Qarkoz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 17:30:43

كىتابخۇمار بالا(ھىكايە)

كىتابخۇمار بالا
(ھىكايە)
ئىھسان قاركۆز
   ئۇ ھەر يىلقى ئىككى ھېيىتنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى،چۈنكى ئۇ ھېيىتلىق پۇلىغا كىتاب سېتىۋالاتتى.ئۇنىڭ ئالغان ھەممە كىتابى ئاران3پارچىغا يەتكەنىدى.بۇ يىلقى قۇربان ھېيىت شۇنداق ئۇزۇندا كەلگەندەك تۇيۇلۇپ ئۇنى كىتابسىز تۇرمۇشتىن ئاستا-ئاستا زېرىكتۈرىۋاتقانىدى.
   ئۇ ئاتىسىزلىقنىڭ دەردىنى ئاران كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان12ياشلىق بالا بولسىمۇ،ئەمما ناھايىتى ئۇمۇدلىك،ئىرادىلىك ئىدى.ئانىسى ئىككىسى غۇرىگۈل تۇرمۇشتا قىينالسىمۇ،لىكىن ئۇلار ئارىسىدىكى كۆيىنىش ئۇلارنى بەخىتلىك قىلىۋەتكەنىدى.ئۇ بۇ يىل زوردۇن سابىرنىڭ《ئاتا》رومانىنى ئېلىپ ئوقۇپ ئاتىلىق ئۆيلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر چۈشىنىپ باقماقچى ئىدى.
   _ھەي پۇل،_دەپ كېتەتتى ئۇ بەزىدە،_سەنلا بولغان بولساڭ نۇرغۇن كىتاب سېتىۋالالايتتىم.
   بۇ ئۇنىڭ يۈرىگىدىن چىقىدىغان چىن سۆزلەر ئىدى.ئۇ شۇڭلاشقىمىكىن ئۈگىنىشتە سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئەڭ ئالدى ئىدى،چۈنكى ئۇ ياخشى ئۈگەنسە كەلگۈسىدە ھەر جەھەتتىن قىينالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
   ئۇ كىتابنى ئانىسىدىن يۇشۇرۇن ھالدا ئېلىپ ئوقۇيتتى.چۈنكى ئۇ ئانىسىنىڭ《دەرىسنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقىغىن،باشقا نەرسىلەرگە قىززىقما.》دېگەن تەربىيەلىرىنى كۆپ ئاڭلىغانىدى.شۇڭا ئۇ ئانىسىغا كىتاب ئالىمەن دىمەتتى.ئۇنىڭ باشقا كىرىمى بولمىغاچقا،ئانىسى ئۇنىڭ ھېيىتلىق پۇلىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلمايتتى.
   مانا ھېيىتمۇ ئۆتتى.ئۇ ئارانلا40سوم يىغىپتۇ.ئۇ ناھايىتى خوش بولدى،چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل يىغقان ۋاقتى ئىدى.ئۇ سەل چوڭ بولۇپ قالغاچقا ھېيىتلاپ كەلگەنلەر ئۇنىڭغا خېلى جىق پۇل بەرگەنىدى.
   مانا خوشاللىقىدا ئۇ كىتابخانىغمۇ كەلدى.بىراق كىتاب46سومكەن ئەمەسمۇ.كىتاب ساتىدىغان ئادەممۇ 《بۇ يېڭى كىتاب46سومدىن كەم بولسا بولمايدۇ》دەپ تۇرىۋالدى.ئۇ ئامالسىز كىتابخانىدىن چىقىپ يول بويىدىكى تاش ئوۇندقتا ئولتۇردى.
   _ئاپامدىن پۇل سورىسام دەيتتى ئۇ《دەرىستىن سىرىتقى كىتابلارنى ئوقۇپ چېكىنىپ كېتىسەن》دەيدۇ.لىكىن مېنىڭ باشقا پۇل تېپىش يولۇم يوق تۇرسا،_ئۇ شۇ خىياللارنى قىلىۋېتىپ نېرىدىكى تىلەمچىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى،_ھە توغرا 6سومنى تىلەمچىلىك قىلىپ تاپسام بولىدىغۇ،_دەپ ئويلىدى ئۇ،چۈنكى ئۇ كىتاب ئۈچۈن ھەر نىمە قىلىشتىن يانمايتتى.ئۇ ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ يەنە بىر دوقمۇشقا كەلدى.
   يولدا بىر تار كوچىغا كىرىپ چاپىنىنىمۇ تەتۈر كىيىپ چىققانىدى.مانا دوقمۇشتا ئولتۇدى.ئۇ بۇ قېتىم تاش ئورۇندۇقتا ئەمەس قاتتىق يەردىلا تىزلىنىپ بېشىنى سېلىپ ئولتۇردى.ئۇ بۇ دوقمۇشنى ياخشى تاللىغانىدى.ئويلىغاندەك پارچە پۇللار ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈزۈلمەي چۈشمىگەن بولسىمۇ،ھەر ھالدا ياخشى چۈشىۋاتاتتى.
   مانا باياتىن كوچا سۈپىرىۋاتقان تازلىق ئىشچىسىنىڭ سۈپۈرگىسى تۇيۇقسىزلا توختاپ قالدى.بالا تازلىق ئىشچىسىنىڭ تۇرغان تەرىپىگە پەقەتلا قارىمىغانىدى،لىكىن سۈپۈرگە بىلەن يەرنىڭ تېگىشكەن ئاۋازىنى بىزارلىقتىنمىكىن چىشىنى چىشلەپ تىڭشىغانىدى.
  بالا تازلىق ئىشچىسى تەرەپكە قارىدى.تازلىق ئىشچىسى يۈرىكىدىن يىغلاۋاتاتتى.ئۇ《تىلەمچى》نىڭ ئانىسى ئىدى.

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 20:55:46

ماۋزۇنىڭ يېنىدىكى (ھېكايە) دىگەننى بىر ئۆچۈرۋىتىڭە! ھېكايىكەن دەپ كىرىپ ساپتىمەن.

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 21:04:34

بولىدىغان ھېكايىكەن،، ھەي يوقسۇزلۇق بەندىنى نى ئىشلارغا مەجبۇر قىتۇ

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 21:27:37

يامان ئەمەس چىقىپتۇ، ماۋزۇسىنى تىلەمچى بالا قويۇشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭلىما؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 21:58:57

يانىبى تۆت قۇر ئۇزارتىپ پوۋسىتلا قىلۋەتمەي.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 12:23:28

ياخشى چىقىپتۇ قاساپ ئەپەندىم ، نەرى جىىق كۈرۈنۈپ كەتتى :lol:lol:lol

Qarkoz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 20:42:50

zuwansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 20:55 static/image/common/back.gif
ماۋزۇنىڭ يېنىدىكى (ھېكايە) دىگەننى بىر ئۆچۈرۋىتىڭە! ھې ...

ھىكايىغۇ شۇ بۇ ئەسەر.ھىكايە ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن يىزىپ قويغانتىم.

Qarkoz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 20:45:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qarkoz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 20:47  

Erkbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 21:27 static/image/common/back.gif
يامان ئەمەس چىقىپتۇ، ماۋزۇسىنى تىلەمچى بالا قويۇشنى ئ ...

رەھمەت.ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھىكايىنىڭ ھەجىمىگە قاراپ ۋە ئازراقلا ئوقۇپ كەينىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىقىرىۋېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.

Qarkoz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 20:46:23

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 21:58 static/image/common/back.gif
يانىبى تۆت قۇر ئۇزارتىپ پوۋسىتلا قىلۋەتمەي.

ئۇزۇن قىلاي دىگەن لىكىن ئوقۇپ بولغىچە ھىرىپ قالامدىكىن دەپ قىسقارتتىم.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 22:37:17

Qarkoz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 20:42 static/image/common/back.gif
ھىكايىغۇ شۇ بۇ ئەسەر.ھىكايە ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغا ...

ھېكايە بولغان بولسا تورداشلار بۇنداق دېمەيتتى . ماۋۇ ‹ئەسەر›دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىڭىزمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ...ھەۋەسكارلار پىشمىغان يازمىلىرىنى شۇ ‹يازما›دەپلا ئاتاپ تۇرغۇلۇق . ئەسەر دېگەن سۆزنىڭ كۇرسىنى بۇنداق چۈشۈرگىلى تۇرساق ئەسەر قالمايدۇ بىكا... تورداشلار ئۇنى-بۇنى دېسە ئۇلاردىن كۆرمەي ، ئۆزىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ باقىمىز مۇنداق ، قانچىلىك نەرسە يېزىۋەتتىم مەن ، ،ماۋۇ بىكارغا بۇنداق دېمىدى يازغانلىرىمغا قايتا بىر قاراپ باقاي ، خەپ بودو ۋەھشى يازمىسام دەپ ئۆزىمىزنىڭكىنى تولۇقلىيالىساق ئاندىن تەرەققى قىلىمىز...
شۇنداق تورداشلار كۆپىيىپ قاپتۇ نەدىكى بىر نەرسىلەرنى يوللاپ ، ۋاي نىمە بۇ دېسە ‹تەپسىلى ئوقۇماپسىز...ئويلىنىپ باقماپسىز، چۈشەنمەپسىز..› دەپ قويىدىكەن... چۈشەنسىمۇ شۇ چاغلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويغان ۋاقىتتا ئاندىن ‹كۆڭلۈمنى چۈشەنمەپسىز› دەپ تۇرۋالىدىغان ...ھەۋەسكارلار پوزىتسىيەڭلارنى ئېنىق قىلىۋېلىڭلار ... نېمە يازسا ماختاۋىردىغان يەر ئەمەس بۇ ، ئىزدىنىشتىكى تورداشلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسى تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرىنىڭكىدىن يۇقىرى...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:37:57

خەلق گېزىتى دە ئېلان قىپ باقسىز قايدا بولۇر?

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:49:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zuwansiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 13:51  

گەپ قىلاي دىسە، بىر قانچىسى بار، ھەۋەسكارنى توقماقلاپ ئۆلتۈرۋەتتىڭ دەپ ئۆكتە قوپىدىغان، خېلى نوچى نىمە يازدىغانلارنىڭمۇ يازغىنىنىڭ ژانىرىنى بىكىتىشتە ئېھتىيات قىلغانلىقىنى كۆرگەن مەن، ئۇلار ژانىرنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي شۇنداق قىلدىمىكىن دەپ قالماڭلار، يازغىنى ئۆزىگە يارىماي ئىككىلىنىدۇ، تېخى بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يازغۇچى ئاتىلىپ قېلىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ، چۈنكى بۇ يازغۇچى دىگەن ئىسىم خېلى ۋەزنى بار ئىسىم.

بۇ ئەخلىتىڭىزنى ھېكايە دەپ ئېلان قېلىۋاپتىكەنسىز، تاس قالدى ئەمەس بىر يەرلىرىممۇ ھېجاراپ كەتكىلى، سىز ئەڭ ياخشىسى  بۇنداق ئەخلەتلىرىڭىزنى بەلگىلەنگەن جايغا تۆكۈڭ!

شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
بەت: [1]
: كىتابخۇمار بالا(ھىكايە)