىدىن ئۆ‍زۈمنى تۇتالماي قالدىم ئەركتېكىن،دېمىسىمۇ شۇ،يېقىندىن نىمە بولدى،سىزمۇ باشقۇرغۇچىدەك قىلاتتىڭىز،قارىسام ھازىر ئەمەستەك،مۇشۇ ئىشقا بىر دىققەت قىلسا بولاتتى،ئەزەلدىن ئىزدىنىش بۇنداق پاخال بولۇپ باققىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 16:32:50

مايمۇننىڭ ئادەم بولمىقى مىڭ يىل يىراق،
ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بىر رومكا ھاراق.

خوشششە:@:@:@
بەت: [1]
: قېنى، خوشە! (ھېكايە)