bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 21:50:39

ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار
(باھادىر يىگىت)



ئاسىيادا ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدىن باشقا يەنە قازاقىستان،قىرغىزىستان،ئۆزبىكىستان،سەئۇدىى ئەرەبىىستانى،ئافغانىستان،تۈركىيە،پاكىستان،تاشقى مۇڭغۇل،تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدۇ.بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان،ئۆزبىكىستان ،قىرغىزىستاندا بىرقەدەر كۆپ.ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتلەردە تەسىرى بىرقەدەر كۈچلۈك مىللەتلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ.تۆۋەندە مەملىكىتىمىزدىن باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىمىز.
    1.ئۆزبىكىستان : تارىخى نۇقتىنەزەر بۇيىچە قارىغاندا ئۆزبىكىستاندا 6مىلىيۇندىن 7مىلىيۇنغىچە ئۇيغۇرلار بار.لىكىن ئۆزبىكىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ سىتاستىكىسىدا پەقەت 45مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ قارايدۇ. ئۆز بىكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلار بولسا ئۇيغۇرلار سانى بىرمىلىيۇن 500مىڭدىن كام ئەمەس دەپ قارايدۇ.بۇنداق ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ساختا مەلۇم قىلغان.چۈنكى  ئىسلام كېرىمۇف ئۆزبىكىستان زۇڭتۇڭى بولغان ۋاقىتتا :«دۇنيادا ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق،ئۆزىنى ئۇيغۇر دىگەنلەر ئۆزبىكىستاندىن چىقىپ كىتىڭلار »دەپ جاكارلىغان.بۇنداق ئۇيغۇرنى پەس كۆرىدىغان سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىن قورققان.ئەگەر ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىسا جەمىيئەتتە ئورنىنىڭ بولماسلىقىدىن خىزمەت تاپالماسلىقتىن قورققان.يەنە بۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئامالسىز كىملىكىدىكى مىللەت نامىنى ئۆزبىك دەپ ئۆزگەرتكەن.شۇڭا ئۆزبىكىستاندىكى ھۈكۈمەت سىتاستىكىدىكى ئۇيغۇرلار سانى ئاز.لىكىن چەتئەل ئالىملىرى بىردەك ئۇيغۇرلار نى نەچچە مىلىيۇن دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلانىڭ مەدەنىيەت ،تىل ،ئۆرپ ئادەت جەھەتتە ئۆزبەكلەر بىلەن بەك ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى سەۋەب بولغان .نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزبىكىستاندىكى بىرىنچى مىللەت ئۆزبەكلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.
    2.قازاقىستان:قازاقىستان جۇمھۇرىيتى مەدەنىيەت ۋە ئاخپارات مىنىستىرلىكى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېلان قىلغان سىتاستىكىسدا قازاقىستاندىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سانى231مىڭ400بۇلۇپ ئۇمۇمى نۇپۇسنىڭ 1.5پىرسەنتىنى ئېگەللەيدۇ. بەزى ماتىرىياللاردا بولسا 480مىڭدىن 500مىڭغىچە دەپ ئېلان قىلغان.قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلار مۇتەخەسىسلەر بولسا ئاز دىگەندىمۇ بىر مىلىيۇن 200مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر بار دەپ قارايدۇ. قازاقىستان جۇمھۇرىيتىدىكى ئۇيغۇرلار ئچدە 42دوكتۇر ،4ئاكادىمىك ،200دىن كۆپ كاندىدات پىراففىسور  ،5قازاقىستان خەلىق سەنئەتكارى ،20دىن كۆپ « قازاقىستان تۆھپىكار خىزمەتچى»مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى  ،393نەپەر ھۈكۈمەت ۋەكىلى بار.ئۇندىن باشقا قازاقىستاندا بىر ئۇيغۇر تىياتىرخانىسى،قازاقىستان يازغۇچىلار جەمىيتىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلار تارمقى،قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتىدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستۇتى بار.قازاقىستاندا 42ئۇيغۇر مەكتەپ بۇلۇپ بۇنىڭ 14تى ئالمۇتتا ئوبلاستىدا.ئالمۇتتا شەھىرىدە 3ئۇيغۇر مەكتەپ بار.
  3.قىرغىزىستان: قىرغىزىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ سىتاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشچە ھازىر قىرغىزىستاندا 70مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇ ربار.لىكىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ سىتاستىكىسدا بۇسان 150مىڭ دىيىلگەن.بۇنىڭ ئەكسىچە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىم مۇتەخەسىسلەر ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ سىتاستىكىسىدا بولسا 250مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر بار دىيىلگەن. قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق بىشكەكتە بۇلۇپ بىشكەتىلا 50مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن.يەنە بەزى سىتاستىكىدا بولسا بىشكەكتە 70مىڭ ئۇيغۇر بار دىيىلىدۇ. ئۇندىن باشقا قاراقۇر،ئۇش،توخماق،ئۈزگەن قاتارلىق جايلاردا 60تىن ئارتۇق ئۇيغۇر كەنتى بار.قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار مىللى كەمسىتىشنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.ھۆكۈمەت قوغداپ تۇرسىمۇ لىكىن ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىدىغان كەمسىتىدىغان ئىشلار پات پات يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. 2010-يىلى قىرغىزىستاندا قالايمىقانچىلىق چىققاندا ئۈلۈم تەھتىدىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىشكەككە قېچىپ كىلىۋالغان.ھۈكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل ۋەزىيەت بارا بارا ئوڭشالغان.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق دىھقانچىلق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇلۇپ قىرغىزىستاندا زور تەسىرى كۈچكە ئىگە.ئاساسلىق سەي كۆكتات ئۆستىرىش مىۋىلىك باغ بەرپا قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇندىن باشقا توپ تارقىتىش،تاشقى سودا،كۆن خۇرۇم،قۇرۇلۇش ماتىرىياللىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ،يىمەك ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان سودا ساھەسدە ناھايتى كۈچلۈك بۇلۇپ بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ.شۇڭلاشقا قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇنۋىرستىمۇ ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتىنى ئاچقان.ئۆزبىكىستانغا سېلىشتۇرغاندا قىرغىزىستاندىىكى ئۇيغۇرلا بىرقەدەر تىنىچ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدە ياشايدۇ.قىسمەن مىللى كەمسىتىشنى ھېساپقا ئالمىغاندا.
   4.سەئۇدى ئەرەبىستانى:ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 130مىڭدىن 150مىڭغىچە ئۇيغۇر بار بۇلۇپ ئاساسلىق جىددە،مەككە،مەدىنە،تائىف،رىياد،دامان قاتالىق شەھەرلەرگە تارقالغان.  ئۇيەرگە كۈچۈپ بارغان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بۇلۇپ،2-ئەۋلادتىن باشلاپ  (دۆلتمىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن بارغان 2-،3-،4-ئەۋلاد ئۇيغۇرلار نى سەئۇى ئەرەبىستانى  نۇپسقا ئالمىغان ياكى ناھايتى تەستە ئالغان،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلا ر ئاسالىق جۇڭگو پاسپورتى ،تەيۋەن پاسپورتى ياكى تۈركىيە پاسپورتى بىلەن تۇرىدۇ) سەئۇدىدىكى ۋە ئامرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدە ئالى مائارىپ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلىپ تىرىشىپ ئۆگنىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھۈكۈمەت،مائارىپ،سەھىيە،ئۆي مۈلۈك،كۆچمە ئالاقە،ئاۋىئايسىيە،قاتناش قاتارلىق جايلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرغا شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.ئۇندىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە داڭلىق يازغۇچى، ئالى مەكتەپ مۇدىرى،تەھرىر،بانكا باشلىقى ...قاتارلىقلار چىققان.سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياغ شاھى دەپ نام ئالغان ئىمىن ئابدۇغۇپۇر (تىگى شىنجاڭ غۇلجىدىن)ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تەۋەلىكىددىن بۇلۇپ جۇڭگو سەئۇدى سودا دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى ئاۋانگارتلارنىڭ بىرى.ئۇ ھەريىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سودىگەرلەرنى باشلاپ گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ۋە ياۋرۇ ئاسىيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ.سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيەردە قەشقەر سارىيى(رابات) ،ئاتۇش سارىيى(رابات)،خوتەن سارىيىنى(رابات) ئاچقان بۇلۇپ شىنجاڭدىن ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان ئۇيغۇرلارنى ۋە شىنجاڭدىن بارغان قازاق قىرغىز قېرىنداشلارنى  ھەقسىز ياتاق تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
   يۇقۇردا تۇنۇشتۇرۇلغىنى ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى.چەتئەل ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ سىتاستىىسدا دۇنيادا 30مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار ،بەزى سىتاستىىدا 18مىلىيۇن ياكى 20مىلىيۇن ھەتتا 12مىلىيۇن دىگۈچىلەرمۇ بار.بۇنداق ئوخشىمىغان سىتاستىكىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئېتقاد،ئۆرپ ئادەت،تىل جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇلۇپمۇ ئۆزبەكلەر شۇنداق بولغاچقا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇلارغا سىڭىشىپ كەتكەن ياكى ھۈكۈمەت مىلىلى كەمسىتىش سەۋەبىدىن ساختا سىتاستكا بىلەن تەمىنلىگەن. نىمىلا دىمەيلى ئۇيغۇرلار گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلىلى كەمسىتىشكە ئۇچرىسىمۇ لىكىن ئۆز تىرىشچانلىقى بىلىم سۆيەرلىكى بىلەن شۇ دۆلەتلەردە تەسىرى كۈچلۈك مىللەت بۇلۇپ ياشىماقتا.يۇقارقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە ياۋرۇپا ئامرىكا قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۇيغۇرلار بار.شىياڭگاڭ ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئاۋىستىرالىيەدە 30مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر بار ئىكەن. تورداشلارغا دەيدىغىنىم ھەممە نەرسە ئۆز يۇرتىدا ئەزىز بولىدۇ.شۇڭا ئەجداتلىرىمىز «كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول»دەپتىكەن.ئەينى ۋاقىتتا سەئىدىخانمۇ ئوتتۇر ا ئاسىيادا بىر مەزگىل ھاكىمىيەت تىكلەپ كىيىن يەنىلا ئۆز يۇرتلىرىمىز ياخشى دەپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندە بارلىق خەلىق ئۇلارنىڭ كەلگىنىدىن بەكمۇ سۈيۈنگەن ئىكەن. تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ بىلىم ئېلىپ ئاشۇ خەقنىڭ يۇرتلىرىدا ياشاپمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلا قالماي بەلكى شۇ دۆلەتلەردە بىركىشلىك ئورنىنى تىكلەپ ئادەمدەك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ئۆگىنەيلى.بىلىم ئېرپان ئىگەللەپ مىللىتمىز ئىچىدىكى دوكتۇرلارنى،كەشىپىياتچىلارنى،تەتقىقاتچىلارنى كۆپەيتشكە تىرىشايلى.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:18:57

شۇ سىتاتىستىكىلارنىڭ مەنبەسىنى كۆرۈپ باقساق. ئۆزىڭىز توقۇۋالمىدىڭىز ھەقىچان...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 10:36:06

سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۆمىتىنىڭ، 2-3-4- ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى، سەئۇدى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۆزمەسلىكىنىڭ چوقوم، دىپلوماتىيە سىرى بولىشى ئىنىق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

function يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 14:48:16

خەپ! دەپ قويدۇق

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 15:13:43

    بۇرۇنقى مۇھاجىر بولۇپ چەتەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسلىك ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى تاللاپتىكەن . 90 . يىللاردىن كېيىن كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن ياۋروپا ، ئاۋىستىرالىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىگە يۈزلەندى . قارىغاندا بۇندىن كېيىن ئاسيادىن باشقا قىتئەلەردىمۇ ئۇيغۇرلار سالماقلىق بىر نوپۇس ھالىتىگە كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ .

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 15:46:40

بەك ھاياجان بىلەن يېزىپسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى نوپوسى 12 مىليونغا بارىدۇ. بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكىنى ھېسسىي سان.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 16:02:15

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 15:46 static/image/common/back.gif
بەك ھاياجان بىلەن يېزىپسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى نو ...

سىزنىڭ سىتاستىكىڭىزنى كۇرۇپ باقمامدۇق ! ھەر نىمە بولسا ئاساسسىز گەپ قىمىغانسىز .

bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 16:35:27

turkzad يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 10:18 static/image/common/back.gif
شۇ سىتاتىستىكىلارنىڭ مەنبەسىنى كۆرۈپ باقساق. ئۆزىڭىز  ...

بۇ سىتاستىكىنى شىنجاڭ ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىدىن ئەسئەت تۇرغۇنباي ئەپەندى يازغان .خەنزۇچىسىنى تاپالىدىم . بۇكىشى مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلسىنى تەتقىق قىلىدىكەن.تۆۋەندە ئادرىسىنى يوللىدىم .كۈرۈپ بېقىڭ.تۆۋەندىكى شۇ ماقالىسىنىڭ ئادرىسى.

http://www.360doc.com/content/13/0225/20/2812407_267867540.shtml

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 16:59:13

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىشى ھەققىدە تارىخچى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ماقالىسى بارمىدۇ ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 17:47:54

http://www.chinawestnews.cn/wwfzb/2014-08/


قانۇنچىلىق گىزىتىگىمۇ پەلپەتىش گەپلەرنى يىزىپ خەلىقكە سۇنامدۇ؟

ھۆكۆمەت پۇلىنى شەخسىي ئامانەتكە قويۇپ قويۇپ، بىردەم باشلىق، بىردەم بوغالتىر شەخسى ئامانەتتە ساقلاپ، خىيانەتچىلىك قىلمىغانلىقىنى، پۇلنى ساقلاپ بولالمىغانلىقىغا ئارتىشى ھەقىقەتەن چاكىنىلىققۇ!

bahadiryigit يوللانغان ۋاقتى 2014-8-13 20:42:04

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 15:46 static/image/common/back.gif
بەك ھاياجان بىلەن يېزىپسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى نو ...

مەن ھاياجان بىلەن يازمىدىم.بەلكى شىنجاڭ پەنلەر ئاكادىميسى ئوتتۇر ائاسىيا تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى  ئەسئەت ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى بولسا ئىشەنچىلك چوڭ توربەتلەردىن ھەرخىل ئاخپارات ۋاستىللىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسنى تەمىنلىدىم.ھەرگىزمۇ چۇقۇم مۇنداق دىمىدىم.ھەتتا سىز ئېيتقان 12مىلىيۇنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بار قېرىندىشىم. ئەستائىدىل ئۇقۇغايسىز.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 08:39:11

bahadiryigit يوللىغان ۋاقتى  2014-8-13 20:42 static/image/common/back.gif
مەن ھاياجان بىلەن يازمىدىم.بەلكى شىنجاڭ پەنلەر ئاكاد ...

شىنجاڭ پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ سانلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نۇپۇس سىتاتىستىكىسىدىن كىلىدۇ.  سىتاتىستىكا قىلماي 20 مىليون ئۇيغۇر بار دىگەنلەرنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىدىن، ئاڭلىغانلىرىدىن كىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئىككىلىسى ئوخشاش، تالىشىشقا ئەرزىمەيدۇ.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 16:52:17

مىللەتنىڭ نوپوسى كوپ بولغان ئەۋزەلمۇ  ياكى نوپوسى ئاز بولسىمۇ دۇنياغا تەسىر كورسەتكۇدەك ئالىم ، سىياسىيونلىرى كوپ بولسا ئەۋزەلمۇ ؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 21:23:56

Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 16:52 static/image/common/back.gif
مىللەتنىڭ نوپوسى كوپ بولغان ئەۋزەلمۇ  ياكى نوپوسى ئاز  ...

بەكمۇ مۇھىم بىر مەۋقەنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز،سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك ساپاسىز ساننىڭ نىمە كېرىكى؟ قىغ چۈشۈرۈشكە چاھارپايلار يېتەرلىك تۇرسا.

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 21:56:15

توۋا ئۇيغۇرلارنىڭ ،ئۆز مىللىتىنىڭ دۇنيادا كۆپرەك بولىشىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەممۇ باكىنا .. ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم بەزى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:05:20

    ئەي ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالمىغان ئادەم بولسىلا بىز بىلەن خەنلەرنىڭ تارىخى ئوخشاش تۇرۇپ بىزنىڭ ھازىرقى نوپۇسىمىز 12 مىليوندىن ئاشمىسا بۇ قانداق بىر سىتاتىستىكا دەپ سوراپ باقمامدۇ ... مىڭ يىلدىن بېرى پەيدە بولۇپ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن تۇڭگانلارنىڭ نوپۇسى بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن كۆپ دەپ سىتاتىسكا قىلىنىدۇ بۇ بىر قىزىقارلىق ئىشلار ...

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:30:04

ئاقماس سىتاستىكىلارنى مەن ئىتراپ قىلمايمەن ،...ئاللاھىتالادىن كۈندە سانىمىزنى مىرلىيارىدتتىن ئاشۇرۋىتىشنى تىلەۋاتمەن ،،،،{:92:}

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:45:44

« شۇ دۆلەتلەردە بىركىشلىك ئورنىنى تىكلەپ ئادەمدەك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن» بۇ جۈملىدىكى «ئادەمدەك ياشاۋاتقان» دىگەن ئۇقۇم ئەسلى ئادەمدەك ياشىيالمايۋاتقان مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ گېپى بۇلۇپ، خەن كىنولىرىدا بەك كۆپ ئۇچرايدۇ.  دىمەكچى بولغىنىم: مەقسەتنى ئىپادىلەشتە بۇ سۆزنى ئارىيەت ئالمىساقمۇ، بىزدە شۇ مەقسەتنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىك سۆزلەر بەكمۇ تولا!

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 13:57:21

دىمەكچى شۇ يەرلەردە ئاددىي ئاۋام بولۇپ ئاددىيلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلار ئاۋاتاردەك ياشاۋاتقانلەر ئىكەندە
بەت: [1] 2
: ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار