tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 08:58:25

پۇلىڭىز نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن كىشى مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى يىغىپ قويۇشنى ئويلايدۇ، ئەمما قانچىلىك قىسمىنى يىغسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، خارۋورد ئۇنۋىرسىسىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھەر ئايلىق مائاشنىڭ 0ى يىغىش ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن، بۇنداق بولغاندا يىغقان پۇلىڭىز بارغانسىرى كۆپىيىدىگەن. ئەمما بۇ پۇلنى ئالدىن خەجلەپ كۆنۈپ قالغان ئامېرىكىلىقلار ماس كەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن بىز ياخشىراق پايدىلانساق بولغۇدەك، خوش، ئەمدى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بەلكىم سىزمۇ مائاشىنى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پاك-پاكىز خەجلەپ بولىدىغانلاردىنمۇ دەيمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال ياشلار ئارىسىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان، ئاي ئاخىرىدا پۇلۇم قالمىدى دەپ ئاھ ئۇرغانلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا مائاش زادى نەگە كەتتى؟
كومپىيوتۇر شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ئادىلنى مىسالغا ئالساق، ئۇ بىر ئىنژىنىر، بۇ يىل 28ياشقا كىردى، ئايلىق كىرىمى 8000يۈەن ئەتراپىدا، بۇ مائاش ئەلۋەتتە ناھايىتى يۇقىرى كىرىم ھىساپلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يىغىپ قويغان ئارتۇق پۇلى يوق، ھەتتا پۇلىنى قانداق خەجلەپ تۈگەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئادىل مۇنداق دېدى: مەن ئارتۇق كىيىم ئالغاندەك ياكى بەك قىممەت غىزالانغاندەك قىلمىغان. ئەمما پۇلۇم مۇشۇنداق تۈگەپ كەتتى. ئۇنداقتا بىز ئادىلنىڭ ھىساباتىغا بىر قاراپ باقايلى: ئۇ ئۆي ئىجارىسىگە ئايدا 2000 يۈەن تۆلەيدۇ، ئاتا-ئانىسىغا 1000يۈەن ئەۋەتىپ بىرىدۇ، ئۆزى 3000يۈەن ئەتراپىدا خەجلەيدۇ، دوستىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، كىيىم-كىچەك ئېلىش قاتارلىقلارغا يەنە 1000يۈەن خەجلەيدۇ، قالغان 1000 يۈەننى تاسادىپىي ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭ يانچۇقىدا ھىچنىمە قالمايدۇ دېگەن گەپ، ئادىلمۇ بۇ مەسىلىنى تونۇپ يەتكەن، ئەمما ئۇ قەيەردىن باشلاپ بۇ ئىشنى تۈزەشنى بىلمەيۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئادىللا ئەمەس، نۇرغۇن ياشلار ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە، ھازىرقى ئىستىمال ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە ئۇلار پۇل بولسىلا خەجلەشكە ئادەتلەنگەن. ئەمما ئۇلار توي قىلىپ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن توساتتىن پۇل يىغىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىدۇ ھەممە بۇرۇن بۇزغان شۇ پۇللارغا ئىچى ئاغرىدۇ. ئۇنداقتا ئادىلغا ئوخشاش قولىدا پۇل تۇرمايدىغان ياشلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشنىڭ چارىسىنى قىلغىلى بولامۇ؟ سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش مۇتەخەسىسلىرى بۇنىڭغا مۇنداق مەسلىھەت كۆرسەتتى: بىر ئايلىق مائاشنى ئالدى بىلەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، بىر قىسمىنى مەجبۇرىي يىغىپ قويۇش كىرەك، مەسىلەن ئادىلنىڭ شارائىتىدا ئۇ ئايدا 3000يۈەننى يىغىپ قويسا مۇۋاپىق بولىدۇ، قالغان پۇلنى باھاغا قاراپ تەپسىلىي سىلىشتۇرۇپ خەجلەش كىرەك، يەنى بۇنىڭدىكى بىرىنچى قەدەم: كۈندىلىك چىقىم-كىرىمنى خاتىرىلەپ مېڭىش. بۇنداق بولغاندا سىز دەپتىرىڭىزگە بىر قاراپلا پۇلنى قايسى ئورۇنغا ئارتۇق خەجلەپ قويغانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز، بۇنىڭدىن باشقا، قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە خەجلەڭ، مەسىلەن ئادىل ئۆز كەسپىگە ئائىت بىرەر تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاتناشسا بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كەلگۈسىدە مائاشىنىڭ قوشىلىشىغا ساپا ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يىغىپ قويغان پۇل مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇنى بانكىدىن سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى سېتىۋىلىشقا سەرپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، گەرچە قارىماقتا ئايدا كىرىدىغان كىرىم كۆپ بولمىسىمۇ، لىكىن تاما-تاما كۆل بولا دېگەندەك، بۇ پۇلمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن سىزگە ئەسقىتىپ قىلىشى مۇمكىن، ئەڭ مۇھىمى ئايدا پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىگەندىن كۆرە، پۇلنى پۇل تاپىدىغان ئورۇنغا ۋاقىتلىق قويۇپ قۇيۇش تىخىمۇ ئاقىلانىلىك بولسا كىرەك، ئىشقىلىپ مائاشىڭىزنى ئېلىپلا خەجلەشكە ئالدىرىماڭ، چوقۇم ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ھەتتا نەچچە يىلدىن كىيىن پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاڭ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىنى پەقەت يەنىلا ئۆزىڭىز ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالىسىز.
ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:30:31

   قايسى ماتىريالدىن كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە يوق ، ئەمما شۇنداق بىر ماتىريالدىكى « مۇئاشنى بەشكە بۆلۈش پىرىنسىپى  » دىگەن مەزمۇن تولۇق بولمىسىمۇ ئېسىمدە قاپتىكەن . شۇنىڭدا مۇئاشلىقلار مۇئاشنىنى بەشكە بۆلۈپ ئىشلەتسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ ، يەنى بەشكە بۆلۈپ بەش ئۈلۈشنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئۈلۈشىنى ئائىلىنىڭ دائىملىق خىراجىتىگە ، بىر ئۈلۈشىنى دوستلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ( بۇ پۇلنى سىز ئۈچۈن مەنپەئەت تېگىدىغان دوستلارغا ئىشلىتىش ) ، بىر ئۆلۈشىنى كىتاپ سېتىۋېلىشقا ، بىر ئۈلۈشىنى ھەر خىل تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا  ( يەنى ئۆمۈرلۈك مائارىپقا مەبلەغ سېلىش ) ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆلۈشىنى بانكىغا قويۇش دەپ بۆلگەنىكەن . بۇ خىل بۆلۈش پىرىنسىپىغا كۆپىمىز ئەمەل قىلىپ كېتەلمىسەكمۇ ئەمما خېلىلا ئىلمىيلىكى باركەن دەپ ئويلىغانىدىم .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:33:00

8000 كوي....................ۋاھ.....................كۆپ پۇلغۇ.............................

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:30:10

بانكىدىن قەرز ئېلىپ، ماشىنا، ئۆي سېتىۋېلىش كېرەك، راھەتنى بالدۇرراق سۈرۈش كېرەك. ماشىنىنى يېڭى ئالغان ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ بىرىنىڭ مائاشى قەرز تۆلەش بىلەن ئۆتەتتى، لېكىن تۇرمۇشىمىز ئۇنچىۋالا غۇربەتتە ئەمەس ئىدى، قەرزنىمۇ تۆلەپ بولدۇق، لېكىن تۇرمۇشىمىز ھېچ پاراغەتكە ئۆتەي دېمىدىغۇ.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 11:00:20

مەنمۇ مەكتەپتە ھەر ئايدا مىڭ كويدىن كۆپرەك پۇلنى نىمىلەرنى ئېلىشقا سەرپ قىلغىنىمنى بىلەلمەي قالىمەن،مەكتىۋمىزدىمۇ تاماقنىڭ بىر ۋاخلىق ئەڭ ئالىي تامىقى يەتتە كوي بولمىسا.{:216:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 11:27:12

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 11:46:47

كەلگۈسى ئون نەچچە يىللىق كىرىمىمىزنى ئۆي ئېلىش ئۈچۈن خەجلەپ بولساق ، قايسى پۇلنى يىغىدۇ ، ، ،

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 13:04:57

ئەيشى- ئىشرەت، ئويۇن تاماشاغا ئامراق ئادەم بولمىسىلا مۇئاشنى شۇ ئايدا پاك- پاكىز تۈگۈتىۋەتمەيدۇ.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 17:42:11

ئۆزىڭىزگە تايانسىڭىز مۇنداق ئۇتۇققا ئىرىشىسىز ، مۇنداق ياشىيالايسىز دەپ ئادەمنى گالۋاڭ قىلىدىغان گەپلەر بىلەن كوڭۈلنى خوش قىلدىغان مۇشندا بىر خىل مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى يازدىغانلارنى كۆزىنىڭ چاپىقىنى ئادالاپ كىلىپ يازسسا يا بولمىسا بۇنداق ئىپادىلەش شەكلى ھەر خىل بولغان بىلەن ئ.اساسىي مەزمۇنى بىر خىللا ماقالىلەرنى ئازىراق يىزىپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسىكەن دەيمەن . خەقنىڭ ۋاقتىنى ئالغىقچە .
ئۆتكەندە بىرسى بالىڭىز پوق يىسە ھۆكۈمەت ھاجەتخانىنى تاقۋەتسىنمۇ دەپ تەنە قىلۋاتقان ، كىيىن بۇ گەپ ئۇندىدار سالۇنلىرىغا چىقىپ كىتىپتۇ . بۇ گەپنى دىگەن ئادەممۇ قارىغاندا ئۆزىگە تايىنىش تەرەپدارى بولسا كېرەك . سوراپ باقسام دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن ئۆز مەجبۇريىتىنى  ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ نەرى خاتا . خەق ئۇ يەردە ئىشخانىدا چاي ئىچىپ ، گېزىت كۆرەپ ، قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ بىز تۆلىگەن باجدىن مۇئاشنى ۋاقتى -ۋاقتىدا ئېلىپ ، ئىداردىن تەمىنلىگەن ئەرزان تۇرالغۇ ئۆي ، يۇقىرى پىرسەنتلىك داۋالىنىش ئاتچۇتى ۋە باشقا پاراۋانلىقلاردىن بەھرلەنسە بىزدەك ئاغرىپ قالساق دوختۇرخانىغا پۇل چىقىش قىلالماسلىقتىن قورقىدىغان ، ئىشقا بارالمىساق مۇئاشىمنى تۇتىۋالسا ئاي ئاخىرىغا پۇل يەتمەي قالامۇ دەپ دەككۇ -دۈككىدە يۈرۈيدىغانغانلار يەنە ئۆزىمىزگە تاينىپ باللىرىمىغا قارايلى دەپ شۇئار توۋلاپ يۈرسەك بۇ ئوچوق ئاشكارا قۇلچىلىق بولماي نىمە . ھەممە ئىش لايقىدا بولغىنى ياخشى ، ئۆزىگە تاينىشمۇ كېرەك ، تەلەپ قىلىشقا تىگىشلىك بولسا تەلەپ قىلىش كېرەك . تەلەپ قىلمىساق ئۇلار بىر كۈن ئۆزى ئىنساپقا كىلىدۇ دەيدىغان ئۈمىداۋارلاردىن يەنە كىملەر بار ؟
ئۇلۇغۋار گەپنى قوياپ نەخ گەپنى قىلاي ، مەن ئايدا 5000 ئالىمەن ، ئايدىن ئايغا ئاران يىتىدۇ . بىر ئىككىنچى قول ماشىنام بار ، يېڭىسىغا پۇل چىقىش قىلىپ بولالمايمەن . ماشنىغا يىلدا سىتراخانىيە ، ساي يولى ھەققى ئالىمەن . يىللىق تەكشۈرۈتىمەن ، بۇ يىل يىللىق تەكشۈرتۈشتى ئۆتەلمەي ئوتتۇردىكى ئادەمگە 500 ، رىمۇنىتقا 300 كەتتى . ئىشقا بېرىپ كەلگىچە ماي قاچىلايمەن ، گەز تۇڭنى ئېلىۋەتتىم ، چۈنكى گاز قاچىلىغۇچە  تۇرسام ئىشقا كچىكىمەن ، كەچتە قاچىلاپ قوياي دىسەم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگىچە بەك كەچ بولۇپ كىتىدۇ ، بەزىدە بارسام تېخى گاز يوق ، گازىنى يىللىق تەكشۈرتىش چىڭ بولۇپ كىتىپتۇ ، ئۇنىڭغىمۇ پۇل تۆلەش كېرەك ،چىقىمى ئېشپ كىتدىكەن . ماشىنىنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرى بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ ، ھەر ئاپارسام 100يۇەن ئەتراپىدا ، بەزىدە 300يۇەنگە سايمان سالىدۇ ، جۇڭگۇدا نىمىگە پۇل ئالمايدۇ بىلمىدىم ، ئىچكىردە ھاۋا ساتقىلى تۇرۇپتۇ دەيدۇ ،شۇ قالغان پۇل ئالمايدىغاندىن . سىرىتتا نەگە ماشىنا توختاتسا پۇل ، يولنىڭ بويىغا توختاتسا جەرىمانە ، پىيادىلەر يولىنىمۇ چۆرىدەپ پۇل ئالدىغان قىلىۋاپتۇ . ئۆزەمنىڭ ئىشكنىڭ ئالدىغا قويسام تېخى خوجىلىق باشقۇرۇش پۇل دەيدۇ . شۇ بىر ماشنىلا ئادەمنى قىيناشقا يىتىپ ئاشىدىكەن . ئايدا ئۆينىڭ توك ، سۇ ، تېلېفۇن ، تور ۋە باشقا چىقىملىرى تېخى تۇرغان .
ئىشقىلىپ چىقىم جىق . ئەمدى شۇ ھالىڭغا نىمە ماشىنا ئالدىڭ دىسەڭلار ئىش ئورنى يىراق ، ئەتىگەندە ئاپتۇۋۇزدا ئىككى سائەت كىتىدۇ ، كەچتە ئىككى يېرىم سائەت ، يولداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەر پېچەت ماشىنلىرى بار ، بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىگە تايانغاندۇ ، لىكىن مەن نىمشقا ئۆزەمگە تاينىپ شۇلاردەك بولالمايمەن  جىق ئويلىدۇم ، بەلكىم بەزى ئىشلاردا ھەق -ناھەق قارشىمىز ياكى ھالال -ھارام قارشىمىز تۈپەيلىدىندۇر ،ھازىر سەل -پەل ھىس قىسام جىق ئىشلار ئۆزىگە تايانغان بىلەنلا ھەل بولۇپ كەتمەيدىكەن . بۇنداق دىسەم بىڭسى يوق جەمئىيەتتىن ئاغرىندى دەيدىغانلار چىقىدۇ . راس مەن ئاغرىنىمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئۆزىگە تايىندىغانلارنىڭ ھەممىنى ئۆزىدىن كۆرۈپ چۈشكۈنلۈشۈپ كەتمەسىلكىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن . پۇل تېپىش ئاخىرقى نىشان ئەمەس ، قۇرۇق گەپكە گول بولۇپ ياشاشمۇ ھەم شۇندااق . شۇڭا ھەممىنى بىر كېچىككە باشلاپ مۇھىم مەسلىدىن چەتنەيدىغانلارغا يۇقۇرقى گەپلەرنى دىگۈم كىلىپ يازدىم . بۇ گەپ ئۈستىدىكى ھىچكىمگە قارىتلمىغان ، بەزى گەپلەر سەل چالا بولۇپ قالدى ، شۇڭا نەقىل  ئېلىپ يۈرمىسەڭلار .

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 13:06:30

يەنىلا جەنۇپ ياخشىكەن

ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەسمۇ نېمە؟

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 11:06:44

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 11:27 static/image/common/back.gif
بىرىنجى ئاينىڭ ئون ئۈچىدىن باشلاپ قولاي ھېساباتتىن پا ...

قولاي ھېساباتتىن  مۇشۇنى قەيەردىن چۈشۈرەلەيمەن .........

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:30:24

بەت: [1]
: پۇلىڭىز نەگە كەتتى؟