tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 08:52:48

100 مەشھۇر تۈرك

100 مەشھۇر تۈرك

ئىچىدىكىلەر:
1. ئوغۇزخان
2. ئاتتىلا
3. فارابى
4. ئىبىن سىنا
5. ئالپ ئارسىلان
6. مەھمۇد كاشىغەرى
7. چىڭگىزخان
8. مەۋلانە
9. ھاجى بەكتاش ۋەلى
10. نەسىرىددىن ئەپەندى
11. ئوسمان غازى
12. يۇنۇس ئەمرە
13. قارا كۆز
14. تىمۇر
15. سۇلايمان چەلەبى
16. يىلدىرىم بايەزىد
17. ھاجى بايرام ۋەلى
18. ئاقشەمسىددىن
19. ئۇلۇغبەگ
20. ئەلى قۇشچى
21. ئۇلۇغباتلىق ھەسەن
22. فاتىھ سۇلتان مەھمەت
23. قارامانلىق مەھمەت بەي
24. ياۋۇز سۇلتان سەلىم
25. مىمار سىنان
26. بايبارىس
27. تۇرغۇت رەئىس
28. فۇزۇلى
29. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان
30. پىرى رەئىس
31. سوقۇللۇق مەھمەت باشا
32. پىر سۇلتان ئابدال
33. باقى
34. كۆر ئوغلى
35. كۆپرۈلۈك مەھمەت پاشا
36. قاراجا ئوغلان
37. كاتىپ چەلەبى
38. ئەۋلىيا چەلەبى
39. سۇلتان مۇراتⅴ
40. ھازەرفەن ئەھمەت چەلەبى
41. نائىما
42. ئىبراھىم مۇتەفەرىق
43. لەۋنى
44. نەدىم
45. ئالەمدار مۇستافا پاشا
46. سۇلتان سەلىم ⅲ
47. ئىسمائىل دەدە ئەپەندى
48. سۇلتان مەھمۇد ⅱ
49. بۈيۈك رەشىت پاشا
50. ئەلى پاشا
51. كەچەجىزادە فۇئات پاشا
52. مىتھەت پاشا
53. ئەھمەت ۋەفىق پاشا
54. ئۇزۇن مەھمەت
55. زىيا پاشا
56. شىناسى
57. ئاگاھ ئەپەندى
58. غازى ئوسمان پاشا
59. نامىق كامال
60. ئوسمان خەمىد بەي
61. سۇلتان سۇلايمان ئابدۇلھەمىدⅱ
62. ئەھمەت مىتھەت ئەپەندى
63. ئابدۇلخالىق خەمىت تارخان
64. خوجا يۈسۈف
65. نەنە خاتۇن
66. ھۈسەيىن رەھمى گۈرپىنار
67. ئەھمەت راسىم
68. خالىد زىيا ئۇشاقلىگىل
69. تەۋفىق فىكرەت
70. مەھمەت ئاكىف ئەرسوي
71. تەلئەت پاشا
72. ھۈسەيىن جاھىد يالچىن
73. زىيا گۆكئالىپ
74. فەۋزى چاقماق
75. ئەنۋەر پاشا
76. ئاتاتۈرك
77. ئىبراھىم چاللى
78. كازىم قارا بەكر
79. جالال بايار
80. ئىسمەت ئىنۆنۈ
81. خالىد ئەدىب ئادىۋار
82. مازھار ئوسمان ئۇسمان
83. يەھيا كامال باياتلى
84. ئۆمەر سەيفەتتىن
85. رىشات نۇرى گۈنتىكىن
86. ناشىت
87. مۇھسىن ئەرتوغرۇل
88. ئاشىق ۋەيسەل
89. جامال گۈرسەل
90. كازىم تاشكەنت
91. سادات سىماۋى
92. ئادنان مەندەرەس
93. جەۋدەت سۇناي
94. ۋەخبى كوج
95. جامال نادىر
96. قۇبىلاي
97. سەئىد فائىق ئاباسىيانىق
98. كەرىمان خالىس ئەجە
99. ئورخان ۋەلى قانىق
100. ياشار دوغۇ
مەنبە:تۈركچە‹100 مەشھۇر تۈرك›ناملىق كىتاپتىن ئېلىنغان

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:05:54

ھەر-بىرىنىڭ بىرە ئابزاستىن بولسىمۇ تەرجىمھالى بولغان بولسا قىممەتلىك ماتېرىيال بولاركەن . بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق ھەقىچان .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:25:47

چىڭگىزخاننى تۈرك دىيىشكە نىمە ئاساسلار بار؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:28:07

بۇ ئاساسلىقى تۈركىيە تۈركلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلىپتۇ،پۈتۈن تۈركى مىللەتلەر ئەمەسكەن،ئاپتور پۈتۈن تۈركى مىللەتلەرنى زىيارەت قىلىپ يازغان بولسا توغرا بولاتتىكەن

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 09:32:45

. فارابى
4. ئىبىن سىنا


بۇلارنى  پارىسلارمىكىن  دەيمەن  تىخى:lol

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:53:38

ئىبىن سىنانى ئەرەبمىكىن دەيمەن.

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:54:55

چىڭگىزخان، تىمۇر، ئۇلۇغبەگ دېگەنلەرنى تۈرك دەپ قارىغىلى بولماس...
بەزى كىتاپلارغا قارىسام سەئىدخاننىڭ ئەجدادى موڭغۇللارغا بېرىپ قالدىكەن :shutup:

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 11:09:15

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانمۇ يوقكەن تېخى،نەدىكى مۇڭغۇلنىڭ پۇشتىدىن بولغان چىڭگىزنى تۈرك دەۋالىشلىرنى كۆرەڭ،ماڭقۇرۇتلانىڭ يازغان نىمسىكەن بۇ.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 12:06:17

تونۇيدىغانلىرىمىزنىڭ بىرەر قۇردىن تەرجىمىھاللىرىنى يېزىپ تولۇقلىۋېتەيلى، پايدىلىق بىر نەرسە بولغۇدەك.
1. ئوغۇزخان: تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بوۋىلىرىنىڭ بىرى، تۈركلەرنىڭ خاقانى، بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىگە ئىسىم قويغۇچى.
2.  ئاتتىلا: ھون ئىمپېراتورى، «تەڭرى قامچىسى»
3. ئەبۇ ناسىر فارابى: ئىككىنچى ئارستوتېل، شەرق ئارستوتېلى، ئارستوتېلدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان پەلسەپىنى قايتا تىرىلدۈرگۈچى.
4. ئىبنى سىنا: ئىلىم دۇنياسىدا ئاۋسېننا نامى بىلەن مەشھۇر، دۇنيادا نەچچە يۈز يىل تىبابەت ئىلمى دەرسلىكى بولغان ئەلقانۇن فى تىب (تىبابەت قانۇنى) نىڭ ئاپتورى، ئىلمىي مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بوۋىسى.
5. ئالپ ئارسلان: سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم سۇلتانى. 1071-يىلى 13-مارتتىكى مالازگىرت ئۇرۇشىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى دەھشەتلىك مەغلۇب قىلىپ ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنى ئەسىر ئالغان. كېيىنكى يىلى قاراخانىيلار قەلئە قوماندانى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ.
6. مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى، تۇنجى دۇنيا خەرىتىسىنى سىزغۇچى، قاراخانىيلار شاھزادىسى.
7. چىڭگىزخان: تېمۇرچىن، تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىنىڭ قۇرغۇچىسى.
8. مەۋلانە: جالالىددىن رۇمى، مەشھۇر تەسەۋۋۇپ ئالىمى، شائىر، مۇتەپەككۇر.
9. ھاجى بەكتاش ۋەلى: بەكتاشىيە مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى.
10. نەسرىددىن ئەپەندى: تۈرك دۇنياسىدا نامى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك تارقالغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئوبرازى.
...
قېنى، داۋامىنى كەلتۈرمەمسىلە.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 12:24:08

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 12:06 static/image/common/back.gif
تونۇيدىغانلىرىمىزنىڭ بىرەر قۇردىن تەرجىمىھاللىرىنى ي ...

مەۋلانا نى (ئەۋلىيا ) دىمىسە تۈركلەر خاپولامىكى

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 13:03:56

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 14:44:13

تۈركىيەدىكى تار تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ جۆيلىمىسىكەن خالاس.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 15:06:10

بىر مۇڭغۇل ئەدىپ ئاماننىسا بىزنىڭ مۇڭغۇللارنىڭ كېلىنى دېگەن ئىدى .:funk:

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 15:58:58

ناۋايى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ يوققۇ. تۇمارىسمۇ يوق. ئىشقىلىپ بىز ئېتىراپ قىلمايىز.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 18:04:59

كىم تاللىغان 100مەشھۇر كەن بۇ؟  ئەزىز نەسىين بىلەن كامال سۇنال يوق تۇرىدۇ ،

ماۋۇ كىتابنىڭ نوپۇزىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 18:08:39

مەن قارىسام جۇگېلياڭ بىلەن گەندى  بۇ تىزىملىككە يېزىلماي قالغان ئوخشايدۇ

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 18:26:36

بۇ پەقەت بىر يازغۇچى توپلىغان يۈز مەشھۇر تۈرك ، ھەرگىزمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق قاراشلىرى ئەمەس ، بەلكىم بۇنى تۈركىيەدىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلار ۋە قىلمايدىغانلار بار . موڭغۇللارنى بەزى تەتقىقاتچىلار تۈرك قان سېستېمىسىدكى مىللەت دەپ قارايدۇ ، تۈركىيەدىمۇ بۇ خىل قاراشتىكىلەر كۆپ بولغاچقا يازغۇچى چېڭگىزخاننىمۇ يۈز مەشھۇر تۈركنىڭ ئىچىگە تىزغان گەپ .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 21:07:28

لىيۇدىخۇا بىلەن خۇڭجىنباۋ چۈشۈپ قالغاندەك تۇرامدۇ نېمە

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 02:13:44

ئەلى كرورەن

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 08:43:47

موڭغۇللار قاچان تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ قالدى؟ 12-ئەسىردە. بۇرۇن ھېچقانداق تارىخىي كىتابلاردا موڭغۇللار توغرىسىدا مەلۇماتلار يوق ئىدى. پەقەت قارا تاتار دەپ مەلۇمات بار ئىدى. رۇسلار مىللەتلەرنى بۆلۈش سىياسىتىدە تۈرك ئۇلۇسىغا تەۋە بولمىش موڭغۇللارنى ئايرىم بىر مىللەتكە، تۈرك قان سىستېمىسىدىن ئايرىپ چىقىرىپ باشقا بىر مەنبەگە ئىگە قىلىپ قويدى. موڭغۇللار ھازىر مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ يەككە يىگانە قالدى. تارىخنى غالىبلار مەغلۇبلارنىڭ دۈمبىسىگە پىچاقتا تىلىپ يېزىۋاتىدۇ.
بەت: [1] 2
: 100 مەشھۇر تۈرك