TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 06:36:09

تاشپولات: ئىراندا تۇغۇلغان ماريام مىرزاخانى فىلدىز مېدالىنى ئالدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 06:37  

ئىراندا تۇغۇلغان ماريام مىرزاخانى فىلدىز مېدالىنى ئالدى

تاشپولات روزى




ماتېماتىكىدا نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان 40 ياشتىن توۋەن ماتېماتىكلارغا بېرىلىدىغان فىلدىز مېدالى  (Fields Médal)  ئىراندا تۇغۇلغان ھازىر دۇنياغا داڭلىق كالىفورنىيەدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى ماريام مىرزاخانى ۋە ئۇنۇڭدىن باشقا 3 ماتېماتىكقا 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كورېيەنىڭ پايتەختىدە ئېچىلىۋاتقان خەلقئارا ماتېماتىكا يىغىنىدا بېرىلدى. بۇ مۇكاپات 1936-يىلدىن بېرى بېرىلىۋاتقان بولۇپ ئاياللارنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشى بۇ قېتىم بىرىنچى قېتىم بولىدۇ.



فىلدىز مېدالى دېگەن قانداق مۇكاپات؟ نوبېل مۇكاپاتىدا ماتېماتىكا مۇكاپاتى بىلەن گۈزەل سەنئەت مۇكاپات يوق. يەنى نوبېل مۇكاپاتى ماتېماتىكلارغا بېرىلمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن كانادالىق ماتېماتىك John Charles Fields نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1936-يىلى بۇ مۇكاپات يەنى فىلدىز مۇكاپاتى قۇرۇلۇپ چىقىدۇ. نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى ماتېماتىكلارغا بېرىلمەيدۇ دېگەن سوئاللار كۆپ سورالغان بولسىمۇ نوبېلنىڭ بۇنىڭغا ئائىت بېرە قالدۇرغان نەسىھىتى يوق ئىكەن. بىراق كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا نوبېل ھايات ۋاقتىدا ئۇ تونۇيدىغان بىر ماتېماتىك بىلەن ئۆشلىشىپ قالغان مىش.

بۇ فىلدىز مۇكاپاتى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان خەلقئارا ماتېماتىكلار يېغىنىدا (IMU)، ماتېماتىكىدا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان 40 ياشتىن تۆۋەن 4 نەپەر ياش ماتېماتىكلارغا تارقىتىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكىدىكى نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. نوبېل مۇكاپاتى كۆپىنچە نەتىجە ياراتقان مەلۇم ساھەگە قارىتىلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما فىلدىز مۇكاپاتى ھازىر ماتېماتىكا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ماتېماتىكلارغا تارقىتىلىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىنى قايتا ئېلىشقا بولىدۇ. بىراق فىلدىز مۇكاپاتىنى پەقەت بىرلا قېتىم ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ئەڭ كۆپ ئالغان دۆۋىلەت ئامېرىكا بولۇپ ھازىرغىچە 12 مېدال، فىرانسىيە 11 مېدال، رۇسىيە 9 مېدال، ئەنگلىيە 7 مېدال، ياپونىيە 3 مېدال، بېلگىيە 2 مېدال ئالغان.

پروفېسسور ماريام مىرزاخانى 1977-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىران پايتەختى تېھراندا تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا يەنى 1994- ۋە 1995-يىللىرى خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 1994-يىلى بىر نومۇر كەم ئالتۇن مېدالغا، 1995-يىلى مۇسابىقىدە تولۇق نومۇر ئېلىپ ئالتۇن مېدالنى ۋە بىرىنچىلىكنى ئىككى يىل قولدىن بەرمەيدۇ. ماريام، تېھراندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شارىپ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كېرىپ، 1999-يىلى ماتېماتىكىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ئۇ 2004-يىلى دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۇنياغا داڭلىق پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەپ ھازىر ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى. ئۇ يەنە 2009-يىلى ۋە 2013-يىللىرى ئامېرىكا ماتېماتىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان Blumenthal ۋە Satter مۇكاپاتىنىمۇ ئالىدۇ. ئۇنتۇڭ تەتقىق قىلىدىغىنى  ھېپىربولالىق يۈز، دىنامىكىلىق سىستېما،  يۈزنىڭ گېئومېتىرىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە رىمان يۈزىنىڭ مودىلىق ئۆلچەم تېئورېمىسى قاتارلىق گېئومېتىرىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىبارەت.



پروفېسسور ماريام مىرزاخانىنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابلىرىدا، ئۇنۇڭ كىچىكىدىن باشلاپ يازغۇچى بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ماتېماتىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ماتېماتىكىدا كوپ ناچار بولۇپ نەتىجىسى توۋەن ئىكەن. ئۇنۇڭ شۇ چاغدىكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدا بىر ئالاھىدە تالانت بار دەپ قارىمىغان ئىكەن. بىراق ئۇنۇڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئۇنۇڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىگە كوپ ياردەم قىلىش ۋە ماتېماتىكىغا قىزىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇ سىنىپىدا بىر يۇلتۇزغا ئايلانغان. ئۇنۇڭ ئاكىسىنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى ياخشى بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم سىڭلىسى بىلەن مەكتەپتىن قايتقاندا، سىڭلىسىغا ئۆزىنىڭ ماتېماتىكىنى قانداق ئۆگىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇنى ماتېماتىكىغا قىزىقتۇرغان ئىكەن. ئاكىسى يەنە سىڭلىسىغا ئاتاقلىق گېرمان ماتېماتىكا ئالىمى گائۇسنىڭ كىچىك ۋاقتىدا 1 دىن 100 بولغان سانلارنىڭ يىغىندىسىنى قانداق ئەپچىللىك بىلەن ھېسابلاپ چىققانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە قىزىققان. ھازىر دىيارىمىزدا ماتېماتىكىغا قىزىقماسلىق ۋە ئۇنى ئۆگەنسۇنمۇ ياخشى بولالمايدىكەنمەن دېگەن ناچار كۆزقاراش مەۋجۇت ئىكەن. مېنىڭچە ئوقۇغۇچى ئۆزىگە ئىشىنىشى، ماتېماتىكىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيمەن دەيدىغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش بەكمۇ مۇھىم. ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى قولىغا قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ بېرىلگەن مەسىلىنى باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ئىشلەپ بېقىش كېرەك. يۇقىرىدىكى ماريام مىرزاخانىنىڭ تارىخىغا قارىساق ماتېماتىكىغا قىزىقمىغان بىر ئادەمنىڭمۇ ماتېماتىكىدا داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ماريام مىرزاخانى تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ماتېماتىكنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ قىيىن بولغان ماتېماتىكىدا ئالاھىدە ئوقۇغۇچى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچى تىنىم تاپماي تىرىشسا مېنىڭچە ھەرقانداق بىر كەسىپ ئۇستىدىن غەلىبە قىلىپ داڭلىق كەسىپ ئىگىسى بولالايدۇ. بولۇپمۇ بالىلارنى ماتېماتىكىغا قانداق قىلىپ قىزىقتۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بالىلارغا ماتېماتىكىنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكىدىكى فورمۇلىلارنىڭ ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى ئەمىلى مەسىلىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرسە بالا ئۇنۇڭغا چوقۇم قىزىقىدۇ. بۇ توغرىلىق كېيىنچە بىر ماقالە يېزىش ئويۇم بار.



1936-يىلدىن باشلىنىپ بېرىلىپ كېلىۋاتقان بۇ فىلدىز مېدالىنى ئاياللارنىڭمۇ ئېلىشى، ئاياللارنىڭ ئىقتىدارى توۋەن دەپ ئاياللارنى توۋەن كۆرىدىغان جەمئىيەتكە ئېتىلغان ئوقتۇر. ئاياللار قابىلىيىتىنى ئىنكار قىلغان دۆلەتلەر دۇنياغا قاراپ باقساق ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ قالاق دۆلەتلەردۇر. بىز قىزلىرىمىزغا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا مائارىپلىرىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. مائارىپتىن ئايرىلغان باشقا ھەرقانداق بىر سەپسەتە ئۇچىغا چىققان ئالدامچىلىق. مېنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەتەن سەپىرىمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوز پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى ھازىرقى تەرەققىيات دەۋرىگە قانداق ماسلاشتۇرۇش توغرىلىق باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپلىگەن ئانىلاردىن ئۇقۇپ بەكمۇ خوش بولدۇم. مېنىڭچە مائارىپنى چىڭ تۇتقان ۋە ئانىلارنى ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەتلىگەن  بىر مىللەت چوقۇم ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتالايدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 07:53:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 08:03  

ماتېماتىكىدىكى فورمۇلىلارنىڭ ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى ئەمىلى مەسىلىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرسە بالا ئۇنۇڭغا چوقۇم قىزىقىدۇ. --------
دەل مۇشۇنداق قىلىدىغان ئۇسۇللىرىمىز كۆپرەك بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن.

مەلۇم نەرسە لايىھىىگەندە، نۇرغۇن چەمبەر ۋە بولۇڭ ئارقىلىق ھېساپلاشقا دۈچ كېلىپ قالساق، ئەگەر ئاساسىي ئۇقۇملارغا پىششىق بولساق، Auto CAD دا سىزىق- چەمبەرلەرنى سىزىش ئارقىلىق، سانلىق ھېساپلاشتىن ئەگىپ ئۈتۈپ، بىۋاستە ئاخىرقى تەلەپنىڭ سانلىق قىممىتىگە ئېرىشەلەيدىكەنمىز. ئارىدىكى ھېساپلاشلارنى ئەپ ئۆزى ھېساپلاپ بېرىدىكەن.

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 08:13:07

ھەقىقەتەن ھۆرمەتكە لايىق ئالىم ئىكەن.

20011008 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 08:28:48

دىيارىمىز مەكتەپلىرىدىكى ماتىماتىكا ئوقۇتۇش ئىشلىرى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 08:45:23

20011008 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 08:28 static/image/common/back.gif
دىيارىمىز مەكتەپلىرىدىكى ماتىماتىكا ئوقۇتۇش ئىشلىرى  ...

ھەممىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 08:49:39

‏ئۇنىڭغا مۇبارەك بولسۇن ،قالتىسكەن !

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:22:24

بىزدىكى باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ ئەھۋالى بەك ئىچىنىشلىق دىسەم ئىشىنەمسىز فىروفىسور.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:53:06

ئۇنىڭ كىچىك چېغىدا ماتېماتىكا نەتىجىسى ناچار ئېدى دېگەن بايانلار ماڭا تازا ياقمىدى.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ باشقىلار كۆرسىتەلمىگەن دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى مۇقەررەر، شۇنداق بولغاندىكىن، ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ناچار ئىدى دەپ ئەمەس، ئۇ مانداق مانداق تىرىشقان ئېدى دەپ ئىلھام بېرىش زۆرۆر دەپ قارايمەن.

تاشپولاتكا، كىچىككىنە تەكلىپ بېرەي. سىز ئۇيغۇر تىلىنى كۆپ ئىشلەتمىگەچكە دېققەت قىلمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى كۆپلۈك بىر يەردە كەلمەيدۇ. مەسىلەن 10 ئوقوغۇچىلار دېمەيمىز، 10 ئوقوغۇچى دەيمىز. يۇقارقى ماقالىڭىزدىمۇ 4 نەپەر ماتېماتىكلارغا دەپ ئاپسىز، 4 نەپەر ماتىماتىكقا بولىشى كېرەك. ئالدىنقى قېتىم يازغان يازمىڭىزدىمۇ مۇشۇنداق بىر جۈملىنى كۆرگەنتىم، شۇڭا تەكلىپ بەرگۈم كەپ قالدى.

ماتىماتىكا كەسىپىدە ئوقۇغانلىقىم سەۋەبلىكمۇ ئىشقىلىپ، ماتېماتىكلارغا ھۆرمىتىم بار. ئىشلىرىڭىزغا روناق تىلەيمەن

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:53:10

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 08:45 static/image/common/back.gif
ھەممىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

مەن ئوقۇغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنجى ۋەزىپىسى تازىلىق قىلىش ۋە سەياسەت-مۇقۇملوق كونسىپىكىنى ھەرۋاقىت يېنىمىزدىن ئايرىماي ساقلاش ئىدى.

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 09:55:41

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 08:45 static/image/common/back.gif
ھەممىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

بەلكىم بالىلارنىڭ مەكتەپ نامۇۋاپىق  «تەلىم-تەربيە»سىدىن ھوزۇر ئالالماسلىقى بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 10:32:38

ھېپىربولالىق يۈز، دىنامىكىلىق سىستېما،  يۈزنىڭ گېئومېتىرىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە رىمان يۈزىنىڭ مودىلىق ئۆلچەم تېئورېمىسى
مۇشۇلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى رولى ۋە باشقە جەھەتتىكى تەرەپلەرنى دەپ باقساڭلار؟

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 10:48:11

كەسىپلەر ئىچىدە ماتېماتىكانى كەسىپ قىلىپ تاللىغانلار  پۇشايماننى كۆپ قىلدىكەن چۈنكى بۇ كەسىپ بىۋاستە ئىقدىساسى قىممەت ۋە شان -شۆھرەت يارتالمايدىكەن

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 11:06:07

لېكىن ماتېماتىكا ئوقۇغان ئادەم بىلەن تىللىشىپ قالماڭ:lol

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 11:24:19

sayaq1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 09:55 static/image/common/back.gif
بەلكىم بالىلارنىڭ مەكتەپ نامۇۋاپىق  «تەلىم-تەربيە»سى ...

گىپىڭىز تەتۈر بۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن. مۇشۇ بالىلارنىڭ ئۇقۇشتىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىنىڭ سەۋەبى

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 11:27:25

مەنمۇ كىچىكىمدە ماتېماتىكا ئالىمى بولىمەن دەيتتىم ،،چوڭ بولغانسېرى دۆتلىشىپ قالدىممىكىن ياكى ھۇرۇنلىشىپ قالدىممىكىن ..جىق ئىشلارنى خىيالىمدىلا قىلىدىغان بولۇپ قالدىم...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 11:32:45

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 10:32 static/image/common/back.gif
ھېپىربولالىق يۈز، دىنامىكىلىق سىستېما،  يۈزنىڭ گېئوم ...

بۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئەمەلى تۇرمۇشىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ماتىماتىكا باشقا تەبئى پەنلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرىنى تاپىدۇ، ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ.
سىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 11:54:06

20011008 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 08:28 static/image/common/back.gif
دىيارىمىز مەكتەپلىرىدىكى ماتىماتىكا ئوقۇتۇش ئىشلىرى  ...

خەنزۇتىلى ئوقۇتىشىدىن باشقىسى كىشىنى.................

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:20:00

بۇ قىز ئەزەر تۈركلىرىدىنمۇ قانداق ؟ پارىسلارمۇ خان نى ئىشلىتەمدۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:26:24

  ناۋادا نوبىل بۇرۇنلا ماتىماتىكىغىمۇ مۇكاپات بەرگەن بولسا زامانىمىز ھازىرقىدىن كۆپ ئىلگىرلەپ كەتكەن بۇلىشى مومكىن ئىدى. چۇنكى ئاددى ھىسابلاشلار ئارقىلىق ياپونىيە 2001-يىلى ياسىغان بىر لىتىر بېنزىندا 100 كىلومىتىر ماڭىدىغان ماشنىنى ياساپ چىققىلى بولمايدۇ.
  مىنىڭچە ماتىماتىكىنى ياخشى بىلەلەيدىغان ئادەم ھەر قانداق بىر ئەمىلى ياساش، يىڭىلىق يارىتىش كەسىپنى ئۈگەنسە چوڭ ئۇتۇق قازىنالايدۇ، نىمىشقا دىسەك ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيسىدە ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشتىن ئايرىلىپ قالىدىغان ھىچ-بىر كەسىپ يوق ...
  مەن باشلانغۇچ سەۋىيسىدىكى ھىسابلاش ئۇسوللېرىدا ھىساپلاپ لاھىيلىگەن كىرىستال توك يوللېرىنى سىناق قىلغاندىمۇ ئاساسەن بىر قىتىمدىلا ئۇتۇق قازىنىمەن...
بەت: [1] 2
: تاشپولات: ئىراندا تۇغۇلغان ماريام مىرزاخانى فىلدىز مېدالىنى ئالدى